خەلق ئازادلىق ئۇرۇشى

خەلق ئازادلىق ئۇرۇشى

1945-يىلى 8-ئايدىن 1949-يىلى 9-ئايغىچە جۇڭگو خەلقى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، گومىنداڭنىڭ ئەكسىيەتچىل ھۆكۈمرانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاش ئۈچۈن ئۇلۇغ ئىچكى ئىنقىلابىي ئۇرۇش ئېلىپ باردى، بۇ، تارىختا خەلق ئازادلىق ئۇرۇشى، دەپ ئاتىلىدۇ، 3-قېتىملىق ئىچكى ئىنقىلابىي ئۇرۇش دەپمۇ ئاتىلىدۇ.

نامى خەلق ئازادلىق ئۇرۇشى
باشقا ئاتىلىشى 3-قېتىملىق ئىچكى ئىنقىلابىي ئۇرۇش
ئورنى جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقى
ۋاقتى 1946-يىلى 6-ئايدىن 1950-يىلى 6-ئايغىچە
نەتىجىسى پۈتۈن مەملىكەت ئازاد بولدى (تەيۋەندىن باشقا )
باش قوماندان ماۋ زېدۇڭ، جياڭ جوڭجېڭ، بەي چۇڭشى، لىن بياۋ، سۇ يۈ
ئۇرۇشقان قاتناشقۇچىلار جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى، جۇڭگو گومىنداڭ پارتىيىسى
ھەربىي كۈچ گومىنداڭ ئارمىيەسى تەخمىنەن 4 مىليون 200 مىڭ كىشى جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى 1 مىليون 700 مىڭ دىن ئارتۇق
ئۆلۈم-يېتىم ئەھۋالى گومىنداڭ قوشۇنىدا ئۆلگەن ۋە يارىدارلار 400 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم ئازادلىق ئارمىيە قوشۇنىدا ئۆلگەن ۋە يارىدارلار 1 مىليون 520 مىڭ ئادەم
خەنزۇچە نامى 解放战争

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

خەلق ئازادلىق ئۇرۇشى 1945-يىلى 8-ئايدىن 1949-يىلى 9-ئايغىچە جۇڭگو خەلقى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، گومىنداڭنىڭ ئەكسىيەتچىل ھۆكۈمرانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاش ئۈچۈن ئۇلۇغ ئىچكى ئىنقىلابىي ئۇرۇش ئېلىپ باردى، بۇ، تارىختا خەلق ئازادلىق ئۇرۇشى، دەپ ئاتىلىدۇ، 3-قېتىملىق ئىچكى ئىنقىلابىي ئۇرۇش دەپمۇ ئاتىلىدۇ.

ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش غەلىبە قىلغاندىن كېيىن جياڭ جيېشى باشچىلىقىدىكى گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرى ئامېرىكا جاھانگىرلىكىنىڭ قوللىشى ئاستىدا، بىر تەرەپتىن، يالغان تىنچلىق نىقابىغا ئورىلىۋالسا، يەنە بىر تەرەپتىن، كوممۇنىستىك پارتىيىگە قارشى ئىچكى ئۇرۇش قوزغاشقا بار كۈچى بىلەن تەييارلىق قىلىپ، جۇڭگونى داۋاملىق يېرىم مۇستەملىكە، يېرىم فېئوداللىق ھالەتتە قالدۇرۇشقا ئۇرۇندى. 1946-يىل 6-ئاينىڭ 26-كۈنى جياڭ جيېشى كوممۇنىستىك پارتىيە بىلەن ئىمزالىغان ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى يىرتىپ تاشلاپ، گومىنداڭ ئارمىيىسىگە كوممۇنىستىك پارتىيە رەھبەرلىكىدىكى ئازاد رايونلارغا كەڭ كۆلەمدە ھۇجۇم قىلىش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ئىچكى ئۇرۇش قوزغىدى.

