گوتېبورگ شەھىرى

گوتېبورگ

شۋېتسىيىنىڭ غەربىدىكى دېڭىز ياقىسىغا جايلاشقان مەشھۇر پورت، شىۋېتسىيىنىڭ ئىككىنچى چوڭ شەھىرى، ئەڭ چوڭ سودا پورتى.

نامى گوتېبورگ
دۆلىتى شىۋىتسىيە
مەمۇرىي رايون شەكلى شەھەر
نوپۇسى 900 مىڭ
خەنزۇچە نامى 哥德堡
ئۆلكىسى غەربىي گوتالاند غەربىي گوتالاند ئۆلكىسى
تەۋە رايون غەربىي گوتالاند

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

گوتېبورگشۋېتسىيىنىڭ غەربىدىكى دېڭىز ياقىسىغا جايلاشقان مەشھۇر پورت، شىۋېتسىيىنىڭ ئىككىنچى چوڭ شەھىرى، ئەڭ چوڭ سودا پورتى، پورتنىڭ سۈيى قىشتا توڭلىمايدۇ، شۇڭا قىش-ياز پەسىللىرى ئوخشاشلا دېڭىز قاتنىشىغا قولاي. شەھەرنى ماشىنىسازلىق، كېمىسازلىق، ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش، نېفىت ئايرىش، يېمەك-ئىچمەك قاتارلىق سانائەتلىرى تەرەققىي قىلغان..

گوتېبورگگوتېبورگنىڭ 400 يىللىق تارىخى بار،ئەسلى بۇ شەھەرنى گوللاندىيەلىكلەر لاھىيەلىگەن، شۇڭا بۇ قەدىمى شەھەردە گوللاندىيە ئۇسلۇبى ئىنتايىن قۇيۇق،1969-يىلى گۇستاۋ بۇيرۇق چۈشۈرۈپ قايتىدىن قۇرۇپ چىققان،ئاندىن بۇ يەر دانىيەگە تاقابىل تۇرۇشتىكى مۇھىم قورغان بۇلۇپ قالغان.

گوتېبورگ ئۇنۋېرستىتىگوتېبورگدا ئىككى داڭلىق ئۇنۋېرستىت بار:چارنۇس تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى ئۇنىۋېرسىتېتى ،گوتېبورگ ئونۋېرسىتېتى 

پورت ئارقىلىق قەغەز، ياغاچ ھەم ياغاچتىن ياسالغان مەھسۇلاتلار ئېكسپورت قىلىنىدۇ. نېفىت، كان مەھسۇلاتلىرى، ھەرخىل مېۋە ئىمپورت قىلىنىدۇ. شەھەرنىڭ يېنىدىكى ھىسنىگېن ئارىلىدا دۆلەت بويىچە ئەڭ چوڭ كېمىسازلىق زاۋۇتى بار. شەھەردە يەنە ئايرودروم قاتارلىق مەشھۇر ئورۇنلار بار.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#