مېڭە پارالىچ كېسىلى
مېڭە پارالىچ كېسىلى دېگىنىمىز—تۇغۇلۇشتىن بۇرۇنقى ۋاقىتتىن تارتىپ تۇغۇلغاندىن كېيىنكى بىر ئاي ئىچىدىكى خىلمۇخىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن پەيدا بولىدىغان، مېڭىنىڭ زەخىملىنىشىگە قارىتا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغىلى بولمايدىغان، ھەرىكەت جەھەتتە توسالغۇغا ئۇچرايدىغان ۋە قىياپىتى بىنورمال بولۇش قاتارلىق ئاساسلىق ئىپادىسى بولىدىغان پالەچلىك ئۇنىۋېرسال كېسىلىنى كۆرسىتىدۇ.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
مېڭە پارالىچ كېسىلى رايونىمىزدا مېڭە پارالىچ كېسىلىنىڭ قوزغىلىش نىسبىتى %2 ~ %1.5 كىچە بولۇپ، بالىلارنىڭ بەدىنىدە پالەچلىك پەيدا بولۇشىدىكى ئاساسلىق سەۋەبلەرنىڭ بىرى. ئېغىر بولغاندا بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىپ، ھەربىر بىمار ۋە ئۆيىدىكىلەرگە نىسبەتەن ناھايىتى زور ئازاب ۋە يۈك ئېلىپ كېلىدۇ.
ھامىلىدارلىق تەييارلىقىنى ئوبدان قىلىش
مېڭە پارالىچ كېسىلى ھامىلىدار بولۇشتىن ئۈچ ئاي ئىلگىرى يەلتاشما ئەملەش ئوكۇلىنى ئۇرغۇزۇش كېرەك.
ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكى ساغلاملىق خىزمىتىنى كۈچەيتىش كېرەك، ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە ئوزۇقلۇقنى يېتەرلىك تولۇقلاپ، بالدۇر تۇغۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، دورا ئىشلىتىشتىن ساقلىنىش، قەرەللىك ھالدا تەكشۈرتۈش، يۇقىرى قان بېسىم، قەنت سىيىش كېسىلى قاتارلىق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش.
بىخەتەر تۇغۇش
تۇغۇتتىن بۇرۇن ياخشى تۇغۇت مۇھىتىنى تاللاپ، بىخەتەر تۇغۇش تەييارلىقىنى ئوبدان ئىشلەپ، تۇغۇتى كېيىن بولۇش، تۇغۇتتا يارىلىنىشتىن ساقلىنىش. بوۋاق تۇغۇلغاندىن كېيىن بالدۇر تۇغۇلغانلار، تېخى تولۇق يېتىلمەي تۇرۇپ تۇغۇلغانلار، كېيىن تۇغۇلغانلار، زىيادە چوڭ تۇغۇلغانلار ياكى سېرىقلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلارغا قارىتا قوغداش ۋە ئاسراشنى كۈچەيتىپ، ۋاقتىدا زۆرۈر بولغان بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇللىرىنى قوللىنىش. مەسىلەن: ئوكسىگېن سۈمۈرتۈش، نەملىك ساقلاش ساندۇقىغا ئەكىرىش قاتارلىقلار. مېڭە پارالىچىنىڭ خەتەرلىك ئامىلى ساقلانغان بالىلارنى داۋالاش ئاخىرلاشقاندىن كېيىنمۇ دوختۇر داۋاملىق يوقلاپ، قەرەللىك ھالدا قېنىنى سۈزۈپ تەكشۈرۈش كېرەك.