ئۇرۇش پارتلاش ھارپىسىدا گومىنداڭنىڭ قۇرۇقلۇق، دېڭىز، ھاۋا ئارمىيىسى بولۇپ جەمئىي 4 مىليون 300 مىڭ كىشىلىك ئەسكىرىي كۈچى بار ئىدى ھەمدە بارلىق چوڭ شەھەرلەر ۋە مۇھىم تۆمۈريول قاتناش لىنىيىلىرىنى كونترول قىلىپ تۇراتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە يەنە ئامېرىكىنىڭ ھەربىي ۋە ئىقتىسادىي ياردىمىگە ئېرىشكەنىدى. جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ ئاران 1 مىليون 200 مىڭ كىشىلىك ئەسكىرىي كۈچى بار بولۇپ، «مىلتىق بىلەن سۆك» كىلا ئىگە ئىدى، ئىقتىسادىي ۋە ھەربىي جەھەتتىكى ئەھۋال ئىنتايىن ناچار ئىدى. 

ئۇرۇشنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى ئۈستۈن ئەسكىرىي كۈچ توپلاپ، دۈشمەننى بىر-بىرلەپ يوقىتىشتەك جەڭ فاڭجېنىنى تۈزۈپ چىقىش ئارقىلىق ھەرىكەتچان ئۇرۇشنى ئاساسلىق ئۇرۇش تاكتىكىسى، دۈشمەننىڭ جانلىق كۈچلىرىنى يوقىتىشنى ئاساسىي نىشان قىلدى. سەككىز ئاي قەھرىمانانە جەڭ قىلىش ئارقىلىق خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى ئوتتۇرا سۇجۇ، دىڭتاۋ، لىجياڭ، سۇبېي، جەنۇبىي شەندۇڭ ۋە لەيۋۇدىكى جەڭلەردە غەلىبە قىلىپ، گومىنداڭنىڭ 710 مىڭدىن ئارتۇق ئەسكىرىنى يوقىتىپ، جياڭ جيېشىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھۇجۇمىنى تارمار قىلدى. 1947-يىلى 3-ئايدا گومىنداڭ ئەسكىرىي كۈچىنى يىغىپ شەنشى-گەنسۇ-نىڭشيا ئازاد رايونى بىلەن شەندۇڭ ئازاد رايونىغا نۇقتىلىق ھۇجۇم قىلىشقا مەجبۇر بولدى. 8-ئايغا كەلگەندە خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى شەنشى-گەنسۇ-نىڭشيا ئازاد رايونىدا چىڭخۇابيەن، ياڭماخې، پەنلۇڭ، شاجياديەن جەڭلىرىنىڭ غەلىبىسىنى، شەندۇڭدا مېڭلياڭگۇ جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ، گومىنداڭ ئارمىيىسىنىڭ نۇقتىلىق ھۇجۇمىنى تارمار قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، گومىنداڭ ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان رايونلاردىكى خەلق «ئاچارچىلىققا، ئىچكى ئۇرۇشقا، زىيانكەشلىك قىلىشقا قارشى تۇرۇش» ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، گومىنداڭنىڭ ئەكسىيەتچىل ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى2-ئۇرۇش سېپىنى شەكىللەندۈردى، گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرى پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ قورشاۋىدا قالدى. 1947

-يىل6-ئاينىڭ ئاخىرىدا ليۇ بوچېڭ بىلەن دېڭ شياۋپىڭ سەنشى، خېبېې، شەندۇڭ، خېنەنلەردىكى ئازادلىق ئارمىيىنىڭ ئاساسىي كۈچىنى باشلاپ شەندۇڭنىڭ غەربىي جەنۇبىدا خۇاڭخې دەرياسىدىن ئۆتۈپ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىككە ئىلگىرىلەپ، خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ ئىستراتېگىيىلىك مۇداپىئەدىن ئىستراتېگىيىلىك ھۇجۇمغا ئۆتۈشىنىڭ مۇقەددىمىسىنى ئاچتى. بۇنىڭغا ئەگىشىپ باشقا ئازاد رايونلاردىكى دالا ئارمىيىلىرىمۇ ئارقا-ئارقىدىن ئىستراتېگىيىلىك ھۇجۇمغا ئۆتتى. 1948-يىلى 9-ئايدىن 1949-يىلى 1-ئايغىچە خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى ئارقا-ئارقىدىن لياۋنىڭ-شېنياڭ جېڭى، خۇەيخەي جېڭى، بېيپىڭ-تيەنجىن جېڭىنى قوزغاپ دۈشمەننىڭ 1 مىليون 540 مىڭ ئادىمىنى يوقىتىپ، گومىنداڭ ئارمىيىسىنىڭ ئاساسىي كۈچىنى تولۇق دېگۈدەك تارمار قىلدى. 1949-يىل 4-ئاينىڭ 21-كۈنى خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى چاڭجياڭ دەرياسىدىن ئۆتۈش جېڭىنى قوزغاپ، چاڭجياڭ دەرياسىدىن ئىبارەت بۇ تەبىئىي توسۇقنى كېسىپ ئۆتتى. 23-كۈنى، گومىنداڭنىڭ ھۆكۈمرانلىق مەركىزى − نەنجىڭنى ئازاد قىلىپ، گومىنداڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ گۇمران بولغانلىقىنى جاكارلىدى. ئارقىدىنلا خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى غەربىي شىمال، غەربىي جەنۇب، ئوتتۇرا جەنۇب ۋە شەرقىي جۇڭگو رايونلىرىدا گومىنداڭنىڭ قالدۇق ئارمىيىسىنى داۋاملىق قوغلاپ يوقاتتى.

