تاشقورغان يېزىسى

تاشقورغان يېزىسى تاشقورغان دەرياسى، ئوتتۇرا ئېقىم تۈزلەڭلىك بەلۋېغىغا جايلاشقان بۇلۇپ تۈزۈلۈشى جەنۇبى ئېگىز، شىمالى پەس. شەرق، غەرب، شىمالىي ئۈچ تەرىپى تاغ بىلەن يەر ئورالغان، شەرقتە ۋەچە يېزىسى بىلەن بەلدىر يېزىسى قوشنا، غەربىي شىمال قىسمى تاجىكىستان بىلەن چېگرىلىندۇ. جەنۇبىي بىلەن دەفتەر يېزىسى تۇتىشىدۇ. ئومۇمىي كۆلىمى تەخمىنەن 4606 كۋادرات كىلومېتىر، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 3000-4000 مېتىر كىلىدۇ. 

ئۇيغۇرچە نامى تاشقورغان يېزىسى
دۆلىتى جۇڭگو
مەمۇرىي رايون شەكلى يېزا
يەر مەيدانى 4606 كۋادرات كىلومېتىر
خەنزۇچە ئاتىلىشى 塔什库尔干乡
ئۆلكىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
تەۋە رايون شىنجاڭ قەشقەر تاشقورغان ناھىيەسى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

 بۇ يېزا تاشقورغان دەرياسىنى جەنۇبتىن شىمالغا كېسىپ ئۆتىدۇ، يېزىنىڭ سۇ بايلىقى مول. پۈتۈن يېزا بويىچە 2005-يىلنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە ئاھالىلەر 698 گە، ئادەم سانى 4392 گە يەتكەن. بۇنىڭ ئىچىدە تاجىك مىللىتى 3640 ئادەم، %83 نى ئىگەلىگەن، خەنزۇلار %3 نى ئىگەلىگەن، قىرغىز، ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەر %14 نىئىگەلىگەن. كەنت ئاھالىلەر كومىتېتى قارمىقىدا بەش ئاھالىلەر كومتېتى بار بۇلۇپ ، يەنى : ۋەرشىدې كەنتى، قۇزغۇن كەنتى، توغلۇنشار كەنتى، سېرىقجىلغا كەنتى، سىرىقتاش كەنتى بار، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە 11 كەنت ئاھالە گۇرۇپپىسى بار. 

تاشقورغان يېزىسىنىڭ  يىللىق ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى℃3.3-بولىدۇ، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃39-، يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل-يېغىن مىقدارى 68 مىللىمىتىر ئەتراپىدا بولىدۇ، يىللىق ئوتتۇرىچە قىروسىز مەزگىلى 100 كۈن ئەتراپىدا. ئاساسلىق ئاپەت خاراكتېرلىك ھاۋارايى قۇرغاقچىلىق، بوران، قار ئاپىتى ۋە كەلكۈن ئاپىتى قاتارلىقلار بار. بۇ يېزا تاشقورغان دەرياسىنى جەنۇبتىن شىمالغا كېسىپ ئۆتىدۇ، يېزىلىرىدا سۇ بايلىقى مول.

تاشقورغان يېزىسى تەۋەلىكدىكى ئەسلىدىكى تاشقورغان ناھىيەلىك ھۆكۈمەت، 1954-يىلى تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسى دەپ ئۆزگەرتىلگەن. تاشقورغان ئۇيغۇر تىلى بويىچە ئېيتقاندا تاش قەلئە دېگەن مەنىدە؛ ناھىينىڭ يېقىن ئەتراپىدا 1400يىللار ئىلگىرىكى بىر تاش بولغاچقا قەدىمىي تاش شەھەر دەپ ئاتالغان. 1950-يىلىدىكى بىر رايۇن،ئۈچ يېزا 1959-يىلىغا كەلگەندە ۋەرشىدې گۇڭشې قىلىپ قۇرۇلدى، 1966-يىلى نامى «شەرق قىزاردى» گۇڭشېسىغا ئۆزگەرگەن، 1975-يىلى يەنە تاشقۇرغان خەلق گۇڭشېسىغا ئۆزگەردى.1985-يىلى 2-ئايدىن ھازىرغىچە تاشقورغان يېزىسى دەپ ئاتالغان.

