قوشۇمچە يېمەكلىك

قوشۇمچە يېمەكلىكلەر

 قوشۇمچە يېمەكلىكلەر گۈرۈچ، ئۇن قاتارلىق ئاساسىي يېمەكلىكلەردىن سىرىت تاماقلارغا ئىشلىتىلىدىغان توخۇ، ئۆردەك، بېلىق گۆشلىرى، مېۋە - چېۋە، كۆكتات قاتارلىقلار ئاساسىي يېمەكلىك ھېسابلانمايدۇ، لېكىن قوشۇمچە يېمەكلىكلەر دەپ ئاتىلىدۇ.

ئۇيغۇرچە نامى قوشۇمچە يېمەكلىك
خەنزۇچە نامى 副食

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

قوشۇمچە يېمەكلىكلەرۋىتامىن ئىنساننىڭ ھايات پائالىيىتىدە كەم بولسا بولمايدۇ، ئادەم بەدىنى ئۆزلۈكىدىن ۋىتامىنلارنى پەيدا قىلالمايدۇ، پەقەت يېمەكلىكلەردىن قوبۇل قىلىدۇ. ۋىتامىن سۇلۇق ۋىتامىن ۋە مايلىق ۋىتامىن دەپ ئايرىلىدۇ. ئادەم بەدىنىنىڭ ۋىتامىنغا بولغان ئېھتىياجى گەرچە بەك چوڭ بولمىسىمۇ، بىراق كەم بولسا بولمايدۇ. بالىلار ئەمچەكتىن ئايرىلىشتىن بۇرۇن ۋە كېيىن ۋىتامىن تولۇقلاشقا دىققەت قىلىشى كېرەك. گۆشلەردە مول بولغان مايلىق ۋىتامىن بولىدۇ، كۆكتاتلاردا يېمەكلىكلەردە مول بولغان سۇلۇق ۋىتامىنلار بولىدۇ، شۇڭا بۇ ئىككىلىسىنى تەڭ ئىستېمال قىلىش كېرەك. بەزى ئانىلار گۆش تەركىبىدىكى ۋىتامىن كۆكتاتلارنىڭكىدىن يۇقىرى دەپ قاراپ، دائىم بالىلىرىغا گۆش بېرىشكە دىققەت قىلىپ، سەي-كۆكتاتقا دىققەت قىلىپ كەتمەيدۇ. بۇنداق قىلىش توغرا ئەمەس، كۆكتاتلار تەركىبىدە ۋىتامىن C بولۇپ، ئادەم بەدىنىنىڭ نورمال فىزىئولوگىيىلىك ئىقتىدارىنى ساقلاپ، ئېممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرىدۇ. ئەگەر بەدەندە ۋىتامىن C كەم بولسا قان بۇزۇلۇش ۋە باشقا ئېغىر كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

بىر ياشقا تولغان بالىلاردا، بەش تالدىن سەككىز تالغىچە چىش چىقىپ بولغان بولىدۇ، بالىنىڭ چايناش ئىقتىدارى ۋە ھەزىم قىلىش ئىقتىدارى كۆرۈنەرلىك يۇقىرىلايدۇ. بىراق ھەزىم قىلىش سىستېمىسى بىر ئاز ئاجىز بولۇپ، چوڭلار بىلەن سېلىشتۇرۇشقا بولمايدۇ. شۇڭا، بۇ ۋاقىتتا بالىلارنىڭ تامىقى يەنىلا ئاددىي، سىڭىشلىك بولغىنى ياخشى. بولۇپمۇ گۆش ۋە تالالىق ئۆسۈملۈك قاتارلىق ئوڭاي ھەزىم بولمايدىغان يېمەكلىكلەرگە ئىنچىكىلىك بىلەن ئىشلەپ بېرىش، بىر كۈندىكى ئۈچ ۋاخ تاماققا كاپالەتلىك قىلىش بىلەن بىرگە، كۈندە ئىككى ۋاخ سۈت ئېمىشىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. بۇنداق قىلغاندا سۈت يالغۇز ئەلا سۈپەتلىك ئاقسىل بىلەن تەمىنلەپلا قالماستىن، بەلكى يەنە كالتسىي تولۇقلاپ، بالىنىڭ سۆڭىكىنى چىڭىتىدۇ ۋە ياخشىلايدۇ.

قوشۇمچە يېمەكلىكلەر بالىنىڭ ئانا تېنىدىن ئېلىپ كەلگەن تۆمۈر تۇغۇلۇپ ئۈچ-تۆت ئاي بولغاندىن كېيىن ئاساسىي جەھەتتىن خورايدۇ، شۇڭا، چوقۇم قوشۇمچە يېمەكلىكلەرنى قوشۇش ئارقىلىق ئېھتىياجنى قامداش كېرەك. بولمىسا، چوقۇم يېنىك دەرىجىدە ياكى ئېغىر دەرىجىدىكى قان ئازلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، ئۈچ-تۆت ئايلىق بولغان بوۋاقتا ۋىتامىن D قاتارلىقلار كەمچىل بولۇش كېسىلى پەيدا بولىدۇ شۇنداقلا كالتسىي ۋە ۋىتامىن D يېتەرلىك بولماسلىق ئەھۋالى كېلىپ چىقىدۇ. بۇ پەقەت قوشۇمچە يېمەكلىكلەرنى ۋاقتىدا تولۇقلاشقا ئېھتىياجلىق بولغاندىلا ئەمەس، سۈت تەركىبىدىكى كالتسىي ۋە ۋىتامىن D نى تولۇقلاش ئاساسىدا ھاۋارايى شارائىتى يار بەرگەن ئاساستا سىرتتا ئاپتاپقا قاقلىنىش ياكى ئۆيدە دېرىزىلەرنى ۋە تېرىنى يېپىۋالىدىغان ھەر قانداق نەرسىلەرنى ئېچىۋېتىپ، قۇياش نۇرىدىكى ئۇلترا بىنەپشە نۇر بىلەن بىۋاسىتە ئۇچرىشىپ تۇرۇش كېرەك. مۇشۇنداق قىلغاندىلا ئاندىن بالىنىڭ ساغلام يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ، قوشۇمچە يېمەكلىكلەرنى ۋاقتىدا بېرىپ، بالىنىڭ چايناش ئىقتىدارى ۋە ھەزىم قىلىش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ. يېمەكلىكلەرنى مۇۋاپىق قوشقاندا، ئوزۇقلۇقنىڭ بالىلارغا كەلتۈرگەن پايدىسى ياخشى بولىدۇ. ئاۋۋال، بالىنىڭ يېتىلىشىدىكى ئاقسىل ۋە ئىسسىقلىقنى تولۇقلاپ، بالىنىڭ تېنىنىڭ ساغلام بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، تەڭپۇڭ بولغان ئوزۇقلۇق بالىنىڭ نېرۋا سىستېمىسىنىڭ يېتىلىشىدىكى ماددىلارنى تولۇقلايدۇ، شۇنداقلا بالىنىڭ ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنىڭ ياخشىلىنىشى قوشۇمچە يېمەكلىكلەردىن ئايرىلالمايدۇ.

