ماڭلاي سۇرۇخ

«ماڭلاي سۇرۇخ»فىلىمى 2005-يىلى ھىندىستاندا تۇنجى قويۇلغان بولۇپ، فىلىمدە ئىككى ئائىلە ئوتتۇرىسىدىكى نىكاھ مۇناسىۋىتىگە يوشۇرۇنغان ئالدامچىلىقلار ۋە سۈيقەستلەر ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن

ئۇيغۇرچە نامى ماڭلاي سۇرۇخ
خەنزۇچە نامى 发际红
باشقا نامى Sinndoor Tere Naam Ka Hindi
قويۇلغان ۋاقتى 2005-يىلى(ھىندىستان)
تۇنجى كۆرسەتكەن قانال شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانسىسى ئىقتىساد قانىلى(XJTV-5)
باش رولچى Gurdeep Kohli/Kirti Gaekwad/Sachin Shroff/Prachin Chauhan
تۈرى مۇھەببەت/ئائىلە
قىسىم سانى 100قىسىم(2بۆلۈم)
دىئالوگ تىلى ئۇيغۇرچە
رېژىسسور سىۋابۇنا ۋاگېنمار

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

بومبايدىكى باي باياشات رازادا جەمەتى ناھايىتى بەخىتلىك ياشاۋاتقان بولۇپ، بىر قېتىملىق تويدا كاۋىتا خانىم سىنھانىيا خانىمنىڭ مىيىپ ئوغلىنى مەسخىرە قىلغانلىقى سەۋەپلىك «ئوغلۇم ئانتارىشقا جاھاندىكى ئەڭ چرايلىق قىزنى ئېلىپ بېرىمەن»دەپ سورۇندىكى كىشىلەرگە ۋەدە قىلىدۇ. كېيىن بىر قېتىملىق پۇرسەتتە ئۇ ئوغلى ئانتارىشقا نىھارىكانى ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن نىھارىكانىڭ تەلىپىگە يەنى نىھارىكانىڭ ساراڭ بولۇپ قالغان قىزى ۋېدىكانى ئانتارىشنىڭ ئىنىسى درۇغا ئېلىپ بېرىشكە ماقۇل بولىدۇ. درۇ ئانىسىغا ئامراق بولغاچقا ھەم ئاكىسىنىڭ بەخىتلىك بولىشىنى ئويلاپ بۇ تويغا ماقۇل بولىدۇ. ئەمما بىر قاتار ئالدامچىلىقلارنىڭ مۇشۇنىڭ بىلەن باشلىنىشقا باشلايدۇ. 

نىھارىكا سىڭلىسى ۋېدىكانى رازادا جەمەتىگە ياتلىق قىلىۋەتكەندىن كېيىن ئۆزىنىڭ ئارلىشىۋاتقان يىگىتى راھۇل بىلەن بىللە توينى قەستەن كېچىكتۈرىدۇ. درۇ ۋېدىكانىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئېلىشقا باشلايدۇ. ئەمما ۋېدىكا ساقايغاندىن كېيىن بۇرۇنقى يىگىتى سۈرەجنى ئىزدەشكە باشلايدۇ. ئوما خانىم نىھارىكانىڭ ئالدامچىلىقلىرىنى بىلسىمۇ ئەمما قىزلىرىنىڭ بەختى ئۈچۈن ھەممىنى كۆرمەسكە سالىدۇ.

ۋېدىكا دوستى ئارتىنىڭ تويىدا سۈرەج بىلەن ئۇچرىشىپ قالىدۇ. درۇمۇ ئاجرىشى نىيىتىگە كېلىدۇ. درۇ بىلەن سۈرەج ئىككىسىدىن كىمنى تاللاشتا ۋېدىكا ئۇزۇنغىچە قايمۇقۇپ قالىدۇ. كېيىن ئۇ سۈرەج بىلەن توي قىلىش ئالدىدا تۇرغاندا ئۆزىنىڭ ئەسلى درۇنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ درۇنىڭ يىنىغا قايتىپ كېلىدۇ.

