شىك دىنى

شىك دىنىنىڭ بايرىقى

شىك دىنى ھىندىستاندىكى دىنلارنىڭ بىرى، «شىك» سۆزى سانسكرىت تىلىدىن كېلىپ چىققان، مەنىسى «ئوقۇغۇچى»، «مۇرت». شىك دىنىنىڭ مۇرتلىرى شىكلار دەپ ئاتىلىدۇ، 2010-يىلدىكى ستاتىسكىغا ئاساسلانغاندا ھازىر دۇنيادىكى شىكلار تەخمىنەن 27 مىليون ئادەم بولۇپ 20 مىلىيۇنى ھىندىستانغا، قالدى 7مىلىيۇنى شىك كۆچمەنلىرى تاقالغان ھەر قايسى دۆلەتلەرگە تارقالغان. شىك دىنى ئاساس جەھەتتىن شىك مىللىتىنى كۆرسىتىدۇ.

ئۇيغۇرچە شىك دىنى
ئىنگىلىزچە Sikhism
تارقىلىشى ھىندىستان پەنجاپ رايۇنى، ئەنگىلىيە،ئامرىكا
خەنزۇچە 锡克教
تۈرى دىنى ئىتىقاد
مۇخلىس سانى 28مىليۇندىن ئارتۇق

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

شىك دىنى شىك دىنى ھىندىستاندىكى دىنلارنىڭ بىرى، «شىك» سۆزى سانسكرىت تىلىدىن كېلىپ چىققان، مەنىسى «ئوقۇغۇچى»، «مۇرت». شىك دىنىنىڭ مۇرتلىرى شىكلار دەپ ئاتىلىدۇ، 2010-يىلدىكى ستاتىسكىغا ئاساسلانغاندا ھازىر دۇنيادىكى شىكلار تەخمىنەن 27 مىليون ئادەم بولۇپ 20 مىلىيۇنى ھىندىستانغا، قالدى 7مىلىيۇنى شىك كۆچمەنلىرى تاقالغان ھەر قايسى دۆلەتلەرگە تارقالغان. شىك دىنى ئاساس جەھەتتىن شىك مىللىتىنى كۆرسىتىدۇ.

شىك دىنىنىڭ پەيدا بولۇشى تۇيۇقسىز ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ تارىخىي ئارقا كۆرۈنىشى ۋە تارىخىي مەنبەسى بار. ھىندى دىنىنىڭ چىڭ بولغان سالاھىيەت تۈزۈمى ۋە مۇرەككەپ دىنىي قائىدىلىرى، خارىجانلار ۋە ئادەتتىكى مۇرتلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىدى، مىلادى 8-ئەسرنىڭ بېشىدا ئىسلام دىنى ھىندىستانغا كىردى، كىشىلەر ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىشقا مەجبۇرلاندى، بۇنىڭ بىلەن زىددىيەت يەنە بىرقەدەم كەسكىنلەشتى ۋە مۇرەككەپلەشتى. بۇخىل ئىنچىكە ھەم مۇرەككەپ بولغان سالاھىيەت مەسىلىلىرى ۋە دىنىي زىددىيەتلەرگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، بىرقىسىم كىشىلەر دىننى ئۆزگەرتىش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويدى ۋە ئاستا-ئاستا ئۆزگەرتىش قىزغىنلىقىنى قوزغاپ، «تەقۋادارلىق ھەرىكىتىنى» قانات يايدۇردى. كۈرەش ھەيۋەتلىك ۋە تەسىرى زور بولدى.

