تازقارا
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
تازقارانىڭ بەدىنى قوڭۇر رەڭدە، تېنىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 100 سانتىمېتىر، قانىتىنى كېرىگەندىكى ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 3 مېتىر ئەتراپىدا. بېشى تاقىر باش، بويۇن غول قىسمىدا يۇمشاق ئاققا مايىل پەي بولۇپ، بېشى ۋە بوينى سارغۇچ رەڭدە.
كۆزى قوڭۇر رەڭلىك؛ ئاغزى مۈڭگۈز ماددا رەڭدە، قارا موم پەردىسى بار؛ پۇتى تۇتۇق يېشىل رەڭدە بولىدۇ. يېقىمسىز چىرقىرايدۇ.
تازقارا ئۇزۇن ھەم كەڭ قانىتىغا تايىنىپ ئۇچىدۇ، كۆرۈش قۇۋۋىتى ئىنتايىن ياخشى. تازقارا ئاسماندا بىر قانچە سائەت پەرۋاز قىلالايدۇ، ھەمدە يەر يۈزىدىكى ھايۋانلارنىڭ تاپلىرىنى ئېنىق ھالدا پەرق ئېتەلەيدۇ، بېشىنى ھايۋانات جەسەتلىرىنىڭ قۇرساق بوشلىقى ئىچىگە تىقىپ ئىچكى ئەزالىرى ۋە گۆشلىرىنى يېيىشنى ئادەت قىلغان. تازقارىنىڭ پۇتلىرى-تىرناقلىرى كۈچلۈك ۋە ئۆتكۈر ئەمەس. ئۇلار ئىسسىق ھاۋانىڭ ياردىمىدە ئاسماندا ئەگىپ يۈرىدۇ ياكى دەرەخ شېخىدا ئارام ئالىدۇ. ئۇلار ئۆتكۈر پۇراش سېزىمى ئارقىلىق سېسىپ كەتكەن ھايۋان جەسىتىنى ئىزدەيدۇ، دائىم بىر پارچە گۆشنى تالىشىش سەۋەبىدىن تالاش-تارتىش توختىمايدۇ. تېنى قاۋۇل، تۇمشۇق قىسمى ئۆتكۈر تازقارا ھايۋانلارنىڭ قالدۇق سۆڭەكلىرىنىڭ تېرىسىنى يىرتىپ بولغۇچە، جۇغى بىر قەدەر كىچىك، تۇمشۇق قىسمى كۈچى كىچىك تازقارا تىكىلىپ ساقلاپ تۇرىدۇ. تازقارا ھازىر دۇنيا بويىچە ئىككىنچى ئېگىز ئۇچىدىغان قۇش(بىرىنچىسى ئاق قۇ)، ئۇلارنىڭ ئۇچۇش ئېگىزلىكى جۇمۇلاڭما چوققىسىدىن ئېشىپ 9000 مېتىرغا يېتىدۇ، جۇڭگو تاغقا چىقىش ئەترىتى 1960-يىلى ۋە 1975-يىلى ئىككى قېتىم جۇمۇلاڭما چوققىسىغا چىققان چاغدا، بۇ خىل يىرتقۇچ قۇشلارنىڭ ئېگىز ھاۋا تېررىتورىيىسىدە ئۇچقانلىقىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن.
تارقىلىش دائىرىسى : جەنۇبىي ياۋروپا، شىمالىي ئافرىقا، ئوتتۇرا ئاسىيا، ئافغانىستان، پاكىستان، نېپال، ھىمالايا تاغ تىزمىلىرى ۋە ھىندىستان نىڭ شىمالىي قىسمى. [0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.