سالا مىللىتى

سالا مىللىتى

سالا مىللىتى ئۆزىنى «سالار» دەپ ئاتايدۇ. يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدە، شىنجاڭ ئارقىلىق شۈنخۇا ئەتراپلىرىغا كۆچكەن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى سەمەرقەندلىكلەر ئەتراپتىكى زاڭزۇ، خۇيزۇ، خەنزۇ ۋە موڭغۇل قاتارلىق مىللەتلەر بىلەن ئۇزاق مەزگىل بىللە ياشاش داۋامىدا ئۆزئارا قوشۇلۇپ سالا مىللىتىنى شەكىللەندۈرگەن .

ئۇيغۇرچە نامى سالا مىللىتى
نوپۇسى 9.68 تۈمەن
تىلى سالا تىلى
خەنزۇچە نامى 撒拉族
دىنى ئىسلام دىنى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

سالا مىللىتىسالا مىللىتىنىڭ توي مۇراسىمى تولىمۇ ئۆزگىچە، كېلىنچەك دەرۋازا ئالدىغا كەلگەندە، يىگىتلەر دەرھال ئولىشىپ كېلىپ دەرۋازىنى توسۇۋېلىپ كېلىنچەكنى كىرگىلى قويمايدۇ، كېلىننى قارشى ئالغۇچىلار كېلىنچەكنى ئۆيگە پۇتىنى يەرگە تەگكۈزمەي ئېلىپ كىرىش كېرەك دەپ قاراپ، چوڭلار كېلىننى كۆتۈرۈپ قىز-يىگىتنىڭ يېڭى جابدۇلغان ئۆيىگە ئېلىپ كىرىدۇ، كېلىننى قارشى ئالغۇچىلار كېلىننى باشقىلار كۆتۈرۈپ كىرسە يىگىتنىڭ يۈزىگە سەت بولىدۇ دەپ قاراپ، كېلىننى ئۆزى مېڭىپ كىرسۇن دەپ تۇرۇۋالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئىككى تەرەپنىڭ بىرى كىرمەكچى بولىدۇ، يەنە بىر تەرەپ يولىنى توسۇۋالىدۇ، توي ئىنتايىن قىزىپ كېتىدۇ، ھېچقايسى تەرەپ يول قويۇشمايدۇ، توي زىياپىتىدە، تۆت ياش ئەنئەنىۋى «تۆگە ئويۇنى» نى ئوينايدۇ. يەنى، ئىككى كىشى قوي تېرىسىدىن تىكىلگەن جۇۋىنى ئۆرۈپ كىيىپ تۆگىنى دورايدۇ، بىر كىشى يەرلىك كىشى رولىنى ئالىدۇ، يەنە بىر كىشى سالا مىللىتى ئاخۇنۇمى(ئىسلام دىنى ئاخۇنۇمى) نىڭ رولىنى ئالىدۇ. مېھمان بىلەن ساھىبخان دىئالوگ قىلىدۇ. كۆپچىلىك ماسلىشىدۇ، بۇ ئويۇن ئىنتايىن قىزىقارلىق بولىدۇ. 

سالا مىللىتى ئۆزىنى «سالار» دەپ ئاتايدۇ. يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدە، شىنجاڭ ئارقىلىق شۈنخۇا ئەتراپلىرىغا كۆچكەن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى سەمەرقەندلىكلەر ئەتراپتىكى زاڭزۇ، خۇيزۇ، خەنزۇ ۋە موڭغۇل قاتارلىق مىللەتلەر بىلەن ئۇزاق مەزگىل بىللە ياشاش داۋامىدا ئۆزئارا قوشۇلۇپ سالا مىللىتىنى شەكىللەندۈرگەن، ئۇلار ئاساسلىقى چىڭخەي تەۋەسىدىكى خۇاڭخې دەرياسىنىڭ ئىككى قىرغىقىدىكى شۈنخۇا سالا ئاپتونوم ناھىيىسى، خۇالۇڭ خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيىسىنىڭ گەندۇ يېزىسى ۋە گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ جىشىدىكى باۋئەن دۇڭشياڭ ئاپتونوم ناھىيىسىنىڭ بىر قىسىم يېزا-كەنتلىرىدە توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان، يەنە ئاز بىر قىسمى گەنسۇ، چىڭخەي ۋە شىنجاڭنىڭ باشقا جايلىرىدا ئولتۇراقلاشقان. 

سالا مىللىتىسالا مىللىتىنىڭ ئۆز تىلى بار. كۆپلىگەن سالالار خەنزۇ تىلى ۋە تىبەت تىلىدا سۆزلىيەلەيدۇ، ئۇلارنىڭ ئۆز يېزىقى يوق، ئادەتتە خەنزۇ يېزىقىنى قوللىنىدۇ.سالالارنىڭ كۆپچىلىكى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. ھەممە كەنتتە مەسچىتلەر بولۇپ، ئۆرپ-ئادىتى چوڭ جەھەتتىن خۇيزۇلارغا ئوخشايدۇ. 

سالا ئاياللىرى ياغلىق ئارتىدۇ، ئوچۇق رەڭلىك كىيىملەرنى كىيىشنى ياقتۇرىدۇ، ئادەتتە دائىم قىزىل چاپانغا قارا جىلىتكىنى جۈپلەپ كىيىۋالىدۇ، كەشتىچىلىككە ئىنتايىن ماھىر. ئەرلەر قارا ياكى ئاق رەڭلىك، ئۈستى تەكشى كەلگەن يۇمىلاق دوپپا كىيىۋالىدۇ، قىشتا تېرە جۇۋا ياكى تېرە چاپان كىيىۋالىدۇ.

سالا مىللىتىسالالار ئاساسلىقى يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، بۇغداي، قوناق، ئارپا، قارا بۇغداي ۋە ياڭيۇ قاتارلىقلارنى تېرىيدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا چارۋىچىلىق، ياغاچ كېسىش، تۇز پىششىقلاپ ئىشلەش ۋە قوي يۇڭى توقۇمىچىلىقى قاتارلىق قوشۇمچە كەسىپلەر بىلەنمۇ شۇغۇللىنىدۇ. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، سالالار رايونىدا مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە يولغا قويۇلدى، ئۇلار ئېتىز-ئېرىق، سۇ ئىنشائاتلىرى قۇرۇلۇشى ئېلىپ بېرىپ، تۇرمۇشىنى كۈنسېرى بېيىتماقتا.

 سالا مىللىتىنىڭ ئېغىز ئەدەبىياتى ئىنتايىن مول ۋە رەڭدار بولۇپ، «سالا كۈيى» قاتارلىقلار ئۆزگىچە مىللىيچە ئالاھىدىلىككە ئىگە. [0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#