شىك دىنى 15 ئەسرنىڭ ئاخىرى ناناك دىن بارلىققا كەلگەن. ئۇ ئەسلى ھىندى دىنىنىڭ بىر تارمىقى بولۇپ، ھىندى دىنى ئىخلاسمەنلىرىنىڭ كېڭىيىشى سەۋەبلىك كېيىن مۇستەقىل دىن بولۇپ تەرەققىي قىلغان. شىك دىنى مۇرتلىرى شىك دىنى سەردارلىرى ۋە ئاساس سالغۇچىلىرىنى ئىنتايىن ھۆرمەتلەيدۇ، ھەم «گورو» دەپ ئاتايدۇ. بىرىنچى ئۇستاز گۇرۇ ناناك (1539~1469) دىن تارتىپ، ئەڭ ئاخىرقى  ئۇستاز گۇرۇ گوبىندى سىنگى (1708~1666) غىچە، ئالدى-كەينى بولۇپ 10 ئۇستاز ئۆتكەن. كېيىن بىرقىسىم كىشىلەر داۋاملىق يولباشچىلىق قىلغان بولسىمۇ، بىراق ئۇلار ئۇستاز دەپ ئاتالمىدى. شىك دىنىي قائىدىسى بويىچە ، 10نەپەر ئۇستاز ۋە شىك دىنىنىڭ مۇقەددەس كىتابى  «گۇرۇ گرانت ساھىب»نى ئىتىراپ قىلغانلار شىك دىنى مۇرتلىرى دەپ قارىلىدۇ. 

   «شىك» نىڭ ھەقىقىي مەنىسى « ئۆگىنىشكە كىرىشكەن ئادەم » ياكى «تەربىيە قوبۇل قىلغان ئادەم» بولۇپ، شىك مۇرتلىرى قوبۇل قىلغان تەربىيە ئادەتتىكى تەربىيە ئەمەس، بەلكى قەھرىمانلىق روھى ۋە غورۇرىنى قوغداپ ئۆزىنى قۇربان قىلىدىغان تەربىيە. بۇخىل تەربىيە بىرىنچى ئۇستاز دەۋرىدىلا باشلانغان بولۇپ، ئونىنچى ئۇستازغا بارغاندا تېخىمۇ مۇستەھكەم بولۇپ ۋە تەرەققىي قىلىپ، شىك دىنىنىڭ ھەربىيلىشىشى ۋەزىپىسىنى ئادا قىلدى ۋە كۈچلۈك بولغان شىك قوشۇنى قۇرۇپ چىقتى.

 شىك مۇرتلىرىنىڭ كىيىنىشى ۋە كىيىم-كىچەك، زىننەت بۇيۇملىرى ئىزچىل ھالدا كىشىلەرگە چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى. نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ بەزى فىلىم ۋە تېلېۋىزىيە ئەسەرلىرىدە، بېشىدا سەللە، چاچ-ساقىلى ئىنتايىن ئۇزۇن، بىرخىل قەھرىمانلىق ئەكس ئېتىپ تۇرىدىغان شىك مۇرتلىرىنى كىشىلەر قەلبىدىكى تىپىك بولغان «ھىندىستانلىقلار»نىڭ ئوبرازى قىلىپ ياسايدۇ. شىك دىنىنىڭ ئىتىقاد مەركىزى بولسا تەڭرى. تەڭرى دېگەن « ھاياتلىقنىڭ قايتىلىنىشى» نىڭ كونتروللىقىغا ئۇچرىمايدۇ. شۇڭا شىك دىنىنىڭ مۇرتلىرى بىرىنچى ئۇستازدىن تارتىپ ئونئۈچىنچى ئۇستازغىچە ھەممىسىدە ئوخشاش ئۇستازلىق روھىنىڭ بارلىقىغا ئىشىنىدۇ. شىك دىنى مۇرتلىرىنىڭ ئىززەت-ئابرويى ئىنتايىن كۈچلۈك، گەپ-سۆزى ئاز، يۇمۇرىستىكىلىقى كەمچىل. ھىندىستان تۇرمۇشىدا ئۇلار ھەركۈنى تىلەمچىلەر بىلەن ئۇچرىشىپ تۇرىدۇ، لېكىن شىك دىنى ئىچىدە تىلەمچىلەر يوق. شىكلار تىلەمچىلەرنى ئىچ-ئىچىدىن كۆزگە ئىلمايدۇ، ئۇلار بۇنى دىنىي قائىدىگە توغرا كەلمەيدۇ دەپ قارايدۇ. ئۇلار ئۆزلىرى تىلەمچى بولمايلا قالماستىن، يەنە ئەزەلدىن تىلەمچىلەرگە سەدىقە بەرمەيدۇ. ئۇلار تىلەمچىلەرنى جەمىيەتنىڭ تاشلاندۇقلىرى دەپ قارايدۇ. شۇڭا تىلەمچىلەرنىڭ ھەممىسى شىكلاردىن قورقىدۇ، ھەرگىزمۇ ئۇلاردىن سەدىقە تىلىمەيدۇ. شىكلار مۇرتداشلىرىنىڭ قىيىنچىلىققا ئۇچراپ قېلىشىنى خالىمايدۇ، ئەگەر بىر ئائىلىلىك شىكلار مۈشكۈلاتقا يولۇققان بولسا ئەتراپتىكى شىكلارنىڭ ھەممىسى تونۇشۇش-تونۇشۇشماسلىقىدىن قەتئىينەزەر، ياردەم قولىنى سۇنىدۇ، ھەرگىزمۇ ئۇلارنىڭ تىلەمچىگە ئايلىنىپ قېلىشىنى خالىمايدۇ. شىكلار تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆزلىرىنىڭ ئادەملىرىگە پۇل بەرسە تىلەمچىلىك دەپ ھېسابلىمايدۇ، بۇ پەقەت دوستلار ئارىسىدىكى ئۆزئارا ياردەمدىن ئىبارەت دەپ قارايدۇ.  شۇڭا ھىندىستاندا تىلەمچىلەر ناھايىتى كۆپ بولسىمۇ، لېكىن شىكلار ئارىسىدا تىلەمچىلەر ئىنتايىن ئاز. چۈنكى شىك مۇرتلىرى ئەمگەك قىلىشنى، باتۇرلۇقنى، ئىچكى جەھەتتە ئىتتىپاقلىقنى تەشەببۇس قىلىدۇ. 