راھۇل نىھارىكانى رازادا جەمەتىنىڭ مال مۈلكىگە كۆپرەك ئېرىشىۋېلىشنى تەلەپ قىلىدۇ. دەل مۇشۇ پەيتتە ئانتارىشنىڭ سىڭلىسى تارا راھۇلنى ياخشى كۆرۈپ قېلىپ كېيىن راھۇل بىلەن توي قىلىدۇ. راھۇل شۇنىڭ بىلەن بارا بارا نىھارىكانى تاشلىۋىتىدۇ. نىھارىكا بۇنىڭدىن قاتتىق غەزەپلىنىپ راھۇلدىن ئۆچ ئېلىشنى ئويلايدۇ. ئەمما كاۋىتا خانىم كېلىنى نىھارىكانىڭ ئاشنىسى بارلىقىنى بايقاپ قېلىپ ئۇ ئادەمنى تاپماقچى بولىدۇ. ۋىدىكانىڭ تۇيۇقسىز كېسىلى قوزغىلىپ قېلىپ ئادەم ئۆلتۈرۈپ قويىدۇ. درۇ بۇنىڭدىن كۆڭلى پاراكەندە تۇرىۋاتقاندا بىر قېتىم قېتىملىق قاتناش ھادىسىسىدە ئېغىر يارلىنىپ ئۆسۈملۈك ئادەمگە ئايلىنىپ قالىدۇ. بۇ چاغدا كاۋىتا خانىم چىرايى كېلىنى ۋېدىكاغا ئوخشاش «رالى»ئىسىملىك قىزنى ئۆيگە باشلاپ كىرىپ درۇنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالغۇزىدۇ. ئۆزىنى رالى دەپ ئاتىۋالغان بۇ قىز درۇنى ساقايتىش ئۈچۈن تەۋەككۈل قىلىپ ئۆزىنى ئوتنىڭ قورشاۋىدا قويۇپ درۇنىڭ مېڭىسىگە تەسىر قىلىدۇ. درۇمۇ رالىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن قايتىدىن ھۇشىنى تېپىپ ساقىيىشقا باشلايدۇ. 

ئانتارىش تۇغۇلغان كۈنىدە كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدا ئايالى نىھارىكانىڭ قىلمىشلىرىنى ئېچىپ تاشلايدۇ. كىشىلەر ئۇنىڭ ئاشنىسى بارلىقىنى بىلگەندىن كېيىىن ئۇنىڭ ئاشنىسىنىڭ كىملىكىنى سورىغاندا ئۇ تارانىڭ ئېرى راھۇلنى كۆرسىتىدۇ. ئەمما ھېچكىم ئۇنىڭ گېپىگە ئىشەنمەيدۇ ۋە ئۇنى ئۆيدىن ھەيدەپ چىقىرىدۇ. نىھارىكا ھەيدەپ چىقىرىلىپ يېتىپ قالغاندا ئۇنى رۇدرا ئۇنى قۇتقۇزۋېلىپ ئۇنى بىر مەزگىل يىنىدا ئېلىپ قېلىپ ھالىدىن خەۋەر ئالىدۇ. رۇدرا پەقەت ئاپىسى بىلەنلا بىللە چوڭ بولغاچقا كىچىكىدىن دادىسىنى ئۆلۈپ كەتتى دەپ قارايدۇ. رازادا جەمەتىدىكى 35يىللىق توي خاتىرە كۈنىدە ۋىدىكا يەنە بىر قېتىم توي مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ بېرىشنى ئويلايدۇ. ئۇلار كۈتكەن بەخىتلىك مىنۇتلار كېلەي دىگەندە تېتلى رۇدرانىڭ ۋىرېندرانىڭ ئۆز ئوغلى ئىكەنلىكىنى كاۋىتاغا دىگەندىن كېيىن كاۋىتا قاتتىق ئازاپلىنىدۇ. رۇدرامۇ ئاپىسى سۇئىندىرىنى ئۆز بەختىنى قايتۇرۇپ كېلىشكە قايىل قىلىدۇ.

