جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئىش قائىدىسى

1987 – يىل 11 – ئاينىڭ 24 – كۈنى 6 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 23 – يىغىنىدا ماقۇللاندى، 2009 – يىل 4 – ئاينىڭ 24 – كۈنى 11 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 8 – يىغىنىنىڭ ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئىش قائىدىسىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى››غا بىنائەن تۈزىتىلدى.

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

     1 – ماددا بۇ قائىدە ئاساسىي قانۇن، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ تەشكىلىي قانۇنى ۋە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى خىزمىتىدىكى ئەمەلىي تەجرىبىلەرگە بىنائەن چىقىرىلدى.

     2 – ماددا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تەكلىپلەرنى قاراپ چىقىش ۋە مەسىلىلەرنى قارار قىلىشتا، دېموكراتىيىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، دېموكراتىيە مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمى پرىنسىپىنى يولغا قويۇشى كېرەك.

     3 – ماددا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ يىغىنى ئادەتتە ھەر ئىككى ئايدا بىر قېتىم ئېچىلىدۇ؛ ئالاھىدە ئېھتىياج بىلەن يىغىننى دەمال ئېچىشقا بولىدۇ.

     دائىمىي كومىتېت يىغىنىنى كومىتېت باشلىقى چاقىرىدۇ ھەمدە ئۇنىڭغا رىياسەتچىلىك قىلىدۇ. يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلىشنى كومىتېت باشلىقى مۇئاۋىن كومىتېت باشلىقىغا ھاۋالە قىلسا بولىدۇ.

     4 – ماددا دائىمىي كومىتېت يىغىنىنى دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكىلەرنىڭ تەڭدىن تولىسى قاتناشقاندىلا ئېچىش شەرت.

     5 – ماددا دائىمىي كومىتېت يىغىنىنىڭ قارالما لايىھىسىنى كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنى تەييارلاپ، دائىمىي كومىتېت ئومۇمىي يىغىنىنىڭ قارار قىلىشىغا سۇنىدۇ.

     دائىمىي كومىتېت يىغىنى ئېچىلىۋاتقاندا، يىغىن قارالمىسىنى تەڭشەشكە توغرا كەلسە، ئۇنى كومىتېت باشلىقى ئوتتۇرىغا قويۇپ، دائىمىي كومىتېت ئومۇمىي يىغىنى ماقۇللايدۇ.

     6 – ماددا دائىمىي كومىتېت يىغىنىنى ئېچىشتا، يىغىن ۋاقتىنى، يىغىننىڭ مۇزاكىرە قىلىشىغا تەكلىپ قىلىنغان ئاساسلىق ئىشلارنى دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكىلەرگە ۋە يىغىنغا سىرتتىن قاتناشقۇچىلارغا يىغىن ئېچىشتىن يەتتە كۈن بۇرۇن ئۇقتۇرۇش كېرەك؛ دەمال ئېچىلىدىغان يىغىن ۋاقتى كەلگەندە ئۇقتۇرۇلسا بولىدۇ.

     7 – ماددا دائىمىي كومىتېت يىغىن ئاچقاندا، گوۋۇيۈەن، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى ۋە ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ مەسئۇللىرى سىرتتىن قاتنىشىدۇ.

     مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مەخسۇس كومىتېتلىرىنىڭ مۇدىرى، مۇئاۋىن مۇدىرلىرى، ئەزالىرى، دائىمىي كومىتېتنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپلىرى، خىزمەت كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، مۇئاۋىن مۇدىرلىرى، ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرىدىن دائىمىي كومىتېت تەركىبىگە كىرمىگەنلىرى يىغىنغا سىرتتىن قاتنىشىدۇ.

     8 – ماددا دائىمىي كومىتېت يىغىن ئاچقاندا، ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ياكى بىر مۇئاۋىن مۇدىرى يىغىنغا سىرتتىن قاتنىشىدۇ ھەمدە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئالاقىدار ۋەكىللىرى يىغىنغا سىرتتىن قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلىنسا بولىدۇ.

