كۆكنار ئۇرۇقى
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
بۇ كۆكنار ئائىسىىدىكى ئۆسۈملۈك (papa veris somniFerum.L ) نىڭ پىشقان غوزا مېۋىسىنىڭ ئۇرۇقى بولۇپ، ئۇرۇقى ئۇششاق، شەكلى بۆرەك شەكىللىك رەڭگى ئاق ياكى قارا بولىدۇ. سىرتقى يۈزىدە تورسىمان سىزىقچە بار. تەمى ئاچچىق، پۇرىقى ئۆتكۈر كېلىدۇ.
چىقىش ئورنى
ھىندىستان، ئىران، تۈركىيە، بۇلغارىيە قاتارلىق جايلاردىن، ھەمدە مەملىكىتىمىزنىڭ بەلگىلەنگەن ئورۇنلىرىدا تېرىپ ئۆستۈرۈلىدۇ.
سۈت مەنى پەيدا قىلىش، بۆرەكنى قۇۋۋەتلەش، مەست قىلىش، ئۇخلىتىش، ئاغرىق پەسەيتىش، مېڭە، جىگەر ۋە بەدەننى قۇۋۋەتلەش، ساپ قان پەيدا قىلىش، سەمرىتىش، بەلغەم بوشىتىش، مەنىنى تۇتۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
مېڭە، جىگەر ۋە بۆرەك ئاجىزلىقى، كۆكرەك يىرىكلىكى، مەنى بالدۇر كېتىش، بەدەن ئاجىزلىق، ئىچى سۈرۈش، يۆتەل قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.
1. يۆتەل، ئىچى سۈرۈش ۋە مەنى بالدۇر كېتىش، داۋالاشتا، كۆكنار ئۇرۇقىدىن 5 گرام ئېلىپ، سۇپۇپ تەييارلاپ ئىچىپ بەرسە بولىدۇ.
2. ئۆپكىدىكى يىرىڭنى يوقىتىش، مېڭىنى قۇۋۋەتلەش، جىگەر ۋە بۆرەك ئاجىزلىقىنى داۋالاش ئۈچۈن، كۆكنار ئۇرۇقىدىن 10 گرام ئېلىپ، قاينىتىپ، ئىچىپ بەرسە بولىدۇ.
3. مېڭە ۋە ئومۇمىي بەدەننى قۇۋۋەتلەش ئۈچۈن، كۆكنار ئۇرۇقى 8 گرام، ئۇستىقۇددۇس، گاۋزىبان، لاچىندانىنىڭ ھەر بىرىدىن 10 گرام، ھەسەلدىن 200 گرام ئېلىپ قائىدە بويىچە مەجۈن تەييارلاپ، ئىستېمال قىلىنىدۇ.
ياز پەسلىدە مېۋىسى پىشقاندا، ئۇرۇقى ئاجرىتىۋېلىنىپ،ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ، قۇرغاق جايدا ساقلىنىدۇ.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.