قوشۇمچە يېمەكلىكلەرنى تەڭشەش

قوشۇمچە يېمەكلىكلەريېمەكلىكلەرنى قوشقاندا «ئازلىقتىن كۆپلۈككە، سۇيۇقلۇقتىن قويۇقلۇققا، ئىنچىكىلىكتىن توملۇققا، بىرخىللىقتىن، كۆپ خىللىققا قاراپ مېڭىش» پرىنسىپى بويىچە قوشۇش كېرەك. ئادەتتە بالا تۆت ئايلىقتىن ئالتە ئايلىققىچە بولغاندا تۇخۇم سېرىقى بېرىشنى باشلىسا بولىدۇ، يەنە سەي، مېۋىلەرنى يۇمشاق ئېزىپ بەرسە بولىدۇ. مەسىلەن: ئالما، بانان، سەۋزە قاتارلىقلارنى يۇمشاق ئېزىپ بەرسە بولىدۇ. نەشپۈتنى تۇغۇلۇپ يېرىم يىلدىن كېيىن بەرسە بولىدۇ، بۇلماقمۇ مۇشۇلارنىڭ بىرسى. يەتتە ئايلىقتىن توققۇز ئايلىققىچە بولغان بوۋاقنىڭ يېمەكلىكىگە مۇۋاپىق مىقداردا گۆش قوشسا بولىدۇ. مەسىلەن: توخۇ گۆشى، بېلىق گۆشى قاتارلىقلار. بىراق، بىر قېتىملىق تاماقتا چوقۇم بىر خىل گۆشنى بېرىش كېرەك شۇنداقلا گۆش بىلەن سەينى ئارىلاشتۇرۇپ بېرىشنى باشلىسىمۇ بولىدۇ. بىراق سەي چوقۇم تالاسى ئاز سەي بولۇشى كېرەك، مەسىلەن: سەۋزە، كاۋا، پۇرچاق قاتارلىقلار. كەرەپشە ۋە كۈدە قاتارلىقلارنى بەرسە بولمايدۇ، ئۆسۈملۈك ئاقسىلى بىر ئاز مول بولغىنى دۇفۇ بولۇپ، ئۇنى قوشۇپ بەرسە بولىدۇ. سەككىز ئايلىقتىن ئاشقان بالىلارنىڭ سۈتىنى ئاستا-ئاستا ئازلىتىپ، بىز كېيىن سۆزلەيدىغان ئەمچەكتىن ئايرىش ۋاقتىغا كىرسە بولىدۇ.

 قوشۇمچە يېمەكلىكلەرنى قوشۇش

قوشۇمچە يېمەكلىكلەركۆپلىگەن ئوزۇقلۇقشۇناسلارنىڭ تەتقىقاتىدا قارىشىچە، بالا تۆت-ئالتە ئايلىق بولغان ۋاقىت قوشۇمچە يېمەكلىكلەرنى بېرىدىغان ئەڭ ياخشى ۋاقىت. ئۇنىڭ ئالدىدا (تۆت ئايلىق بولۇشتىن ئىلگىرى) بالىغا قاتتىق نەرسىلەرنى بەرمەسلىك كېرەك، بۇ ۋاقىت بالىنىڭ ھەزىم قىلىش سىستېمىسى تېخى تولۇق يېتىلمىگەن ۋاقىت بولۇپ، ئۇنىڭ ئاشقازان-ئۈچەي يوللىرى ۋە بۆرەك-جىگەر يوللىرى كۆتۈرەلمەيدۇ. نۆۋەتتە، خەلقئارا بالىلار ساغلاملىقى مۇتەخەسسىسلىرى بالا تۆت ئايلىق بولۇشتىن ئىلگىرى ئەڭ ياخشىسى ساپ ئانا سۈتى بىلەن بېقىشنى، باشقا نەرسىلەرنى بەرمەسلىكنى تەشەببۇس قىلىۋاتىدۇ. تۆت ئايلىقتىن ئالتە ئايلىققىچە بولغان بوۋاقلارنىڭ ئاشقازان، ئۈچەي يوللىرى، نېرۋا سىستېمىسى قاتارلىق ئورۇنلار ھەر جەھەتتىن يېتىلىپ بولىدۇ ھەم بوۋاقمۇ بارغانسېرى چوڭىيىدۇ. ئۇنىڭ ھەرىكىتىمۇ كۆپىيىدۇ، ئىسسىقلىق ۋە ئوزۇقلۇققا بولغان ئېھتىياجمۇ بارغانسېرى كۆپىيىدۇ. پەقەت ئانا سۈتىگىلا تايىنىپ قالغاندا، ئوزۇقلۇق يېتەرلىك بولماي قالىدۇ. بۇ ۋاقىت دەل، قوشۇمچە يېمەكلىكنى بېرىشنىڭ ئەڭ ياخشى ۋاقتى.