     9 – ماددا دائىمىي كومىتېت يىغىن ئاچقاندا، ئومۇمىي يىغىن ھەمدە گۇرۇپپا يىغىنى ۋە بىرلەشمە گۇرۇپپا يىغىنلىرىنى ئاچىدۇ.

     دائىمىي كومىتېتنىڭ گۇرۇپپا يىغىنى چاقىرغۇچىلىرىنى كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنى بېكىتىدۇ، ئۇلار يىغىنغا نۆۋەتلىشىپ رىياسەتچىلىك قىلىدۇ. گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنگەن ئىسىملىكنى دائىمىي كومىتېتنىڭ ئىش ئاپپاراتى تەييارلاپ، باش كاتىپنىڭ بېكىتىشىگە سۇنىدۇ ھەمدە قەرەللىك تەڭشەپ تۇرىدۇ.

     دائىمىي كومىتېت بىرلەشمە گۇرۇپپا يىغىنى ئاچقاندا، كومىتېت باشلىقى رىياسەتچىلىك قىلىدۇ. كومىتېت باشلىقى يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلىشنى مۇئاۋىن كومىتېت باشلىقىغا ھاۋالە قىلسا بولىدۇ.

     10 – ماددا دائىمىي كومىتېت يىغىن ئاچقاندا، دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكىلەردىن كېسەل سەۋەبى ياكى باشقا ئالاھىدە سەۋەب بىلەن رۇخسەت سورىغانلىرىدىن باشقىلىرى يىغىنغا قاتنىشىشى كېرەك.

     11 – ماددا كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنى دائىمىي كومىتېتقا دائىمىي كومىتېتنىڭ خىزمەت ھوقۇقى دائىرىسىگە كىرىدىغان تەكلىپلەرنى بەرسە بولىدۇ، ئۇنى دائىمىي كومىتېت يىغىنى قاراپ چىقىدۇ.

     گوۋۇيۈەن، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ۋە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ مەخسۇس كومىتېتلىرى دائىمىي كومىتېتقا دائىمىي كومىتېتنىڭ خىزمەت ھوقۇقى دائىرىسىدە تەكلىپ بەرسە بولىدۇ، ئۇنى كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنى دائىمىي كومىتېت يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇشنى قارار قىلىدۇ ياكى ئالدى بىلەن ئالاقىدار مەخسۇس كومىتېتلارنىڭ قاراپ چىقىپ دوكلات تەييارلىشىغا تاپشۇرۇپ، ئاندىن دائىمىي كومىتېت يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇشنى قارار قىلىدۇ.

     دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكىلەردىن ئوندىن ئارتۇق كىشى بىرلىشىپ ئىمزا قويۇپ، دائىمىي كومىتېتقا دائىمىي كومىتېتنىڭ خىزمەت ھوقۇقى دائىرىسىدە تەكلىپ بەرسە بولىدۇ، ئۇنى كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنى دائىمىي كومىتېت يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇشنى قارار قىلىدۇ ياكى ئالدى بىلەن ئالاقىدار مەخسۇس كومىتېتلارنىڭ قاراپ چىقىپ دوكلات تەييارلىشىغا تاپشۇرۇپ، ئاندىن كېيىن دائىمىي كومىتېت يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇش–سۇنماسلىقنى قارار قىلىدۇ؛ دائىمىي كومىتېت يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇلمايدىغانلىرىنى دائىمىي كومىتېت يىغىنىغا دوكلات قىلىش ياكى تەكلىپ بەرگۈچىگە چۈشەندۈرۈشى كېرەك.

     12 – ماددا كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنى خىزمەت ئېھتىياجىغا قاراپ، دائىمىي كومىتېتنىڭ خىزمەت كومىتېتى ۋە بەنگۇڭتىڭىغا دائىمىي كومىتېتقا ۋاكالىتەن تەكلىپ لايىھىسى تەييارلاشنى ھەمدە دائىمىي كومىتېت يىغىنىغا ئىزاھات بېرىشنى ھاۋالە قىلسا بولىدۇ.

