ئەلئېھرام
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
مىسىردىكى نىل دەرياسى بويلىرىدا 80 دىن ئارتۇق ئەلئېھرام بار، ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ قەد كۆتۈرۈپ تۇرغىنىغا 4000 يىلدىن ئاشقان بولۇپ ، دۇنيادىكى سەككىز چوڭ مۆجىزىنىڭ بىرىگە ئايلاندى . ئەلئېھرام ھەيۋەتلىك بولۇپلا قالماستىن ، يەنە قۇرۇلمىسىمۇ ئاجايىپ مۇرەككەپ ، ئۇنىڭغا قەدىمكى مىسىرلىقلارنىڭ ئەمگەكچانلىقى ۋە ئەقىل -پاراسىتى مۇجەسسەملەشكەن .
ئەلئېھرامنى قۇرغۇچىلار ئالدى بىلەن مىس ياكى بروننا ئىسكىندىن پايدىلىنىپ قورام تاشلارغا تۆشۈك ئاچقان ، ئاندىن ياغاچ شىنىلارغا قېقىپ سۇدا نەمدىگەن ، ياغاچ شىنە سۇدا كۆپكەندىن كېيىن ، قورام تاشلار يېرىلغان . ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇلار ئۇلاغ كۈچى ۋە دۈگىلەك لىملاردىن پايدىلنىپ ،غايەت زور قورام تاشلارنى قۇرۇلۇش ئورنىغا يۆتكىگەن ، يەنە قۇرۇلۇش قىلىۋاتقان مەيداننىڭ تۆت تەرىپىگە قۇم دۆۋىلەپ يانتۇۇلۇق ياساپ ، قورام تاشلارنى يانتۇلۇقتىن پايدىلىنىپ ئەلئېھرامنىڭ ئۈستۈدىكى قىسمىغا ئېلىپ چىققان . مانا مۇشۇنداق بىر قەۋەت توپا دۆۋىلەپ ، بىر قەۋەت تاش قويۇرۇپ تەدرىجىي ئېگىزلىتىش ئارقىلىق ھەيۋەتلىك ئەلئېھرام ئاز - ئازدىن پۈتتۈرۈلگەن ، بۇ قەدىمكى مىسىر ئەمگەكچى خەلقنىڭ ئەقىل -پاراسىتىنى نامايان قىلىدۇ .
مىسىردىكى ئېھراملار ئىنسانىيەت مەدەنىيەت تارىخىدىكى بىر مۆجىزە . مىلاىديىدىن ئىلگىرىكى 300-يىللار ئۆپچۆرىسىدە ، نۇرغۇنلىغان كىشلەر پۈتۈن زېھنىنى سەرپ قىلىپ ، ئېھرامنىڭ ئېگىزلىكىنى ئۆلچەپ چىقىشقا ئۇرۇنغان بولسىمۇ ، ئەمما ھېچقانداق نەتىجە چىقىرالمىغان . بىر كۈنى قەدىمكى گرېتسىيىنىڭ ئۇلۇغ ماتىماتىكا ئالىمى ئېۋكلىد ئۆزىنىڭ يەرگە چۈشكەن سايىسىنى كۆرۈپ قېلىپ ، بىردىنلا بىر ئەقىل تاپقان . ئۇ : ئېھرامنىڭمۇ سايىسى چۈشىدۇ ، ئەگەر ئۆز سايەم بويۇمنىڭ ئېگىزلىكى بىلەن تەڭ بولغان چاغدا ئېھرامنىڭ سايىسىنى ئۆلچىسەم ، مۇشۇنىڭ بىلەن ئېھرامنىڭ ئېگىزلىكىنى تاپقىلى بولمامدۇ ؟ دەپ ئويلىغان . شۇنىڭ بىلەن ، ئۇ ئەستايىدىل تەتقىق قىلىش ۋە پىكىر يۈرگۈزۈش ، ئاندىن كۆپ قېتىم ئۆلچەش ئارقىلىق ، ئاخىرى ئېھرامنىڭ ئېگىزلىكىنى بىر قەدەر توغرا ئۆلچەپ چىققان .
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.