ئايلىق بوۋاقلارغا قوشۇمچە يېمەكلىكلەرنى تەييارلاش

قوشۇمچە يېمەكلىكلەر 1. شىرنىلىك تۇخۇم ئۇيۇتمىسى. توخۇ تۇخۇمىدىن بىرنى قاچىغا چېقىپ، ئازراق سۇ ۋە تۇز بىلەن تەڭشەپ، دۈملەپ پىشۇرىمىز. ئىككى-ئۈچ دانە تازىلانغان يېڭى راكنى پاكىز يۇيۇۋېتىپ چاناپ قىيما قىلىپ، قازانغا مۇۋاپىق سۇ قۇيۇپ قاينىغاندىن كېيىن راك قىيمىسى، كۆكتات قىيمىسى ۋە ئازراق تۇز سېلىپ پىشۇرغاندىن كېيىن كراخمال قوشۇپ تەڭشەپ ئارىلاشتۇرۇپ شىرنە ياسايمىز ئاندىن تەييارلاپ قويۇلغان كۆكتات شىرنىسىنى دۈملەنگەن تۇخۇم ئۇيۇتمىسى ئۈستىگە قۇيۇپ، بىر نەچچە تامچە كۈنجۈت يېغى قۇيۇۋەتسەك بولىدۇ.

2. پۇرچاق سۈتى تورتى. ئۇندىن سەككىز گرام، قوناق ئۇنىدىن ئالتە گرام، سېرىق پۇرچاق ئۇنىدىن ئىككى گرام، پۈتۈن ياغلىق ئۇندىن بەش گرام ئېلىپ ئۆزئارا ئارىلاشتۇرۇپ ئارىلاشما ئۇن تەييارلىۋالىمىز؛ بىر دانە تۇخۇمنى قاچىغا چېقىپ، ئازراق ئاق شېكەر بىلەن تەكشى ئارىلاشتۇرىمىز؛ ئارىلاشما ئۇننى تەييارلىغان تۇخۇم شىرنىسىگە تۆكۈش بىلەن بىللە ئىككىسى تەكشى ئارىلاشتۇرۇۋېلىپ، ئاندىن داكا يېيىتىلغان ياغاچ قاسقان ئۈستىگە تۆكۈپ ھەمدە ئۈستىگە كۈنجۈت قىيمىسىدىن تەكشى چېچىپ 15 ~ 20 مىنۇت دۈملىسەك بولىدۇ.

3. بېلىق گۆشى تائامى. بېلىق گۆشىدىن 50 گرام ئېلىپ پاكىز يۇيۇپ، چىنىگە سېلىپ ئازراق سوقۇلغان كاۋاۋىچىن، پىياز قىيمىسى، تۇز، ئاق شېكەر ۋە سېرىق ھاراق قوشۇپ، دۈملەپ پىشۇرغاندىن كېيىن بېلىق گۆشىنى ئېزىۋېتىمىز. قازانغا ئازراق ئۆسۈملۈك مېيى قۇيۇپ، ئېزىلگەن بېلىق گۆشىنى قازانغا سېلىش بىلەن بىللە توختىماي ئۆرۈپ قورۇپ ئالتۇن رەڭگە كىرگۈزۈۋېلىپ ھەمدە يۇمشاق ھالەتكە كەلتۈرسەك بولىدۇ.

4. كۆكتات تۇخۇم تۈرمىلى. بىر دانە توخۇ تۇخۇمىنى قاچىغا چېقىپ ئازراق تۇز سېلىپ تەكشى ئېلەشتۈرگەندىن كېيىن تاۋىغا تۆكۈپ مايدا پوشكال قىلىپ پىشۇرىمىز، ئۇششاق توغرالغان سەۋزە ۋە باش پىيازدىن ھەر بىرىدىن بىر قوشۇقتىن ئېلىپ مايدا يۇمشاق قورۇپ ئۇنىڭ ئۈستىگە يۇمشاق پىشۇرۇلغان گۈرۈچ تامىقىدىن بىر پىيالە سېلىپ، ئارىلاشتۇرۇلغاندىن كېيىن تۇخۇم پوشكىلىنىڭ ئۈستىگە تەكشى يېيىتىپ تۈرمەل قىلىپ ئوراپ، ئۇنى كىچىك-كىچىك كېسىپ بوۋاققا يېگۈزسەك بولىدۇ.

5. كۈنجۈت مەلھىمى تۈرمىلى. ئۇندىن 0.5 گرام، سېرىق پۇرچاقتىن بەش گرام ئېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ، خېمىرتۇرۇچ قوشۇپ ھەمدە مۇۋاپىق مىقداردا سۇ قۇيۇپ خېمىر يۇغۇرۇپ بولدۇرۇش؛ كۈنجۈت مەلھىمىدىن بەش گرام ئېلىپ ئازراق تۇز بىلەن تەكشى ئارىلاشتۇرۇش؛ بولدۇرۇلغان خېمىرنى سودا سۈيىدە تەكشى ئىشلىۋېتىپ، 5.0 سانتىمېتىر قېلىنلىقتا ئېچىپ، ئۈستىگە كۈنجۈت مەلھىمىنى تەكشى سۈركەپ ئاندىن تۈرمەل شەكلىدە ئوراپ، پىچاق بىلەن ئىككى سانتىمېتىر چوڭ-كىچىكلىكىدە كېسىپ، قاسقاندا دۈملەپ پىشۇرساق بولىدۇ.

6. مېزىلىك چۈرۈك بېلىق پارچىسى. بېلىق گۆشىدىن 50 گرام ئېلىپ يالپاقلاپ توغراپ، ئازراق سېرىق ھاراق، پىياز قىيمىسى، تۇز، ئاق شېكەر سېلىپ بەش مىنۇت ئەتراپىدا تۇرغۇزۇپ، كۈنجۈتنى پاكىز يۇيۇپ سۇس ئوتتا قورۇپ پىشۇرۇپ ئېزىپ كۈنجۈت قىيمىسى ياسايمىز؛ توخۇ تۇخۇمىنى قاچىغا چېقىپ تەكشى ئىلەشتۈرۈپ ھەم ئازراق كراخمال، تۇز بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ ئۇماچسىمان ھالەتكە كەلتۈرىمىز؛ ئاندىن بېلىق پارچىسىنى تۇخۇم ئۇمىچىغا سېلىپ ئىككى تەرىپىگە تەكشى سۈركەپ، ئۈستىگە كۈنجۈت قىيمىسىنى سېپىپ قول بىلەن چىڭ بېسىۋەتكەندىن كېيىن مايدا ئالتۇن رەڭگە كىرگۈچە پىشۇرساق بولىدۇ.

