ئەيدىز كېسىلى

ئەيدىز ۋىرۇسى
ئەيدىز بولسا ئېنگلىزچە AIDS نىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى بولۇپ، ئادەمنىڭ ئىممۇنىتېت سېستىمىسى ئەيدىز ۋىرۇسى تەرىپىدىن پۈتۈنلەي بۇزغۇنچىلىققا ئۇچىرىغان مەزگىلدىكى ھالىتىنى كۆرسىتىدۇ. تولۇق ئىسمى ئېرىشمە ئىممۇنىتېت كەملىك ئۇنۋېرسال ئالامىتى" بولىدۇ. بۇ بولسا ئەيدىزنىڭ كېڭەيتىلگەن تىببى ئاتالغۇسىدۇر.

غەرب تېبابىتى نامى ئەيدىزAIDS
كېسەللىك سەۋەبى ئەيدىز ۋىرۇسى
كۆپ كۆرۈلىدىغانلار زەھەر چەككۈچىلەر
كېسەللىك ئورنى ئومۇمى بەدەب ئىمونىتى
ئاساسلىق ئالامىتى يۇقۇملانغۇچىدا لىمغا تۈگۈنىنىڭ ئىشىشىپ قېلىشى، ئورۇقلاش، قىزىتما، ئىچى سۈرۈش ۋە ھۆتەل قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلۈش
خەنزۇچە نامى 艾滋病
يۇقۇملىنىشى يۇقۇملۇق
يۇقۇملىنىش يولى قان،جىنسى مۇناسىۋەت،ئانىدىن بالىغا

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئەيدىز كېسىلىئەيدىز بولسا ئېنگلىزچە AIDS نىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى بولۇپ، ئادەمنىڭ ئىممۇنىتېت سېستىمىسى ئەيدىز ۋىرۇسى تەرىپىدىن پۈتۈنلەي بۇزغۇنچىلىققا ئۇچىرىغان مەزگىلدىكى ھالىتىنى كۆرسىتىدۇ.   A- Acquired يەنى "ئېرىشمە" دىگەنلىك بولۇپ، تۇغما ياكى ئېرسىيەتلىك بولمايدىغانلىقىنى، پەقەت تاشقى مۇھىتتىن يۇقتۇرۋالىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.   I- Immune يەنى" ئىممۇنىت" دىگەنلىك بولۇپ، بۇ ۋىرۇسنىڭ ئادەمنىڭ ئىممۇنىتېت سېستىمىسىغا تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.   D- Deficiancy يەنى"كەمچىللك" دىگەنلىك بولۇپ، ئادەم ئىممۇنىتېت سېستىمىسى ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولمايدىغان دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچىرايدىغانلىقىنى، ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىدا كەمچىللىك كۆرۈلىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.   S- ٍSyndrome يەنى "ئۇنۋېرسال ئالامەت" دىگەنلىك بولۇپ، ئىممۇنىتېت سېستىمىسى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغاندىن كېيىن، ھەر خىل پۇرسەتلىك كېسەللىكلەر بۆسۈپ كىرىپ، نۇرغۇنلىغان كېسەللىك ئالامەتلىرى بىرلا ۋاقىتتا كۆرۈلۈشكە باشلايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

ھەممىسنى بىرلەشتۈرگەندە، "ئېرىشمە ئىممۇنىتېت كەملىك ئۇنۋېرسال ئالامىتى" بولىدۇ. بۇ بولسا ئەيدىزنىڭ كېڭەيتىلگەن تىببى ئاتالغۇسىدۇر.

ئەيدىز كېسىلىنىڭ يوشۇرۇن مەزگىلى بىر قەدەر ئۇزۇن، بەزىلىرىنىڭ ھەتتا ئون يىلدىن يىگىرمە يىلغىچە سوزۇلۇپ كېتىشى مۇمكىن، بۇ ۋىرۇسنى ئۇزاق يىل يوشۇرۇن ئېلىپ يۈرۈش مەزگىلىدە، ۋىرۇس ئېلىپ يۈرگۈچى ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ كەڭ كۆلەمدە تارقىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈۋېتىدۇ. ئەيدىز كېسىلىنىڭ شەكىللىنىش باسقۇچىنى تۆۋەندىكى تۆت تۈرگە يىغىنچاقلىغىلى بولىدۇ. 

يوشۇرۇن مەزگىلى

(ئالامىتى يوق ئەيدىز). ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ تەنگە كىرىپ ياشاش، ماسلىشىش، كۆپىيىش باسقۇچى بولۇپ، ھېچقانداق ئالامەتلەرنى سەزگىلى بولمايدۇ، تەكشۈرتكەندە نورمال، ئۈچ ئايدىن كېيىن تەندىكى ئەيدىزگە قارشى ئانتىتېلا مۇسبەت (ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىش) كە ئايلىنىدۇ، تەخمىنەن %10 يۇقۇملانغۇچى لىمفا ئىششىش مەزگىلىگە كىرىدۇ. 

لىمفا ھۈجەيرىسى ئىششىش مەزگىلى

بۇ مەزگىلدە ئەيدىز ۋىرۇسى لىمفا ھۈجەيرىلىرىگە قارىتا تاجاۋۇزچىلىقىنى باشلايدۇ، ھەمدە ئۈچ ئايدىن ئارتۇق ۋاقىتقىچە چېكىنمەيدۇ، كېسەللىك جەريانى ئۈچ ئايدىن تۆت يىلغىچە، كېسەللىك ئالامىتى بولسا (كەم بولغاندائۈچ يەردە، بويۇن، قولتۇق ئاستىدا)، قاتتىق يۆتكىلىشچان، ئادەتتە سىممېتىرىك بولغان ئۆسمە پەيدا بولىدۇ، بېسىپ ئاغرىش بولمايدۇ، پاتولوگىيىلىك بىئوپسىيەدىن قارىغانداياخشى سۈپەتلىك بولىدۇ. باشقا كلىنىكىلىق بەدەن ئالاھىدىلىكى بولمايدۇ ياكى پەقەتلا «چارچاش، قىزىش، كېچىدە تەرلەش، ئورۇقلاش، ئازراق ئىچى سۈرۈش» قاتارلىق ئالامەتلەردىن بىرى كۆرۈلۈپ، يېنىك ھالدا ئىممۇنىتېت كەمچىللىك ئالامىتى بولىدۇ، %10 كېسەللىك مىسالىدا ئەيدىزگە مۇناسىۋەتلىك يىغىندى كېسەللىك ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ. 

يىغىندى كېسەللىك ئالامىتى (ARC)

ئادەم بەدىنى ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغاندىن كېيىن، كلىنىكىلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. كېسەللىك جەريانى ئادەتتە بىر يىلدىن ئۈچ يىلغىچە بولىدۇ، ئۇنىڭ خىزمەت، تۇرمۇش، بەدەن سالامەتلىك ئەھۋاللىرى تەسىرگە ئۇچرىغان بولۇپ، دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالىنىشقا توغرا كېلىدۇ. بەدىنى ئورۇقلاپ ئېغىرلىقى%10 چۈشىدۇ، بىر ئايدىن ئارتۇق ئىچى سۈرۈپ، بىر ئايغا يېقىن قىزىيدۇ (38 گرادۇستىن ئارتۇق)، تال چوڭىيىپ، ئېغىز بوشلۇقىدا ئاق داغ پەيدا بولىدۇ، ئۇيقۇچان بولۇپ قالىدۇ، كېچىدە تەرلەش، تېرە يېغى خاراكتىرلىك تېرە ياللۇغى، تەكشۈرۈش بىنورماللىق، قان پلاستىنكىلىرى ئازىيىش، قان ئازلىق ئالامەتلىرى كۆرۈلۈپ، %25 بىمار ئېغىر ھالەتتىكى ئەيدىزگە ئايلىنىدۇ. 

ئېغىر ھالەتتىكى ئەيدىز

كېسەللىك جەريانى ئادەتتە بىر يېرىم يىلدىن ئىككى يېرىم يىلغىچە بولىدۇ، تۇنجى ئالامىتى ئادەتتە قىزىش (ئادەتتە 38 گرادۇسقىچە)، تەرلەش، توڭۇشقاتارلىقلار؛ زىيادە چارچاش؛ ئورۇقلاش؛ 2 ئاي ئىچىدە 4 كىلوگرام ئورۇقلاش ياكى بەدەن ئېغىرلىقى %10 چۈشۈش؛ لىمفا ھۈجەيرىسى ئىششىپ چوڭىيىش، ئىزچىل ئۈچ ئايدىن ئارتۇق، ئاز دېگەندىمۇ ئۈچ ئورۇندا ئاغىرىش ئالامەتلىرى كۆرۈلۈش؛ جاۋغاي ياللۇغى؛ ئۈزلۈكسىز بىر ھەپتىدىن ئارتۇق ئىچى سۈرۈش؛ يۆتىلىش، دەم سىقىلىش؛ تاشما، بىنەپشە داغ پەيدا بولۇش، ئاسان قان چىقىش؛ باش ئاغرىش، بويۇن قېتىش، موسكۇل ئاغرىش، پالەچ بولۇش، پۇت-قوللىرىدا ماغدۇرسىزلىق، خامۇشلۇق، خام-خىيال، خاتا تۇيغۇ بولۇش قاتارلىق ئالامەتلەرمۇ كۆرۈلىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، يەنە كۆپ خىل قىزىل باكتېرىيە، ۋىرۇس، پارازىت قۇرتلاردىن ياللۇغلىنىش، ھەتتا كۆپ خىل ئۆسمە پەيدا بولۇش قاتارلىق ھادىسىلەرمۇ كۆرۈلىدۇ. 

ئەيدىز ۋىرۇسى ئېممۇنتلىك T ھۈجەيرىگە(بەدەنگە ھەرقانداق ئاتىگىن كىرگەن ھامان ئالدى بىلەن ئېممۇنتلىك T ھۇجەيرە يوقىتىشقا قاتنىشىدۇ) ھۇجۇم قىلىپ،  ئاستا- ئاستا يوقىتىۋېتىپ ئاندىن باشقا ئېممۇنت سىستېمىسىغا ئائىت ئەزا ياكى ھۈجەيرىلەرگە ھۇجۇم قىلىدۇ. يەنە ئەيدىس ۋىرۇسىنىڭ ئىرسىيەت ماددىسى RNA بولۇپ، بۇ ئىرسىيەت ماددىسى تاق زەنجىرلىك بولغاچقا ئىنتايىن تۇراقسىز، توساتتىن ئۆزگىرىش چاستوتىسى ئىنتايىن يۇقىرى بولغاچقا داۋالاش قىيىن بولۇشىنىڭ ئەڭ مۇھىم سەۋەبى مۇشۇ ئىكەن. ئەيدىس ۋىرۇسى تەتۈر ئاغدۇرۇلغۇچى ۋىرۇسقا تەۋە بولۇپ، تەتۈر ئاغدۇرۇلۇش دېگىنىمىز :  ۋىرىس ماكان ھۈجەيرىگە كىرگەن كېيىن، ئۆزىنىڭ تاق زەنجىرلىك RNA نى ئۈلگە قىلىپ تۇرۇپ، ئىشقار رادىكالىنىڭ ئۆز- ئارا تولۇقلاپ جۈپ تۈزۈش پىرىنسىپى(ئىشقار رادىكالى جەمئىي تۆت خىل بولۇپ، DNA دە ئادىنىن بىلەن گۇۋانىن، تىمىن بىلەن سىتوزىن جۈپ تۈزىدۇ, RNA دە ئۇراسىل بولۇپ، قالغان ئۈچى DNA بىلەن ئوخشاش)، تەتۈر ئاغدۇرغۇچى ئىنزىمنىڭ تەسىرى ئاستىدا، cDNA سىنتىزلەپ چىقىدۇ، يېڭىدىن سىنتىزلەنگەن cDNA ماكان ھۈجەيرە يادروسىدىكى DNA گەپ چاپلىشىدۇ، ماكان DNA نىڭ نۇسخىلىنىشى، ئاغدۇرۇلۇشى، كۆچۈرۈلىشىگە تاينىنىپ ئۆزىنىڭ سانىنى ئاشۇرۇش مەقسىتىگە يېتەلەيدۇ.

