ئەلگەك
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
خەلقىمىز ئۇزاق تارىخىي تەرەققىياتىدا، تۈرلۈك ئىشلەپچىقىرىش قورالى ۋە تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى ئىجاد قىلىپ، ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ كەلگەن. ئەلگەك ئەنە شۇلارنىڭ بىرى. ئادەتتە، ئۆي ۋە ئاشخانىلاردا ئىشلىتىلىدىغانلىرى ئەلگەك، تۈگمەنگە ئۈگۈت تەييارلاش ياكى بۇغداينى چەشتىن ئايرىشلاردا ئىشلىتىلىدىغانلىرى غەلۋىر، ئۆتكەمە دېيىلىدۇ. ئەلگەك يەنە، توقا (قېلىن) ئەلگەك ۋە شالاڭ ئەلگەك دېيىلىدۇ.
ئەلگەك ئاساسەن چەمبەر شەكىللىك بولۇپ، ئۇنى ياساشتا، ئالدى بىلەن ئۇنىڭ قاسقىنى تېرەك ياكى سۆگەتنىڭ نېپىز پېنىدىن تەييارلىنىدۇ، ئاتنىڭ قىلىدىن قېلىن ئەلگەككە تۆشۈكچىلىرى زىچ، شالاڭ ئەلگەككە تۆشۈكچىلىرى شالاڭراق تور تۇتۇلىدۇ. غەلۋىر بىلەن ئۆتكەمىنىڭ تورى ئاساسلىقى ئۆچكە تېرىسى ياكى ئۆچكىنىڭ ئۈچىيىدە توقۇلىدۇ. غەلۋىر ۋە ئۆتكەمە تورىنى تەييارلاشتا ئەلگەكچىلەر ئۆچكە تېرىسىنى ئاۋۋال نەچچە كۈن قىزىق قىغقا كۆمۈپ، تېرىنىڭ تۈكى چۈشكەندىن كېيىن ئۇنى پىچاق بىلەن ئۇششاق تاسما قىلىپ تىلىپ، ئاندىن ئۇنىڭدا غەلۋىر ۋە ئۆتكەمە تورىنى توقۇيدۇ. ئەلگەك يەنە تېبابەتچىلىكتە تالقان دورىلارنى تاسقاشقىمۇ ئىشلىتىلىدۇ. ھازىر جەمئىيەت تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، ئۇن تاسقايدىغان ئەلگەكلەرنىڭ ئۆتكەمىسى سىم تور ۋە خىمىيىۋى تالالىق يىپلاردا توقۇلسا، غەلۋىر ۋە ئۆتكەمىلەر ئۇششاق سىمدا ياسىلىدىغان ياكى توقۇلىدۇ.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.