ھيۇگو

بۇ ئۆسمۈر كېيىن فرانسىيە نىڭ مەشھۇر ئىنسانپەرۋەر يازغۇچىسى بولۇپ يېتىشىپ چىققان ۋېكتور ھيۇگو (1802-1885-يىللار) ئىدى. ئۇنىڭ نۇرغۇن ئەسەرلىرىدىكى ئېزىلگەن، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان بەدىئىي ئوبرازلاردا مۇشۇ قىزنىڭ سايىسى بار. شۇڭلاشقىمۇ ئۇنىڭ ئەسەرلىرى روشەن ئىنسانپەرۋەرلىك خاھىشىغا ئىگە بولغان. 

ئۇيغۇرچە ئىسمى ھيۇگو
باشقا نامى Victor Hugo،雨果
تۇغۇلغان ۋاقتى 1802-يىلى
كەسپى ئەدىب، يازغۇچى، دراماتورگ
خەنزۇچە ئىسمى 维克多·雨果
دۆلەت تەۋەلىكى فرانسىيە
ۋاپات بولغان ۋاقتى 1885-يىلى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ھيۇگويازنىڭ بىر كۈنى چۈشتە بىر ئۆسمۈر فرانسىيىنىڭ پارىژ شەھىرىدىكى سوتنىڭ ئىشىك ئالدىدىكى مەيداندىن ئۆتۈپ كېتىۋاتاتتى. ئۇ ياغاچ تۈۋرۈككە بىر ياش قىزنىڭ باغلاپ قويۇلغانلىقىنى كۆردى، بۇ قىز «مالاي بولۇپ ئوغرىلىق جىنايىتى ئۆتكۈزگەنمىش». بىر جاللات قىپقىزىل چوغ بولۇپ كەتكەن بىر داغمالنى ئېلىپ، ئۇ قىزنىڭ يالىڭاچ مۈرىسىگە قاتتىق باستى. قىز يۈرەكنى ئەزگۈدەك ئېچىنىشلىق قاقشاپ كەتتى. . . ھېلىقى ئۆسمۈر كۆزلىرىنى چىڭ يۇمۇۋالدى. قىزنىڭ ئېچىنىشلىق چىرقىرىشى ئۇنىڭ «قەلبىدە مەڭگۈ ئۆچمەس چۇقان بولۇپ ئورناشتى». ئۇ «قانۇننىڭ قاباھەتلىكى بىلەن مەڭگۈ كۈرەش قىلىشقا بەل باغلىدى». 

بۇ ئۆسمۈر كېيىن فرانسىيە نىڭ مەشھۇر ئىنسانپەرۋەر يازغۇچىسى بولۇپ يېتىشىپ چىققان ۋېكتور ھيۇگو (1802-1885-يىللار) ئىدى. ئۇنىڭ نۇرغۇن ئەسەرلىرىدىكى ئېزىلگەن، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان بەدىئىي ئوبرازلاردا مۇشۇ قىزنىڭ سايىسى بار. شۇڭلاشقىمۇ ئۇنىڭ ئەسەرلىرى روشەن ئىنسانپەرۋەرلىك خاھىشىغا ئىگە بولغان. 

ھيۇگو 60 نەچچە يىللىق ئەدەبىيات ھاياتىدا جەمئىي 26 شېئىرلار توپلىمى، 12 سەھنە ئەسىرى، 21 نەزەرىيىۋى ئەسەر، 20 رومان نەشر قىلدۇرغان. ئۇنىڭ ھەممە ئەسەرلىرىدە ھەممىگە رەھىمدىللىق قىلىدىغان ئىنسانپەرۋەرلىك ئىدىيىسى يادرو قىلىنغان. ئۇ بىر تەرەپتىن نامرات، بەختسىز تۆۋەن قاتلام خەلققە ھېسداشلىق قىلىپ، جەمئىيەتتىكى تەڭسىزلىك ھادىسىلىرىدىن شىكايەت قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن، ئەخلاق بىلەن تەسىرلەندۈرۈش ئارقىلىق جەمئىيەتنىڭ دەرد-ئەلىمىنى تۈگىتىشنى تەشەببۇس قىلغان، بۇنىڭدىمۇ ئىنسانپەرۋەرلىك ئىدىيىسىنىڭ چەكلىمىلىكلىكىنى ئەكس ئەتتۈرگەن.

