نىكېل كېنى
نىكېل كېنى ئاساسلىق، ئۇلترا ئاساسلق جىنىسلاردا پەيدا بولغان مىس–نىكېللارنىڭ مىنېراللاشقان بىرىكمە كان ياتمىسى. كۆكتوقاي ناھىيەسى تەۋەسىدىكى ئالتاي تېغىنىڭ جەنۇبىي ئېتىكى ۋە قومۇلنىڭ خۇاڭشەن ئەتراپلىرىغا تارقالغان، تېكەسنىڭ چىمبۇلاق ۋە لوپنۇر ناھىيەسىنىڭ شىڭدى دەرياسى ئەتراپلىرىدىمۇ ئايرىم كىچىك كان ياتمىلىرى بار.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
نىكېل كېنى ئاساسلىق، ئۇلترا ئاساسلق جىنىسلاردا پەيدا بولغان مىس–نىكېللارنىڭ مىنېراللاشقان بىرىكمە كان ياتمىسى. كۆكتوقاي ناھىيەسى تەۋەسىدىكى ئالتاي تېغىنىڭ جەنۇبىي ئېتىكى ۋە قومۇلنىڭ خۇاڭشەن ئەتراپلىرىغا تارقالغان، تېكەسنىڭ چىمبۇلاق ۋە لوپنۇر ناھىيەسىنىڭ شىڭدى دەرياسى ئەتراپلىرىدىمۇ ئايرىم كىچىك كان ياتمىلىرى بار.
ئاساسلىق كان ياتمىلىرىدىن قاراتۇڭكې، خۇاڭشەن ۋە خۇاڭشەننىڭ شەرقىدىكى كان ياتمىلىرى بار. بۇ كان ياتمىلىرىنىڭ ھازىرقى زاپاس مىقدارى 90 مىڭ 400 توننا بولۇپ، مەملىكەت بويىچە گەنسۇدىن قالسىلا 2–ئورۇندا تۇرىدۇ. قارا تۇڭكې مىس–نىكېل كېنى ھوسۇللۇق رۇدا ۋە ئالاھىدە ھوسۇللۇق رۇدىلارنى ئاساس قىلىدۇ، ئۇ ھازىر ئېچىلىۋاتىدۇ.
باشقا كان ياتمىلىرى پەقەت تېيىز قىسىملاردا كىچىك كۆلەمدە ئېچىلماقتا. كان ياتمىسىدا نىكېلدىن باشقا يەنە بىللە پەيدا بولىدىغان رۇدىلاردىن مىس، كۇبالت، گۈڭگۈرت قاتارلىقلار، بەزىلىرىدە يەنە ئالتۇن، كۆمۈش، پىلاتىنا، پاللادىي، سېلىن، تېللۇر قاتارلىق ھەمراھ مىنېراللار بار، بۇلاردىن ئۇنىۋېرسال يىغىپ پايدىلىنىشقا بولىدۇ.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.