تاغقا چىقىش

تاغقا چىقىش

1786-يىل8-ئاينىڭ8-كۈنى فرانسىيە دوختۇرى باكارۇ بىلەن تاشچى بارما ھەمكارلىشىپ تۇنجى قېتىم دېڭىز يۈزىدىن4807 مېتىر ئېگىزلىكتىكى ئالپىس تېغىنىڭ ئەڭ ئېگىز چوققىسىغا چىققان. كېيىنكىلەر بۇ يىلنى ھازىرقى زامان تاغقا چىقىش ھەرىكىتىنىڭ تۇغۇلغان يىلى، دەپ قارىغان. 

ئۇيغۇرچە نامى تاغقا چىقىش
خەنزۇچە نامى 登山

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

تاغقا چىقىشتاغقا چىقىش ھەرىكىتى مەيدانغا كەلگەندىن تارتىپ ھازىرغىچە ئۈچ تەرەققىيات دەۋرىنى باشتىن ئۆتكۈزگەن. 1786-يىلىدىن1865-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا، بىرمۇنچە دۆلەتلەرنىڭ تەنھەرىكەتچىلىرى ئارقىمۇئارقا ئالپىس تاغلىرىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن3000 −4000 مېتىر ئېگىز چوققىلىرىغا چىققان. بۇ مەزگىل «ئالپىسنىڭ ئالتۇن دەۋرى» دەپ ئاتالغان. 19-ئەسىرنىڭ80-يىللىرىدىن كېيىن تاغقا چىقىش نىشانى تەدرىجىي ھالدا ئالپىس تاغلىرىدىنمۇ ئېگىز، تېخىمۇ خەتەرلىك ھىمالايا تاغلىرىغا يۆتكەلگەن. 1950-يىلىدىن1964-يىلىغىچە دۇنيادىكى8000 مېتىردىن ئېگىز14 چوققىغا(دۇنيادىكى ئەڭ ئېگىز چومولاڭما چوققىسىمۇ شۇنىڭ ئىچىدە) جۇڭگو، ئەنگلىيە، ئامېرىكا، ئىتالىيە، ياپونىيە قاتارلىق ئون نەچچە دۆلەتنىڭ تەنھەرىكەتچىلىرى ئارقا-ئارقىدىن چىقىپ، ئۇلارنى بويسۇندۇرغان. بۇ مەزگىل «ھىمالايانىڭ ئالتۇن دەۋرى» دەپ ئاتالغان. 1964-يىلىدىن كېيىن تاغقا چىقىش تەنھەرىكەتچىلىرى ھېچكىم يۈرۈپ باقمىغان خەتەرلىك يوللار بىلەن7000 −8000 مېتىردىن ئېگىز چوققىلارغا يۈرۈش قىلغان. 1978-يىلى5-ئايدا ئىتالىيە تاغقا چىقىش ماھىرى رېينخولت مىسنار بىلەن پېت خارلى ئوكسىگېن ئىشلەتمەي چومولاڭما چوققىسىغا چىقىش نەمۇنىسىنى ياراتقان. 1988-يىلى5-ئايدا جۇڭگو، ياپونىيە، نېپال ئۈچ دۆلەتنىڭ تاغقا چىقىش تەنھەرىكەتچىلىرى بىرلەشمە تاغقا چىقىش ئەترىتى تەشكىللەپ، ئىككى گۇرۇپپىغا بۆلۈنۈپ، جەنۇب، شىمال ئىككى تەرەپىدىن چومولاڭما چوققىسىغا ئوڭۇشلۇق چىقىپ، دۇنيادىكى ئەڭ ئېگىز چوققىغا قوش يۆنىلىشتە چىقىشتەك ئىنسانلارنىڭ تاغقا چىقىش تارىخىدىكى بىر مۆجىزىنى ياراتقان. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ بۇ مەزگىل «تاغقا چىقىشتا چەكلەنگەن رايونلارغا ئۈزلۈكسىز بۆسۈپ كىرىلگەن يېڭى دەۋر» دەپ ئاتالغان.