     13 – ماددا تەكلىپ بەرگۈچى ئورگان، ئالاقىدار مەخسۇس كومىتېتلار، دائىمىي كومىتېتنىڭ ئالاقىدار خىزمەت تارماقلىرى دائىمىي كومىتېت يىغىنىنىڭ قارالمىسىغا كىرگۈزۈلگەن تەكلىپلەرگە مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارنى بېرىشى كېرەك.

     تەيىنلەش – قالدۇرۇش تەكلىپىدە تەيىنلەنگۈچى – قالدۇرۇلغۇچىنىڭ ئاساسىي ئەھۋالى ۋە تەيىنلەش – قالدۇرۇش سەۋەبى بولۇشى كېرەك؛ زۆرۈر تېپىلغاندا، ئالاقىدار مەسئۇللار يىغىنغا قاتنىشىپ، سوئالغا جاۋاب بېرىشى كېرەك.

     14 – ماددا دائىمىي كومىتېت ئومۇمىي يىغىنى تەكلىپ توغرىسىدىكى ئىزاھاتنى ئاڭلايدۇ.

     دائىمىي كومىتېت ئومۇمىي يىغىنى تەكلىپ توغرىسىدىكى ئىزاھاتنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، گۇرۇپپا يىغىنى قاراپ چىقىدۇ ھەمدە ئالاقىدار مەخسۇس كومىتېتلار قاراپ چىقىدۇ.

     15 – ماددا دائىمىي كومىتېت دائىمىي كومىتېت يىغىنىنىڭ قارالمىسىغا كىرگۈزۈلگەن قانۇن لايىھىسى ھەققىدىكى ئىزاھاتنى ئاڭلىغان ھەمدە دەسلەپكى قەدەمدە قاراپ چىققاندىن كېيىن، ئالاقىدار مەخسۇس كومىتېتلارنىڭ قاراپ چىقىشىغا ۋە قانۇنچىلىق كومىتېتىنىڭ بىر تۇتاش قاراپ چىقىشىغا تاپشۇرىدۇ، قانۇنچىلىق كومىتېتى قاراپ چىقىش نەتىجىسى توغرىسىدىكى دوكلاتنى دائىمىي كومىتېتنىڭ كېلەر قېتىملىق يىغىنىغا ياكى كېيىنكى يىغىنلىرىغا بېرىدۇ ھەمدە باشقا ئالاقىدار مەخسۇس كومىتېتلارنىڭ قاراپ چىقىش پىكرىنى دائىمىي كومىتېت يىغىنىغا تارقىتىپ بېرىدۇ.

     قانۇن كومىتېتى قانۇن مەسىلىسىگە ئائىت قارار توغرىسىدىكى تەكلىپنى ۋە قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى تەكلىپنى قاراپ چىققاندىن كېيىن، قاراپ چىقىش نەتىجىسى توغرىسىدىكى دوكلاتنى دائىمىي كومىتېتنىڭ شۇ قېتىمقى يىغىنىغا بەرسىمۇ، دائىمىي كومىتېتنىڭ كېلەر قېتىملىق يىغىنى ياكى كېيىنكى يىغىنلىرىغا بەرسىمۇ بولىدۇ.

     16 – ماددا نەق چوت ۋە خام چوت تەڭشەش لايىھىسىنى تەستىقلاشقا سۇنۇش ھەققىدىكى تەكلىپ مالىيە – ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ قاراپ چىقىشىغا تاپشۇرۇلىدۇ، باشقا ئالاقىدار مەخسۇس كومىتېتنىڭ قاراپ چىقىشىغا بىرلا ۋاقىتتا تاپشۇرۇلسىمۇ بولىدۇ، مالىيە – ئىقتىساد كومىتېتى دائىمىي كومىتېت يىغىنىغا قاراپ چىقىش نەتىجىسى توغرىسىدا دوكلات بېرىدۇ.