ھەرخىل كۆكتات، دۇفۇ قاتارلىقلارنىڭ مىقدارى بارا-بارا كۆپەيتىلسە، بوۋاققا مۇۋاپىق مىقداردا قايناق سۇ ئىچكۈزۈپ تۇرسا بولىدۇ. بۇ ئارقىلىق بوۋاقنىڭ ئىستاكان بىلەن قايناق سۇ ئىچىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك.

بىر ئايلىق بوۋاقلارغا مېۋە ۋە كۆكتات شەربىتىنى قوشۇمچە يېمەكلىكلەرنى تەييارلاش

ۋىتامىن C نىڭ مىقدارى مول بولغان كۆكتات ۋە مېۋىلەردىن كۆك پۇرچاق مايسىسى، پالەك، يازلىق يېسىۋىلەك، شوخلا، ئاپېلسىن، چىلان، ئاكتىنىيە(مايمۇن شاپتۇلى) قاتارلىقلار بار. بوۋاقلارغا مېۋە ۋە كۆكتات شەربىتى چىقىرىپ بېرىشتە، يېڭى مېۋە ۋە كۆكتات تاللاش ھەمدە ۋىتامىن C نىڭ خاراكتېرى تۇراقسىز بولغانلىقتىن، شەربەت ياساش جەريانىدا بەك ئۇزۇن قايناتماسلىق كېرەك. يېڭى مېۋە شەربىتى ياساشتا، ئاۋۋال مېۋىنى پاكىز يۇيۇپ پوستىنى ۋە ئۇرۇقىنى ئېلىۋېتىپ مېۋە سىقىش ماشىنىسىدا سىقىپ سۈيىنى چىقىرىپ، مۇۋاپىق مىقداردا قايناق سۇ بىلەن ئاز مىقداردا شېكەر سېلىپ، ئېمىزگۈسىگە قۇيۇپ بوۋاققا ئىچكۈزسە بولىدۇ. كۆكتات شىرنىسى ياساشتا، يېڭى كۆكتات تاللاپ، پاكىز يۇيۇپ ئۇششاق چانىغاندىن كېيىن ئازراق سۇ قۇيۇپ، قۇم قازاندا ئۈچ ~ بەش مىنۇت قايناتسىلا بولىدۇ، ھەرگىزمۇ مىس قازان ئىشلەتمەسلىك كېرەك. كۆكتات شىرنىسىنىڭ تېمپېراتۇرىسى ئادەتتە ئىچىدىغان سۈتنىڭ تېمپېراتۇرىسى بىلەن ئوخشاش ھالەتكە كەلگەندە ئىمىزگۈگە قۇيۇپ ئازراق شېكەر ئارىلاشتۇرۇپ بوۋاققا ئىچۈرۈلىدۇ. بوۋاقلارغا مېۋە شىرنىسى، كۆكتات شىرنىسى قوشۇپ بەرگەندە تەرتىپ بويىچە تەدرىجىي ئىلگىرىلەش، باشلىنىشتا قويۇقلۇقى تۆۋەنرەك بولۇش، بوۋاق ماسلىشىۋالغاندىن كېيىن ئاندىن بارا-بارا قويۇقلۇقىنى ئاشۇرسا بولىدۇ. ئادەتتىكى ئەھۋالدا بىر ئايلىق بوۋاقلارغا ھەر قېتىم 10 ~ 15 مىللىلىتىر(تەخمىنەن ئىككى-ئۈچ قوشۇق ئەتراپىدا) مېۋە شەربىتى ياكى كۆكتات شەربىتى ئىچۈرۈش، ۋاقىتنى ئىككى قېتىم ئېمىتىش ئارىلىقىنى تاللاش كېرەك. 

تۆت ئايلىق بوۋاقلارغا قوشۇمچە يېمەكلىكلەرنى تەييارلاش 

قوشۇمچە يېمەكلىكلەر1. تۇخۇم سېرىقى بوتقىسى. تۇخۇمنى پاكىز يۇيۇۋېتىپ سوغۇق سۇغا سېلىپ سۇس ئوتتا پىشۇرۇش، تۇخۇم سېرىقىنى چىقىرىپ، ئېزىپ بەرسە بولىدۇ. يەنە ئېزىلگەن تۇخۇم سېرىقىغا كالا سۈتى، گۈرۈچ سۈيى ياكى كۆكتات سۈيى قوشۇپ بەرسىمۇ بولىدۇ. باشلىنىشتا يېرىم تۇخۇم بەرسە، ئۇنىڭدىن كېيىن بوۋاقنىڭ ھەزىم قىلىش، سۈمۈرۈش ئەھۋالىغا ئاساسەن، بارا-بارا ھەر كۈنى بىر تۇخۇمغا كۆپەيتسە بولىدۇ. تۇخۇم سېرىقىدا مول بولغان ئاقسىل، كالتسىي، فوسفور، تۆمۈر قاتارلىق ئوزۇقلۇق تەركىبلەر بولۇپ، بوۋاقنىڭ چوڭ مېڭە، سۆڭەك، مۇسكۇل ۋە نېرۋا ھۈجەيرىسىنىڭ يېتىلىشىگە پايدىلىق. ② كۆكتات بوتقىسى. مۇۋاپىق مىقداردا يېڭى كۆكتات ئېلىپ مەسىلەن يازلىق يېسىۋىلەك، پالەك، تۇرۇپ قاتارلىقلار، ئۇلارنى پاكىز يۇيۇپ، چاناپ، دۈملەپ ياكى پىشۇرغاندىن كېيىن ئېزىپ بوتقىسىمان ھالەتكە كەلتۈرسە بولىدۇ. يەككە ھالدا ياكى كۆكتات شىرنىسى بىلەن بىللە بوۋاققا قوشۇق بىلەن ئىچۈرسە بولىدۇ. كۆكتات بوتقىسىدا كۆپرەك مىقداردا ۋىتامىن، مىنېرال ماددىلار بولۇش بىلەن بىللە يەنە چوڭ تەرەتنىڭ قۇرغاقلىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، بوۋاقلارنىڭ ساغلاملىقىغا ئىنتايىن پايدىلىق. كۆكتاتنىڭ تۈرى كۆپرەك بولۇپ، تۈرىنى ئالماشتۇرۇپ تۇرسا بولىدۇ. ③  ھايۋانات جىگىرى بوتقىسى. يېڭى ھايۋانات جىگىرىدىن 50 ~ 80 گرام ئېلىپ، يۇيۇپ ئاجرىتىپ، سىڭىرلىرىنى ئېلىۋېتىپ، ئۇششاق چاناپ، ئازراق جياڭيۇغا 10 مىنۇت ئەتراپىدا چىلاپ ئاندىن قايناۋاتقان سۇغا سېلىپ بەش مىنۇت تۇرغۇزسىلا بولىدۇ. ھايۋانات جىگىرى تەركىبىدە مول بولغان ئاقسىل، فوسفور، تۆمۈر قاتارلىقلار بولۇپ، قان تولۇقلاش، چوڭ مېڭىنىڭ يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، كەم قانلىق ياكى راخىت كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىق رولى بار. ھەر قېتىملىق سۈت ئېمىتش ئارىلىقىدا مۇۋاپىق مىقداردا ئىلمان قايناق سۇ، سوغۇق قايناق سۇ، ھەرخىل مېۋە شەربىتى، كۆكتات شىرنىسى، كۆكتات شورپىسى قاتارلىقلارنى قوشۇپ بەرسە بولىدۇ.