شىك دىنىنىڭ مۇقەددەس جايى ئامرىتسار ئالتۇن ئىبادەتخانىسى (Golden Temple, Amritsar) بولۇپ، ئۇ ھىندىستانغا قارراشلىق پەنجاپ بىلەن پاكىستانغا قاراشلىق پەنجاپ تۇتىشىدىغان چىگرا شەھەر ئامرىتسارغا جايلاشقان. ئامرىتسار -گۈل شىرنىسى كۆلچىكى دېگەن سۆز بولۇپ. شىك دىنىنىڭ تۆتىنچى ئاساسچىسى روم داس ئىلگىرى بىر كۆلچەك سالدۇرغان، ئۇنىڭ ئىسمى « گۈل شىرنىسى كۆلچىكى » بولۇپ، ئامرىتسار مۇشۇ نام بىلەن ئاتالغان. بۇتخانىدا 12 رايون بار بولۇپ، گۇردۋارادىن باشقا تاۋاب قىلغۇچىلارنىڭ ئارام ئېلىش ئۆيى، شېئىر ئوقۇش زالى، ئەۋلىيالارنىڭ تۇرمۇش ئۆيى قاتارلىقلار. 50مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى چوڭ كۆۋرۈك گۇردۋارا بىلەن كۆل ئارىسىدا بولۇپ مىغ-مىغ مۇرتلار كۆۋرۈك ئۈستىدە تىقما-تىقماق مېڭىپ يۈرىشىدۇ. كىشىلەر ھەرقانداق ئورۇندىن ئالتۇن گۇردۋارانى كۆرەلەيدۇ. شىك دىنىنىڭ ئىبادەتخانىسى ئۇلارنىڭ ئىبادەت قىلىدىغان جايىدۇر. شىك دىنىدا بۇتلار يوق، ئۇلار مۇقەددەس كىتابلارغا ئىتىقاد قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ نەزىر-چىراغ مېھرابى ئۈستىدە ئىككى چوڭ يەشىك بار بولۇپ ئىچىدە مۇقەددەس كىتابلار قويۇلغان، يەشىكنىڭ تېشى رەخت بىلەن ئورالغان، ئىككى كىشى چىۋىن قورۇغۇچ تۇتۇپ تۇرۇپ قوغدايدۇ.يەشىك پاك-پاكىز بولۇشى ۋە كىتابلارغاچاڭ - توزان قونماسلىقى كېرەك. « ئىبادەت قىلىش» ۋاقتىدا ئېتىقاد قىلغۇچى  « مۇقەددەس كىتاب » قا يېقىنلىشىپ، يەرگە يۈكۈنۈپ سەجدە قىلىدۇ، ئۇستازلارغا مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرىدۇ، ئاندىن كەينىگە چېكىنىپ كۆپچىلىك ئارىسىدا ئولتۇرۇپ «مۇقەددەس كىتاب»قا يۈزلىنىپ تۇرۇپ، بىرلىكتە داستان ئوقۇيدۇ.

