- يالمانقۇلاق ( يېپىق ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈك)
- يالمانقۇلاق (خام دورا )
يالمانقۇلاق
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
يالمانقۇلاق ئۇرۇقدىشى كۆپ يىللىق يوپۇرماق تاشلايدىغان، چوڭ تىپتىكى ياغاچ تەركىبلىك پېلەكلىك ئۆسۈملۈكلەر، ئۇنىڭ شەكلى ياۋا ئۈزۈم پېلىكىگە ئوخشىشىپ كېتىدۇ. پېلەك ئۇزۇنلۇقى 18 مېتىر. ياز پەسلىدە چېچەكلەيدۇ، گۈلى كىچىك غۇژمەك كۆرۈنمەيدۇ، سارغۇچ يېشىل ياكى سۆسۈن قارا، يوپۇرماقلىرى ئۇدۇل ئۆسىدۇ. گۈلى كۆپىنچە قوش جىنسلىق، ئانىلىق - ئاتىلىقى بىر تۈپتە، چەكلىك كۈنلۈكسىمان گۈل رېتى كۆپىنچە يوپۇرماق ئارىسىدىكى قىسقا شاخ ئۈستىدە ئۆسىدۇ، ئۇزۇنلىقى 4 ~ 8 سانتىمېتىر، يوپۇرماق سېپى بىر قەدەر قىسقا؛ گۈلى 5 تال؛ گۈل كاسىلىق، تولۇق گىرۋەكلىك بولىدۇ؛ گۈل بەرگىسى ئۇچىغا قايرىلغان، 2 ئۇرۇقدان بار، ھەر ئۇرۇقداندا 2 تۆرەلمە تۈگۈنى بار.
تاملارغا يامىشىپ ئۆسىدىغان يالمانقۇلاقنڭ ماسلىشىشچانلىقى كۈچلۈك، نەم مۇھىتنى ياخشى كۆرىدۇ، كۈچلۈك نۇر، سوغۇق، قۇرغاقچىلىق، ناچار شارائىتقا چىداملىق، كىلىماتقا ماسلىشىشچانلىقى كەڭ. پۇتاپ چاتاشقا چىداملىق، سۇ يىغىلىپ قالسا قورقىدۇ ، يوپۇرماق شەكلىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ، تاختا يوپۇرماقلىق ۋە گۈللۈك يوپۇرماقلىق دەپ ئايرىلىدۇ، نەم مۇھىت ياكى كۈنگەي جايدا ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىدۇ. لېكىن نەم، مۇنبەت تۇپراقتا ئۆسۈشى تېخىمۇ ياخشى. ئۇ گۈڭگۈرت ( Ⅳ ) ئوكسىد ۋە بىر قەدەر كۈچلۈك ھىدروخلورىد قاتارلىق زەھەرلىك گازلارغا قارشى تۇرۇشچانلىقى كۈچلۈك، ھاۋادىكى چاڭ - توزان سۈمۈرۈش ئىقتىدارى بار.
دۇنيادا : 15 خىلى بار؛ جۇڭگودا : 10 خىلى بار.
كۆپ گۈللۈك قىرغاقتىكى تاشلارغا، يوغان دەرەخ، تامغا ۋە تاغدا كۆپ ئۆسىدۇ. ئەسلى ماكانى ئاسىيانىڭ شەرقىي، ھىمالايا تېغى رايونى ۋە شىمالىي ئامېرىكا قىتئەسى، كېيىن چاۋشيەن، ياپونىيەگىمۇ تارقالغان. ئېلىمىزنىڭ خېنەن، لىياۋنېڭ، خېبېي، سەنشى، شەنشى، شەندۇڭ، جاڭسۇ، ئەنخۇي، جېجىياڭ، جياڭشى، خۇنەن، خۇبېي، گۇئاڭشى، گۇاڭدۇڭ، سىچۇەن، گۇيجۇ، يۈننەن، فۇجيەن ئۆلكىسىنىڭ ھەممە يەرگە تارقالغان.