تۇيۇقسىز ۋېدىكا سىياقىدىكى قىزنىڭ ئەسلى«رالى»ئىكەنلىكى ئاشكارلىنىپ كېتىدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ ۋېدىكا ئىكەنلىكىنى 

قايتا قايتا چۈشەندۈرسىمۇ ئۇنىڭ چۈشەندۈرۈشلىرىنى ئاڭلىماي ئۇنى ئۆيدىن ھەيدەپ چىقىرىدۇ. ۋېدىكا ئۆزىنىڭ 

سالاھىيىتىنى ئىسپاتلىماقچى بولۇپ روھىي كېسەللىكلەر دوختۇرىنى ئىزدىمەكچى بولغاندا دوختۇرخانىغا ئوت كېتىپ 

ئۇنىڭ مەسئۇل دوختۇرى ئوتتا ھادىسىگە ئۇچرايدۇ. ئۇ ھەقىقىي ئەھۋالنى بىلىدىغان راھۇل ئارقىلىق ئۆزىنى 

ئىسپاتلىماقچى بولغاندا راھۇل رۇدرا ياللىغان قاتىل تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرىدۇ. ساقچىلار ۋرېندرانى قاتىل دەپ ئېلىپ 

كېتىدۇ. درۇ دادىسىنى ئېلىپ چىقىش ئۈچۈن ئۆزىنى قاتىل دەپ مەلۇم قىلىدۇ. ئارتى بۇ مەزگىلدە درۇ بىلەن بىللە 

تۇرۋاتقان بولۇپ، ئۇ درۇنىمۇ، قېينىئاتىسى ۋرېندارانىمۇ تۈرمىگە كىرگۈزمەسلىكنىڭ ئامالىنى ئىزدەۋاتقاندا ۋېدىكا 

ئارتىغا راھۇل بىلەن تېلفۇندا سۆزلەشكەن ئۈن لېنتىسىنى بېرىدۇ. بۇ لېنتا ئارقىلىق درۇ ھەم ۋرېندرانىڭ 

گۇناھسىزلىقىنى ئىسپاتلىغىلى ھەم رالى بىلەن ۋېدىكانىڭ ئەسلىدە بىر ئادەم ئىكەنلىكىنىمۇ ئىسپاتلىغىلى بولاتتى. 

ئارتى سوت مەيدانىدا بۇ لېنتىنى ئاشكارلاپ ھەقىقىي ئەھۋالنى ھەممە ئادەمگە بىلدۈرىدۇ. رۇدرا توي قىلىش 

باھانىسى بىلەن نىھارىكانى قايتىدىن رازادا جەمەتىگە ئېلىپ كېرىدۇ. كېيىن ئانتارىشن توي قىلماقچى بولۇپ تۇرغاندا 

نىھارىكانىڭ ئىچى تارلىقى كېلىپ ئۇنىڭ بولغۇسى ئايالىغا يالغان گەپ قىلىپ ئانتارىشنىڭ تويىنى بۇزىۋىتىدۇ. بىر 

قېتىملىق زىياپەتتە نىھارىكا بىلەن رۇدرانى ئانتارىشنى قاتتىق ھاقارەتلەپ ئۇنىڭدىن ئەنتىنى ئالىدۇ. ئانتارىشمۇ 

كۆڭلىدە غۇم ساقلاپ كېلىدۇ ۋە پۇرسەت تېپىپ نىھارىكاغا باسقۇنچىلىق قىلىدۇ. نىھارىكا بىلەن رۇدرا سوتقا ئەرز قىلىپ 

