بۇددا دىنى

بۇددا دىنى مىلادىدىن بۇرۇنقى Ⅲ ئەسىردە ھىندىستاندا گائۇتاماسدخارتا دېگەن كىشى تەرىپىدىن يارىتىلغان. مىلادىدىن بۇرۇنقى Ⅰ ئەسىردىن بۇيان ھازىرقى شىنجاڭ رايونىغا تارقىلىشقا باشلىغان، Ⅳ ئەسىرگە كەلگەندە ھازىرقى شىنجاڭ رايونى دائىرىسىدە ئاساسىي جەھەتتىن ئومۇملاشقان، بۇددا دىنى ئىچكى ئۆلكىلەرگىمۇ شىنجاڭ ئارقىلىق تارقالغان. 

ئۇيغۇرچە ئىسمى بۇددا دىنى
باشقا نامى Buddhism
خەنزۇچە ئىسمى 佛教

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

بۇددا دىنى مىلادىدىن بۇرۇنقى Ⅲ ئەسىردە ھىندىستاندا گائۇتاماسدخارتا دېگەن كىشى تەرىپىدىن يارىتىلغان. مىلادىدىن بۇرۇنقى Ⅰ  ئەسىردىن بۇيان ھازىرقى شىنجاڭ رايونىغا تارقىلىشقا باشلىغان، Ⅳ ئەسىرگە كەلگەندە ھازىرقى شىنجاڭ رايونى دائىرىسىدە ئاساسىي جەھەتتىن ئومۇملاشقان، بۇددا دىنى ئىچكى ئۆلكىلەرگىمۇ شىنجاڭ ئارقىلىق تارقالغان. ئەجدادلىرىمىز بۇددا دىنىغا ئىخلاس بىلەن ئېتىقاد قىلغاچقا، Ⅹ ئەسىردىن بۇرۇنلا خوتەن، كۇچا، قوجۇ(تۇرپان) غەربىي يۇرت بويىچە بۇددا دىنى مەركەزلىرىدىن بولۇپ قالغانىدى، بۇددىزىم پەلسەپە ئىدىيە-كۆز قاراشلىرى، ئەدەبىيات-سەنئەتنىمۇ ئۇيغۇرلار ئىچىگە كەڭ تارقالدى. بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇرلاردا ھەيكەلتىراشلىق، نەققاشلىق، رەسساملىق، مىمارچىلىق زور دەرىجىدە تەرەققىي قىلدى، يەرلىك ئالاھىدىلىك بىرلەشكەن مىڭئۆي سەنئىتى، ئىبادەتخانىلار ئاساس قىلىنغان مىمارچىلىق شەكىللىنىپ راۋاجلاندى.

 تىل-ئەدەبىيات ساھەسىدىمۇ زور تەرەققياتلار بارلىققا كەلدى، ئۆز دەۋرىدە بۇددىزىمنىڭ ئاساسلىق نوملىرى(كىتابلىرى) ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنغان، ئۇيغۇر راھىپلىرى بۇددىزىمنىڭ بەزى نوملىرىنى خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىپ خەنزۇ راھىپلىرىنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولغان. ئۆز دەۋرىدە، بولۇپمۇ قوجۇ ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىدە بۇددا دىنى گەرچە دۆلەت دىنى سۈپىتىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرسىمۇ، مانى دىنى ئىككىنچى چوڭ دىن سۈپىتىدە بۇددا دىنى بىلەن ئۇزۇن بىر مۇددەت تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇردى. ئەجدادلىرىمىز مانى دىنىغىمۇ ئۇزۇن مۇددەت ئېتىقاد قىلغانلىقى، كېيىن شىمالدىن كۆچۈپ كەلگەنلەرمۇ مانى مۇرتلىرىدىن بولغانلىقى تۈپەيلى مانى دىنى بىلەن بۇددا دىنىنىڭ بەزى قاراش-ئەھكاملىرى مەلۇم دائىرىدە ئۆز ئارا تەسىر كۆرسىتىپ سىڭىشكەن. شۇڭا قوجۇ ئۇيغۇر خانلىقى تەۋەلىكىدىكى بەزى بۇدا مەزھەپلىرى مانى دىنى تۈسىنى ئالغان. 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

خەتكۈچلەر:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#