يۇشۇرۇن-دەسلەپكى مەزگىل

دەسلەپكى مەزگىل

نۇرغۇنلىغان ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان كىشلەر يوشۇرۇن مەزگىلىدە ھېچقانداق ئۆزى سەزگۈدەك كېسەللىك ئەھۋالى بولمايدۇ، يەنە بىر قىسىم كىشىلەر يۇقۇملانغاندىن كېيىن دەسلەپكى مەزگىلدە، قىززىش، بېشى قېيىش، ھالسىزلىنىش، گېلى ئاغرىش، بوغۇم ئاغرىش، ئەسۋە چىقىپ قېلىش، پۈتۈن بەدىنىدە قاپارتمىلىق ئىششىق پەيدا بولۇش قاتارلىق زۇكامغا ئوخشاش كېسەللىك ئالامەتلىرى پەيدا بولىدۇ، يەنە بەزى ئادەملەرنىڭ ئىچى سۈرۈپ قالىدۇ.

بۇ خىل كېسەللىك ئەھۋالى ئادەتتە 1-2 ھەپتىگىچىلا داۋاملىشىدۇ، بۇنىڭدىن كېيىنلا بىمار كېسەللىك ئالامىتى يوق بولغان يوشۇرۇن مەزگىلگە كېرىپ كېتىدۇ. يوۇشۇرۇن مەزگىلدىكى بىمارنىڭ قان سۇيۇقلۇقىدا ئەيدىز ۋىرۇسى بولىدۇ، قان زەردابىدا ئەيدىز ۋىرۇسى ئانتىتېلا تەكشۈرۈشى ئېلىپ بارغاندا مۇسبەت بولۇپ چىقىدۇ، بۇنداق كىشىلەر ئەيدىز ۋىرۇسى يۇقۇمدارى دەپ ئاتىلىدۇ، ياكى ئەيدىز ۋىرۇسىنى ئېلىپ يۈرگۈچى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ئىنتايىن كۈچلۈك بولغان يۇقۇملاندۇرۇش كۈچى بار بولۇپ، ئەيدىز ۋىرۇسنىڭ ئەڭ مۇھىم بولغان يۇقۇملاندۇرۇش مەنبەسى. شۇنچىلىك ئۇزاق مۇددەتلىك بولغان يوشۇرۇن مەزگىلدە، يۇقۇملانغۇچى گەرچە ئۆزىنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىنى سېزەلمىسىمۇ، تاشقى جەھەتتىن ئىنتايىن نورمال كۆرۈلسىمۇ، لېكىن پۈتۈن بەدىنىنىڭ ئىمىنوت سېستىمىسى يەنىلا داۋاملىق ئەيدىز ۋىرۇسنىڭ ۋەيران قىلىشىغا ئۇچىرايدۇ.

ئاشكارە -ئاخىرقى مەزگىل

ئاخىرقى ئېمىنوت سېستىمىسىنىڭ ئىقتىدارى ئەڭ تۆۋەن چەكتىكى مۇداپىيەلىنىشنىمۇ تەمىنلىيەلمىگەندە، نورمال ئادەملاردە كېسەللىك پەيدا قىلالمايدىغان كۆپ خىلدىكى مىكرو جانلىقلار بىماردا شەرتلىك يۇقۇملىنىش پەيدا قىلىدۇ، مېڭە، ئۆپكە، ئاشقازان ئۈچەي يوللىرى ۋە باشقا ئورۇنلارنىڭ كېسەل تۈپەيلى ئۆزگۈرۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بەزى بىر قىسىم يامان خارەكتىرلىك ئۆسمىلەرمۇ بىمارنىڭ كېسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچى ئىنتايىن تۆۋەنلەپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن پەيدا بولغان. ئەيدىز بىمارىنىڭ كېسەللىك ئەھۋالى بولسا چۈنكى شەرتلىك يۇقۇملىنىشنىڭ يۈز بېرىپ يۇقۇملاندۇرىدىغان ئىچكى ئەزالار ۋە چىقىپ قالىدىغان ئۆسمىنىڭ ئورنى ئوخشاش بولمىغاچقا، كۆپ خىل شەكىلدە ئىپادىلىنىدۇ.

دائىم كۆرۈلىدىغان كېسەللىك ئالامەتلىرى تۆۋەندىكى بىر قانچە تەرەپتىن ئىپادىلىنىدۇ

1. ئادەتتىكى كېسەللىك ئالامىتى داۋاملىق قىززىش، ماغدۇرسىزلىنىش، سوغۇق تەرلەش، ئېغىرلىقى ئۈچ ئاي ئىچىدە %10 ، كۆپ بولغاندا %40 تۆۋەنلەش، بىمارنىڭ ئورۇقلىقى ئىنتايىن كۆرۈنەرلىك بولۇش.

2. نەپەسلىنىش سېستىمىسىنىڭ كېسەللىك ئالامىتى ئۇزاق مۇددەت يۆتىلىش، مەيدىسى ئاغرىش، نەپەسلىنىش قېيىن بولۇش، ئېغىر بولغاندا قان ئارلاش بەلغەم كېلىش ئەھۋاللىرى يۈز بېرىش.

3. ھەزىم قىلىش يولىنىڭ كېسەللىك ئالامىتى ئىشتاھاسى تۇتۇلۇش، كۆڭلى ئېلىشىش، قۇسۇش، ئىچى سۈرۈش، ئېغىر بولغاندا چوڭ تەرىتى قان ئارلاش كېلىش قاتارلىقلار. ھەمدە ئادەتتە ھەزىم قىلىش يوللىرىغا ئىشلىتىلىدىغان دورىلارمۇ بۇنداق ئىچى سۈرۈشكە كار قىلماسلىق.

4. ئۆسمىدىنمۇ كۆپ خىل يامان خارەكتىرلىك ئۆسمە پەيدا بولۇش، بەدەندىكى شۇ بەزى ئۆسمىلەردە قىزىل ياكى كۆك قىزىل بولغان ئەسۋە پەيدا بولۇش قاتارلىقلار. شۇڭا ئەيدىزنىڭ كېسەللىك ئالامىتى بولسا ئىنتايىن مۇرەككەپدۇر.

HIV تەكشۈرۈشى ئىختىيارى بولۇشى كېرەك ھەم كىشىلەرنى تەكشۈرتۈشنى قوبۇل قىلماسلىق ھوقۇقى نەزەرگە ئېلىنىشى لازىم. ساغلاملىق مۇلازىمىتى تەمىنلىگۈچى ئورۇنلار ۋە مەمۇرى تارماقلارنىڭ ياكى جۆرە ۋە ياكى ئائىلە ئەزالىرىنىڭ  مەجبۇرى ياكى زورلاپ تەكشۈرتۈشكە قىستىشى خاتا چۈنكى بۇ ياخشى ئاممىۋى ساغلاملىق مەشغۇلاتىنىڭ ئوبرازىنى خۇنۈكلەشتۈرىدۇ ۋە ئىنسان ھوقۇقلىرىغا دەخلى-تەرۇز قىلغانلىق بولىدۇ.

ئەيدىزHIV تەكشۈرۈشى تەكشۈرۈلگۈچى قېنىدا HIV ئانتىبودىلىرى (HIV ئاقسىللىرىغا قارشى ئاقسىللار) نىڭ بار-يوقلۇقىنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق HIV بىلەن يۇقۇملىنىش ئەھۋالىنى بېكىتىدۇ. ئانتىبودىلار بولسا كىشىلەرنىڭ ئىممۇنىت سىستىمىسى يات كېسەللىك كەلتۈرۈپ چىقارغۇچىغا قارشىلىق كۆرسىتىش ئۈچۈن ئىشلەپچىقىرىلىدۇ. كۆپىنچە كىشىلەرنىڭ «كۆزنەك مەزگىلى» بار بولۇپ، ئادەتتە 3 ھەپتىدىن 6 ھەپتىگىچە بولىدۇ، ھەم مۇشۇ ۋاقىتتا HIV قارشى ئانتىبودىلار ئىشلەپچىقىرىلىۋاتقان بولىدۇ ياكى تېخى تەكشۈرۈپ بىلگىلى بولغۇدەك مىقدارغا يەتمىگەن بولۇشى ئېھتىمالغا يېقىن.

يۇقۇملىنىشنىڭ ئەڭ دەسلەپكى باسقۇچلىرى باشقىلارنى ئەڭ يۇقۇملاندۇرىدىغان مەزگىل بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، بىراق يۇقۇملىنىش بارلىق باسقۇچلاردا يۈز بېرىشى مۇمكىن. ئەگەر بىراۋ يېقىندا HIV بىلەن ئۇچراشقان ئېھتىمالى بار بولۇپ قالسا، تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى جەزىملەشتۈرۈش ئۈچۈن 6 ھەپتىدىن كېيىن قايتا تەكشۈرتۈش زۆرۈر. بۇنداق بولغاندا شۇ كىشىنىڭ بەدىنىدا ئانتىبودىلار يېتەرلىك مىقدارغا يېتىشىگە ۋاقىت بېرىلگەن بولىدۇ.

ئۈچ ياكى ئۇنىڭدىن كۆپ خىل ۋىرۇسقا قارشى دورىلارنى بىرلەشتۈرۈپ ئىشلىتىش ئارقىلىق HIV نى ئاجىزلاشتۇرغىلى بولىدۇ. ۋىرۇسقا قارشى دورىلار HIV نى داۋالاپ ساقايتمايدۇ، ئەمما ۋىرۇسنىڭ يۇقۇملانغۇچى بەدىنىدە كۆپىيىشىنى كونتىرول قىلىش ئارقىلىق شۇ كىشىنىڭ ئىممۇنىت سىسىتمىسىنى كۈچەيتكىلى بولىدۇ ۋە باشقا يۇقۇملىنىشلارغا تاقابىل تۇرغىلى بولىدۇ. ۋىرۇسقا قارشى دورىلارنى ئىزچىل ئىشلىتىش ئارقىلىق ئەيدىز ۋىرۇسى HIV نى ئېلىپ يۈرگۈچىلەرمۇ ساغلام ۋە مول-ھوسۇللۇق ھايات كەچۈرەلەيدۇ.

 كۈتۈش ۋە داۋالاش

ئەيدىز بىمارلىرىغا بولغان كۈتۈش، غەمخورلۇق ۋە داۋلاش تۆۋەندىكىدەك تۆت تەرەپتىن بايان قىلىنىدۇ: 

1) كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى غەمخورلۇق ياكى كۈتۈش(ھالىدىن خەۋەر ئېلىش)

2) كۆپ كۆرۈلىدىغان ئالامەتلەرنى ئائىلىلەردە بىر تەرەپ قىلىش

3) پۇرسەتلىك يۇقۇملىنىشنى داۋالاش ۋە ۋىرۇسقا قارىشى داۋالاش(ART)

4) يۇقۇملانغۇچى ۋە ئۇلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالغۇچىلارغا بولغان پىسخىك ۋە روھى جەھەتتىكى غەمخورلۇق

كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى غەمخورلۇق ۋە كۈتۈش

ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش يالغۇز دوختۇرخانىلاردىكى داۋالاشلا ئەمەس، بەلكى ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ياردىمى، قوللىشى، روھىي جەھەتتىن مەدەت بېرىشى، شۇ كىشىنىڭ ئابرويىنى ساقلىشى، ھەرخىل ئاغرىق، قىزىش، ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش قاتارلىق ئادەتتىكى كېسەللىك ئالامەتلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىق نۇرغۇن تەرەپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ئۆزىنى كۈتۈشى ئۈچۈن:

● كۈندىلىك تازىلىققا ئەھمىيەت بېرىپ، تاماق ئېتىشتىن ياكى يىيىشتىن ئىلگىرى ۋە تەرەتتىن كېيىن قول يۇيۇش كېرەك. چۈنكى ئادەتتىكى ئۇششاق كېسەللىكلەرمۇ يۇقۇملانغۇچىلار ئۈچۈن يامان ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈشى مۇمكىن. شۇڭا ئامالنىڭ بارىچە ھەر خىل ئېھتىماللىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

● تاماقتىن كېيىن چىش چوتكىلاش، ئەگەر ئېغىزدا جاراھەت بولسا تۇز سۈيى ياكى لېمون سۈيى بىلەن چايقاش لازىم.

● ھەر خىل ئۇزۇقلۇقنىڭ تەڭپۇڭ بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. يېتەرلىك ئىقتىساد بولمىغاندا بۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئانچە ئاسان ئەمەس ئەلۋەتتە. بۇ توغرىسىدا تۆۋەندىكى «ئوزۇقلۇق» بۆلكىدە ئايرىم توختىلىمىز.

