سۈزۈك سۇ كۆلى ئېكولوگىيەلىك ساياھەت ئارامگاھى
ئىلى سۈزۈك سۇ كۆلى ئېكولوگىيەلىك ساياھەت ئارامگاھى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى نىڭ ئىلى ئوبلاستى چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسى خول يېزىسىغا جايلاشقان، چاپچال ناھىيە بازىرىنىڭ شىمالىغا توققۇز كىلومېتىر، ئىلى دەريا بويىدا. غۇلجا شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى تەخمىنەن 22 كىلومېتىر. ئىلى دەرياسى مەنزىرىسى ۋە ساي ئورمىنى ساياھىتى، زىيارەت قىلىش، ئارام ئېلىش بىر گەۋدىلەشكەن ئۇنىۋېرسال ساياھەت رايونى بولۇپ قالغان.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ئىستىراھەت كەنتنىڭ يەر كۆلىمى 300 مو، ھازىر كۆپ ئىقتىدارلىق زال، ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت مەركىزى، يېمەك-ئىچمەك بۆلۈمى، مۇنچا، يۈيۈنۇش مەركىزى، كىچىك مېھمانخانا، 6 بۇرجەكلىك شىپاڭ، موگۇ شىپاڭ، يۇمىلاق شىپاڭ، ئاق رەڭلىك ئەگمە كۆۋرۈك، سۇ ئۈستىدىكى كۆتۈرمە ئۆي قاتارلىقلار قۇرۇلغان، ئومۇمىي قۇرۇلۇش كۆلىمى 2800 كۋادرات مېتىردىن ئارتۇق. سۈزۈك سۇ كۆلىدە ئۈستى ئوچۇق سۇ ئۈزۈش مەيدانى، ساڭگىلىما كۆل، ياپيېشىل چىملىقلار بار. ئېكولوگىيەلىك باغ ـ ئورمان، ئاپتوموبىل مەيدانى، ئورمان ئارىسىدىكى چىغىر يول قاتارلىق ئوچۇقچىلىقتا ساياھەت ئەسلىھەلىرى بار. ئارامگاھىنىڭ ئۈچ تەرىپى سۇ بىلەن قورشالغان، سۇ كۆلىمى نەچچە يۈز موغا يىتىدۇ. باھارنىڭ دەسلەپكى قەدەملىرىدە، بېلىق تۇتۇش (قارماق تاشلاش)، قېيىق ھەيدەش، ئۈستى ئوچۇق سۇ ئۈزۈش كۆلچىكى، يېمەك-ئىچمەك مۇلازىمىتى بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن، دەم ئېلىش، كۆڭۈل ئېچىش مۇلازىمىتى ئىقتىدارىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ. شۇنداقلا يېمەك-ئىچمەك 300 دىن ئارتۇق ئادەم يىغىلىدۇ. باھار بايرىمى ئەتراپىدا، مۇز تېيىلىش، قار مەنزىرىسىدىن ھۇزۇرلىنىش بىر گەۋدىلەشكەن ئارامگاھ.
ئىلى ئوبلاستى ئوتتۇرا ئاسىيا ئىچكى قۇرۇقلۇق رايونلىرىنىڭ كىلماتى مۆتىدىل بەلۋاغنىڭ قۇرۇقلۇق تىپىدىكى كىلماتقا كىرىدۇ، بۇ شىنجاڭنىڭ كىلىماتىغا نىسبەتەن، ئىلىنىڭ كىلىماتى مۆتىدىل، ھۆل-يىغىن كۆپ، يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى ℃8 ئەتراپىدا، ئەڭ ياخشى ساياھەت ۋاقتى 7-9-ئايلار.
شەھەر ئىچى قاتنىشى : ناھىيە بازىرىدىكى 1-يول ئاممىۋى قاتناش ياكى ساياھەت ھاۋا تەڭشىگۈچى ماشىنىسى يىتىپ بارىدۇ.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.