مەنزىرە قىممىتى
تاملارغا يامىشىپ ئۆسىدىغان يالمانقۇلاقنىڭ يۈزەكى پوستى بار، قوۋزاق تۆشۈكى، ياز پەسلىدە شاخ - يوپۇرماقلىرى بۈك - باراقسان، ئادەتتە تام ياكى تاش ئۈستىگە يامىشىپ ئۆسىدۇ، قورۇ تام، ھويلا، كۆۋرۈك كىرىش بېشى قاتارلىق جايلاردا ئۆستۈرىلىدۇ. كۆكەرتىشتە ئۆي تاملىرى ئۈچۈن ئىشلىتىشكە بولىدۇ، باغچا تاغ، ھەم مۇھىتنى گۈزەللەشتۈرۈش، ئىشلەتكەندە تبمپبراتۇرىنى تۆۋەنلىتىدۇ، ھاۋا تەڭشەش شاۋقۇننى ئازايتىش رولى بار.
باغ - ئورمان
تاملارغا يامىشىپ ئۆسىدىغان يالمانقۇلاق كۆكەرتىش جەريانىدا كەڭ ئىشلىتىلدۇ، بولۇپمۇ، ستېرېئولۇق كۆكەرتىش جەريانىدا جارى قىلدۇرۇش ناھايىتى مۇھىم رول ئوينايدۇ. ئۇ كۆكەرتىش، گۈزەللەشتۈرۈش ئۈنۈمى ناھايىتى ياخشى، ئوكسىگېن كۆپەيتىش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ كەلمەكتە، تېمـپېراتۇرىنى چـۈشۈرۈپ، بۇلغىما چاڭ - توزاننى ئازايتىپ، شاۋقۇن پەسەيتىش قاتارلىق رولى بار، بۇ خىل كۆكەرتىش ئۆسۈملۈكلەر ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلىدىغان ماتېرىيال ھېسابلىنىدۇ.
يالمانقۇلاق ئۈزۈم ئائىلىسىدىكى باشقا ئۆسۈملۈككە ئوخشىمايدۇ. باشقا ئۆسۈملۈك ئادەتتە بۇرتىغا تايىنىپ باشقا نەرسىلەرگە يامىشىپ ئۆسىدۇ ، يالمانقۇلاقنىڭ شاخسىمان بۇرۇتى بار، بۇرۇتىنىڭ ئۇچىدا يۇمىلاق، ئەمما ئولتۇرۇشۇپ كەتكەن سۈمۈرگۈچى تەخسىسى بولۇپ، تەخسىسىنىڭ گىرۋىكىدە يېپىشقاق سۇيۇقلۇق بولىدۇ. شورىغۇچى تەخسە تام بىلەن ئۇچراشقاندا، يېپىشقاق سۇيۇقلۇق سۈمۈرگۈچى تەخسىنى ھىملەيدۇ. سۈمۈرگۈچى تەخسىنىڭ ئىچكى ۋە تاشقى بېسىمىدا پەرق شەكىللەنگەندە، سۈمۈرگۈچى تەخسە سۈمۈرۈش كۈچى ھاسىل قىلىدۇ. كۆپ سۈمۈرگۈچى تەخسىلەر تام ۋە دەرەخ غولىنى چىڭ سۈمۈرۈپ تۇتۇپ تۇرىدۇ، شۇڭا پۈتۈن ئۆسۈملۈك تېنى تامغا ئېسىلىپ تۇرالايدۇ، كونا شېخى مۇقۇملاشقاندىن كېيىن يېڭى شاخ داۋاملىق يۇقىرىغا ئۆسۈپ، يەنە يېڭى بۇرۇت ۋە سۈمۈرۈش تەخسىسى ئۆسۈپ چىقىدۇ. مانا مۇشۇنداق توختىماستىن مۇقىملىشىپ ۋە توختىماستىن ئۆسۈپ، بىر - ئىككى يىلدا تامنى ئىگىلەپ بولىدۇ. [0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
ياردەم تورى
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.