يارداڭ ئەجدىرىھا شەھىرى

يارداڭ ئەجدىرىھا شەھىرى

يارداڭ ئەجدىرىھا شەھىرى چاقىلىق ناھىيەسىنىڭ شىمالىدىكى لوپنۇر كۆلى رايونىغا جايلاشقان، يارداڭ ئۇيغۇر تىلىدا «تىك تۆپىلىك» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ، ھازىر ئادەتتە قۇرغاق رايونلاردىكى بىرخىل ئالاھىدە يەر شەكلىىنى كۆرسىتىدۇ. تاشلارنىڭ شىددەتلىك ئېقىم تەرىپىدىن يالىنىش، كۈچلۈك شامالنىڭ يالىشى بىلەن شەكىللەنگەن. 

ئۇيغۇرچە نامى يارداڭ ئەجدىرىھا شەھىرى
جايلاشقان ئورنى چاقىلىق ناھىيەسىنىڭ شىمالىدىكى لوپنۇر كۆلى رايونى
خەنزۇچە نامى 雅丹龙城
كۆلىمى 3500 كۋادرات كىلومېتىر

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

يارداڭ ئەجدىرىھا شەھىرىيارداڭ ئەجدىرىھا شەھىرى لوپنۇر كۆلىنىڭ شەرق، شىمال، غەرب ئۈچ تەرىپىگە تارقالغان، بۇنىڭ ئىچىدە شەرق تەرەپتىكى لوپنۇر يارداڭ يەر شەكلى ئەڭ تىپىك. ئەجدىرىھا شەھىرى دەپمۇ ئاتىلىدۇ، تۇتاش كەتكەن ئېگىز-پەس توپا دۆۋىسى ئارىسىدا كەڭ تارقالغان قاتتىق تۇز پوستى خۇددى ئەجدىرىھاغا ئوخشايدۇ، ھەممىسى شەرقى شىمال-غەربى جەنۇب يۆنىلىشىدە سوزۇلغان.

يارداڭ ئەجدىرىھا شەھىرىبۇ شامال يالىغان يەرنىڭ دائىرىسى، شەرق-غەرب كەڭلىكى تەخمىنەن 35 كىلومېتىر، جەنۇب-شىمال ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 100 كىلومېتىر كېلىدۇ، كۆلىمى 3500 كۋادرات كىلومېتىر، داۋان ئۈستى بىر قەۋەت ئاق شور توپا قەۋىتى بىلەن قاپلانغان، بەزىلىرى ناھايىتى قېلىن بىر قەۋەت تۇز، يەنە بىر قىسىمى ئاق مەلھەم بىلەن تۇندۇرۇلغان، ئۇلار ئەتىگەنلىك قۇياش نۇرىدا، كۈمۈشتەك پارلايدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن قەدىمكى «ئاق ئەجدىھا چۆللۈكى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇ يەنى كىروران شەرق تەرىپىدىكى بىر خىل تەبىئىي توسۇق، يەنە كىرورانغا بېرىشتىكى مۇھىم ئۆتەڭ. 

يارداڭ ئەجدىرىھا شەھىرى19-ئەسىرنىڭ ئاخىرى 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا، شۋېتسىيىلىك ئىكىسپىدىتسىچى سىۋېن ھېدىن بىلەن ئەنگلىيەلىك سىتەيىن ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ لوپنور كۆلى رايونىدا تەكشۈرۈش جەريانىدا، يارداڭ دېگەن سۆزنى تىلغا ئالغان، شۇنىڭ بىلەن يارداڭ دۇنيا جۇغراپىيىلىك خىزمەتچىلىرىنىڭ  ۋە ئارخېئولوگلار ئورتاق قوللىنىلىدىغان يەر شەكلى ئاتالغۇسى بۇلۇپ قالغان. يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدە  ئىتالىيەلىك ساياھەتچى ماركوپولو لوپنۇر رايونىغا كەلگەن، ئۇ خاتىرىسىدە مۇنداق دەپ يازىدۇ : « يول بويى ساپلا قۇم تاغ بىلەن قۇملۇق جىلغىسى، يېمەكلىك تېپىش مۇمكىن ئەمەس، پىيادىلەر كېچىدە يول يۈرسە، جىنلارنىڭ ئاۋازى ئاڭلىنىدۇ». 

يارداڭ ئەجدىرىھا شەھىرىيارداڭ ئەجدىرىھا شەھىرىدىكى يارداڭلارنىڭ شەكلى ھەرخىل: بەزىلىرى «قەلئە»، سالماق، تەمكىن؛ بەزىلىرى شەھەر سېپىلى؛ بەزىلىرى  خۇددى ئېگىز بىنالارغا ئوخشايدۇ، قـەيسەرانە، ئېگىز قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ. بۇ غەلىتە جىسىملار ئوتتۇرىسىدىكى كەڭ تارقالغان شامال يالىغان ئويمان يەر خۇددى كوچىغا ئوخشايدۇ، چوڭقۇر، خىلۋەت، سىرلىق. [0] 


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#