ئارا تۈرۈك ئىپتىدائىي توغراقلىقى
ئارا تۈرۈك ئىپتىدائىي توغراقلىقى دۇنيا بويىچە ساقلىنىپ قالغان ئۈچ تال توغراقلىقنىڭ بىرى، كۆلىمى 476 مىڭ مو. ئاراتۈرۈك ئىپتىدائىي توغراقلىقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى نىڭ قومۇل شەھىرى ئارا تۈرۈك ناھىيەسى نىڭ نومكۆل بازىرىغا 10 كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا جايلاشقان، جۇڭگو چېگراسى ئىچىدىكى تارقىلىشى ئەڭ مەركەزلەشكەن توغراق ئورمىنى.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ئارا تۈرۈك ئىپتىدائىي توغراقلىقى دۇنيا بويىچە ساقلىنىپ قالغان ئۈچ تال توغراقلىقنىڭ بىرى، كۆلىمى 476 مىڭ مو. ئاراتۈرۈك ئىپتىدائىي توغراقلىقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى نىڭ قومۇل شەھىرى ئارا تۈرۈك ناھىيەسى نىڭ نومكۆل بازىرىغا 10 كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا جايلاشقان، جۇڭگو چېگراسى ئىچىدىكى تارقىلىشى ئەڭ مەركەزلەشكەن توغراق ئورمىنى.
ئاراتۈرۈك توغراقلىقى سازلىقلاردىكى بىر قەدەر يۇقىرى بولغان تۇپراقلاردا كۆپرەك ئۆسىدۇ، چۈنكى توغراق نىڭ ھۈجەيرىسىنىڭ سۇ ئۆتكۈزۈشچانلىقى كۈچلۈك، ئوق يىلتىزى، يان يىلتىزى، دەرەخ يۇپۇرمىقى ھەممىسى غولى ئارقىلىق تۈز ماددىسى سۈمىرىدۇ، يوپۇرماق بەزلىرى تۇز تەركىبىنى چىقىرىۋېتەلەيدۇ، تېنىدە شورنىڭ چۇغلىنىشى بەك كۆپ بولۇپ كەتكەن چاغدا، دەرەخ غولىنىڭ يېرىقلىرىدىن ئارتۇق تۇزنى ئاپتوماتىك چىقىرىپ تاشلايدۇ، سۇس سېرىق رەڭلىك پارچىسىمان كىرىستال شەكىللەندۈرىدۇ، بۇ «توغراق يېشى، توغراق شورى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ.
بۇ توغراقلىق نەچچە ئون مىڭ يىللاردىن بۇيان ئۆزىنىڭ تېنى ئارقىلىق ئاراتۈرۈك خەلقىنى قۇم بوراننىڭ زۇلۇمىدىن ساقلاپ قالغان، بۇ يەردىكى توغراقلارنىڭ تارىخى ناھايىتىمۇ ئۇزۇن بولۇپ، ئۈچ مىڭ يىللىق، ئالتە مىڭ يىللىق توغراقلار بار، بەزى توغراقلارنى ئالتە ئادەم بىرلىشىپ قۇچاقلىسىمۇ ئۇلارنىڭ غۇلاچلىرى يەتمەيدۇ، بۇ توراقلارنىڭ شەكلى خىلمۇخىل، مەنزىرسى ئۆزگىچە.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.