     شەرتنامە ۋە كېلىشىمنى تەستىقلاشقا سۇنۇش ھەققىدىكى تەكلىپ تاشقى ئىشلار كومىتېتىنىڭ قاراپ چىقىشىغا تاپشۇرۇلىدۇ، باشقا ئالاقىدار مەخسۇس كومىتېتنىڭ قاراپ چىقىشىغا بىرلا ۋاقىتتا تاپشۇرۇلسىمۇ بولىدۇ، تاشقى ئىشلار كومىتېتى دائىمىي كومىتېت يىغىنىغا تەكشۈرۈش نەتىجىسى ھەققىدە دوكلات بېرىدۇ.

     17 – ماددا دائىمىي كومىتېتنىڭ بىرلەشمە گۇرۇپپا يىغىنى مەخسۇس كومىتېتلارنىڭ تەكلىپىنى قاراپ چىقىش پىكرى توغرىسىدىكى دوكلاتىنى ئاڭلىسا ۋە قاراپ چىقسا، يىغىن قارالمىلىرىنى مۇزاكىرە قىلسا بولىدۇ.

     18 – ماددا تەكلىپ بەرگۈچى ئورگاننىڭ مەسئۇلى دائىمىي كومىتېت ئومۇمىي يىغىنى ۋە بىرلەشمە گۇرۇپپا يىغىنىدا تەكلىپ توغرىسىدا قوشۇمچە ئىزاھات بەرسە بولىدۇ.

     19 – ماددا دائىمىي كومىتېت يىغىنىنىڭ قارالمىسىغا كىرگۈزۈلگەن تەكلىپ ئاۋازغا قويۇلۇشتىن بۇرۇن، تەكلىپ بەرگۈچى قايتۇرۇۋېلىشنى تەلەپ قىلسا، كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنىنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن، شۇ تەكلىپنى قاراپ چىقىش توختىتىلىدۇ.

     20 – ماددا دائىمىي كومىتېت ئومۇمىي يىغىنىدا ئاۋازغا قويۇشقا سۇنۇلىدىغان تەكلىپلەردىن قاراپ چىقىش داۋامىدا يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ مۇھاكىمە قىلىشقا تېگىشلىك چوڭ – چوڭ مەسىلە بارلىرىنى كومىتېت باشلىقى ياكى كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنىنىڭ تەكلىپى، بىرلەشمە گۇرۇپپا يىغىنى ياكى ئومۇمىي يىغىننىڭ قوشۇلۇشى بىلەن، ۋاقتىنچە ئاۋازغا قويماي، ئالاقىدار مەخسۇس كومىتېتلارغا يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا قاراپ چىقىپ، قاراپ چىقىش دوكلاتى بېرىشكە تاپشۇرۇشقا بولىدۇ.

     21 – ماددا دائىمىي كومىتېت زۆرۈر دەپ قارىسا، مۇئەييەن مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈش ھەيئىتى تەشكىللىسە ھەمدە تەكشۈرۈش ھەيئىتىنىڭ دوكلاتىغا ئاساسەن، مۇناسىپ قارار چىقارسا بولىدۇ.

     22 – ماددا دائىمىي كومىتېت ئومۇمىي يىغىنى گوۋۇيۈەن، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ مەخسۇس خىزمەت دوكلاتىنى، خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانى، خام چوتنىڭ ئىجراسى ھەققىدىكى دوكلاتنى، نەق چوت دوكلاتى ۋە ئىقتىسادىي تەپتىش خىزمىتى دوكلاتىنى، دائىمىي كومىتېت قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى بەرگەن قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش دوكلاتىنى ۋە باشقا خىزمەت دوكلاتلىرىنى ئاڭلايدۇ.

     23 – ماددا خىزمەت دوكلاتىنى دائىمىي كومىتېت ئومۇمىي يىغىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، گۇرۇپپا يىغىنى ۋە بىرلەشمە گۇرۇپپا يىغىنى قاراپ چىقسا بولىدۇ.

     كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنى ئالاقىدار مەخسۇس كومىتېتلارغا خىزمەت دوكلاتىنى قاراپ چىقىپ پىكىر بېرىشكە تاپشۇرۇشنى قارار قىلسا بولىدۇ.

     24 – ماددا دائىمىي كومىتېت زۆرۈر دەپ قارىغاندا، خىزمەت دوكلاتى ھەققىدە قارار چىقارسا بولىدۇ.

     25 – ماددا دائىمىي كومىتېتنىڭ گۇرۇپپا يىغىنى تەكلىپلەرنى ياكى ئالاقىدار خىزمەت دوكلاتلىرىنى قاراپ چىققاندا، ئالاقىدار تارماقلارغا يىغىنغا ئادەم ئەۋەتىپ پىكىر ئاڭلاش، سوئالغا جاۋاب بېرىشنى ئۇقتۇرۇشى لازىم.

     دائىمىي كومىتېتنىڭ بىرلەشمە گۇرۇپپا يىغىنى تەكلىپلەرنى ياكى ئالاقىدار خىزمەت دوكلاتلىرىنى قاراپ چىققاندا، ئالاقىدار مەسئۇللارغا يىغىنغا قاتنىشىپ پىكىر ئاڭلاش، سوئالغا جاۋاب بېرىشنى ئۇقتۇرۇشى لازىم.

     26 – ماددا دائىمىي كومىتېت يىغىنى مەزگىلىدە، دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكىلەردىن ئوندىن ئارتۇق كىشى بىرلىشىپ ئىمزا قويۇپ، دائىمىي كومىتېتقا گۇۋۇيۈەن ۋە گۇۋۇيۈەننىڭ تارماقلىرى ۋە ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىگە يازما سۈرۈشتۈرمە قويسا بولىدۇ.

     27 – ماددا سۈرۈشتۈرمىگە سۈرۈشتۈرۈلگۈچى، سۈرۈشتۈرۈلىدىغان مەسىلە ۋە مەزمۇنلارنى ئېنىق يېزىش شەرت.

     28 – ماددا سۈرۈشتۈرمىنى ئالاقىدار مەخسۇس كومىتېتلارنىڭ قاراپ چىقىشىغا تاپشۇرۇشنى ياكى دائىمىي كومىتېت يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇشنى كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنى قارار قىلىدۇ.

     29 – ماددا سۈرۈشتۈرمىگە سۈرۈشتۈرۈلگۈچى ئورگان مەسئۇلىنىڭ دائىمىي كومىتېت يىغىنىدا ياكى ئالاقىدار مەخسۇس كومىتېتلارنىڭ يىغىنىدا ئاغزاكى جاۋاب بېرىشىنى ۋە ياكى سۈرۈشتۈرۈلگۈچى ئورگاننىڭ يازما جاۋاب بېرىشىنى كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنى قارار قىلىدۇ. مەخسۇس كومىتېتلار يىغىنىدا جاۋاب بېرىلگەن بولسا، مەخسۇس كومىتېت دائىمىي كومىتېتقا ياكى كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنىغا دوكلات قىلىشى كېرەك.

     يازما جاۋاب بېرىلىدىغان سۈرۈشتۈرمىگە سۈرۈشتۈرۈلگۈچى ئورگاننىڭ مەسئۇلى ئىمزا قويۇشى ھەمدە دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكىلەر ۋە ئالاقىدار مەخسۇس كومىتېتلارغا تارقىتىپ بېرىلىشى كېرەك.

     مەخسۇس كومىتېتلار سۈرۈشتۈرمىنى قاراپ چىققاندا، سۈرۈشتۈرمە قويغان دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكىلەر يىغىنغا قاتنىشىپ، پىكىر بەرسە بولىدۇ.

     30 – ماددا دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكىلەر ئومۇمىي يىغىن، بىرلەشمە گۇرۇپپا يىغىنى ۋە گۇرۇپپا يىغىنىدا سۆزلەشتە، يىغىن بېكىتكەن قارالمىنى چۆرىدەپ سۆزلىشى كېرەك.