● يېمەكلىكنىڭ پاكىزە يۇيۇلغان، تولۇق پىشۇرۇلغان ۋە ياخشى ساقلانغان بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش لازىم. خام گۆش، خام دېڭىز مەھسۇلاتلىرى ۋە خام تۇخۇمنى يېيىشكە بولمايدۇ.

● قايناقسۇ ياكى قۇتىلىق مېنىرال سۇ ئىچىش كېرەك.

● ھاراق-تاماكىدىن ئۆزىنى تارتىش بولسا چەكلەش كېرەك. چۇنكى بۇلار بەدەننىڭ ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنى تۆۋەنلىتپ، يۇقۇملىنىش خەتىرىنى يۇقۇرلىتىۋېتىدۇ.

● ھەر قانداق زەھەرلىك چېكىملىكنى تاشلاش كېرەك. سەۋەبى يۇقىرقىغا ئوخشاش.

● ياخشى دەم ئېلىش، ئۆزىگە بولغان بېسىمنى ئامال بار يېنىكلىتىش لازىم.

● ئۈمىدۋار بولۇپ، چېنىقىشقا ئەھمىيەت بېرىش، دوسىتلىرى ۋە ئائىلە ئەزالىرىنىڭ كوللىكتىپ پائالىيەتلىرىگە كۆپرەك قاتنىشىش لازىم.

● كەيپىيات بۇزۇلۇپ قالغاندا ياكى خاپا بولۇپ قالغان ۋاقىتلىرىڭىزدا باشقىلارغا ئويلىغانلىرىڭىزنى دەپ بېرىڭ.

● دوختۇردىن باشقا كىشىلەرنىڭ بەرگەن دورىلىرىنى ئالدىراپ ئىشلەتمەسلىك كېرەك، چۈنكى يۇقۇملانغۇچىلارغا دورا تېخىمۇ ئاسان ئەكىس تەسىر بېرىدۇ.

● ئاغرىپ قالغاندا، ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنۈش، كېسەلنىڭ ئېغىرلاپ كېتىشىدىن ساقلىنىش كېرەك.

● ئەگەر تۇبېركۇليۇزدىن يۇقۇملانسا، ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنۈپ تەلتۈكۈس داۋالىنىش كېرەك. تۇبېركۇليۇز ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغۇچىلاردا كۆپرەك كۆرۈلىدۇ ۋە ئىممۇنىتېت سېستىمىسىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. تۇبېركۇليۇزدىن يۇقۇملانغۇچى بىلەن بىللە تۇرغۇچىمۇ دوختۇردىن مەسلىھەت سوراپ تەڭ داۋالىنىشى كېرەك.

ئائىلىدە يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالغۇچىلارغا:

●يۇقۇملانغۇچىلارنى كۈتۈشتىن بۇرۇن ۋە كېيىن قولنى پاكىزە يۇيۇش، ئوچۇق قالغان جاراھەتلەرگە رېزىنكە پەلەي ئىشلىتىش.

● يۇقۇملانغۇچى ئاسانلىقچە قورسىقى ئاچقانلىقىنى ھېس قىلمايدۇ. شۇڭلاشقا ئۇلارنى ئاز مىقداردا كۆپ قېتىم قەرەللىك ئوزۇقلاندۇرۇپ تۇرۇش كېرەك.

● تاماقنىڭ تولۇق پىشۇرۇلغان بولۇشىغا، سۇنىڭ قاينىتىلغان بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش لازىم.

● يۇقۇملانغۇچىلار تۇرغان جاينىڭ ھاۋاسىنىڭ ساپ بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش لازىم.

● ئۇلارنى ئىمكانىيەت بولسا ھەركەت قىلىشقا رىغبەتلەندۇرۇش، ئەگەر ئورنىدىن تۇرالمىسا كۈندە ھەر4-5 سائەتتە بىر قېتىم تېرىسىنى مايلاپ، كۆرپە يارىسى بولۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

● ھەر كۈنى بىر نەچچە قېتىم تۇز سۈيى ياكى لېمون سۈيى بىلەن ئېغىزنى چايقاپ بېرىش كېرەك.

● ئۇلارنىڭ كىيىملىرى ۋە يوتقان- كۆرپىلىرىنى پاكىز تۇتۇش كېرەك.

● زۆرۈر تېپىلغاندا قىزىل كرېستتىن، دوختۇرلاردىن ۋە دوستلىرىدىن ياردەم سورىسىمۇ بولىدۇ.

● يۇقۇملانغۇچىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالغۇچى بۇ جەرياندا ئۆزىنىڭ سالامەتلىكىگىمۇ دىققەت قىلىشى كېرەك. 

يۇقۇملانغۇچى چوقۇم ياخشى يېيىشى، بولۇپمۇ ئوزۇقلۇق قىممىتى مول يېمەكلىكلەرنى يىيىشى كېرەك. ئەگەر يۇقۇملانغۇچىنىڭ بەدىنىدە يېتەرلىك ئوزۇقلۇق ماددىلار بولسا، باشقا كېسەللەردىن ئاسان يۇقۇملانمايدۇ. شۇنداقلا سالامەتلىكى تېز ئەسلىگە كېلىدۇ. يۇقۇملانغۇچى ۋە ئۇنى كۈتكۈچى ئوزۇقلۇق ماددىلارنىڭ مۇھىملىقىنى تونۇپ يېتىشى لازىم.

● يۇقۇملانغۇچىلار يېتەرلىك ۋىتامىنغا موھتاج. بولۇپمۇ ۋىتامىن A،B6 ،B12 ،C ، تۆمۈر، سىنىك قاتارلىقلارنىڭ يۇقۇملىنشقا قارشى تۇرۇشقا ياردىمى بار(بۇ خىل ۋىتامىنلار سەي-كۆكتاتلار، مېۋە ۋە مېۋە شەربەتلىرىنىڭ تەركىۋىدە كۆپ بولىدۇ). ئىمكان بولسا بىرىكمە ۋىتامىن تابلېتكىسىنى ئىستىمال قىلىپ بەرسە، مىكرو ئېلمېنتلارنىڭ سۈمۈرۈلىشىگە ياردىمى بولىدۇ. شۇڭلاشقا يۇقۇملانغۇچىلار ئامال بار كۈنىگە تۆت ۋاق مېۋە-چىۋە ياكى كۆكتات يەپ بەرسە بولىدۇ.

● سۈتتىن ياسالغان يېمەكلىكلەرنىڭ تەركىۋىدىمۇ مول ئاقسىل، ۋىتامىن ۋە كالتسىي بار. شۇڭلاشقا يۇقۇملانغۇچىلار كۈنىگە كەم دىگەندە ئىككى قېتىم سۈت، قېتىق، قايماق، ئىرىمچىك ياكى قۇرۇت ئىستىمال قىلىپ بەرسە بولىدۇ.

● چوقۇم قايناقسۇ ياكى قۇتىلىق سۇ ئىچىش لازىم. چۈنكى تۇرۇبا سۈيى ۋە قۇدۇق سۈيى يۇقۇملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.

يۇقۇملانغۇچىلار كۆپ ۋاقىتلاردا كۆڭلى ئېلىشىدۇ ۋە قورسىقى ئاچقاننى ئانچە ھىس قىلمايدۇ. شۇڭا ئۇلار ئاز-ئازدىن كۆپ قېتىم تاماق يەپ بەرسە بولىدۇ. بۇ يۇقۇملانغۇچىنىڭ يېتەرلىك ئۇزۇقلۇققا ئېرىشىشىگە پايدىسى بار. زەنجىۋىللىك چاي ياكى باشقا مىللىي تىبابەتنىڭ دورىلىرى ئاشقازاننىڭ ھەزىم قىلىشى ۋە سۈمۈرۈشىگە ياردەمى بولىدۇ. مايلىق ۋە ئاچچىق يىمەكلىكلەرنى يېمەسلىك. پىششىق يېمەكلىكلەرنى ئوبدان ساقلاش، سوغۇق ساقلانمىغان ياكى پاكىزە بولمىغان يېمەكلىكلەرنى يېمەسلىك كېرەك.

گالدىن تاماق ئۆتمىگەندە ياكى كۆڭلى ئېلىشقاندا ۋە ياكى ئىچىۋاتقان دورا سەۋەبلىك تاماق غەلىتە تېتىغاندا، تاماق ۋاقتىدا كۆڭۈل ئېچىش، يەنى ئائىلىدىكىلەر ۋە دوستلىرى بىلەن تاماقتىن ئورتاق بەھىر ئېلىشمۇ يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ياخشى غىزالىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. كاللىدىكى ھەممە غەم- قايغۇنى ئۇنتۇپ، پەقەت ئۆزىنى ياخشى كۆرىدىغانلار بىلەن بىللە غىزادىن ھوزۇرلانغاندا، يۇقۇملانغۇچىنىڭ ئىشتىھاسىغا پايدىسى بولىدۇ. ئائىلىدە ئەيدىزدىن يۇقۇملانغۇچىلارنى ئايرىپ قويۇش ئۇلارغا جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن يامان تەسىر ئېلىپ كېلىدۇ.

كىشىلەرنىڭ HIV بىلەن يۇقۇملىنىش خەۋىپىنى ئاشۇرۋىتىدىغان خەۋىپ ئامىللىرى تۆۋەندىكىچە:

››› گاندۇم ئىشلەتمەي ئالدى ياكى كەينىدىن جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىش

››› سىفلىس، پېچەك كېسىلى، خلامىدىيە، سۆزنەك، باكتېرىيەلىك جىنسىي يول ياللۇغى قاتارلىق باشقا جىنسىي مۇناسىۋەتتىن يۇقىدىغا كېسەللەرنىڭ بىرەرىگە گېرىپتار بولۇش

››› زەھەر ئۇرغاندا يۇقۇملانغان شىپىرىش، يېڭنە ۋە باشقا ئوكۇل ئۇرىدىغان ئەسۋابلارنى ۋە دورا سۇيۇقلۇقىنى ئورتاق ئىشلىتىش

››› بىخەتەر بولمىغان ئوكۇل سېلىنىش، قان يۆتكەش، تېشىپ ئۆتۈش ياكى كېسىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان باكتىرىيەسىزلەنمىگەن مېدىتسىنا مەشغۇلاتلىرى بىلەن مەشغۇل بولۇش ۋە تەساددىپىي يېڭنە سانچىلىپ كېتىش ھادىسىلىرى قاتارلىقلار.

ئەيدىزنىڭ يۇقۇش يوللىرى تۆۋەندىكىدەك :

1. قان ئارقىلىق يۇقىدۇ.

2. جىنسىي ئالاقە ئارقىلىق يۇقىدۇ.

3. ئانىدىن بالىغا يۇقىدۇ.

بۇنىڭ ئىچىدە جىنسىي ئالاقە ئارقىلىق يۇقۇش ئاساسى يۇقۇش يولى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ چوڭ جەھەتتىن تۈرگە ئايرىش.

ئەيدىز جىنسىي ئالاقە، قان ۋە ئانىدىن بالىغا يۇقۇش يوللىرى ئارقىلىق تارقىلىدۇ.

ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار ۋە ئەيدىز بىمارلىرى بىلەن كۈندىلىك تۇرمۇش ۋە خىزمەت ئالاقىسى قىلغاندا ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانمايدۇ.

ئەيدىز بولسا نۆۋەتتە دۇنيا ئەللىرى ئورتاق دۇچ كەلگەن ساقايتىش مۇمكىن بولمايدىغان ئەڭ خەتەرلىك كىسەل. نۆۋەتتە بۇ كىسەل 1-2-دۇنيا ئۇرۇشىدىكى بالايى-قازادىنمۇ ئارتۇق بالايى-قازا ئېلىپ كەلگۈچى ئاپەت بۇلۇپ كىلىۋاتىدۇ،  پەقەت ئالدىنى ئېلىش ئۇسۇلى بۇيىچە ھازىرقى خىرىسقا تاقابىل تۇرۇپ كىلىۋاتقان بۇ كىسەلگە نىسبەتەن ئۇنىڭ يۇقۇش يۇلىنى بىلىش ۋە ئۇنىڭ زىيىنىنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەسىلىلىرى بۇيىچە خەلقىمىزنى تەربىيلەش ئىنتايىن مۇھىم بولۋاتىدۇ.