«پارىژ بۈۋىمەريەم چېركاۋى»

 1831-يىلى نەشر قىلدۇرغان «پارىژ بۈۋىمەريەم چېركاۋى» ھيۇگونىڭ ۋەكىللىك ئەسەرلىرىنىڭ بىرى. روماندا 15-ئەسىردىكى لۇئىس Ⅺ نىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىكى پارىژ ئارقا كۆرۈنۈش قىلىنىپ، سىگان قىز ئىسمىرادانىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا ئىنتىلىشى، ساپ مۇھەببەتكە تەلپۈنۈشى، لېكىن مۇھاپىزەتچىلەر قوشۇنىنىڭ باشلىقىنىڭ ئەخمەق قىلىپ تاشلىۋەتكەنلىكى ۋە باستېر كروت فۇرۇنۇنىڭ ئۇنى قوغلىشىپ، ھاقارەتلەپ، ئەڭ ئاخىرىدا ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلغانلىقىدىن ئىبارەت ئېچىنىشلىق ھېكايە تەسۋىرلىنىپ، ئوتتۇرا ئەسىردىكى دىنىي جەمئىيەتنىڭ ساختىلىقى ۋە قاراڭغۇلۇقى ئېچىپ تاشلانغان، فېئودال ھۆكۈمرانلارنىڭ جىنايىتى ئۈستىدىن غەزەپلىك شىكايەت قىلىنغان، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، تۆۋەن قاتلامدىكى خەلقنىڭ ئازابلىق تۇرمۇشىغا ھېسداشلىق قىلىنغان، ئېزىلگەن ئاياللارنىڭ ئالىيجاناب پەزىلىتى مەدھىيىلەنگەن.

 19-ئەسىرنىڭ 30-يىللىرىدىن 40-يىللارنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىگىچە، ئىيۇل خانىدانلىقىنىڭ ئۆزىگە تارتىشى بىلەن ھيۇگونىڭ ئەسەرلىرىدە پاش قىلىش، قارشىلىق قىلىش مۇقامى كۈندىن-كۈنگە ئاجىزلىشىپ كەتتى، دۈشمەن سىنىپلار بىلەن مۇرەسسە قىلىشنى ئارزۇ قىلىش تەركىبى ئۈزلۈكسىز كۆپەيدى. 1851-يىلى لۇئىي بۇناپارت سىياسىي ئۆزگىرىش قىلغاندىلا، ئاندىن ھيۇگونىڭ ئىدىيەسىدە بۇرۇلۇش بولدى. ئۇ جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ سىياسىي ئۆزگىرىشكە قارشى قوزغىلىڭىغا قاتنىشىپ، زىيانكەشلىككە ئۇچراپ، چەت ئەلدە 19 يىلدىن ئارتۇق سۈرگۈن بولۇپ يۈردى. سۈرگۈنلۈك مەزگىلىدە، ئۇ ئاجايىپ قالتىس سىياسىي ساتىرىك شېئىرلار توپلىمى «جازالاش»، «سۈكۈت» لەرنى ئىجاد قىلدى.