بەش ئايلىق بوۋاقلارغا قوشۇمچە يېمەكلىكلەرنى تەييارلاش  

ئۆتكەن ئايدا بوۋاققا تەييارلاپ بەرگەن قوشۇمچە يېمەكلىكتىن سىرت، يەنە تۆۋەندىكىدەك قوشۇمچە يېمەكلىكلەرنى تەييارلاپ بېرىشكە بولىدۇ:

1.كۆكتات گۈرۈچ ئۇمىچى. يازلىق يېسىۋىلەك (مەسىلەن: پالەك، يازلىق يېسىۋىلەك) تىن ئازراق ئېلىپ، پاكىز يۇيۇپ ئۇششاق چاناش. تېرىق(ياكى گۈرۈچ) دىن ئىككى كىچىك قوشۇق ئېلىپ پاكىز يۇيۇپ، سوغۇق سۇغا بىر-ئىككى سائەت چىلاپ قويۇش. ئاندىن قازانغا 150 مىللىلىتىر ئەتراپىدا سۇ قۇيۇپ، سۇ قاينىغاندىن كېيىن گۈرۈچنى سېلىپ، سۇس ئوتتا 40 ~ 50 مىنۇت دۈملىگەندىن كېيىن تەييارلانغان كۆكتاتنى سېلىپ يەنە ئون مىنۇت ئەتراپىدا دۈملەپ ئاز مىقداردا چۈچۈتۈلگەن ئۆسۈملۈك مېيى قوشسىلا بولىدۇ.

2. بېلىق بوتقىسى. بېلىق قاسىرىقىنى ھەم ئىچكى ئەزالىرىنى تازىلاپ پاكىز يۇيۇۋېتىپ، سۇ قويۇپ سۇس ئوتتا پىشۇرۇپ، قىلتىرىقلىرىنى ئايرىۋەتكەندىن كېيىن يۇمشاق ئېزىۋەتسىلا بولىدۇ. يەنە شوۋىگۈرۈچ بىلەن قوشۇپ بەرسىمۇ بولىدۇ. ئۈچ ~ بەش كۈن ئاتلاپ بىر قېتىم بەرسە بولىدۇ. بېلىق گۆشى ئاقسىلى تەركىبىدىكى ئامىنو كىسلاتاسى بىلەن ئانا سۈتىدىكى لاكتالبۇمىن تەركىبىدىكى ئامىنو كىسلاتاسىنىڭ تەركىبى ئىنتايىن ئوخشايدۇ، ئوزۇقلۇق قىممىتىمۇ ئىنتايىن يۇقىرى ھەمدە ئىشلىتىلىش نىسبىتىمۇ يۇقىرى، بوۋاقنىڭ ساغلام يېتىلىشىگە ئىنتايىن پايدىلىق. ③ ئېزىلگەن شوخلا ئۈگرىسى. ئىنچىكە كەسمە چۆپنى ئۇششاق توغراپ تەييارلىنىدۇ. قازانغا مۇۋاپىق مىقداردا سۇ (ياكى شورپا) قۇيۇپ، سۇ قاينىغاندىن كېيىن توغرالغان كەسمە چۆپنى سېلىپ، ئاندىن بىر چوڭ قوشۇق شوخلا قىيامى قوشۇپ، چۆپ يۇمشىغىچە پىشۇرسا بولىدۇ. ئۇنىڭدىن سىرت ھەر قېتىملىق سۈت ئېمىتىش ئارىلىقىدا مۇۋاپىق مىقداردا ئىلمان قايناق سۇ، سوغۇق قايناق سۇ، ھەرخىل مېۋە شەربەتلىرىنى قوشۇپ بەرسە بولىدۇ.