مىساللار:

1. ساتراچخانىدا چاچ - ساقال ياسىتىش

ئەگەر سىز دائىم سىرتتا ساتراچخانىدا چاچ - ساقال ياسىتىشقا ئادەتلەنگەن بولسىڭىز ، ناھايىتى دىققەت قىلىڭكى، ئەيدىز بەلكىم سىزنىڭ ئەتراپىڭىزدىلا بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى، تازىلىق - دېزېنفېكسىيە شارائىتلىرى ياخشى بولمىغان ساتراچخانىلاردا ياكى مەسئۇلىيەتچانلىقى تۆۋەن ساتراچ ئۇستام - شاگىرتلارنىڭ قولىدا چاچ - ساقال ياسىتىپ قالسىڭىز، ئەيدىز ۋىرۇسى ( HIV ) دىن يۇقۇملانغان كىشىگە سېلىنغان تىغ سىزگەسېلىنىپ، تېرىڭىز زەخىملىنىپ قالسا سىزنىڭ ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىش مۇمكىنچىلىكىڭىز %0.5 - %0.3 بولىدۇ.

2. چىش تارتقۇزۇش - سالدۇرۇش، بەدەنگە خەت - رەسىم چەكتۈرۈش-

ئەگەر سىز ئۆلچەملەشمىگەن، تازىلىق - دېزېنفېكسىيە شارائىتى ياخشى بولمىغان چىشخانىلار چىش تارتقۇزۇپ ياكى سالدۇرسىڭىز، بەدەنگە خەت - رەسىم چېكىش ئورۇنلىرىدا خەت - رەسىم چەكتۈرسىڭىز، ئۈسكىنە - ئەسۋابلارنىڭ دېزېنفېكىسىيىسى ياخشى بولمىسا، بۇ ئۈسكىنىلەر ئارقىلىق توقۇلمىلىرىڭىز زەخىملەنسە ياكى قاناش كۆرۈلسە، ئوخشاشلا ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىش مۇمكىنچىلىكىڭىز %0.5 - %0.3 بولىدۇ.

3. ساقال ئالغۇنى ئورتاق ئىشلىتىش

مەكتەپلەردە ، ھەربىي - ئوفېسترلاردا ئومۇمەن ئايرىم تۇرماي بىر قانچە ئەركەك بىرگە تۇرىدىغان شارائىت ئاستىدا بەزى كىشىلەردە ساقالئالغۇنى ئورتاق ئىشلىتىدىغان ناچار ئادەت بار. ئەگەر سىزمۇ ساقالئالغۇنى باشقىلار بىلەن ئورتاق ئىشلەتسىڭىز، ئەگەر ئەيدىز ۋىرۇسى ( HIV ) دىن يۇقۇملانغان كىشى ئىشلەتكەن ساقالئالغۇنى دېزېنفېكسىيە قىلماي تۇرۇپ سىز ئىشلەتسىڭىز ۋە يۈزىڭىزدە كىچىك بولسىمۇ قاناش كۆرۈلسە ، ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىش مۇمكىنچىلىكىڭىز %0.5 - %0.3 بولىدۇ.

4. چىش چوتكىسىنى ئورتاق ئىشلىتىش

مېنىڭچە چىش چوتكىسىنى ئورتاق ئىشلىتىدىغان كىشىلەر ناھايىتى ئاز بولۇشى مۇمكىن. قانداقلا بولمىسۇن ئەگەر سىز باشقىلار ئىشلەتكەن چىش چوتكىسىنى ئىشلەتسىڭىز، ئەگەر چىش چوتكىسىنى سىزدىن ئاۋال ئەيدىزدىن يۇقۇملانغۇچى ئىشلىتىپ، ئارقىدىن سىز ئىشلەتسىڭىز، چىش توقۇلمىلىرىڭىز زەخىملەنسە،  ئوخشاشلا ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىش مۇمكىنچىلىكىڭىز %0.5 - %0.3 بولىدۇ..

5. يارىدارلارنى قۇتقۇزۇش

قۇتقازغۇچىنىڭ تېنىدە زەخىمە ئېغىزى ياكى قانىغان جاي بولسا، يارىلانغۇچىنى ( يارىلانغۇچى ئەيدىز يۇقۇمدرى بولسا ) جىددىي قۇتقۇزۇش جەريانىدا ، ئېھتىياتسىزلىقتىن يارىلانغۇچىنىڭ قېنى قۇتقۇزغۇچىنىڭ زەخىمە ئېغىزى ياكى قانىغان جايى بىلەن ئۇچراشسا، قۇتقازغۇچىمۇ ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىپ قېلىشى مۇمكىن.

6. قان ۋە قان ياسالمىلىرىنى قوبۇل قىلىش

تېببىي داۋالاش تېخنىكىسىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، قان سېلىپ داۋالاش بارغانسېرى كەڭ قوللىنىلماقتا. سانسىزلىغان بىمارلار بۇ خىل داۋالاش ئارقىلىق كېسەللىك ئاسارىتىدىن قۇتۇلۇپ، ئۆلۈم گىرداۋىدىن خالاس بولماقتا. ئەمما، سېلىنماقچى بولغان قان ئەيدىز ۋىرۇسى ( HIV ) دىن يۇقۇملانغان بولىدىكەن، ئۇ ھالدا بۇ خىل قاننى قوبۇل قىلغۇچىنىڭ ئەيدىزنىڭ يۇقۇملىنىش نىسبىتى %100 بولىدۇ.

ماتېرىياللاردا قەيىت قىلىنىشىچە، ئامېرىكىدىكى قان تەقدىم قىلغۇچىلارنىڭ %6 تى ئەيدىز ۋىرۇسى ( HIV ) دىن يۇقۇملانغۇچىلار ئىكەن. فىرانسىيىدە بىر قان ئىسكىلاتىنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسى ( HIV ) دىن بۇلغانغانلىقى سەۋەبلىك نەچچە مىڭ ساغلام كىشى ئەيدىزدىن يۇقۇملانغان ئىكەن.

ئېلىمىزدىمۇ قان تەقدىم قىلىش - قان سېلىش ئىشلىرىنى باشقۇرۇش جەھەتتە بىر قاتار ئىلگىرىلەشلەر قولغا كەلتۈرىلىۋاتىدۇ. ئەگەر قان تەقدىم قىلغۇچى ئەيدىز ۋىرۇسى ( HIV ) دىن يۇقۇملىنىپ، كۆزنەك دەۋرىدە قان تەقدىم قىلغان بولسا، بۇ خىل تەقدىم قىلغۇچىنىڭ قېنىنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسى ( HIV ) دىن يۇقۇملانغان ياكى يۇقۇملانمىغانلىقىنى بېكىتكىلى بولمايدۇ. بۇندىن باشقا، ئەيدىز ۋىرۇسى ( HIV ) ئانتېگىنىنى تەكشۈرۈش ئاپپاراتلىرى مۇرەككەپ، تەكشۈرۈش تەننەرقى يۇقىرى بولۇشى سەۋەبلىك ھەممىلا قان تەقدىم قىلغۇچىغا قارىتا ئەيدىز ۋىرۇسى ( HIV ) ئانتېگىنىنى تەكشۈرۈش يولغا قويۇلۇپ كېتەلمەيۋاتىدۇ. شۇڭا، بىز بۇ يەردە مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنىڭ تەقدىم قىلىنغان قان تەركىبىدىكى ئەيدىز ۋىرۇسى ( HIV ) ئانتېگىنىنى تەكشۈرۈش سالمىقىنى كۈچەيتىشنى كۈچلۈك تەشەببۇس قىلىمىز. قان ۋە قان ياسالمىلىرىنى ئىشلىتىش داۋامىدىمۇ يۈكسەك دەرىجىدە ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئىش كۆرۈش زۆرۈر.

7. داۋالاش ئەسلىھە - ئۈسكىنىلىرى پاكىز بولماسلىق

دوختۇرخانىلاردا داۋالاش - داۋالىنىش جەريانىدا ئەگەر يىڭنە، پىچاققا ئوخشاش ئوپېراتسىيە ئۈسكۈنىلىرىنىڭ دېزېنفېكسىيىسى ياخشى ئىشلەنمىسە، دوختۇرخانىلاردا ئۆلچەملىك مەشغۇلات قىلىش قاتتىق ئىجرا قىلىنمىسا، داۋالاشتىكى ئېھتىياتسىزلىق ۋە دېزېنفېكسىينىڭ ۋاقتىدا، ياخشى بولماسلىقى سەۋەبلىك داۋالاش خادىملىرى ياكى بىمارلارنىڭ ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىپ قېلىش ھادىسىلىرى سادىر بولىدۇ. ئەيدىز ۋىرۇسى ( HIV ) دىن يۇقۇملانغان يىڭنىنىڭ بىرلا قېتىم بەدەنگە كىرىپ كېتىشى بىلەن ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىش مۇمكىنچىلىكى %0.3 بولىدۇ.

8. جىنسىي ئالاقە

ئەيدىزدىن يۇقۇملانغان ئەرنىڭ ئىسپىرمىسى ۋە ئەيدىزدىن يۇقۇملانغان ئايالنىڭ بالىياتقۇ - جىنسىي يول ئاجرالمىلىرىدا كۆپ مىقداردا ئەيدىز ۋىرۇسى ( HIV ) بولغان بولىدۇ. ئالدى تەرەپ ۋە كەينى تەرەپتىن قىلىنغان جىنسىي ئالاقىلەرنىڭ ھەممىسىدە ئەيدىزنىڭ يۇقۇش مۇمكىنچىلىكى يۇقىرى بولىدۇ. ستاتىستىكىلىق ماتېرىياللارغا كۆرە، دۇنيا بويىچە ئەيدىزدىن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ %80 - %70 تى جىنسىي ئالاقە ئارقىلىق ئەيدىزدىن يۇقۇملانغان بولۇپ، بۇ تۈردىكى يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ئىچىدە يات جىنىستىكىلەر بىلەن جىنسىي ئالاقە قىلىپ يۇقۇملانغانلار %70 نى، ئەرلەرنىڭ ئۆز جىنسىدىكىلەر بىلەن جىنسىي ئالاقە قىلىشىدىن ( بەچچىۋازلىق ) يۇقۇملانغانلار % 10 نى ئىگىلەيدىكەن.

9. ئېغىز ئارقىلىق جىنسىي ئالاقە قىلىش

بىر تەرەپنىڭ ئېغىز بوشلۇقىدا زەخىملىنىش ياكى چىش تۈۋى ياللۇغى بار بولسا، يەنە بىر تەرەپنىڭ جىنسىي ئەزاسىدا  قاپارتما، زەخىمە بولسا، ياكى قارشى تەرەپنىڭ چىشى بىلەن سۈرۈلۈپ زەخىملەنسە، ھەر ئىككى خىل ئەھۋالدا ئوخشاشلا ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىش كېلىپ چىقىدۇ.

دۇنيادىكى تارقىلىش ئەھۋالى

دۇنيادىكى1. ئافرىقا نۇپۇسى دۇنيا نۇپۇسىنىڭ تەخمىنەن ئوندىن بىرىنى ئىگەللەيدۇ. بىراق 2003-يىلىدىكى سانلىق مەلۇماتتا ئافرىقىدىكى ئەيدىزنىڭ ئەھۋالى دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتارىدا بۇلۇپ، %65 ئەيدىز بىمارى ئافرىقىدا ئىكەن. (2003-يىلىدىكى دۇنيا ئەيدىز بىمارى ۋە يۇقۇملانغۇچىنىڭ ئۇمۇمىي سانى 26 مىليۇن 600 مىڭ ئادەم).

2. ئاسيا ئەيدىز كىسىلىنىڭ تارقىلىشى بۇيىچە  ئىنتايىن تېز ھالەتتە  بۇلۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ھىندىستان ئىنتايىن خەتەرلىك، ئۇندىن باشقا ئوتتۇرا ئاسيا ۋە شەرقى ياۋرۇپادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەرتارقىلىش سۈرئىتى تىز دۆلەتلەر بۇلۇپ قالدى.

جۇڭگۇدىكى تارقىلىش ئەھۋالى

جۇڭگۇدىكى تارقىلىشى جۇڭگۇدىكى ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغۇچى ۋە كىسەل 700 مىڭ ئەتراپىدا بۇلۇپ بۇنىڭ ئىچىدە ئەيدىز كىسىلى بىلەن يۇقۇملانغىنىنى بىلمەي يۈرگىنى 440 مىڭ ئەتراپىدا ئىكەن. (سەھىيە ئورگىنىنىڭ ئاشكارىلىغىنى ) بۇ كىسەلنىڭ تارقىلىش سۈرئىتى ئىنتايىن تىز بۇلۇپ (يەنە بىر دوكلاتتا ئەيدىز بىمارى 450 مىڭ ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغۇچى تەخمىنەن 1 مىليۇن. بۇ بەلكىم ئەڭ يېقىنقى سانلىق مەلۇمات بولسا كىرەك.)