ئەھۋال ئانتارىشقا پايدىسىز ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغاندا تۇيۇقسىز سۇئىندرى كېسىلى تۇتۇپ قالغان قىياپەتكە كىرۋېلىپ 

سوتنى كەينىگە سۈرىدۇ ۋە سوتتا گۇۋاھلىق بەرمەكچى بولغان ۋېدىكانى قاماپ قويىدۇ. يەنە نىھارىكاغىمۇ يوشۇرۇن 

تەھدىت سېلىپ ئەرزىنى قايتۇرۋالمىسا ئۇنىڭ بۇرۇن راھۇل بىلەن قىلغان ئىشلىرىنى رۇدراغا ئاشكارلاپ قويىدىغانلىقىنى 

دەيدۇ. ھەممەيلەن ئانتارىشنى ئەيىپلەشكە باشلايدۇ، ھەتتا ئاپىسىمۇ ئۇنىڭ تېگىشلىك جازاسىنى تارتىشىنى تەلەپ 

قىلىدۇ، ئەمما سۇئىندىرى ئۇنىڭغا ياردەم قىلىدۇ. نىھارىكا ئامالسىز سوتنى توختىتىدۇ. كېيىن ۋېدىكانى قاماپ قويغان 

جايدىن تېپىپ قۇتۇلۇپ قالىدۇ. ئانتارىشنىڭ ئەسلىدە سۇئىندىرىنىڭ ئۆز بالىسى ئىكەنلىكى، كىچىك ۋاقتىدا 

كاۋىتانىڭ ئوغلى رۇدرا بىلەن بىللە تۇغۇلغان چاغدا ئىككىسىنى ئالماشتۇرۋەتكەنلىكى ئاشكارلىنىدۇ.كاۋىتا سۇئىندىرىنى 

ئۆيدىن قوغلاپ چىقارماقچى بولغاندا ئانتارىش ئۆز ئاپىسى سۇئىندىرىنى قوغداپ ئۇنى كەتكۈزمەي تۇرىۋالىدۇ، شۇنىڭ 

بىلەن ئۇلار داۋاملىق بىر ئۆيدە تۇرىدۇ. ئانتارىش كېيىن بىر قىز بىلەن ئانىسىنى ماشىنىدا ھەيدەۋېتىپ سوقۇپ 

قويىدۇ. ئۇ قېچىپ كېتىشتىن بۇرۇن ساقچىلارغا ھادىسە بولغانلىقىنى خەۋەر قىلىپ قويۇپ كېتىدۇ. كېيىن ئۇ 

سوقۇۋەتكەن قىزنىڭ ئاپىسى ئۆلۈپ كېتىدۇ، ئۇ قىزمۇ ئەما بولۇپ قالىدۇ. ئانتارىش كاجال ئىسىملىك بۇ قىز بىلەن 

توي قىلىدۇ. كاجال دەسلەپتە ئانتارىشتىن قىساس ئېلىش ئۈچۈن يالغاندىن ئەما بولىۋالىدۇ ۋە نىھارىكا بىلەن 

بىرلىشىدۇ. ئەمما كېيىن ئانتارىشنىڭ ئۆزىنى ھەقىقەتەن ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ ئۆزىنىڭ خاتا 

قىلغانلىقىنى تونۇپ يېتىپ نىھارىكاغا قارشى تۇرىدۇ

تىنىچ ئامان كۈنلەر ئەمدىلا باشلىنىشىغا درۇ شىياڭگاڭغا بارىدىغان بولۇپ قالىدۇ. ۋېدىكا بىلەن درۇ شياڭگاڭغا بىللە 

بارىدۇ ۋە ۋېسال بېردى ئىسىملىك بىر كىشى بىلەن ئۇچرىشىپ قالىدۇ ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىر مەزگىل بىرگە يۈرىدۇ. 