يېزا-ئىگلىك جەھەتتە 

تاشقورغان يېزىسىنىڭ ھاۋاسى نىسبەتەن مۇۋاپىق، دېھقانچىلىق ۋە چارۋىچىلىق تەرەققىياتىغا پايدىلىق، بۇ تاشقورغان ناھىيەسىدىكى چارۋىچىلىق چوڭ يېزىسى. پۈتۈن يېزىسى چارۋىچىلىقنى ئاساس قىلىدۇ، ئاساسلىقى قوشۇمچە يېزا ئىگىلىكتىن، چارۋا، باسباي چوڭ قۇيرۇقلۇق قوي، پامىر قوتىزى، پامىر ئوغلىقى، سىممېنتال كالىسى، يەرلىك كالا بار. ئاساسلىق دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىدىن بۇغداي، ئاق ئارپا، كۆك پۇرچاق قاتارلىقلار بار.

بايلىق جەھەتتە

تاشقورغان يېزىسى چېگرا ئىچىدىكى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنىڭ  قەدىمىي يىپەك ئۆتىڭى. يېزا تەۋەسىدە بىر قەدەر مول قېزىلما بايلىق بار، تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغان بايلىقلاردىن تۆمۈر، مىس، گۈڭگۈرت، ۋولفروم، سېلېن ئانترېن، قوغۇشۇن، سىنك ۋە قىزىل ياقۇت، كېپەك ئالتۇن قاتارلىقلار بار. ھازىر ئۇلارنىڭ بىر قىسمى ئاللىقاچان قېززىلىپ بولدى. ناھىيە تەۋەسىدە ئارقار، كۆكمەت، يىلپىز، قوڭۇر ئېيىق، ياۋا ئاق توشقان، جەرەن قاتارلىق ئەتىۋارلىق ياۋايى ھايۋانلار بار، قار لەيلىسى، قۇرۇمدۇق، مەرزەنجۇش، يەر مەدىكى قاتارلىق قىممەتلىك جۇڭيى دورا ماتېرىيالى بار. 

سېرىقجىلغا كەنتى جايلاشقان تاشقورغان دەرياسىنىڭ غەربىي تەرپىدە، دەفتەر يېزىسىنىڭ  قارشى تەرىپىدە، كۆلىمى 985 كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدىغان، يېزىلىق ھۆكۈمەت بىلەن بولغان ئارىلىقى 60 كىلومېتىر كېلدىغان جايدىكى يېزىلاردا، يېزا سودا بازىرى يوق. 2005-يىلنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە پۈتۈن كەنتتىكى تېرىلغۇ يەر  1380 مو، ئوتلاق 16700مو، بۇنىڭ ئىچىدە تەبىئىي چارۋىچىلىق مەيدانى 16500 مو، ئوتلاق مەيدانى 1534 مو؛ قوتاندىكى چارۋا 2659 تۇياق، ئاشلىق ئومۇمىي مەھسۇلاتى 159 مىڭ توننىغا يەتتى. دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ساپ كىرىمى 1480يۈەن. تەبىئىي شارائىتى ناچار بولغاچقا، ئۇل ئەسلىھەلىرى ئېغىر دەرىجىدە ئارقىدا قېلىش، ئىقتسادى تەرەققىياتى ئارقىغا چېكىنىش،ئۇنۋېرسال ئەمەلىي كۈچى تۆۋەنلەش قاتارلىق ئەھۋاللار يۈز بەرگەن.