  تارقىلىش سۈرئىتى قاپلىنىش دائىرىسى بۇيىچە بۇ كىسەلنىڭ %80 تى ئالدىنقى قاتاردىكى 6ئۆلكە ۋە ئاپتۇنۇم رايۇنغا تارقالغان بۇلۇپ، بۇ ئالتە رايۇندىكى سان پۈتۈن مەملىكەتنىڭ زور كۆپ قىسمىنى ئۈز ئىچىگە ئالىدىكەن.

بۇلار يۈننەن، خېنەن، گۇاڭشى، شىنجاڭ، گۇاڭدوڭ، سىچۈەن قاتارلىقلار ئىكەن.

 دۆلىتىمىزدە 1985-يىلى ئەيدىز كىسىلى بايقالغاندىن تارتىپ، 1998-يىلى 6-ئايغىچە 10676ئادەمگە يەتكەن. ھازىر بۇ كىسەل دۆلىتىمىزنىڭ ھەممە ئۇرۇننى قاپلاپ بولدى.

يۇقارقى سىتاستىكىنى كۈزەتسەك، گەرچە بۇ كىسەل دەسلىپىدە تەرەققىي قىلغان رايۇندا باشلانغاندەك قىلىسىمۇ، بىراق ھازىر ئۇ رايۇندىكى ئەيدىز كىسىلىنىڭ تارقىلىش سۈرئىتى ئاستىلاپ كۇنتىرۇل قىلىش ھالىتىدە بۇلىۋاتقان، بىراق تەرەققىي قىلىۋاتقان رايۇنلاردىكى تارقىلىش سۈرئىتى بەكلا تىز، كىشىنى قۇرقۇتقىدەك دەرىجىدە يامراپ كىتىۋاتىدۇ. (مەسلەن: جۇڭگۇنىڭ غەربىي رايۇنىدا بۇ كىسەلنىڭ تارقىلىش سۈرئىتى بەك تىز )

شىنجاڭدىكى ئەيدىز كېسەللىك ئەھۋالى

شىنجاڭدىكى       شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى بولسا مەملىكىتىمىزدىكى ئەيدىز كېسىلىنىڭ تارقىلىشى ئەڭ ئېغىر بولغان ئۆلكىلەرنىڭ بىرى، 1995-يىلى تۇنجى ئەيدىز بىمارى دوكىلات قىلىنغاندىن بېرى، كېسەللىكنىڭ تارقىلىشى تېز بولدى. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىدا كېسەللىكنىڭ تارقىلىش ئالاھىدىلىكى تۆۋەندىكىچە: 1. يۇقۇملانغۇچىلار 20~39 ياشقىچە بولغانلارنى ئاساس قىلغان.2. ئىشپىرىسنى ئورتاق ئىشلىتىپ زەھەر چەككۈچىلەردە كۆپ كۆرۈلگەن، بىراق يېقىنقى مەزگىلدىكى تارقىلىش يۈزلىنىشدىن قارىغاندا جىنسىي مۇناسىۋەت ئارقىلىق تارقىلىش سۈرئىتى تېز ئۆرلىگەن.3. يۇقۇملانغۇچىلار ئىچىدە ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ نىسبىتى يۇقىرى بولغان، مەدەنىيەت سەۋىيەسى تۆۋەن بولغانلار يۇقۇرى نىسبەتنى ئېگەللىگەن. 4. ئادەتتە ئىقتىسادىي ئەھۋالى تۆۋەن بولغان ئائىلىلەر ئەيدىز كېسىلىنىڭ تەسىرىگە ئۇچىرىغان. 5. يۇقۇملانغۇچىلار ئاساسلىقى غۇلجا شەھىرى، ئۈرۈمچى شەھىرى قاتارلىق بىرقانچە چوڭ شەھەرلەرگە مەركەزلەشكەن. 

2011-يىلى 11-ئاينىڭ 30-كۈنى مۇخبىرنىڭ ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق سەھىيە نازارىتىدىن ئېگەللىشىچە، 2011-يىلى 9-ئاي ئاخىرىغىچە ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزدا جەمئىي دوكىلات قىلىنغان ئەيدىز بىمارلىرى ۋە يۇقۇملانغۇچىلار 35398 نەپەر بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە بىمار 6897 نەپەر، ئۆلگىنى4777 نەپەر. مۆلچەرگە ئاساسلانغاندا ئاپتۇنۇم رايۇن بويىچە يۇقۇملانغانلار سانى 6 تۈمەن (60000) گە يېتىدۇ. كېسەللىك 14 ۋىلايەت (ئوبلاست) نىڭ 94 ناھىيە (شەھەر، رايۇن) لىرىغا تارقالغان، بۇنىڭ ئىچىدە ئىلى ئوبلاستى، ئۈرۈمچى شەھىرى، ئاقسۇ ۋىلايىتى، قەشقەر ۋىلايىتى، خوتەن ۋىلايىتى ۋە تۇرپان ۋىلايەتلىرىدىكى ئەيدىز بىمارلىرى ۋە يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ئومۇمى سانى ئاپتۇنۇم رايۇن بويىچە يۇقۇملانغانلار ئومۇمى سانىنىڭ %91 نى ئىگەللەيدۇ، تارقىلىش ئۇسۇلىدا جىنسىي مۇناسىۋەت ئارقىلىق تارقىلىش ۋە ئىشپىرىسنى ئورتاق ئىشلىتىپ زەھەر چېكىش ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ. 

1. ئالدىنى ئېلىش تەدبىرى، تەشۋىق تەربىيە ئاجىز، تۇنۇش يىتەرلىك بولماسلىق.

نۇرغۇن كىشىلەر بۇ كىسەلنىڭ قانداق يۇل ۋە ئۇسۇللاردا تارقىلىدىغانلىقىنى، بۇ كىسەلنىڭ نىمىلىكىنى ھەتتا قانداق خەۋپى ۋە زىيىنىنىڭ بارلىقىنى، يۇقۇش خەۋپى قاتارلىق نۇرغۇن تەرەپلەرنى بىلمەيدۇ، ھەتتا ئۈز تۇغۇلغان يۇرتىدىكى ئاساسىي ئەھۋالدىنمۇ بىخەۋەر .

2. بۇ رايۇنلاردىكى نۇرغۇن جايلار قەدىمدە مەدەنىيەت ئاساسىي كۈچلۈك، ئەخلاقى جەھەتتىن ياخشى دەپ قارالغان رايۇنلار بولسىمۇ، بىراق تەرەققىيات ۋە نۇرغۇن ئامىللار تەسىرىدە ئەخلاق چىكىنىش ھالىتىدە تۇرىۋاتقان بولغاچ، كىسەل بۇ يۇچۇق ناھايىتى تىزلا تارقىلىش ئاساسىغا ئايلىنىپ قالغان. شۇڭا ئەخلاق ۋە كىملىك ئەمدى قانداق قىلىش مەسىلىلىرىنى ئۇيلىنىش تەقەززا قىلىۋاتقان يىرىك تىما بۇلۇپ قالدى.

3. داۋالىنىش شارائىتى يىتەرسىز، كۈرسىتىش تەدبىرى مۇكەممەل ئەمەس، ساپا يىتەرلىك ئەمەس.

  نۇرغۇنلار بۇ كىسەلنىڭ قانداق ئالامەتلىرى بارلىقىنى بىلمەسلىكى بىلەن كىسەلنىڭ يۇشۇرۇن مەزگىلىدە بايقالغان ئالامەتلەرنى باشقا كىسەل بولغان ئۇخشايمەن دەپ قارايدۇ. ئاخىرى پەقەت ئامال بولمىغاندا ئاندىن تەكشۈرىدۇ ۋە بىراقلا ئۇتتۇرىغا چىقىدۇ. بۇ چاغدا ئۇ ئاللىقاچان بىر تارقاتقۇچى بۇلۇپ بولغان، بۇ ۋەزىپىنى ئىنتايىن ياخشى ئۇرۇنداپ بولغان بۇلىدۇ. داۋالىنىش شارائىتى يىتەرلىك ئەمەس بۇلۇپ، نۇرغۇن كونتىرۇل قىلىش، ئالدىنى ئېلىش ئوكۇل ۋە دورىلار يۇقۇملانغۇچى ۋە تارقاتقۇچىلارغا يەتكۈزۈپ بىرىلمىگەن.

بۇنداق بۇلۇشتا يۇقۇملانغۇچىنىڭ ئېڭى ۋە دورا-ئۇكۇللارنى تارقاتقۇچىنىڭ مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنىڭ تۈۋەنلىكى ئىنتايىن مۇھىم سەۋەپ بۇلۇپ قېلىۋاتىدۇ.

4. نورغۇن كىشىلىرىمىز ئەيدىز ئەخلاقسىز، ھاياسىزلارنىڭ قالايمىقان ناچار قىلمىشلار بىلەن شۇغۇللانغانلىقى سەۋەبىدىن يۇقىدۇ ۋە تارقىلىدۇ، بىز ناچار قىلمىشلار بىلەن شۇغۇللانمىساق بىزگە يۇقمايدۇ  دەپلا ئۇيلايدۇ.

بىراق ئۇيلاڭ، سىز ھازىر ئەتراپىڭىزدا نۇرغۇن ئەيدىز بىمارى بىلەن ئۇرتاق تۇرمۇش كەچۈرىۋاتىسىز. سىز ئۇلارنىڭ قايسىسىنىڭ ئەيدىز، قايسىسىنىڭ ئەيدىز ئەمەسلىكىنى ئەلبەتتە بىلمەيسىز. باشقا كىسەل بولسا ئۇ مەن ئۈپكە كىسىلى ياكى رىماتىزىم دەپ ئۇچۇق دىيىشى مۇمكىن. بىراق بۇ كىسەل بولغۇچى  ئۇياتلىق ھىسابلايدىغان بۇ خىل كىسەلنىڭ ئەھۋالىنى سىزگە ئۇچۇق ئېيتماسلىقى تۇرغانلا گەپ.

شۇنداق تۇرسا بۇ كىسەلنىڭ يەنە باشقا شەكىل ۋە يوللاردا،   مەسىلەن: ساتىراچخانا، قان تەقدىم قىلىش، قان ئېلىش ئورۇنلىرى ... قاتارلىقلاردا تارقىلىش ئىھتىمالى كۈچلۈك تۇرسا،  سىز ئۇنداق ئۇرۇنغا بارمايمەن دىيەلەمسىز؟

5. يۇقۇملانغۇچىنىڭ ئۆچ ئېلىش قارا نىيىتى.

بەزى يۇقۇملانغۇچىلار تۈرلۈك ئازدۇرۇش ۋە بىر قېتىملىق خاتالىق سەۋەبلىك بۇ خىل كىسەلگە گىرىپتار بۇلۇپ قېلىۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ ساپاسىنىڭ تۈۋەنلىرى  كىسەل بولغىنىنى بىلگەن ھامان قاتتىق ئازابلىنىدۇ-دە،  ئۇخشاش ئۇسۇل بىلەن باشقىلارغا يۇقتۇرۇش ئارقىلىق تەڭ تۈگىشىش ياكى ئۈچ ئېلىش پىسخىكىسى پەيدا بۇلۇپ قالىدۇ. ھالبۇكى بۇنداق پىسخىكىنى ئۈگەرتىشكە ئۇرۇنۇپ كۈرىدىغان پىسخىكا مەسلىھەتچىلىك ئورۇنلىرى ياكى شۇ قاتاردىكىلەر بۇ مەسئۇلىيەتتىن يىراق.

مۇلاھىزە

شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادىمىيىسى تەتقىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن تەتقىقاتچىسى تۇرغۇنجان(吐尔文江)نىڭ دېيىشىچە: تۈپ سەۋەپ يەنىلا ئەيدىز بىمارلىرى ۋە يۇقۇملانغۇچىلارنى كەمسىتىشتىن ئىبارەت بولۇپ، جەمىيەتنىڭ ئەيدىز بىمارلىرى ۋە يۇقۇملانغۇچىلارنى كەمسىتىشىنىڭ ناھايىتى چوڭقۇر ئىجتىمائىي ئارقا كۆرۈنۈشى مەۋجۇت. گەرچە دۆلەت ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا يىلمۇ-يىل مەبلەغنى كۆپەيتىپ سېلىپ، ئالدىنى ئېلىش تەشۋىقاتنى كۈچەيتكەن بىلەنمۇ، نۇرغۇن ئاممىنىڭ ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا بولغان تۇنۇشى يەنىلا تۆۋەن بولماقتا.

كەمسىتىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، نۇرغۇن ئەيدىز بىمارلىرى ۋە يۇقۇملانغۇچىلار كېسەللىك ئەھۋالىنى يۇشۇرىدۇ. بىر ئائىلىدە ياشىغان ئانا ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغۇچى بولغان بولسا ئۇ ئائىلىسدىكىلەردىن كېسەللىك ئەھۋالىنى يۇشۇرىدۇ، ناۋادا ئائىلىسىدىكىلەر بىلىپ قالسىلا مەقسەتلىك ھالدا ئۇنىڭدىن يىراقلىشىشقا باشلايدۇ، ئۇنى ئائىلىدە يالغۇز قويىدۇ، بۇنداق بىمارنىڭ ياكى يۇقۇملانغۇچىنىڭ دەردى تولۇپ تاشقىچە بولسىمۇ ھىچكىمگە دىيەلمەيدۇ، ھەتتا بەرداشلىق بېرىپ روھى جەھەتتىن تەلۋىلىشىپ بەزىلىرى ئۆلۈۋېلىشنى ئويلىشىدۇ.    كەمسىتىلىش ـــ نۇرغۇن ئەيدىز بىمارلىرى ۋە يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ بېشىدىكى قىلىچقا ئايلىنىپ، ئۇلارنىڭ يۈرىكىنى بىر-بىرلەپ چاناپ داغلىماقتا... شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش رەھبەرلىك گورۇپپا ئىشخانىسىنىڭ خىزمەتچى خادىملىرىنىڭ دېيىشىچە، نۆۋەتتە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزدىكى ئەيدىز كېسىلىنىڭ تارقىلىش يۆلىنىشىدە تۆۋەندىكىدەك ئالاھىدىلىك بۇلۇپ، كېسەللىك ئەھۋالى يەنىلا نىسبەتەن يۇقۇرى ھالەتنى ساقلىغان بولۇپ، يۇقۇرى ئۆرلەش سۈرئىتىدە ئازراق ئاستىلاش بولغان؛ تۇمۇردىن ئوكۇل قىلىپ زەھەر چېكىدىغانلارنىڭ يۇقۇملىنىش نىسبىتىدە تۆۋەنلەش بولۇپ، جىنسىي مۇناسىۋەت ئارقىلىق يۇقۇملىنىش ئاساسلىق يۇقۇملىنىش يولى بولۇپ قالغان؛ يۇقۇملىنىش يۆلىنىشىدە خەتەرلىك كىشىلەر توپىدىن ئادەتتىكى كىشىلەر توپىغا قاراپ يامرىغان بولۇپ، جەمىيەتتە بۇ ئەھۋال ئاللاقاچان نامايەن بولغان، ئالدىنى ئېلىش-كونترۇل قىلىش ۋەزىيىتى ناھايىتى كەسكىن بولۋاتىدۇ.

ئالدىنى ئىلىشمەملىكەت ئىچىدىكى ھەرقايسى چوڭ دوختۇرخانا، سەھىيە  ئالدىنى ئېلىش پونكىتلىرى، جىنسىي كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئورگانلىرىنىڭ ھەممىسى ئادەتتە ئەيدىز ۋىروسىنى تەكشۈرۈپ بايقاش شارائىتى ۋە سالايىھىتىگە ئىگە بولغان بولىدۇ. شۇڭا، سىز ئۆزىڭىزنى يۇقىرىقىدەك ئورۇنلاردا تەكشۈرتىڭ. ھەرگىزمۇ << يالاڭئاياق دوختۇر >> لارغا كۆرۈنۈپ داۋالانماڭ. ئەگەر لابوراتورىيىلىك تەكشۈرۈش نەتىجىسى مۇسبەت چىقسا، بۇ سىزنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقىڭىزنى ۋە سىزنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسىنى ئېلىپ يۈرگۈچى ئىكەنلىكىڭىزنىئسپاتلايدۇ. ئەمما، تېخى سىزنى ئەيدىز كېسەللىكى بىمارى دېيىشكە بولمايدۇ.

     ئەيدىز كېسەللىكىنىڭ يۇشۇرۇن دەۋرى ناھايىتى ئۇزۇن بولۇپ، ئادەتتە 8 -5 يىلغىچە بولىدۇ. بەزىدە 10 يىلدىنمۇ ئېشىپ كېتىدۇ. ئەيدىز كېسەللىكى ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ھەممىسى ئەيدىز ئاتلىق كېسەللىك يالماۋۇز تەرىپىدىن زىيانلانغۇچىلار بولۇپ، ئەتراپتىكىكىشىلەر ئۇلارغا كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە مىھرى - مۇھەببەت بېرىپ ئاسرىشى كېرەك. بۇ خىل كشىلەرنى كەمسىتىپ خورلاشقا قەتئىي بولمايدۇ.

      سىز ئەيدىز كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ساۋاتلىرىنى بىلسىڭىز، بىلىدىغانلىرىڭىزنىئۆپ - چۆرىڭىزدىكى دوست -بۇرادەر، ئەلۇ - قاياشلىرىڭىزغا سۆزلەپ بېرىڭ.

ساۋات

1. ئەيىدىز كېسەللىكى بولسا ئۆلۈش نىسبىتى ناھايىتى يۇقىرى بولغان، ئۆتكۈر يۇقۇچان بىر خىل كېسەللىك. نۆۋەتتە بۇ خىل كېسەللىكنى داۋالاپ ساقايتىدىغان دورا ۋە داۋالاش ئۇسۇلى يوق. ئەمما ئەيدىز كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

2. ئەيدىز كېسەللىكى ۋىرۇسى ئاساسلىقى يۇقۇملانغۇچىنىڭ قېنى، ئسپىرمىسى، جىنسىي يول ئاجراتمىسى، سۈتى قاتارلىقلاردا مەۋجۇد بولىدۇ. شۇڭا، ئەيدىز كېسەللىكى ۋىرۇسى << جىنسىي ئۇچرىشىش، قان، ئانا - بوۋاق >>دىن ئىبارەت  3 خىل يول ئارقىلىق يۇقىدۇ. زور كۆپ ساندىكى يۇقۇملانغۇچىلار بارا - بارا تەرەققىيقىلىپ، 10- 5 يىل ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن ئەيدىز كېسەللىكى بىمارىغا ئايلىنىدۇ. ئادەتتە كېسەللىك قوزغىلىپ، 3 - 2 يىلدىن كېيىن ئۆلۈپ كېتىدۇ.  

3. ئەيدىز كېسەللىكى بىمارى ۋە ئەيدىز كېسەللىكى ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغۇچىلار بىلەن كۈندىلىك ئۇچرىشىش، بىرلىكتە خىزمەت قىلىش ( قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈش، قۇچاقلىشىش، بىرلىكتە غىزالىنىش، قاچا - قۇچىلارنى، ئىشخانا بويۇملىرىنى ئورتاق ئىشلىتىش ) تۈپەيلى ئەيدىز كېسەللىكى يۇقمايدۇ. ئەيدىز كېسەللىكى تەرەت قاچىسى، تېلفون، قاچا - قۇچا، يوتقان - كۆرپە، سۇ ئۈزۈش كۆلچىكى، مۇنچىخانا قاتارلىق ئاممىۋىي ۋاسىتىلەر ۋە سورۇنلار ئارقىلىق تارقالمايدۇ. يۆتىلىش، چۈشكۈرۈش، چىۋىن - پاشىلار چېقىش قاتارلىق يوللار ئارقىلىقمۇ يۇقمايدۇ.

4. پاك - دىيانەتلىك، ئىپپەت - نۇمۇسلۇق بولۇپ، جىنسىي ئەخلاققا ياخشى رىئايە قىلغاندا، جىنسىي ئۇچرىشىش ئارقىلىق يۇقىدىغان ئەيدىز كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى تولۇق ئالغىلى بولىدۇ.

5. ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش قاپچۇقىنى توغرا ئىشلەتكەندە، ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش ئۈنۈمىگە ئېرىشىپلا قالماستىن، يەنە ئەيدىز كېسەللىكىدىن يۇقۇملىنىش مۇمكىنچىلىكىنى تۆۋەنلەتكىلى ۋە جىنسىي كېسەللىكلەرنىڭ خەۋىپىنى كېمەيتكىلى بولىدۇ.

6. جىنسىي كېسەللىكلەرنى بالدۇر داۋالاپ ساقايتقاندا، ئەيدىز كېسەللىكىنىڭ خەۋىپىنى كېمەيتكىلى بولىدۇ. رەسمىي دوختۇرخانىلار ھەقىقىي تۈردە خۇسۇسىي مەخپىيەتلىكىڭىزنى قاتتىق ساقلىغان ئاساستا، تەكشۈرۈپ دىئاگنوز قويۇش، داۋالاش ۋە مەسلىھەت بېرىش قاتارلىقمۇلازىمەتلەر بىلەن تەمىن ئېتىدۇ. زۆرۈز بولغاندا، ئۆزىڭىز تۇرۇشلۇق جايدىكى جىنسىي كېسەللىكلەر ۋە ئەيدىز كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قىزىق لىنىيىلىك تېلفونلىرىغا تېلفون قىلىپ مەسلىھەت سورىسىڭىز بولىدۇ.

7. شىپىرسنى ئورتاق ئىشلىپ، زەھەر چېكىش بولسا ئەيدىز كېسەللىكىنىڭ ئاساسلىق تارقىلىش يوللىرىدىن بىرى. شۇڭا، زەھەر چېكىشكە قارشى تۇرۇپ، ھاياتلىقنى قەدىرلەش لازىم.

8. زۆرۈر بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا ، قان سالدۇرماسلىق ، ئوكۇل ئۇرغۇزماسلىق ، يۇقىرى ئۆلچەمدە دېزىنفېكسىيە قىلىنمىغان ئەسۋاپ-ئۈسكىنىلەر بىلەن چىش تارتقۇزماسلىق ۋە چىشنى ئىسكەتلەتمەسلىككېرەك. ئەيدىز كېسەللىكى ۋىرۇسى تەكشۈرۈلۈپ، يۇقلىقى ئېنىقلانغان قان ۋە قان ياسالمىلىرىنىئىشلىتىش لازىم.

9. ئەيدىز كېسەللىكى بىمارلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈش، ئۇلارغا ياردەم بېرىش ۋە ئۇلارنى كەمسىتمەسلىك كېرەك. ئۇلار كېسەللىكنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچىلار بولۇپ، ئىنسانپەرۋەرلىك نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندىمۇ، ئۇلارغا سەمىمىي ھېسداشلىق قىلىش ۋە ياردەم بېرىش كېرەك. ئائىلە ۋە جەمىئىيەت ئۇلار ئۈچۈن دوستانە بولغان ، چۈشىنىشكە تولغان، ساغلام بولغان ياشاش ۋە خىزمەت قىلىش مۇھىتى ھازىرىلاپ بېرىشى كېرەك. ئۇلارنىڭ ئاكتىپ ھالدىكى ياشاش پوزىتىسىيىسى ، خەۋىپلىك قىلمىشلاردىن قول ئۈزۈپ ئۆزگىرىش، داۋالاشقا ماسلىشىش قاتارلىق ھەرىكەتلىرىگە ئىلھام بېرش ، رىىغبەتلەندۈرۈش كېرەك. بۇنداق بولغاندا، ئۇلارنىڭ ھاياتلىق سۈپىتىنى ئاشۇرۇپ، ھاياتىنى ئۇزارتقىلى بولۇپلا قالماسىتن بەلكى يەنە، ئەيدىز كېسەللىكىنىڭ تارقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئلىپ، جەمىئيەتنىڭ مۇقىم، خىرامان بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ.