خەلق ئازادلىق ئۇرۇشىدا خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى گومىنداڭ ئارمىيىسىنىڭ 8 مىليون 70 مىڭدىن ئارتۇق ئادىمىنى يوقىتىپ، شىزاڭ ۋە تەيۋەندىن باشقا پۈتۈن مەملىكەت چوڭ قۇرۇقلۇقىنى ئازاد قىلىپ، جاھانگىرلىك، فېئودالىزم ۋە بيۇروكرات كاپىتالىزمنىڭ جۇڭگودىكى ھۆكۈمرانلىقىنى تەلتۆكۈس ئاغدۇرۇپ تاشلىدى. 1949-يىل 10-ئاينىڭ 1-كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلۇپ، خەلق ئازادلىق ئۇرۇشى ئۇلۇغ غەلىبىنى قولغا كەلتۈردى.

گومىنداڭ ئارمىيەسى : 8 مىليون 600 مىڭ ( 1946-يىلى 7-ئاي )، 15 مىليون 650 مىڭ ( 1948-يىلى 6-ئاي )، 1 مىليون 490 مىڭ (1949-يىلى )؛ 

جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى : 1 مىليون 700 مىڭ ( 1946-يىلى )، 2 مىليون 800 مىڭ ( 1948-يىلى )، 4 مىليون ( 1949-يىلى )؛

خەلق ئازادلىق ئۇرۇشى1 - سېپى ئازات رايون خەلقى گومىنداڭ كۈرىشى. بۇ ئاساسلىقى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى رەھبەرلىكىدىكى جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ گومىنداڭ ھەربىي كۈرىشى. بۇنىڭدىن سىرت، ئۇ يەنە باشقا جەھەتتىكى كۈرەشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، مەسىلەن : سىياسىي جەھەتتە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ گومىنداڭ سۆھبەت كۈرىشى؛ 

ئىككىنچى سەپ گومىنداڭ ھۆكۈمرانلىقىدىكى رايونلار خەلقىنىڭ گومىنداڭغا بولغان كۈرىشى. بۇ سەپتىكى كۇرەشتە ئوقۇغۇچىلار ئاۋانگارت بولغان، ئىشچى - دېھقانلار كۈرەشنى ئاساس قىلغان، گۇرۇھلار كۈرىشىنىڭ، گومىنداڭ ھۆكۈمرانلىقىدىكى رايونلارنىڭ ھەرقايسى سىنىپ، تەبىقە گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرىگە قارشى كۈرىشى. 

ئۈچىنچى سەپ گومىنداڭ ئىچىدىكى ۋەتەنپەرۋەر كۈچلەرنىڭ قوزغىلاڭ كۆتۈرىشى. ئىستاتىستېكا قىلىنىشىچە، پۈتكۈل ئازادلىق ئۇرۇشى مەزگىلىدە، گومىنداڭ ئارمىيەسىنىڭ قوزغىلاڭچىلار ئومۇمىي سانىنىڭ 1 مىليون 140 ئادەم تەسلىم بولغان ( ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ )، جەڭ ئومۇمىي ئەسكىرىي كۈچى 8 مىليون ئادەمنىڭ 14.25% نى ئىگىلەيدۇ.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 1949 - يىلى جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقىدا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلدى. جۇڭگو گومىنداڭى رەھبەرلىكىدىكى جۇڭخۇا مىنگو ھۆكۈمىتى تەيۋەنگە چېكىندى. [0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#