«پاجىئەلىك دۇنيا» 

 1862-يىلى ئۆزىنىڭ ۋەكىللىك ئەسىرى «پاجىئەلىك دۇنيا» (خارلانغانلار) نى ئېلان قىلدى. روماندىكى باش پېرسوناژ ژان ۋالژان بىر پارچە بولكا ئوغرىلاپ قويغانلىقى ئۈچۈن 19 يىلدىن ئارتۇق تۈرمىدە ياتقان، جازا مۇددىتى توشقاندىن كېيىن بىر ئېپىسكوپنىڭ تەسىرلەندۈرۈشى بىلەن، بىر كىچىك شەھەرگە بېرىپ زاۋۇت قۇرىدۇ، ساۋابلىق ئىشلارنى قىلىدۇ، كەمبەغەللەرگە غەمخورلۇق قىلىدۇ، لېكىن قانۇن ئۇنىڭغا يول قويماي يەنە بىر قېتىم تۈرمىگە كىرىدۇ، تۈرمىدىن قېچىپ چىققاندىن كېيىن، سەرسان-سەرگەردانلىقتا ئۆتىدۇ. روماندا بۇرژۇئازىيىنىڭ قانۇن، ئەخلاقىنىڭ ساختىلىقى ۋە ئۇلارنىڭ نامرات خەلققە كەلتۈرگەن ئازاب-ئوقۇبىتى ۋە ھاقارىتى غەزەپ بىلەن ئەيىبلىنىدۇ، ئەسەردە ئاپتورنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك روھى بىرقەدەر چوڭقۇر قاتلامدىن گەۋدىلەندۈرۈلگەن. 

سۈرگۈندىكى مەزگىلىدە ھيۇگو يەنە «دېڭىزدىكى مېھنەتكەشلەر»، «كۈلگۈنچەك» قاتارلىق رومانلارنى يازغان. 1870-يىلى پرۇسسىيە-فرانسىيە ئۇرۇشى پارتلىغاندا ئۇ ۋەتىنىگە قايتىپ كەلگەن، خەلقنى گېرمانىيە نىڭ تاجاۋۇزىغا قارشى تۇرۇشقا چاقىرىپ، يۈكسەك ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنى ئىپادىلىگەن.

«93-يىل»

1871-يىلى پارىژ كوممۇنىسسىنىڭ قوزغىلىڭى مەغلۇپ بولغاندا ئۇ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان كوممۇنا ئىنقىلابچىلىرىنى كۈچىنىڭ بارىچە قوغدىغان ھەم «قاباھەتلىك يىللار» شېئىر توپلىمىنى ئېلان قىلغان، ئۇنىڭ ئىچىدىكى نۇرغۇن شېئىرلاردا پارىژ كوممۇنىسسىنىڭ جەڭچىلىرى مەدھىيىلەنگەن. بۇ چاغدا ئۇ يەنە مەشھۇر رومانى «93-يىل» نى يازغان، بۇ ھيۇگونىڭ ئەڭ ئاخىرقى مۇھىم ئەسىرى بولۇپ قالغان. روماندا «مۇتلەق توغرا ئىنقىلابنىڭ يۇقىرىسىدا، بىر مۇتلەق ئىنسانپەرۋەرلىك تۇرىدۇ» دېگەن كۆزقاراش تەرغىب قىلىنىپ ھەم ئۇنىڭ ئىجادىيىتىگە باشتىن-ئاخىر سىڭدۈرۈلگەن ئىنسانپەرۋەرلىك ئىدىيەسىنىڭ روشەن ئالاھىدىلىكى ئىپادىلەنگەن، ھەم ئۇنىڭ ئىدىيەسىدىكى يېتەرسىز تەرەپلىرى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن.

ھيۇگو 1885 -يىلى ھيۇگو ئالەمدىن ئۆتتى. بۇ ئۇلۇغ ئىنسانپەرۋەر يازغۇچىغا ھۆرمەت بىلدۈرۈش ئۈچۈن، فرانسىيە خەلقى ھيۇگوغا دۆلەت دەپنە مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. ھەيۋەتلىك مېيىت ئۇزاتقۇچىلارنىڭ سېپى ئىچىدە قوزغىلاڭغا قاتناشقان ھەم زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان پارىژ كوممۇنىسسىنىڭ ئەزالىرى بار ئىدى. ھيۇگو مەخسۇس ئۇلۇغ زاتلارنىڭ مېيىتى قويۇلىدىغان دانىشمەنلەر ئىبادەتخانىسىغا دەپنە قىلىندى.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

خەتكۈچلەر:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#