ئالتە ئايلىق بوۋاقلارغا قوشۇمچە يېمەكلىكلەرنى تەييارلاش 

ئالتە ئايلىق بوۋاقلارغا تۆۋەندىكىدەك قوشۇمچە يېمەكلىكلەرنى تەييارلاپ بېرىشكە بولىدۇ. ① تۇخۇم سېرىقى ئۇمىچى. گۈرۈچ (ياكى تېرىق) تىن ئىككى قوشۇق ئېلىپ يۇيۇپ، 012 مىللىلىتىر سۇغا بىر-ئىككى سائەت چىلاپ قويۇپ، ئاندىن سۇس ئوتتا 40 ~ 50 مىنۇت پىشۇرۇپ، ئۇنىڭغا ئېزىپ تەييارلانغان تۇخۇم سېرىقىنى سېلىپ يەنە ئون مىنۇت ئەتراپىدا پىشۇرسا بولىدۇ. ② قايماقلىق تۇخۇم. يېرىم خام تۇخۇم سېرىقى، كراخمالدىن يېرىم قوشۇق ئېلىپ قازانغا سېلىپ، سۇ قۇشۇپ تەكشى ئارىلاشتۇرغاندىن كېيىن ئوتتا بىر تەرەپتىن ئارىلاشتۇرۇپ بىر تەرەپتىن پىشۇرۇلىدۇ. تاكى يېپىشقاق ھالەتكە كەلگۈچە پىشۇرۇپ، سوۋۇغاندىن كېيىن ئازراق شېكەر ئارىلاشتۇرۇپ بەرسە بولىدۇ. ③  ياغدا پىشۇرۇلغان موما پارچىسى. موما 5.0 سانتىمېتىر قېلىنلىقتا كېسىپ تەييارلىنىدۇ. تۇخۇمنى قاچىغا چېقىپ تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ ئازراق كراخمال، ساپ تۇز قوشۇلۇپ ئۇماچ ھالەتكە كەلتۈرۈلىدۇ. ئاندىن ئۆسۈملۈك يېغىنى قازانغا قۇيۇپ قىزىتىپ، موما پارچىسىنى تۇخۇم ئۇمىچىغا سېلىپ، ئىككى تەرىپىگە تەكشى سۈركىگەندىن كېيىن، قازانغا سېلىپ مايدا سېرىق رەڭگە كىرگۈچە پىشۇرۇپ ئېلىپ، سوۋۇغاندىن كېيىن يىگۈزسە بولىدۇ.

ئون ئايلىق بوۋاقلارغا قوشۇمچە يېمەكلىكلەرنى تەييارلاش 

1. گۆش قەلەمچىسى چۆپى. قازانغا سۇ قۇيۇپ قاينىغاندىن كېيىن بىر كىچىك باغلام مېزېمېريانتېمۇم چۆپى سېلىپ، ئۇنىڭغا ئازراق تۇز سېلىپ، چۆپ پىشقاندىن كېيىن سۈزۈۋېلىپ سوغۇق سۇدا چايقاپ، سۈيىنى پاكىز ئېقىتىۋېتىپ قويۇپ تۇرىمىز. قوي گۆشىدىن 30 گرامنى يۇيۇپ ئۇششاق قىيما قىلىپ، ئۇششاق راكتىن 20 گرامنى چانىۋالىمىز. قازانغا ئۆسۈملۈك مېيى قۇيۇپ قىزىغاندىن كېيىن پىياز، گۆش قىيمىسىنى سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ قورۇيمىز ئاندىن كىچىككىنە جياڭيۇ قويۇۋېتىپ تەم كىرگۈچە داۋاملىق قورۇيمىز، ئۇنىڭدىن كېيىن قازانغا مۇۋاپىق سۇ قۇيۇپ گۆش قىيمىسىنى پىشۇرۇپ، يەنە چۆپ، كۆكتات قىيمىسى ۋە راكنى سېلىپ قاينىغاندىن كېيىن كىچىككىنە ساپ تۇز سېلىۋەتسەك بولىدۇ.

2. كالا گۆشى ئۇمىچى. 20 گرام يىرىك گۈرۈچنى پاكىز يۇيۇۋېتىپ، قازانغا مۇۋاپىق سۇ قۇيۇپ، قاينىغاندىن كېيىن گۈرۈچنى سېلىپ سۇس ئوتتا ئېزىلدۈرۈپ پىشۇرۇۋالىمىز. 30 گرام كالا گۆشىنى يۇيۇۋېتىپ چاناپ، قىيما قىلىپ، سېرىق ماي بىلەن تۇز سېلىپ بەش مىنۇت تۇرغۇزۇپ، سەۋزىدىن 20 گرامنى دۈملەپ پىشۇرغاندىن كېيىن يۇمشاق ئېزىپ، ئاندىن كالا گۆشى قىيمىسى، ئېزىلگەن سەۋزىنى بىرلا ۋاقىتتا ئۇماچقا سېلىپ، مۇۋاپىق تۇز سالغاندىن كېيىن سۇس ئوتتا 15 مىنۇت پىشۇرۇپ ئەڭ ئاخىرىدا بىر قانچە تامچە كۈنجۈت يېغى سېلىۋەتسەك بولىدۇ.

ئەمچەكتىن ئايرىشتىن ئىلگىرى قوشۇمچە يېمەكلىكلەرنى تەييارلاش 

ئەمچەكتىن ئايرىش — بالىنىڭ ئانا سۈتىدىن خوشلىشىشىنى كۆرسىتىدۇ، بۇ بىر-ئىككى كۈن ئىچىدە تۈگىمەيدۇ. بالىنىڭ سالامەتلىكى ماس كەلمەسلىك ياكى ئانا-بالا رىشتىسى پەۋقۇلئاددە ئەھۋال ئاستىدا قايتا-قايتا ئەمچەكتىن ئايرىشنى سىناپ باقسا بولىدۇ، پەقەت ئەمچەكتىن ئايرىشتىن بۇرۇن تولۇق تەييارلىق بولسا، تەرتىپلىك ھالدا ئېلىپ بارسا، بالا ئوڭۇشلۇق ھالدا ئەمچەكتىن ئايرىلىدۇ. ھەرگىزمۇ بالىغا پايدىسىز تەسىرلەرنى بەرمەيدۇ، ئەمچەكتىن ئايرىشتىن بۇرۇنقى ئىشلارنى ياخشى قىلىش—ئەمچەكتىن ئايرىشنى ئوڭۇشلۇق قىلىشنىڭ باشلانمىسى. تۆت ئايلىقتىن ئالتە ئايلىققىچە بولغان بوۋاقلارغا قوشۇمچە يېمەكلىكلەرنى بېرىشكە، يەنى سۈتلۈك پىرەنىك، گۈرۈچ تاماقلىرى، سۇيۇقئاش، ئۈگرە، سەي-كۆكتات، بېلىق گۆشى، گۆش قاتارلىقلارنى بېرىشكە بولىدۇ. ئازلىقتىن كۆپلۈككە، سۇيۇقلۇقتىن-قويۇقلۇققا، بىر خىللىقتىن كۆپ خىللىققا قاراپ مېڭىش كېرەك. بالىلار بۇ خىل يېمەكلىكلەرنى قوبۇل قىلغاندا، ئاستا-ئاستا ئەمچەكتىن ئايرىش ئۆتكىلىدىن ئۆتۈپ كېتىدۇ. بالىنىڭ چىشى چىققاندىن كېيىن قاتتىقراق يېمەكلىكلەرنى چايناپ، سۈت بوتۇلكىسى، ئىستاكان ۋە قوشۇقتا بىر نەرسە يېيىشنى ئۆگىنىشكە باشلايدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى يېمەك-ئىچمەك جەھەتتە ئەمچەكتىن ئايرىشنىڭ تەييارلىقلىرى.