تاغقا چىقىش ھەرىكىتى «پىرامىدالىق سەپ تۈزۈپ تاغقا چىقىش» ، «ئالپىسچە تاغقا چىقىش» ۋە «تېخنىكىلىق تاغقا چىقىش» تەك بىرقانچە تۈرگە بۆلۈنىدۇ. پىرامىدالىق سەپ تۈزۈپ تاغقا چىقىشتا زور تۈركۈمدىكى ياللانما خادىملارغا تايىنىلىدۇ، تاغقا يامىشىش جەريانىدا، پىرامىدا شەكلىدە قاتلاممۇقاتلام پونكىتلار تەسىس قىلىنىپ، پونكىتلاردا ئادەم تۇرغۇزۇلۇپ، قاتناش ۋە ياردەم لىنىيىسى تەشكىللىنىدۇ. ئالپىسچە تاغقا چىقىشتا تاغقا چىققۇچىلار پۈتۈنلەي ياكى ئاساسەن ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ھەر خىل تاغ چوققىلىرىغا چىقىدۇ. تېخنىكىلىق تاغقا چىقىش تاغقا يامىشىشتىكى پىششىق تېخنىكىغا ۋە ھەر خىل تېخنىكىلىق سايمانلارغا تايىنىپ مەخسۇس تىك قىيالارغا يامىشىپ چىقىشتىن ئىبارەت.

تاغقا چىقىشتاغقا چىقىش ئېلىمىزدە ئۇزاق تارىخقا ئىگە، «9-سېنتەبىر» چۇڭياڭ بايرىمى جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى تاغقا چىقىش پائالىيىتى بايرام كۈنىدۇر. رىۋايەت قىلىنىشىچە، تاڭ سېڭ(شۈەنزاڭ) غەربتىن نوم ئەكىلىش سەپىرىدە، دېڭىز يۈزىدىن6000 مېتىر ئېگىز سۇڭلىڭ تېغىدىن ئۆتكەن. تاڭ دەۋرىدىكى ئاتاقلىق شائىر لى بەي چىنلىڭ تاغلىرىنىڭ ئاساسلىق چوققىسى تەيبەي چوققىسىنى ساياھەت قىلىپ يۈرگىنىدە، كىشىگە ھۇزۇر بېرىدىغان» تەيبەي چوققىسىغا چىقىش «ناملىق شېئىرىنى قالدۇرغان.

ئېلىمىزنىڭ ھازىرقى زامان تاغقا چىقىش ھەرىكىتى20-ئەسىرنىڭ50-يىللىرى باشلانغان. 1956-يىلى جۇڭگو تاغقا چىقىش بىرلەشمىسى قۇرۇلغان ھەمدە ئېلىمىزنىڭ تۇنجى تاغقا چىقىش ئەترىتى تەسىس قىلىنغان. 1960-يىل5-ئاينىڭ25-كۈنى ئېلىمىزنىڭ تاغقا چىقىش تەنھەرىكەتچىسى گۇڭ بو(زاڭزۇ) ، ۋاڭ فۇجۇ، چۈي يىنخۇالار تۇنجى قېتىم شەرقىي شىمال تاغ ئومۇرتقىسىدىن چومولاڭما چوققىسىغا چىققان. 1964-يىلى ئېلىمىز تەنھەرىكەتچىلىرى ئەڭ ئاخىرقى ئادەم ئىزى ئاياغ باسمىغان، 8000 مېتىردىن ئېگىز شىشۇاڭبەننا چوققىسىغا چىققان. 1975-يىل5-ئاينىڭ27-كۈنى ئېلىمىزنىڭ توققۇز تەنھەرىكەتچىسى يەنە شەرقىي شىمال تاغ ئومۇرتقىسىدىن چومولاڭما چوققىسىغا چىققان. ئۇنىڭ ئىچىدىكى فەن دو(زاڭزۇ) دۇنيادىكى بىرىنچى ئېگىز چوققىغا چىققان ئايال تەنھەرىكەتچى بولۇپ قالغان. بۇ قېتىمقى چوققىغا چىقىشتا، تەنھەرىكەتچىلەر ئالاھىدە مېتالدىن ياسالغان موسىياغاچنى چومولاڭما چوققىسىغا بېكىتىپ، بۇ چوققىنىڭ ئېگىزلىكىنىڭ13.8848 مېتىر ئىكەنلىكىنى توغرا ئۆلچەپ چىققان. بۇ، خەلقئارا تاغقا چىقىش تارىخىدا تۇنجى قېتىم ئەڭ ئېگىز چوققىنىڭ ئېگىزلىكىنى توغرا ئۆلچەپ چىقىشتۇر.


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#