سەنگۇڭ خۇيزۇ يېزىسى
سەنگۇڭ خۇيزۇ يېزىسى شىنجاڭ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى قورغاس ناھىيەسىنىڭ غەربىي شىمالغا تەخمىنەن 10 كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا جايلاشقان.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
سەنگۇڭ خۇيزۇ يېزىسى شىنجاڭ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى قورغاس ناھىيەسىنىڭ غەربىي شىمالغا تەخمىنەن 10 كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا جايلاشقان. يېزا بويىچە ئومۇمىي يەر كۆلىمى تەخمىنەن 72 كۋادرات كىلومېتىر، تېرىلغۇ يەر ئومۇمىي كۆلىمى 28700 مو، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان تېرىلغۇ يەر 2.1 مو، قارمىقىدا 4 مەمۇرىي كەنت ۋە 1 چارۋىچىلىق كەنتى بار.
سەنگۇڭ خۇيزۇ يېزىسىنىڭ ئومۇمىي نوپۇسى 14 مىڭ ئادەم، خەنزۇ، ئۇيغۇر، خۇيزۇ قاتارلىق بەش مىللەتتىن تەركىب تاپقان، بۇنىڭ ئىچىدە ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ نوپۇسى 11926 ئادەم، يېزا ئومۇمىي نوپۇسنىڭ %87.7 ىنى ئىگەللىگەن. يېزا بويىچە 4 مەكتەپ، 1 ئوتتۇرا مەكتەپ، 21 مەسچىت، 26 تۈرلۈك كارخانا بار.
2005-يىلى، يېزا بويىچە ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 54 مىليون 440 مىڭ يۈەن بولغان، بۇنىڭ ئىچىدە 1-كەسىپنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 37 مىليون 450 مىڭ يۈەن، 2-كەسىپنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 10 مىليون 250 مىڭ يۈەن، 3-كەسىپنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 9 مىليون 740 مىڭ يۈەن، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە كىرىمى 2305 يۈەن بولغان.
سەنگۇڭ خۇيزۇ يېزىسىغا قاراشلىق كەنت ئاھالە كومىتېتى: شاۋەنسۈن كەنتى، شياسەنگۇڭ كەنتى، يۇقارقى سەنگۇڭ كەنتى، دوڭۋەن كەنتى، چارۋىچىلىق كەنتى قاتارلىقلار بار.
سەنگۇڭ خۇيزۇ يېزىسىغا ياردەم بېرىدىغان ئورۇن: ئىلگىرى جاڭسۇ ئۆلكە ۋۇشى شەھىرى خۇيشەن رايونى چىيەنجوۋ بازىرى، 2011-يىلدىن باشلاپ، جياڭسۇ ئۆلكىسى ۋۇشى شەھىرى جياڭيىن شەھىرى جۇتاڭ بازىرى ياردەم بەرگەن.
شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىگە قارىتا بېرىلگەن تەكلىپ: مەبلەغ، تېخنىكا، ئۇچۇر جەھەتتە ياردەم بېرىش سالمىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك. ئىجتىمائىي مەدەنىيەت ئىشلىرى ساھەسىدىكى ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش كېرەك.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.