ئۇسۇللار

كىشىلەر HIV خەۋىپ ئامىللىرى بىلەن ئۇچرىشىشنى ئازايتىش ئارقىلىق يۇقۇملىنىش خەۋىپىى كىچىلىتەلەيدۇ. HIV دىن يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى كۆپىنچە بىرلەشتۈرۈلۈپ ئىشلىتىلىدىغان ئاچقۇچلۇق ئۇسۇللار تۆۋەندىكىچە:

1. ئەر ۋە ئاياللار جىنسىي مۇناسىۋەتتە گاندۇم ئىشلىتىش

ئىچىگە كىرىدىغان جىنسىي يول ياكى مەقئەت ئارقىلىق قىلىنغان جىنسىي مۇناسىۋەتتە توغرا ئۇسۇلدا ئىزچىل ھالدا ئەر ۋە ئاياللىق گاندۇم ئىشلىتىش HIV نى ئۆز ئىچىگە ئالغان جىنسىي مۇناسىۋەتتىن يۇقىدىغان كېسەللەرنىڭ ئالدىنى ئالالايدۇ. پاكىتلار شۇنى كۆرسىتىپ بېرىدۇكى، ئەرلىك گاندۇم 85% تىن ئارتۇق ئەھۋاللاردا HIV ۋە باشقا جىنسىي يۇقۇملىنشلاردىن ساقلايدۇ.

2.HIV ۋە جىنسىي يول بىلەن يۇقىدىغان كېسەللەرگە قارىتا تەكشۈرتۈش

3. ئىختىيارى ھالدا ئەرلىك خەتنىسىنى قىلدۇرۇش

4. ۋىرۇسقا قارشى دورىلارنى ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئىشلىتىش

5. ئوكۇل ئۇرىدىغان زەھەر چەككۈچىلەردىكى خەۋىپنى ئازايتىش (ئەسۋاب ۋە دورىنى ئورتاق ئىشلەتمەسلىك)

6. HIV نىڭ ئانىدىن بالىغا يۇقۇشىنى پۈتۈنلەي تۈگىتىش

سىتاستىكا1981-يىلى دۇنيادا تۇنجى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچى بايقالغاندىن تاكى ھازىرغىچە 30 يىل بولدى. مەملىكىتىمىزدە تۇنجىئەيدىز بىمارى 1985-يىلى بايقالدى، شىنجاڭدا 1995- يىلى تۇنجى ئەيدىز يۇقۇمدارى بايقالغان. بىراق، ھازىرغىچە دۇنيادا تېخى ئەيدىزنى تەلتۆكۈس داۋالاپ ساقايتىدىغان ئۇسۇل ۋە دورا تېپىلغىنى يوق.

تارقىلىش ئەھۋالى سىتاستىكىسى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئەيدىز پىلان مەھكىمىسى 2011-يىلى 21-نويابىر بېرلىندا ئېلان قىلغان «2011-يىللىق دۇنيا ئەيدىزكۈنى دوكلاتى» دىكى ئەڭ يېڭى سىتاتىستىكىدا كۆرسىتىلىشچە، 2010-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە پۈتۈن دۇنيادىكى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى 34 مىليونغا يەتكەن . ئىقتىسادىي كرىزىس داۋاملىشىۋاتقان بولسىمۇ، پۈتۈن دۇنيادىكى ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىدە زور ئىلگىرىلەش بولۇپ، 2010-يىلى بىر يىلدا يېڭىدىن كۆپەيگەن ئەيدىز يۇقۇمدارلىرىنىڭ سانى ۋە ئەيدىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك كېسەللەر سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كەتكەنلەرنىڭ سانى ھەر قايسىسى دۆلەتلەردىكى ئەڭ ئېغىر يىللاردىكىنىڭ ئەڭ تۆۋەن چېكىدىن تۆۋەن بولغان.

2004-يىلى 12-ئاينىڭ ئوتتۇرىغىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى مەلۇم قىلىنغان ئەيدىز يۇقۇمدارلىرى 9730 بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئەيدىزبىمارلىرى 242، ئۆلگەنلەر 80 بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى يۇقۇمدارلارنىڭ %13 ىنى ئىگىلەپ، مەملىكەت بويىچە 4-ئورۇندا تۇرغان. 2002-يىلىدىن باشلاپ، شىنجاڭدىكى ئەيدىز يۇقۇمدارلىرى يىلىغا %15 لىك ئېشىش سۈرئىتى بىلەن ئاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە بەزى رايونلارنىڭ تارقىلىش سۈرئىتى بەكرەك تېز، ئۈرۈمچى ۋە ئىلى قازاق ئاپتونۇم ئوبلاستىدىكى مەلۇم قىلىنغان يۇقۇمدارلارنىڭ سانى ئايرىم-ئايرىم 3951 ۋە 4247 بولۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى مەلۇم قىلىنغان يۇقۇمدارلار سانىنىڭ %84.3 ىنى ئىگەللەيدۇ. ئاقسۇ، قەشقەر قاتارلىق رايونلارنىڭ بۇ ئىككى يىلدىن بۇيانقى يۇقۇملىنىش سۈرئىتى بىر قەدەر تېز.

نۆۋەتتە، شىنجاڭنىڭ %79 ناھىيە شەھەرلىرىدە ئەيدىز يۇقۇمدارلىرى مەلۇم قىلىندى، دائىرىسى داۋاملىق كېڭەيمەكتە.

سىتاتسىتىكىغا ئاساسلانغاندا، 2005-يىلى 9-ئاينىڭ 30-كۈنى پۈتۈن شىنجاڭدىكى مەلۇم قىلىنغان ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار سانى 11303 بولۇپ، 2006-يىلى 9-ئاينىڭ 30-كۈنى، بۇ سان 17209 غا يەتكەن. بۇ بىر يىل ئىچىدە يېڭىدىن يۇقۇملانغانلار 5906. 2007-يىلى 9-ئايدا بۇ سان 20890 غا يەتكەن، بۇ بىر يىل ئىچىدىكى يېڭىدىن يۇقۇملانغانلار سانى 3681 غا يەتكەن.

ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە نازارىتىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، يۇقۇمدارلارنىڭ سانى 60 مىڭدىن ئېشىپ كېتىدىغان بولۇپ، ئاساسلىقى زەھەر چەككۈچىلەر ئىكەن.

مەسئۇل خادىمنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، شىنجاڭدا تۇنجى ئەيدىز بىمارى باشقا ئۆلكە شەھەرلەردىن خېلى كېيىن بايقالغان بولسىمۇ، بىراق شىنجاڭدىكى ئەيدىز يۇقۇمدارلىرىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ناھايىتى تېز، يۇقۇملىنىش ئېھتىمالى يۇقىرى ئىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە، شىپرىس ئارقىلىق ئوكۇل ئۇرۇپ زەھەر چېكىش بولسا شىنجاڭدىكى ئەڭ ئاساسلىق تارقىلىش يولى ئىكەن. بىراق بۇ خىل ئۇسۇلدا يۇقۇملانغان بىمارلارنىڭ سانى بارا-بارا ئازلاپ، ئەسلىدىكى %85 دىن %73 كە چۈشكەن. يۇقۇمدارلار ئاساسلىقى ئۈرۈمچى ۋە ئىلى ئوبلاستىغا مەركەزلەشكەنىكەن.

يۇقۇملانغۇچىلار زەھەر بىلەن يېزىنىڭ تۇتاشقان ۋە كېسىشكەن رايونلارغا مەركەزلەشكەن بولۇپ، ياش قۇرۇلمىسى جەھەتتىن 20 ياشتىن 40 ياشقىچە ئارىلىقتىكى ئەرلەر كۆپ سالماقنى ئىگىلەيدىكەن.

2005-يىلى 9-ئاينىڭ 30-كۈنىگىچە، شىنجاڭدىكى مەلۇم قىلىنغان ئەيدىز يۇقۇمدارى 9330 دىن كۆپرەك بولۇپ، ئاياللار 1300، ئومۇمىي ساننىڭ %14 ىنى ئېگەللىگەن. 1999-يىلىدىكى ئايال يۇقۇمدارلار سانى 288، 2003-يىلى 9-ئايدا كۆپىيىپ 900 گە يەتكەنىدى. دېمەك، ئايال يۇقۇمدارلانىڭ سانى بارغانسېرى كۆپىيىۋېتىپتۇ. جىنسى مۇناسىۋەت ۋە ئېنىقسىز سەۋەبلەردىن يۇقۇملىنىش سانى كۆپىيىپ، شىپىرسنى ئورتاق ئىشلىتىشتىن يۇقۇش بارا-بارا جىنسىي مۇناسىۋەتتىن يۇقۇشقا تارقىلىشقا باشلىغان، ئۇنىڭدىن باشقا قىز ئاياللارنىڭ ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىش سانىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ ئانىدىن بالىغا يۇقۇش يىلسېرى كۆپىيىۋېتىپتۇ. 

بۇ يىللاردا يوشۇرۇن كېسەللىك ۋىرۇسىنى ئېلىپ يۈرگەنلەرنىڭ كېسىلى قوزغىلىش باسقۇچىغا يەتكەن بولغاچقا، كۆپ ساندىكى ئەيدىزقوزغالغان بىمارلار ئېغىر خەۋپكە دۇچ كېلىپ، يۇقۇملىنىشنى كېڭەيتىۋېتىدىغان ھەر خىل ئامىللارمۇ تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرماقتا ئىكەن.

2007- يىلى 9-ئاينىڭ 30-كۈنىدىن 2008-يىل 9-ئاينىڭ 30-كۈنىگىچە بىر يىل ئىچىدە، مەلۇم قىلىنغان يېڭىدىن كۆپەيگەن ئەيدىز يۇقۇمدارى 3928 بولۇپ، بۇ 1995-يىلى تۇنجى ئەيدىز بىمارى بايقالغاندىن بۇيانقى، ئەيدىزنىڭ تارقىلىش سۈرئىتى ئەڭ تېز، ئەيدىزيۇقۇمدارلىرىنىڭ سانى شىددەت بىلەن ئاشقان بىر يىل بولۇپ قالغان.

2008-يىلى 9-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، رايونىمىزدىكى 14 رايون، ئوبلاست، شەھەر 94 ناھىيە، شەھەر، رايوندىكى مەلۇم قىلىنغان ئەيدىزيۇقۇمدارلىرىنىڭ سانى 24818 بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ سانى 2504، ئۆلۈپ كەتكەنلەر 1353 بولۇپ، مەملىكىتىمىزدىكى ئەيدىز يۇقۇمدارلىرىنىڭ %9 ىنى ئىگەللەپ، ئومۇمىي سانى 4-ئورۇندا تۇرىدىكەن.

ئۈرۈمچى ۋە غۇلجا شەھىرىگە قاراشلىق ناھىيەلەردىن مەلۇم قىلىنغان يۇقۇمدارلارنىڭ سانى 8563 ۋە 9579 بولۇپ، پۈتۈن ئاپتونۇم رايوندىكى مەلۇم قىلىنغان يۇقۇمدارلار سانىنىڭ %34.5 ۋە %39.3 ئىگىلىگەن بولۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە نازارىتىنىڭ مەسئۇل خادىمنىڭ ئېيتىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدا مەلۇم قىلىنغان يۇقۇمدارلار سانى100 دىن ئاشىدىغان ئوبلاستلاردىن ئىلى ئوبلاستى، ئۈرۈمچى شەھىرى، ئاقسۇ ۋىلايىتى، قەشقەر ۋىلايىتى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيىسى، چۆچەك شەھىرى، تۇرپان ۋىلايىتى، قۇمۇل ۋىلايىتى، خوتەن ۋىلايىتى ۋە قاراماي شەھىرى قاتارلىق رايونلاردۇر.

2009-يىلى 1-ئايدىن 9-ئايغىچە يېڭىدىن يۇقۇملانغانلار سانى ۋە بىمارلار سانى 4073 بولۇپ، 9-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە مەلۇم قىلىنغانئەيدىز يۇقۇمدارى 27012، بۇنىڭ ئىچىدە ئەيدىز بىمارلىرى 3910، ئۆلۈپ كەتكەنلەر 2555 بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى مەلۇم قىلىنغانلار سانىنىڭ %9 نى ئىگىلىگەن. مۆلچەرلىنىشىچە ئومۇمىي سان مەملىكەت بويىچە 4-ئورۇندا تۇرغان، يۇقۇملىنىش ۋەزىيىتى يەنىلا ناھايىتى جىددىيكەن. مەلۇم قىلىنغانلار سانى كۆپ بولغان ئالدىنقى 5 جاي ئايرىم-ئايرىم ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى، ئۈرۈمچى شەھىرى، ئاقسۇ ۋىلايىتى، قەشقەر ۋىلايىتى، تۇرپان ۋىلايىتى.