بوۋاقلارغا قوشۇمچە يېمەكلىك قوشۇپ بېرىشنىڭ ئادەەتتىكى پرىنسىپلىرى تۆۋەندىكىچە:

قوشۇمچە يېمەكلىك1. تۈرى جەھەتتە بىر خىلدىن كۆپ خىللىشىش. باشلىنىشتا بوۋاقنىڭ يېمەكلىككە بولغان ماسلىشىشچانلىقى تېخى ناچارراق، كۆپ يېمەكلىكلەرنى بىللە قوشۇپ بېرىشكە بولمايدۇ. بىر خىل-بىر خىلدىن سىناش، بوۋاق بىر خىلغا كۆنگەندىن كېيىن يەنە بىر خىلنى قوشۇپ بېرىش. ئەگەر بوۋاق يېمەكلىكنى رەت قىلغاندا ياكى ھەزىم قىلىش ناچار بولۇش كۆرۈلگەن ھامان ۋاقتىدا ئالماشتۇرۇش، ھەرگىزمۇ مەجبۇرلىماسلىق، بوۋاقتا بىزارلىق پسىخىكىسى شەكىللىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

2. مىقدارى جەھەتتە، ئازلىقتىن كۆپىيىش. قوشۇمچە يېمەكلىك قوشۇپ بەرگەندە ئاز مىقداردىن باشلاپ بارا-بارا كۆپەيتىش. چوڭ تەرەتنىڭ خاراكتېرىدە غەيرىيلىك كۆرۈلگەن ھامان، ئىچى سۈرۈش قاتارلىق ئالامەتلەردە قوشۇمچە يېمەكلىكلەرنىڭ مىقدارىنى ئازايتىش ياكى توختىتىش، بوۋاق نورمال ھالەتكە قايتقاندىن كېيىن ئاندىن ئاز مىقداردىن سىناپ يېگۈزۈش كېرەك.

3. سۈپەت جەھەتتە، سۇيۇقتىن قويۇقلىشىش ۋە يۇمشاقتىن قاتتىقلىشىش، قوشۇمچە يېمەكلىكلەرنى قوشۇپ بېرىشكە باشلىغاندا، سۇيۇق، يۇمشاق بولۇش، ئاساسىي جەھەتتىن شەربەت، بوتقا، شورپا، قىيما تەرتىپىگە ئاساسەن قەدەممۇ قەدەم قويۇقلىشىش، قاتتىقلىشىش كېرەك. 

5. تاماقلاندۇرۇش ئۇسۇلى جەھەتتە، قوشۇقنى ئاساس قىلىش. بۇنداق قىلغاندا بوۋاق كۈندىلىك قاچا-قۇمۇشلارنى ئىشلىتىشكە كۆنۈپ، ئەمچەك توپچىسىغا بولغان بېقىندىلىق ئاجىزلاپ، ئەمچەكتىن ئايرىش ئۈچۈن ياخشى ئاساس يارىتىشقا بولىدۇ.

5. تەم جەھەتتە، تۇزسىزنى ئاساس قىلىش. يېرىم ياشتىن ئىلگىرى، بوۋاقنىڭ ھەزىم قىلىش ۋە چىقىرىش ئىقتىدارى بىر ئاز نازۇك، قوشۇمچە يېمەكلىكلەرگە ئەڭ ياخشىسى تۇزنى قوشماسلىق، جىگەر، بۆرەكنىڭ ۋەزىپىسىنى ئېغىرلىتىۋېتىشتىن ساقلىنىش. ئۇنىڭدىن سىرت، بوۋاق ئاغرىپ قالغانلاردا قوشۇمچە يېمەكلىكلەرنى ئازراق قوشۇپ بېرىش ياكى توختىتىش ئارقىلىق ئاشقازان، ئۈچەي يوللىرىنىڭ ۋەزىپىسىنى يېنىكلىتىش كېرەك.

قوشۇمچە يېمەكلىكقوشۇمچە يېمەكلىكلەرنى بەرگەندە بالىنىڭ زىيادە سېزىمچانلىقىنىڭ قوزغىلىشىدىن ساقلىنىش كېرەك، بالىنىڭ يېمەك-ئىچمەككە بولغان زىيادە سېزىمچانلىقىنى قوزغايدىغان سەۋەبلەر ناھايىتى كۆپ، ھەربىر بالا ئوخشاش بولمايدۇ. كالا سۈتىمۇ بۇ خىل ئالامەتنى پەيدا قىلىدىغان دائىم كۆرۈلىدىغان سەۋەب. كالا سۈتىگە بولغان زىيادە سېزىمچانلىقى يۇقىرى بالىلارغا پۇرچاق تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنى ماسلاشتۇرۇپ بېرىش كېرەك. دائىم زىيادە سېزىمچانلىقنى قوزغايدىغان باشقا يېمەكلىكلەرگە تۇخۇم ئېقى، دېڭىز مەھسۇلاتلىرى، بۇغداي، قاتتىق پوستلۇق مېۋە، قوناق، پۇرچاق قاتارلىقلارنى ئارىلاشتۇرۇپ بېرىش كېرەك. ئادەتتە قوشۇمچە يېمەكلىكلەرنى تۇنجى قېتىم قوشقاندا بۇلارنى ئىشلىتىشتىن ساقلىنىڭ. قوناق ئاقسىلى بولسا قوناقلار ئارىسىدىكى ئومۇميۈزلۈك زىيادە سېزىمچانلىقنى قوزغايدىغان تەركىب، گۈرۈچ بولسا زىرائەت ئاقسىلى ئەڭ تۆۋەن بولغان زىرائەت بولۇپ، سېزىمچانلىقنى قوزغىشى ئاستا. شۇڭا، ئەڭ بالدۇر گۈرۈچ تامىقى بېرىش كېرەك. يېمەك-ئىچمەكنىڭ ئەكس تەسىر قىلىشى ئادەتتە مەڭگۈلۈك بولمايدۇ. يېشىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ ئازلايدۇ، ئەكس تەسىر قىلغان يېمەكلىكلەرنى بىر قانچە ئاي ياكى بىرقانچە يىلدىن كېيىن سىناپ باقسا، ئەكس تەسىر قىلماسلىقى مۇمكىن. 

