زەنجىۋىل شامى

زەنجىۋىل شامى

زەنجىۋىل شامىخۇشلۇق كەلتۈرۈش، توسالغۇلارنى ئېچىش، جىگەر ئاغرىقىنى توختىتىش، يەل تارقىتىش، تال ۋە ئاشقازاننى ياخشىلاپ، يەل تارقىتىش، ھامىلىنى ئاسراش، باھنى قۇۋۋەتلەش، ئاغرىق پەسەيتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.


ئۇيغۇرچە نامى زەنجىۋىل شامى
ئىنگلىزچە Elecam Paneinularcot
خەنزۇچە ئاتىلىشى 土木香 tu mu xiang
تەبىئىتى ئۈچىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق.

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

بۇ مۇرەككەپ گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك قارا ئەندىز بولۇپ، بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ يىلتىزى «راسەن» ياكى «زەنجىۋىل شامى» نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ. بۇ يىلتىزنىڭ سىرتقى يۈزى كۈل رەڭگە مايىل خورمارەڭ، پۇرىقى خۇش پۇراق، تەمى سەل ئاچچىق ۋە قېرىق بولۇپ، ئۇرۇقى زاراڭزىغا ئوخشايدۇ، بىرئاز ياپىلاق، گۈلى كۆككە مايىل كېلىدۇ.

چىقىش ئورنى

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ۋە ئېلىمىزنىڭ شەرقىي شىمال، خېبىي، خېنەن، جياڭشى، گەنسۇ، سىچۈەن، ياۋروپا، پەنجاپ، رۇسىيە قاتارلىق جايلاردىن چىقىدۇ.

خىميىۋىلىك تەركىبى

يىلتىزىنىڭ تەركىبىدە ئۇچۇچان ماي %3 ~1 نى ئىگـىلـەيدۇ، ياغـنـىڭ ئاسـاسىي تەركىـبـى ئالانـتـولاكـتـون، خېلىـنـىن (Alantolactone, Helenine)، ئېزوئالانـتـولاكتـون (Iso Alantolac tone)، دىـھىـدروئالانـتـولاكتـون (Dihydroalantalacton)، دىـھىـدرو ئىـزوئالانـتـولاكـتـون (Dihydroisoalantolactone)، راسـەن كىـسـلاتاسـى (Alantic acid)، ئالانـتـول (Alantol ) قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.

خۇشلۇق كەلتۈرۈش، توسالغۇلارنى ئېچىش، جىگەر ئاغرىقىنى توختىتىش، يەل تارقىتىش، تال ۋە ئاشقازاننى ياخشىلاپ، يەل تارقىتىش، ھامىلىنى ئاسراش، باھنى قۇۋۋەتلەش، ئاغرىق پەسەيتىش خۇسۇسىيىتى بار.

