يېڭى كالېدونىيە تاقىم ئاراللىرى

يېڭى كالېدونىيە تاقىم ئاراللىرى

تىنچ ئوكياننىڭ غەربىي جەنۇبىغا، ئاۋسترالىيە ماتېرىكىنىڭ شەرقىگە جايلاشقان يېڭى كالېدونىيە ئارىلى، لويادى تاقىم ئاراللىرى، بىلەيپو تاقىم ئاراللىرى، پەيىئىن ئارىلى قاتارلىق چوڭ-كىچىك 80 دىن ئوشۇق ئاراللارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ئىسمى يېڭى كالېدونىيە تاقىم ئاراللىرى
يەر مايدانى 19,000 كۋادرات كىلومېتىر
خەنزۇچە ئىسمى 新喀里多尼亚岛

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

يېڭى كالېدونىيە تاقىم ئاراللىرى

قۇرۇقلۇق مەيدانى 19 مىڭ 103 كۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە يېڭى كالېدونىيە ئارىلىنىڭ مەيدانى 16 مىڭ 750 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. ئاراللارنىڭ ئاساسىنى قۇرۇقلۇق ئاراللىرى تەشكىل قىلىدۇ، كۆپ قىسمىنىڭ يەر ۋەزىيىتى ئېگىز بولۇپ، ئەتراپىنى مارجان ئاراللار قاپلاپ تۇرىدۇ. يېڭى كالېدونىيە ئاراللىرىنىڭ ئىقلىمى سۇبتروپىك ئىقلىم تىپىغا كىرىدۇ. ئاراللارنىڭ شەرقىي تەرەپلىرىنىڭ يىللىق ھۆل-يېغىن مىقدارى 2000 مىللىمېتىردىن ئاشىدۇ، غەربىي تەرەپلىرىنىڭ 1000 مىللىمېتىرغا يېتىدۇ.



 يېڭى كالېدونىيىنىڭ ئاھالىسى 145 مىڭدىن ئوشۇق(1983) بولۇپ، ئاساسىي قىسمىنى مېلانېزىيىلىكلەر(64 مىڭ كىشى) تەشكىل قىلىدۇ. بۇ ئاراللاردا ئولتۇراقلاشقان ياۋروپالىقلار(فرانسۇزلار) 55 مىڭدىن ئاشىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا تايتى خەلقلىرى، ھىندۇنېزىيىلىكلەر، ۋيېتناملىقلار، خەنزۇلار بار. يەرلىك خەلق ئۆز مىللەت تىلى بىلەن فرانسۇز تىلىنى ئورتاق قوللىنىدۇ. ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى فرانسۇز تىلىنى قوللىنىدۇ. مەركىزى نومىئا شەھىرى. 

يېڭى كالېدونىيە ئىقتىسادتا كانچىلىقنى ئاساس قىلىدۇ. ئاساسلىق مولبىدېن، تۆمۈر، خروم قېزىپ ئېلىنىدۇ. بولۇپمۇ مولبىدېن زاپىسى دۇنيادا بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. باشقا سانائەت تارماقلىرىدىن يېمەك-ئىچمەك، ئاپتوموبىل رېمونت قىلىش، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى، سۇلياۋ، ئېلېكتر ئېنېرگىيىسى قاتارلىقلار بار. يېزا ئىەخلىكىدە كوكۇس پالمىسى، كوفې، كېۋەز، كۆممىقوناق قاتارلىق زىرائەتلەر ئۆستۈرۈلىدۇ. چارۋىچىلىق بىلەن يغاچ ماتېرىياللىرىمۇ خېلى مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. ئورمان مەيدانى 250 مىڭ گېكتار كېلىدۇ. يېڭى كالېدونىيىنىڭ دېڭىز، ھاۋا قاتنىشى خېلى تەرەققىي قىلغان. ھەرقايسى دۆلەتلەرگە قاتنايدىغان دېڭىز، ھاۋا لىنىيىلىرى بار.

بۇ ئاراللاردا مولىبدېن، خروم، مىس، كوبالت، تۆمۈر قاتارلىق كان بايلىقلىرى مول.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#