ئادەتتىكى ئەھۋالدا، بالدۇر تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ تۇغۇلغان چاغدىكى بەدەن ئېغىرلىقى يېنىكرەك بولىدۇ. ئاشۇ بەدەن ئېغىرلىقى 5.2 مىڭ گرامغا يەتمىگەن بالدۇر تۇغۇلغان بوۋاقلارغا نىسبەتەن، تۇغۇلغاندا ئانا تېنىدىن قوبۇل قىلىدىغان «بايلىق» سەل ئاز، بولۇپمۇ تۆمۈرنىڭ ساقلىنىش مىقدارى تېخىمۇ ئاز. تۇغۇلۇپ تۆت ئاي ئىچىدە، بوۋاقنىڭ تۆمۈرگە بولغان سۈمۈرۈش ئىقتىدارى ناچارراق، گەرچە دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە تۆمۈر ماددىسىنى تولۇقلىغان ھالەتتىمۇ بەدەندىكى تۆمۈرنىڭ مىقدارى يەنىلا ئۆسۈپ يېتىلىشىدىكى ئېھتىياجىنى قاندۇرالمايدۇ. شۇڭا قوشۇمچە يېمەكلىك قوشۇپ بەرگەندە، تۆمۈرنىڭ تولۇقلىنىشىغا بەكرەك دىققەت قىلمىسا بولمايدۇ. شۇ سەۋەبتىن يەنىلا دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە داۋاملىق تۆمۈر ماددىسىنى تولۇقلاش زۆرۈر. بالدۇر تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ ھەزىم قىلىش ئىقتىدارى نىسبەتەن ئاجىزراق بولغانلىقتىن، يەنە ئاز-ئازدىن كۆپ قېتىم تاماق بېرىشكە دىققەت قىلىش، بوۋاقنىڭ ئىشتىھاسى قانچە ياخشى بولۇشىدىن قەتىئىينەزەر، ھەرگىزمۇ بوۋاققا بىر قېتىمدىلا بەك كۆپ نەرسە بەرمەسلىك، ھەزىم قىلىش سىستېمىسىنىڭ ۋەزىپىسىنى ئېغىرلاشتۇرۇپ ھەزىم قىلىش ناچارلىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. ئالتە ئايلىقتىن ئاشقاندا، بوۋاقنىڭ تۆمۈرگە بولغان سۈمۈرۈش ئىقتىدارى ئاشىدۇ، بۇ ۋاقىتتا تۆمۈر تەركىبى مول بولغان يېمەكلىكلەرنى يەنى كىچىك راكلار، قۇرۇتۇلغان سۆسۈن يېسىۋىلەك قاتارلىقلارنى تاللاش، ئۇلارنى ئۇماچقا سېلىپ يۇمشاق پىشۇرغاندىن كېيىن بوۋاققا بېرىش. بۇ يېمەكلىكلەرنى بوۋاقلارغا بىر ياش ئەتراپىغىچە بېرىشكە بولىدۇ. 

بىر قىسىم «قارا رەڭلىك يېمەكلىك» نى نېمە ئۈچۈن بالىلار كۆپرەك ئىستېمال قىلىشى كېرەك؟

«قارا رەڭلىك يېمەكلىك» ئاساسلىقى سىرتقى كۆرۈنۈشى قارا ياكى قېنىق رەڭلىك ئاشلىق، مېۋە، كۆكتات قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدۇ. دائىم كۆرۈپ تۇرىدىغان قارا رەڭلىك يېمەكلىكلەر: قارا گۈرۈچ، قارا كۈنجۈت، قارا مور، قىزىل دېڭىز يۈسۈنى، لامنارىيە، قارا چىلان، قارا ئۈزۈم قاتارلىقلار. قارا رەڭلىك يېمەكلىكنىڭ ئوزۇقلۇق ۋە سالامەتلىكنى ئاسراش ئىقتىدارى ناھايىتى ياخشى. ئىلمىي ئۆلچەمگە ئاساسلانغاندا، قارا گۈرۈچنىڭ تەركىبىدە ئادەم بەدىنىگە ئېھتىياجلىق بولغان خىلمۇخىل ئامىنو كىسلاتالار، يەنە تۆمۈر، كالتسىي، مانگان، سىنك قاتارلىق مىكرو ئېلېمېنتلار ناھايىتى مول بولۇپ، دائىم ئىستېمال قىلىپ بەرسە، قان پىگمېنتلىرى ۋە قىزىل قان ئاقسىلىنىڭ مىقدارىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ، يۈرەك قان سىستېمىسىنىڭ راۋان بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ ھەم ئۆسمۈرلەرنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈشكە ناھايىتى پايدىلىق. ئەگەر شارائىت يار بەرگەن ئەھۋال ئاستىدا، بالىلارنى بىر قىسىم قارا رەڭلىك يېمەكلىكنى بەرسە، بالىلارنىڭ سالامەتلىكىگە ناھايىتى چوڭ پايدىسى بار.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#