تۇغۇلۇشتىن بۇرۇنقى سەۋەب
يېشى چوڭىيىپ كەتكەن ئاياللارنىڭ تۇنجى تۇغۇتى، قايتا-قايتا بويىدىن ئاجراش، بالدۇر تۇغۇلۇش ياكى تۇغۇت جەريانىدا ھامىلە ئۆلۈپ قېلىش، تۆت قېتىمدىن يۇقىرى ھامىلىدار بولغان تەجرىبىلىك تۇغۇتلۇق ئايال، ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكى ئۇنىۋېرسال يۇقىرى قان بېسىمى، قەنت سىيىش كېسىلى، روھىي كېسەل ۋە قورساقنىڭ ئىچ تەرىپى زەخىملەنگەن ياكى رادىئو ئاكتىپلىق نۇرغا ئۇچراش قاتارلىقلارنى شۇنداقلا ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە يۇقۇملىنىش، ھامىلىدە قان ئاز بولۇش، ئوكسىگېن يېتىشمەسلىك ۋە يېتىلىشى غەيرىي بولۇش قاتارلىقلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
تۇغۇلغان مەزگىلدىكى سەۋەب
مېڭە پارالىچ كېسىلى بالىياتقۇ ئالدىغا بولۇپ قېلىش، بالىياتقۇنى قىرىش، بالا تەتۈر تۇغۇلۇش قاتارلىقلار. باش سۈيى ياكى ھامىلە تەرىتىنى سۈمۈرۈش، كىندىك بويۇننى يۆگەپ قېلىش، باش سۆڭىكى ئىچىدىن قان چىقىش، ئوكسىگېن كەم بولۇش ھەم بالدۇر تۇغۇلۇش، كېيىن تۇغۇلۇش ياكى تۆت كىلوگرامدىن ئارتۇق تۇغۇلۇش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
مېڭە پارالىچ كېسىلىمېڭە پارالىچ كېسىلىنى بالدۇر بايقاش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئاتا-ئانا ۋە ئۆيىدىكىلەر ھوشيارلىقنى ئۆستۈرۈپ، جەمەت تارىخى ياكى يۇقىرىدا بايان قىلغان خەتەرلىك ئامىللارغا قارىتا ھوشيارلىقنى ئۆستۈرۈپ، ۋاقتىدا، قەرەللىك ھالدا دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ دىئاگنوز قويدۇرۇش. ئۇنىڭدىن باشقا، بالىنىڭ يېتىلىش ئەھۋالىنى كۆزىتىشكە دىققەت قىلىپ، بالىدا تۆۋەندىكىدەك تۇغۇلغاندىن كېيىن پۈتۈن بەدىنى ماغدۇرسىزلىنىپ، ياتقۇزغاندا بېشىنى تۆۋەن قىلىپ شەكىلدە ھەرىكەت ئىقتىدارى ناچارلىق قاتارلىق ئەھۋاللار بارمۇ-يوق كۆزىتىش. ئەگەر بالىنىڭ باش، بەدەن ئۆرۈش ۋە ئولتۇرۇش قاتارلىق ھەرىكەتلىرى ھەم پۇت-قوللىرىنىڭ ھەرىكەتلىرى نورمال بالىلارنىڭكىگە قارىغاندا غەيرىيرەك ۋە كالامپاي بولسا، ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن قىلغان ھەرىكىتى ئاز ياكى بەك ماسلاشمىغان، مۇسكۇللارنىڭ كۈچى ۋە قىياپىتى بىنورمال، پۇت-قوللىرى ياكى گەۋدىسى قاتمال ھالەتتە ياكى پۈتۈن بەدىنى ھالسىز بولۇش شۇنداقلا يول ماڭغاندا ئىككى تىزى قايچا شەكىلدە بولۇپ قېلىش قاتارلىق ئالامەتلەر بايقالسا، دەرھال دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ، ئىمكانقەدەر ۋاقتىدا دىئاگنوز قويغۇزۇش كېرەك.
ھەرقانداق سەۋەب بىلەن پەيدا بولغان مېڭە پارالىچ كېسىلىنى تەبىئىي ھالدا ساقايتىش ئۇسۇلى يوق، چوقۇم ئۇزۇن مۇددەت داۋالىنىش ئارقىلىقلا ئاندىن پالەچلىك دەرىجىسىنى يېنىكلەتكىلى بولىدۇ. مېڭە پارالىچ كېسىلىنى داۋالاشتا تۆۋەندىكىلەرگە دىققەت قىلىش يەنى :
ئىقتىدارىنى مەشىق قىلدۇرۇشنى كۈچەيتىش
مېڭە پارالىچ كېسىلىبالىلارنىڭ ھەرىكەت يېتىلىشىنىڭ تەرتىپىگە ئاساسەن، تەرتىپلىك ۋە ئاستا-ئاستا ھالدا ئىقتىدارلارنى مەشىق قىلدۇرۇپ، نورمال ھەرىكەت پائالىيىتىنىڭ يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش شۇنداقلا بىنورمال بولغان ھەرىكەت ۋە قىياپەتنى كونترول قىلىپ، بالىلاردا توغرا ھەرىكەت قىياپىتىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.
ئۇنىۋېرسال داۋالاش
تارتىشىپ قېلىش تىپىدىكى مېڭە پارالىچ كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بىمارغا قارىتا ئوپېراتسىيە ئارقىلىق داۋالاش ئۇسۇلىنى قوللىنىش.ياكى
خىلمۇخىل پايدىلىق ۋاسىتىلەردىن پايدىلىنىپ داۋالىسا بولىدۇ. مەسىلەن: ئۇۋۇلاش، سۇ بىلەن داۋالاش، توك بىلەن داۋالاش قاتارلىقلار ئارقىلىق بىمارنى ئەتراپلىق داۋالاش كېرەك.
مېڭە پارالىچ كېسىلىنىڭ يەنە ئىرسىيەت بىلەنمۇ مۇناسىۋىتى بار. شۇڭا، ئەگەر ئۆيدىكىلەر ئارىسىدا پارالىچ كېسىلى، ئەقلىي ئىقتىدارى تۆۋەن ياكى تۇغما غەيرىي تۇغۇلۇش ئالامىتى بارلار بولسا، تەكشۈرتۈپ بېقىش كېرەك.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
بەيدۇ قامۇسى
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.