1. قۇرت چۈشۈرۈش تەسىرى: راسەن ئۇچۇچان مېيى تەركىبىدىكى راسەن لاكتونى ۋە ئۇنىڭ ئۆزگىرىشىدىن ھاسىل بولغان ماددىسى سانتونىنىڭ تەسىرى بىلەن ئوخشايدۇ.لېكىن ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى، زەھەرلىك تەسىرى تۆۋەن، ئىت، چوشقا، مۈشۈكلەرگە نىسبەتەن قۇرت چۈشۈش رولىغا ئىگە. 2. باكتېرىيىگە قارشى تەسىرى: بەدەن سىرتىدىكى رېئاكسىيە جەريانىدا ھەر مىللىلىتىردا نۆلدە بىر مىكرو گرام راسەن لاكتونى تۇتقان قويۇقلۇقى سىل تاياقچە باكتېرىيىسىنىڭ ئۆسۈشىنى تورمۇزلايدۇ. ئىنسان تىيلىك سىل تاياقچە باكتېرىيىسى بىلەن يۇقۇملانغان دېڭىز چوشقىسى راسەن لاكتوننى ئىستېمال قىلسا كېسەل بولۇشنى ئۇزارتىدۇ. لېكىن پۈتۈنلەي يەڭگللىيەلمەيدۇ. راسەن ئالتۇن رەڭلىك ئۈزۈمسىمان شاچە باكتېرىيىسى، تولغاق تاياقچە باكتېرىيىسى، يېشىل يىرىڭلىق تاياقچە باكتېرىيىلەرنىڭ ھەممىسىنى تورمۇزلايدۇ. تېرە زەمبۇرۇغىنى تورمۇزلايدۇ. 3. يۈرەك قان تومۇرىغا بولغان تەسىرى: راسەن لاكتوننىڭ تۆۋەن قۇيۇقلۇقتىكى ئېرىتمىسى ئورگانىزمدىن ئايرىلغان پاقا يۈرىكىنى قوزغىتىدۇ. سەل يۇقىرىراق قۇيۇقلۇقتىكىسى تورمۇزلايدۇ. ئۆي توشقىنى ۋېناسىغا ئاز مىقداردا ئوكۇل قىلىنسا قان بېسىمى ئاۋال ئۆرلەيدۇ. كېيىن ئاستا – ئاستا تۆۋەنلەيدۇ. چوڭ مىقداردىكىسى دەسلەپ تۆۋەنلەيدۇ، نەپەس تورمۇزلىنىدۇ. 4.زەھەرلىك ۋە باشقا تەسىرى: راسەن لاكتونى ئۆي توشقىنىغا ئىچكۈزۈلسە ياكى ئوكۇل قىلىنسا چوڭ مىقداردىكى قاندىكى قەنتنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ. ئوتتۇرا دەرىجىدىكى مىقدارى قاندىكى قەنتنى تۆۋەنلىتىدۇ. بۇ يېمەكلىك مەنبەلىك قاندىكى قەنت يۇقىرى بولۇشنى تورمۇزلايدۇ. پاقا، كىچىك چاشقان ۋە ئۆي توشقىنىغا نىسبەتەن ئادەتتە ھەرىكەتنى تورمۇزلايدۇ. ھەتتا پالەچلەندۈرىدۇ. كېيىن نەپەسنى تورمۇزلاپ ئۆلتۈرىدۇ، لېكىن نەپەس توختىغاندىن كېيىن، بۆرەك ۋاقتىنچە ھەرىكەتلىنىدۇ. ئەگەر كىشىلەرگە كۆپ مىقداردا ئىشلىتىلسە پۇت – قول ئاغرىش، قۇسۇش، ئىچى سۈرۈش، باش قېيىش، تېرىدە ئەسۋە پەيدا بولۇش قاتارلىقلار يۈز بېرىدۇ. بۇ راسەن يىلتىزىدىكى زەھەرلىك تەسىرى ناھايىتى كۈچلۈك بولغان ئاقسىل ماددىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. راسەن لاكتونى ئورگانىزمدىن ئايرىلغان توشقان ئۈچىيىگە نىسبەتەن كىچىك ئۈچەينىڭ ھەددىدىن ئارتۇق لۆمۈلدىشى ۋە ئاجرالمىلارنى ئازايتىش ئىقتىدارىغا ئىگە. ئورگانىزمدىن ئايرىلغان توشقان بالىياتقۇسىنىمۇ تورمۇزلايدۇ. لېكىن تۆۋەن قويۇقلۇقتىكىسى بالىياتقۇنى قوزغىتىدۇ. پاقىنىڭ يىلىك مۇسكۇلى ۋە ھەرىكەت نېرۋا ئۈچىنى پالەچلەندۈرىدۇ. راسەن ئاچچىق ماددىسىنىڭ بىلىق، كىچىك چاشقانلارغا قارىتا تەسىرى پكروتوكسىن خىلىدىكى ماددىلار بىلەن ئوخشايدۇ.

ئەكىس تەسىرى

كۆپ ئىشلەتسە قاننى بۇزىدۇ، مەنىينى ئازايتىدۇ.

تۈزەتكۈچسى

سىركە، ئاچچىق ئانار سۈيى، خېمىرى بىنەپشە.

ئىشلىتىلىشى

يۈرەك ئاجىزلىقى، ئاشقازان ياللۇغى، باھ ئاجىزلىقى ۋە سوغۇقتىن بولغان جىگەر ئاغرىقلىرى، چوڭ بوغۇملار ئاغرىقى (مۇپاسىل)، بەل ئاغرىقى، كىچىك بوغۇملار ئاغرىقى، يانپاش ئاغرىقى، باشنىڭ يېرىمى ئاغرىش، يۆتەل، قورساق كۆپۈش، قوۋۇرغا ئارىلىق نېرۋا ئاغرىش، كۆكرەك پەردە ياللۇغى قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.

ئىشلىتىش ئۇسۇلى 

1. قارا ئەندىزىدىن 3 گرامنى يۇمشاق ئېزىپ، ھەسەل قوشۇپ ئىستېمال قىلسا، يۆتەل ۋە نەپەس سىقىشنى توختىتىدۇ. 2. قارا ئەندىزدىن يۇمشاق ئېزىپ، سۇيۇلدۇرۇپ قۇلاققا تېمىتسا، قۇلاقنىڭ غوڭۇلدىشىنى توختىتىدۇ. 3. قارا ئەندىزىنى شارابتا قاينىتىپ ئېزىپ چاپسا، تۇتقاقلىق باش ئاغرىقى، يانپاش ئاغرىقى ۋە باشقا سوغۇقتىن بولغان كېسەللىكلەرگە پايدا قىلىدۇ.

ساقلاش 

كۈزدە يىلتىز قىسمىنى كولاپ ئېلىپ، لاي قۇملىرىنى يۇيۇپ، قالدۇق غولى ۋە چاچما يىلتىزلىرىنى ئېلىۋېتىپ قۇرۇتۇلىدۇ.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئۇيغۇر تېبابىتى دورىگەرلىكىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى 

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=2&contentNameId=489

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#