     دائىمىي كومىتېت ئومۇمىي يىغىنى ياكى بىرلەشمە گۇرۇپپا يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە ئالاقىدار قارالمىلارنى قاراپ چىقىشتا، دائىمىي كومىتېت تەركىبىىدىكىلەردىن سۆزلەشنى تەلەپ قىلىدىغانلىرى يىغىندىن ئىلگىرى دائىمىي كومىتېتنىڭ ئىش ئاپپاراتىغا ئۆزى ئوتتۇرىغا قويۇشى، يىغىن رىياسەتچىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن، رېتى بويىچە سۆزلىشى كېرەك. ئومۇمىي يىغىن ۋە بىرلەشمە گۇرۇپپا يىغىنىدا سۆزلەشنى تەلەپ قىلغانلىرى رىياسەتچىنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن سۆز قىلسا بولىدۇ. گۇرۇپپا يىغىنىدا سۆزلەشنى تەلەپ قىلغانلىرى رىياسەتچىنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن سۆز قىلسا بولىدۇ.

     يىغىنغا سىرتتىن قاتناشقانلارنىڭ سۆزلىشىگە مۇشۇ قائىدىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمە تەتبىقلىنىدۇ.

     31 – ماددا ئومۇمىي يىغىندا سۆزلەش ۋاقتى ئون مىنۇتتىن ئېشىپ كەتمەيدۇ؛ بىرلەشمە گۇرۇپپا يىغىنى ۋە گۇرۇپپا يىغىنىدا بىرىنچى قېتىم سۆزلەش ۋاقتى 15 مىنۇتتىن ئېشىپ كەتمەيدۇ، بىر مەسىلە ئۈستىدە 2 – قېتىم سۆزلەش ۋاقتى ئون مىنۇتتىن ئېشىپ كەتمەيدۇ. ئالدىن تەلەپ قىلغانلار يىغىن رىياسەتچىسىنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن، سۆزلەش ۋاقتىنى ئۇزارتسا بولىدۇ.

     دائىمىي كومىتېت يىغىنىدا قىلىنغان سۆزنى دائىمىي كومىتېت ئىش ئاپپاراتىنىڭ خادىملىرى خاتىرىلەپ، سۆزلىگۈچىنىڭ ئىمزاسىنى قويدۇرغاندىن كېيىن، يىغىنغا قىسقا خەۋەر قىلىپ تارقىتىپ بېرىدۇ ۋە ئارخىپتا ساقلايدۇ.

     32 – ماددا ئاۋازغا قويۇلغان تەكلىپلەر دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكى بارلىق خادىملارنىڭ تەڭدىن تولىسىنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن ماقۇللىنىدۇ.

     ئاۋاز نەتىجىسىنى يىغىن رىياسەتچىسى شۇ مەيداندىلا ئېلان قىلىدۇ.

     33 – ماددا ئاۋازغا قويۇلىدىغان تەكلىپنىڭ تۈزىتىلمىسى بولسا، ئاۋۋال تۈزىتىلمىسى ئاۋازغا قويۇلىدۇ.

     34 – ماددا تەيىنلەش – قالدۇرۇش تەكلىپىنى ئاۋازغا قويۇشتا، ئەھۋالغا قاراپ بىراقلا ئاۋازغا قويسىمۇ بولىدۇ.

     35 – ماددا دائىمىي كومىتېت تەكلىپلەرنى ئاۋازغا قويۇشتا، يوشۇرۇن ئاۋاز بېرىش ئۇسۇلى، قول كۆتۈرۈش ئۇسۇلى ياكى باشقا ئۇسۇللار قوللىنىلىدۇ.

     36 – ماددا بۇ قائىدە ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

(تەرجىمىسىنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى قانۇن، نىزاملارنىڭ تەرجىمىسىنى بېكىتىش گۇرۇپپىسى بېكىتتى)

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#