نۆۋەتتىكى ئەيدىزنىڭ تارقىلىش ئالاھىدىلىكى: كىشىلەر توپىنىڭ يۇقۇملىنىش نىسبىتى يۇقىرى، يوشۇرۇن خەۋپ زور؛ يۇقىرى، ئوتتۇرا، تۆۋەن خەتەرلىك رايونلار تەكشى ساقلانماقتا، بىر قىسىم جايلارنىڭ ۋەزىيىتى ئېغىر؛ يۇقۇملىنىش شەكلىدە ئۆزگىرىش بولۇپ، زەھەر چەككۈچىلەر توپىنىڭ يۇقۇملىنىش نىسبىتى مۇقىم تۆۋەنلەپ، جىنسى مۇناسىۋەت ئارقىلىق يۇقۇش ۋەزىيىتى ئاساسلىق تارقىلىش ۋاستىسى بولۇپ قالغان، يۇقىرى خەتەرلىك توپتىكى ئاممىدىن ئادەتتىكى كىشىلەر توپىغا كېڭەيگەن.

2009-يىلى ئاقسۇدىكى ئەيدىز يۇقۇمدارىنىڭ سانى 2200 گە يەتكەن بولۇپ جىنسىي مۇناسىۋەتتىن ۋە ئانىدىن بالىغا يۇقۇش ئاساسلىق ۋاسىتە بولغان. دېمەك، ئەيدىزنىڭ تارقىلىشى ئادەتتىكى كىشىلەر توپىغا قاراپ كېڭەيگەن بولۇپ، ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش ۋەزىيىتى يەنىلا جىددىي. ئاقسۇ ۋىلايىتى يۇقۇمدارلار ئاپتونۇم رايونىمىزدىكى يۇقۇمدارلار توپلاشقان رايونغا ئايلىنىپ قالغان.

بۇ يەردە دەۋاتقان مەلۇم قىلىنغانلار سانى دېگىنىمىزدە پەقەت تەكشۈرۈش ئارقىلىق بايقالغان يۇقۇمدارلار بولۇپ، ئەمەلىي يۇقۇمدارلار بۇنىڭدىنمۇ كۆپ بولىشى مۇمكىن.

2010-يىلى 10-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، مەملىكىتىمىزدىكى مەلۇم قىلىنغان ئەيدىز يۇقۇمدارلىرى ۋە ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ سانى 370 مىڭدىن ئارتۇق بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئەيدىز بىمارلىرى 130مىڭدىن ئارتۇق، ئۆلۈپ كەتكەنلەر 68 مىڭغا يېتىدۇ.

جىنسىي مۇناسىۋەت ئارقىلىق يۇقۇملىنىش ئاساسىي يۇقۇملىنىش ۋاستىسى بولۇپ، ئەر ھەمجىنىسۋازلارنىڭ يۇقۇملىنىش سۈرئىتى ھەقىقەتەن تېز بولماقتا. ئەر ھەمجىنىسۋازلارنىڭ يۇقۇملىنىش نىسبىتى 2008-يىلىدىكى %5.9 دىن، 2009-يىلى %8.6 كە يەتكەن.

2010-يىلى 9-ئاينىڭ 30-كۈنىگىچە، شىنجاڭدىكى مەلۇم قىلىنغان ئەيدىز يۇقۇمدارلىرىنىڭ سانى 32532 بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئەيدىز بىمارلىرى 5651 ، ئۆلۈپ كەتكەنلەر 3824، پۈتۈن مەملىكەتتىكى مەلۇم قىلىنغان ئەيدىز يۇقۇمدارلىرىنىڭ ئىچىدە 5-ئورۇندا، توپ يۇقۇملىنىش نىسبىتى مەملىكىتىمىز بويىچە 2-ئورۇندا ئىكەن. ئاپتونۇم رايونىمىزنىڭ ھەر قايسى شەھەر، ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرنىڭ ھەممىسىدىلا يۇقۇمدارلار باركەن.

يۇقۇمدارلار مۆلچەرى يەنىلا 60 مىڭغا يېتىدىغان بولۇپ، داۋاملىق يۇقىرى سەۋىيىنى ساقلاپ كەلمەكتە، ئېشىش سانىدا ئاز تولا تۆۋەنلەش بولغان. شىپىرىس ئارقىلىق زەھەر ئۇرىدىغانلارنىڭ يۇقۇملىنىش نىسبىتى تۆۋەنلەشكە باشلاپ، جىنسىي مۇناسىۋەتتىن يۇقۇش نىسبىتى پەيدىنپەي يۇقىرىلاشقا باشلىغان؛ ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ تارقىلىش ئېھتىماللىقى ھەممىلا يەردە ساقلانغان بولۇپ، يۇقىرى خەتەرلىك ئاممىدىن ئادەتتىكى كىشىلەر توپىغا قاراپ كېڭەيگەن. جەمئىيەتنىڭ تەسىرى روشەن بولۇپ، مۇداپىئەلىنىش كونترول قىلىش ۋەزىيىتى يەنىلا جىددىيكەن.

داۋالاش ئۈنۈمى سىتاستىكىسى

سىتاتسىتىكىغا ئاساسلانغاندا، 2010-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، دۇنيادىكى ئەيدىز يۇقۇمدارلىرىنىڭ سانى 34 مىليون بولۇپ، ئومۇمىي سان ئۆتكەن يىلقىدىن ئاشقان بولسىمۇ، بۇ ھەرگىزمۇ يېڭىدىن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى كۆپەيگەنلىكىدىن بولماستىن، تېخىمۇ كۆپ يۇقۇمدارلارنىڭ ياخشى داۋالىنىش شارائىتىغا ئېرىشكەنلىكىدىن ۋە دوختۇرغا كۆرۈنىدىغانلارنىڭ سانىنىڭ كۆپەيگەنلىكىدىن ئىكەن. 

ۋىرۇسقا قارشى ھەقسىز داۋالاش ئاپتونوم رايونىمىزدا 2004-يىلى 8-ئايدا باشلانغان بولۇپ، 2008-يىلى 9-ئايغىچە، 1913 بىمار داۋالاشنى قوبۇل قىلىپ، كۆپ قىسىمىنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىدا ياخشىلىنىش كۆرۈلگەن، تۇرمۇش سۈپىتى يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ، بەزى بىمارلارنىڭ ئەمگەك قىلىش ئىقتىدارى ئەسلىگە كەلگەن.

2001-يىلىدىكى ساندىن %17 كۆپەيگەن، 2010-يىلى، پۈتۈن دۇنيادىكى يېڭىدىن كۆپەيگەن ئەيدىز ۋىروسىدىن يۇقۇملانغۇچى 2 مىليۇن 700 مىڭ بولۇپ، 1997-يىلىدىكى ئەڭ يۇقىرى چەكتىن %21 تۆۋەنلىگەن، بۇنىڭ ئىچىدە ساخارا قۇملۇقىنىڭ جەنۇبىدىكى ئافرىقا قىتئەسىدىكى يېڭىدىن كۆپەيگەن يۇقۇمدارلار 1 مىليۇن 900 مىڭ بولۇپ، 1997-يىلىدىكى 2 مىليون 600 مىڭدىن %26.9 تۆۋەنلىگەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئەيدىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك كېسەللىك سەۋەبتىن ئۆلۈپ كەتكەنلەرنىڭ سانى 2005-يىلىدىكى ئەڭ يۇقىرى چەك 2 مىليون 200 مىڭدىن 1 مىليون 800 مىڭغا چۈشكەن.

تەتقىقاتلار ئىسپاتلىشىچە، ۋىرۇسقا قارشى داۋالاشنى قوللانغاندىن كېيىن، ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغانلارنىڭ ئۆلۈپ كېتىش نىسبىتى تۆۋەنلەشكە باشلىغان، باشقىلارنى يۇقۇملاندۇرۇش نىسبىتىمۇ تۆۋەنلىگەن. يېقىنقى تەتقىقات نەتىجىلىرىدىن ئىسپاتلىنىشىچە، بۇ خىل داۋالاش ئۇسۇلىنىڭ ئەيدىز يۇقۇمدارىنىڭ بەدىنىدىكى ۋىرۇسنى جورىسىغا يۇقتۇرۇشتىن ساقلاشنىڭ ئۈنۈملۈك نىسبىتى %96 كە يېتىدىكەن.

نۆۋەتتە بۇ خىل داۋالاش ئۇسۇلى ئوتتۇرا تۆۋەن كىرىملىك دۆلەتلەردە خېلى دەرىجىدە ئومۇملاشقان. تۆۋەن ئوتتۇرا كىرىملىك دۆلەتلەردىكى 14 مىليون 200 مىڭ يۇقۇمدارنىڭ ئىچىدە تەخمىنەن %47 كىشى بۇ خىل داۋالاش ئۇسۇلىنى قوبۇل قىلغان، ھەم بۇ نىسبەت 2009-يىلى %39 بولغان.

گەرچە ساخارا چۆللۈكىنىڭ جەنۇبىدىكى ئافرىقا قىتئەسى پۈتۈن دۇنيادىكى ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ %70 توپلاشقان خەتەرلىك رايون بولسىمۇ، بىراق، ھازىرقى باسقۇچتا، بۇ رايوندا ھەر يىلى يېڭىدىن كۆپىيىۋاتقان ئەيدىز يۇقۇمدارلىرىنىڭ سانى ئازىيىشقا قاراپ ماڭغان. بۇ خىل كېمىيىش يەنە جەنۇبى ئاسىيا، شەرقى جەنۇبى ئاسىيا ۋە كارب دېڭىز قۇلتۇقى رايونى قاتارلىق رايونلادىمۇ كۆرۈلۈشكە باشلىغان، بىراق شەرقى ياۋروپا، ئوتتۇرا ئاسىيا قاتارلىق رايونلاردا بۇ سان يەنىلا يۇقىرىلاش مەزگىلىدە تۇرماقتا.

مۇتەخەسسىسلەر شۇنى ئەسكەرتىدۇكى، تۆۋەن ئوتتۇرا كىرىملىك دۆلەتلەردە بۇ خىل داۋالاش ئۇسۇلىنى كېڭەيتىش ئىنتايىن زۆرۈركەن، ئۇنىڭدىن باشقا كىشىلەر ئاسان يۇقۇملىنىش ئېھتىماللىقى بولغان كىشىلەرگە تېخىمۇ كۆڭۈل بۆلىشى كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا، مۇتەخەسسىسلەر ئەسكەرتىدۇكى، جىنسىي ھەمراھىنى ئازلىتىش، بىخەتەرلىك قاپچۇقى ئىشلىتىش ۋە خەتنە قىلدۇرسا ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملىنىش خەۋىپىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدىكەن.

داۋالاش ئارقىلىق ئەيدىز بىمارلىرىغا ياردەم بېرىش ئارقىلىق ئۆلۈش نىسبىتىنى تۆۋەنلەتكەندىن باشقا، يېڭى يۇقۇمدارلارنىڭ ئازىيىشىدىكى يەنە بىر سەۋەب كىشىلەرنىڭ ماس ئالدىنى ئېلىش تەدبىرىنى قوبۇل قىلىشى. نامبىيەنى مىسالغا ئالساق، ئۇ يەردىكى ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ داۋالىنىشنى قوبۇل قىلىش نىسبىتى %90 كە يەتكەن، ئەرلەرنىڭ بىخەتەرلىك قاپچۇقى ئىشلىتىش نىسبىتى %75 كە يەتكەن، بۇ ئارقىلىق بۇ دۆلەتتىكى ئەيدىز سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كېتىدىغانلارنىڭ سانى 2010-يىلى %60 كېمەيگەن.

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى 1988-يىلى ھەر يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنىنى «دۇنيا ئەيدىز كۈنى» دەپ بېكىتىپ، دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەت ۋە رايونلارنىڭ مۇشۇ كۈندە مۇناسىۋەتلىك پائالىيەتلەرنى تەشكىللەپ، ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش بىلىملىرىنى تەشۋىق قىلىشنى ۋەئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش ساۋاتلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇشنى چاقىرىق قىلغان. 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنى بولسا 24-قېتىملىق «دۇنيائەيدىزكۈنى»، بۇ يىلقى جۇڭگونىڭ ئەيدىز كۈنىگە ئاتاپ بېكىتكەن باش تېمىسى «0 ئەيدىز ئۈچۈن ئالغا!»، قوشۇمچە باش تېمىسى «ئومۇميۈزلۈك مۇداپىئەلىنىپ، ئاكتىپ داۋالاپ، كەمسىتىشنى يوقىتايلى!».[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

3 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    0%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    100%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#