- زىرە (خام دورا)
- زىرە (ئۆسۈملۈك)
زىرە
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
بۇ كۈنلۈكسىمان گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك زىرىنىڭ قۇرۇتۇلغان پىششىق مېۋىسى بولۇپ، «زىرە» نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ. شەكلى تار سوقىچاق، تۇخۇم شەكىللىك،ئىككى ئۇچى سەل ئېگىلگەن بولىدۇ، سىرتقى يۈزى، كۈل رەڭگە مايىل سارغۇچ يېشىل رەڭلىك، تەمى سەل ئاچچىق، ئالاھىدە خۇش پۇراق كېلىدۇ.
شىنجاڭدا ئۆستۈرۈلىدۇ، ئۇندىن باشقا ئەرەبىستان، ھىندىستان پاكىستان قاتارلىق ئەللەردىمۇ ئۆستۈرۈلىدۇ.
يەل تارقىتىش، غەيرىي تەبىئىي بەلغەم خىلىتىنى تەڭشەش، توسالغۇلارنى ئېچىش، ئاشقازاننى قىزىتىش، جىگەر ۋە ئۈچەينى كۈچلەندۈرۈش، بۇزۇق ماددىلارنى تارقىتىش، ئارتۇق ھۆللۈكنى قۇرۇتۇش، سۈيدۈك ۋە ھەيزنى راۋانلاشتۇرۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
مېۋىسى (ئۇرۇقى) ۋە ئۇچۇچان مېيى يەل ھەيدەيدۇ، نېرۋىنى كۈچەيتىدۇ ۋە ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەيدۇ، بۇنىڭ ئىچىدىكى ئۇچۇچان ماي گرام مۇسپىي باكتېرىيە ۋە زەمبۇرۇغ قاتارلىقلارنى كۈچلۈك تورمۇزلاش تەسىرىگە ئىگە.
ئاشقازان سوۋۇپ كېتىش، ئاشقازان تۆۋەنلەش، ھەزىم ئاجىزلىقى، قورساق ئېسىلىش،ئىشتىھاسىزلىق، ھەزىم بۇزۇلۇش، ئىچ سۈرۈش، سۆزنەك، سۈيدۈك تۇتۇلۇش، ھەيز تۇتۇلۇش، جىگەر، ئاشقازان، بۆرەك ئاجىزلىقى قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.
1. قانىسە ۋە مەستىكىدىن 5 گرامدىن، قاقىلە، قەلەمپۇر، زىرە قاتارلىقلاردىن 10 گرامدىن، ناۋاتتىن 15 گرام ئېلىپ سوقۇپ، تالقانلاپ قائىدە بويىچە ئىچىپ بەرسە ئاشقازان سوۋۇپ كېتىش، ئاشقازان تۆۋەنلەش قاتارلىقلارغا شىپا بولىدۇ. 2. قاقىلە، بەدىيان، پوستى تۇرۇنجى، قەلەمپۇر، زەنجىۋىل، زىرە قاتارلىق دورىلارنىڭ ھەربىرىدىن 10 گرامدىن ئېلىپ، چايلىق تەييارلاپ ئىچىپ بەرسە، قورساق ئېسىلىشنى يوقىتىدۇ، ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەيدۇ. 3. زىرە، بەدىيان، دارچىن، قەلەمپۇر، زەنجىۋىل، پوستى تۇرۇنجى قاتارلىق دورىلارنىڭ ھەربىرىدىن 10 گرامدىن ئېلىپ چايلىق تەييارلاپ ئىچىپ بەرسە، ھەزىمنى ياخشىلايدۇ.
ياز پەسلىدە مېۋىسى پىشقاندىن كېيىن، ئورىۋېلىنىپ، مېۋىسى ئايرىلىپ، ئەخلىتى تازىلىنىپ پاكىز ئادالىنىپ،ئاپتاپتا قۇرۇتۇلىدۇ. قۇرۇق، ھاۋا ئۆتۈشىدىغان، قۇرۇق يەردە ساقلىنىدۇ.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.