تومئۆستەڭ يېزىسى

تومئۆستەڭ يېزىسى

تومئۆستەڭ يېزىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قەشقەر ۋىلايىتى يەكەن ناھىيەسىگە قاراشلىق مەمۇرىي يېزا. ئەسلى نامى تومئۆستەڭ گۇڭشې، 1984-يىلى يېزىغا ئۆزگەرتىلگەن.


ئۇيغۇرچە نامى تومئۆستەڭ يېزىسى
دۆلىتى جۇڭگو
مەمۇرىي رايون شەكلى يېزا-بازار
يەر مەيدانى 109.6 كۋادرات كىلومېتىر
تېلېفون رايون نۇمۇرى 0998
خەنزۇچە ئاتىلىشى 托木吾斯塘乡
ئۆلكىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
تەۋە رايون قەشقەر ۋىلايىتى يەكەن ناھىيەسى
نوپۇسى 32284 ئادەم
ماشىنا كودى يېڭى Q

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

تومئۆستەڭ يېزىسىتومئۆستەڭ يېزىسى يەكەن ناھىيە بازىرىنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان بۇلۇپ، ناھىيە بازىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 8 كىلومېتىر. كۆلىمى 109.6 كۋادرات كىلومېتىر، ئومۇمىي نوپۇسى 32284 ئادەم، ھەممىسى ئۇيغۇر. پۈتۈن يېزىدىكى 15 مەمۇرىي كەنت، 78 كەنت ئاھالە گۇرۇپپىسى بار. نوپۇسى 32284 ئادەم، تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 56276 مو. 

 1949-يىلى 3-رايون، 1958-يىلى 3-گۇڭشې قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن. 1984-يىلى تومئۆستەڭ يېزىسى تەسىس قىلىنغان.

«تومئۆستەڭ» ئۇيغۇر تىلىدا، «سۇ بۆلۈش ئۆستىڭى» دېگەن مەنىدە، ئىلگىرى ئۆستەكنىڭ بىر تارماق ئۆستىڭى بار بۇلۇپ، شۇڭا ئۇنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان. دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىدىن بۇغداي، قوناق، كېۋەز قاتارلىقلار. كارخانىلاردىن ئوستېرىيە ياغىچى پىششىقلاپ ئىشلەش، پاختا چىقىرىش، ئۇن زاۋۇتى، تىككۈچىلىك، خىش پىشۇرۇش، بىناكارلىق قاتارلىقلار. 315-دۆلەت يولى پاسىل قىلىنغان. قەدىمىي يادىكارلىقلاردىن 17-ئەسىردىكى يەكەن ۋاڭ ئىمىن قەبرىگاھى بار.

ئورنى 

تومئۆستەڭ يېزىسى يەكەن ناھىيە بازىرىنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان، ئۇزۇنلۇقى تۆت كىلومېتر، شەرقىي ئارال يېزىسى بىلەن چېگرىلىنىدۇ، غەربتە ئودانلىق يېزىسى بىلەن تۇتىشىدۇ، جەنۇبتا يەكەن ۋە پوسكام ناھىيەسى بىلەن قارىشىپ تۇرىدۇ. پۈتۈن جەنۇبىتىن شىمالغا 18 كىلومېتىر، شەرقتىن غەربكە كەڭلىكى 5 كىلومېتىر، پۈتۈن ئومۇمىي كۆلىمى 109.6 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. يەر شەكلى غەربىي جەنۇبتىن شەرقىي شىمالغا قاراپ قىيپاش تۇرىدۇ، تەبىئىي يانتۇلۇقى %0.3 بولىدۇ.

كىلماتى 

تومئۆستەڭ يېزىسىتومئۆستەڭ يېزىسى جەنۇبىي شىنجاڭ ئىللىق نەم بەلباغ قۇرغاق چۆللۈك كىلىمات رايونى، تۆت پەسىلىدىكى ھاۋا كىلىماتى ئېنىق، يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرا 10-12 گىرادۇس، كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ تېمپېراتۇرا پەرقى چوڭ، قىروسىز مەزگىلى ئادەتتە ئۇزۇنلۇقى 210-220 كۈن ئەتراپىدا بولىدۇ، يورۇقلۇق بايلىقى ئىنتايىن مول. كىلىماتى قۇرغاق، يامغۇر ئاز، سۇنىڭ پارغا ئايلىنىش مىقدارى زور، يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل-يېغىن مىقدارى 30-50 مىللىمېتىر، يىللىق ئوتتۇرىچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى تەخمىنەن 2220 مىللىمېتىر، 7-ئايدا ھۆل-يېغىن مىقدارى چوڭ. يېزىدا شامال كۆپ، تۆت پەسىلدە ئاساسلىقى غەربىي شىمال شامىلى ۋە شىمال شامىلى. ئەتىياز، ياز پەسلىدىكى شامال سۈرئىتى چوڭ، شامال كۈچى ئادەتتە 5-4 بال، قىش پەسلىدە غەربىي شىمالى لىيا سوغۇق ئېقىمىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ بىر قەدەر سوغۇق.

تومئۆستەڭ يېزىسى2010–يىلى يېزا بويىچە يېزا ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتى 196 مىليون يۈەن، دېھقانلارنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى 3760 يۈەن، 2-، 3-كەسىپلەردىكى ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى 246 مىليون يۈەن، دېھقانلارنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كەلگەن ساپ كىرىمى %6.5 نى ئىگىلەيدۇ. يېزا بويىچە يېزا كوللېكتىپ ئىگىلىكىنىڭ ئومۇمىي كىرىمى 1 مىليون 290 مىڭ يۈەن، يىلدىكى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 170 مىڭ يۈەن، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %13 ئاشقان.

تومئۆستەڭ يېزىسىتومئۆستەڭ يېزىسىغا قاراشلىق 15 مەمۇرىي كەنىت ئاھالە كومتېتى بار بۇلۇپ، بۇلار: خانئېرىق كەنتى، ئىشلەمچى كەنتى، يۇقارقى بېھباشباغ كەنتى، جىگدە ئېرىق كەنتى، جايتېرەك كەنتى، دېھقانچى كەنتى، بەشتوغراق كەنتى، تومئۆستەڭ كەنتى، بېھباشباغ كەنتى، دۆڭئۆستەڭ كەنتى، تۆگىچى كەنتى، ئاقدىل كەنتى، ئوردا ئۆستەڭ كەنتى، غاز لەڭگەر كەنتى، دۆڭباغ كەنتى قاتارلىق 15 كەنت ئاھالە كومىتېتى، 78 كەنت ئاھالە گۇرۇپپىسى بار. يېزىلىق ھۆكۈمەت تۇرۇشلۇق كەنىت تومئۆستەڭ كەنتى.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#