كېيىن ئۇلار قايتىدىغان چاغدا ۋېسال بېردى ئۇلارنىڭ ئايروپىلانىغا بومبا ئورۇنلاشتۇرۇپ قويىدۇ. ئايروپىلان پارتلاپ 

درۇ يوقاپ كېتىدۇ. ۋېسال بېردى ۋېدىكاغا زەھەر بېرىپ ئۇنى ساقچىلارغا زەھەر ئەتكەسچىسى دەپ پاش قىلىپ 

تۈرمىگە سولىتىۋىتىدۇ. ۋېدىكانىڭ قورسىقىدىكى بالىسىمۇ چۈشۈپ كېتىدۇ.

درۇ بىلەن ۋېدىكانى ئىزدەش ئۈچۈن نىھارىكا بىلەن رۇدرا شىياڭگاڭغا كېلىدۇ. ئۇلار ۋېسال بېردى دىگەن كىشىنى 

ئىزدەپ ئۇ كىشىنىڭ ئىككى يىل بۇرۇنلا ئۆلۈپ كەتكىنىنى بىلىپ بۇ يەردە بىر سۇيقەست بارلىقىنى سېزىدۇ. ئۇلار 

كوچىدا كېتىۋاتقاندا سامۇر ساكۇف نامىغا كىرىۋالغان ۋېسال بېردىنى تاپىدۇ ۋە ئۇنىڭغا بېردى ئىسىملىك ئادەمنى 

ئىزدەۋاتقىنىنى دەيدۇ. كېيىن رۇدرا بىلەن نىھارىكا مېھمانخانىدىكى ۋېدىكا تارتقان سىن ئالغۇدىن سامور ساكۇفنى 

تونۇپ قالىدۇ ۋە ئۇنى ئەپچىللىك بىلەن قولغا ئالىدۇ. ۋېدىكا ئاقلىنىپ چىققاندىن كېيىن درۇنىڭ يوقاپ كەتكىنىدىن 

خەۋەر تاپىدۇ. 

كاۋىتا ئۆزىنىڭ كانادادىكى ئاچىسى ئورۇش بىلەن ئالاقىلىشىپ كىچىك ۋاقتىدا ئۇنىڭغا بېقىشقا بېرۋەتكەن درۇنىڭ 

قوشكېزەك ئىنىسى كاراننى چاقىرتىپ كېلىدۇ. كاران چەتئەلدە ئادەم ئۆلتۈرۈپ قويغانلىقتىن ھىندىستاندىكى رازادا 

جەمەتىگە يوشۇرنۇپ تۇرىدۇ. كېيىن كاران بىلەن ۋېدىكا توي قىلماقچى بولىۋاتقاندا درۇ تۇيۇقسىز پەيدا بولۇپ 

قالىدۇ. كاۋىتا كاراننى درۇنىڭ كەينىدىن قوغلاشقا بۇيرۇيدۇ. ئويلىمىغان يەردىن كاران ئۇنى باشقا بىر جايغا ئېلىپ 

بېرىپ ئۇنى ئېتىپ تاشلايدۇ. ۋېدىكا بۇنى كۆرۈپ قېلىپ كاراننىڭ ئەسلى ماھىيىتىنى تونۇپ يىتىدۇ. كاۋىتا ئېغىر 

يارلىنىپ دوختۇرخانىدا يىتىپ قالىدۇ. بۇ مەزگىلدە درۇ قايتىدىن ساقىيىپ خاتىرىسىنى يوقىتىپ قويىدۇ. كاراننىڭ 

لايىقى درۇنى كاران دەپ قېلىپ ئۇنىڭدىن ھالىدىن خەۋەر ئېلىشقا باشلايدۇ. ۋېدىكا ھەقىقىي ئەھۋالنى بىلگەچكە 

كاران ئۇنى روھىي كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسغا كىرگۈزۋىتىدۇ ۋە دوختۇر بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ ئۇنىڭ كېسىلىنى 

تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇپ ئۆلتۈرۋەتمەكچى بولىدۇ. رازادا جەمەتىدىكى باشقا كىشىلەر كاراننى درۇ دەپ كەلگەچكە 

ئۇنىڭ گېپىگە كىرىپ ۋېدىكانى دوختۇرخانىغا ئاپىرۋىتىدۇ. ئەمما كېيىن ۋېدىكا دوختۇرخانىدىن قېچىپ چىقىپ 

ھەقىقىي درۇ بىلەن ئۇچرىشىپ قالىدۇ. ئەمما ئۇنى كاران دەپ قېلىپ تونۇماي قېچىپ كېتىدۇ. درۇنىڭ خاتىرىسىمۇ 

ئەسلىگە كېلىدۇدە ئاروسا بىلەن ئۆتكۈزۋاتقان توي مۇراسىمىنى يېرىم يولدا توختىتىپ ئۆيدىكىلەرنىڭ نەزىر چىراق 

مۇراسىمىغا كەتكىنىدىن خەۋەر تېپىپ شۇلارنىڭ يىنىغا قاراپ ماڭىدۇ. ۋېدىكانى كاران قوغلاپ كەلگەچكە ئۇمۇ نەزىر 

چىراق مەيدانىغا كېلىدۇ. كىشىلەر شۇ يەردە توپلاشقان ۋاقتتا كاران بىلەن درۇ تەڭلا پەيدا بولۇپ ھەممەيلەننى ھاڭ 

تاڭ قالدۇرىدۇ. ئۇلار كىمنىڭ كاران كىمنىڭ درۇ ئىكەنلىكىنى ئايرىيالماي قالىدۇ. كېيىن ئۇلار كاراننىڭ لايىقى ۋە 

كاراننىڭ ئاپىسى ئارقىلىق كاراننى تاپماقچى بولىدۇ. بىراق ئۇلار كارانغا قوغداپ قېلىش ئۈچۈن درۇنى كاران دەپ 

تۇرۋالىدۇ. درۇ ئورۇش خانىم بىلەن بىللە كاناداغا قايتىپ كېتىش ئالدىدا درۇ بىلەن كاران بىر ماشىنا ھادىسىسىگە 

ئۇچرايدۇ. ئۇلارنىڭ بىرى ئۆلۈپ كېتىپ بىرى ھايات قالىدۇ، تەلىيىگە ھايات قالغىنى درۇ بولۇپ چىقىدۇ. تىتلى 

سۇئىندىرىنىڭ بارلىق ئەپتى بەشىرىسىنى ئېچىپ تاشلايدۇ. ئۇنىڭ رەزىل ئىشلىرىغا ئانتارىشمۇ چىداپ تۇرالمايدۇ ۋە 

سۇئىندىرىنى ئۆيدىن قوغلاپ چىقىرىدۇ. بىر ئائىلە بەخىتلىك تۇرمۇشقا چۆمىدۇ. 

ئاۋاز بەرگۈچىلەر

ئاۋاز بەرگۈچىلەر

 
 ئانتارىش يالقۇن سەپەر
 نىھارىكا ھاۋاخان ھېيت
 ۋېدىكا گۈلزار ئابدۇقادىر
 درۇ توختى سابىر
 ۋېرىندىرا غەيرەت ئوسمان
 كاۋىتائارزۇگۈل مۆمىن 
 تارا  مەرھابا ھەبىبۇللا
 تىتلى خەنىپە قۇربان
 سۇئىندېرى قەلبىنۇر ئەلنازى
 راھۇل مەردان تۇرسۇن
 ئۇما دىلبەر ھوشيار
 ئارتى گۈلپىيە تۆمۈر
 سۈرەج  ئۆمەرجان ئادىل
 ئانۇراگئابلەت مۇھەممەت 
 پامېرا سىنھانىيا نۇربىيە ھامۇت
 رۇدرا دىلشات بارات

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (20 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    80%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    10%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    10%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#