سېرىقتاش كەنتى ئاپتونوم ناھىيىسىدىكى ناھىيە بازىرى ئەتراپىدىكى جايلاشقان، كۆلىمى 985 كىۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، يېزىلىق ھۆكۈمەت بىلەن بولغان ئارىلىقى 48 كىلومېتىر، يېزا سودا بازىرى يوق. 2004-يىلنىڭ ئاخىرىدا، پۈتۈن كەنتتىكى تېرىلغۇ يەر 1100 مو، ئوتلاق 1780 مو، بۇنىڭ ئىچىدە تەبىئىي چارۋىچىلىق مەيدانى1000 مو، چاپمىلىق 780 مو، سېرىقتاش كەنتى ناھىيە بازىرى ئەتراپىغا جايلاشقان، كۆلىمى985 كىۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، يېزىلىق ھۆكۈمەت بىلەن بولغان ئارىلىقى 48 كىلومېتىر، يېزا سودا بازىرى يوق. 2004-يىلنىڭ ئاخىرىدا، پۈتۈن كەنتتىكى تېرىلغۇ يەر 1100 مو، ئوتلاق 1780 موغا يەتكەن. بۇنىڭ ئىچىدە تەبىئىي چارۋىچىلىق مەيدانى 1000 مو، چاپمىلى 780 مو ؛ قوتاندىكى چارۋا ماللار  1346تۇياق، ئاشلىق 94 مىڭ توننا، چارۋىچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى 1479 يۈەن بولغان.

قۇزغۇن كەنتى تاشقورغان دەرياسىنىڭ غەربىي قىسمىغا جايلاشقان بۇلۇپ، كۆلىمى 985 كىۋادرات كىلومېتىر، يېزىلىق ھۆكۈمەت بىلەن بولغان ئارىلىقى 15 كىلومېتىر، يېزا سودا بازىرى يوق. 2004-يىلنىڭ ئاخىرىدا، پۈتۈن كەنتتىكى تېرىلغۇ يەر 1814 مو، ئوتلاق 14 مىڭ مو بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە تەبىئىي چارۋىچىلىق مەيدانى 138 مىڭ مو، تەبىئىي ئوتلاق 1800 مو، يىل ئاخىرىدا قولدا قالغان چارۋا 3862 تۇياق، ئاشلىق 200 مىڭ توننا، دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى 1500 يۈەن. 

ۋەرشىدې كەنتى تاشقورغان دەرياسىنىڭ غەربىي قىسمىغا جايلاشقان بۇلۇپ، كۆلىمى 1085 كۋادرات كىلومېتىر، يېزىلىق ھۆكۈمەت بىلەن بولغان ئارىلىقى 4 كىلومېتىر، يېزا سودا بازىرى يوق. 2004-يىلنىڭ ئاخىرىدا، پۈتۈن كەنتتىكى تېرىلغۇ يەر 3948 مو، 34 مىڭ مو ئوتلاق، بۇنىڭ ئىچىدە تەبىئىي چارۋىچىلىق مەيدانى 32 مىڭ مو، ئوتلاق 20 مىڭ موغا يەتكەن. يىل ئاخىرىدا قولدا قالغان چارۋا 4006 تۇياق، 46 توننا ئاشلىق، دېھقان- چارۋىچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى 1367 يۈەن. 

توغلۇنشار كەنتى ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ يېقىن ئەتراپىغا جايلاشقان، كۆلىمى 1300 كىۋادرات كىلومېتىر، يېزىلىق ھۆكۈمەت بىلەن بولغان ئارىلىقى يەتتە كىلومېتىر، يېزا سودا بازىرى يوق. 2004-يىلنىڭ ئاخىرىدا، پۈتۈن كەنتتىكى تېرىلغۇ يەر 2659 مو، ئوتلاق 31 مىڭ 600 مو، بۇنىڭ ئىچىدە تەبىئىي چارۋىچىلىق مەيدانى 30 مىڭ 300 مو، تەبىئىي ئوتلاق 1260 مو. يىل ئاخىرىدا قوتاندىكى چارۋا 4457 تۇياق، ئاشلىق ئومۇمىي ھوسۇلى 275 مىڭ توننا، دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى 1477 يۈەنگە يەتكەن. [0]

   

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#