  

    شىك دىنىنىڭ دىنىي ئەقىدىسى بىرنەچچە خىل : 1. بىر ئىلاھقا ئىشىنىشنى قاتتىق ئىجرا قىلىش 2. ئىلاھ ئالدىدا ھەممە ئادەم باراۋەر دېگەننى تەشەببۇس قىلىش 3. ئەجداد-ئۇستازلارنى ھۆرمەتلەش ۋە چوقۇنۇش 4. تەركى دۇنيالىق زاھىدلىققا قارشى تۇرۇش. ئۇنىڭدىن باشقا شىك دىنىدىكىلەر تۆۋەندىكىلەرگە ئەمەل قىلىشى كېرەك يەنى: 1. ئوغرىلىق قىلماسلىق 2. پاھىشىۋازلىق قىلماسلىق 3. ھاراق ئىچمەسلىك 4. تاماكا- زەھەر چەكمەسلىك 5. دىندىن يۈز ئۆرۈمەسلىك قاتارلىق.

شىك ئەرلىرى يەنە بەش ك (پەنجاپ تىلىدا بۇ بەش سۆزنىڭ ھەممىسى ك ھەرپى بىلەن باشلىنىدۇ) -يەنى كەش- چاچنى قىسقارتماسلىق، ھەر قاچان سەللە ئوراش(پەنجاپ تىلىدا داستار دىيىلىدۇ)، كانگا-ياغاچ تاغاقنى ياندىن ئايرىماسلىق، كاچېرا-ئىشتاننى ھەرگىز ئۇشۇقتىن ئاشۇرماسلىق، كارا-تۆمۈر بىلەيزۈك ۋە كىرپان- ئەگرى ساپلىق شىك پىچىقىنى ياندىن ئايرىماسلىقتىن ئىبارەت بەش پەرزگە قاتتىق ئەمەل قىلىدۇ.

    شىك دىنى بىر ئىلاھ ئىلمىنى تەشەببۇس قىلىدۇ، ئەزرائىل ۋە پەرىشتىلەرنى ئېتىراپ قىلىدۇ، كۈندە بەش قېتىم ئىبادەت قىلىدۇ. شۇنداقلا دۇنيادا ھەرقانداق ھالەت ئىلاھنىڭ قۇدرىتىندۇر؛ ئىلاھ ئالدىدا ھەممە كىشى باراۋەر، سالاھىيەت تۈزۈمى ۋە قىز- ئاياللارنى خورلاش ئىلاھقا قارشى چىققانلىق؛ پەقەت ئادەمنىڭ روھى بىلەن ئىلاھ بىرلەشكەندىلا ئاندىن ئامان قالغىلى بولىدۇ دەپ قارايدۇ. شۇڭا ئۇ كاھىن تۈزۈمى، بۇتپەرەسلىك، چاكىنا نەزىر-چىراق مۇراسىملىرىغا قارشى تۇرىدۇ ۋە زاھىدلىق، جەمئىيەتكە ئارىلاشماسلىققا قارشى تۇرىدۇ. شىك دىنى يەنە باراۋەرلىك، دوستلۇق، ئەمگەكچانلىقنى تەشەببۇس قىلىدۇ، ھىندى دىنىنىڭ قاتتىق سالاھىيەت تۈزۈمىگە قارشى تۇرىدۇ ۋە ئىسلام دىنىنىڭ باشقا دىنلارنى چەتكە قېقېشتەك ھەرخىل ئۇسۇلىنى قوللىمايدۇ، يەنە دىننىڭ ئوبيىكىتقا چوقۇنۇش ۋە قىز-ئاياللارنى چەتكە قېقىشىغا قارشى تۇرىدۇ. بۇ دىننىڭ قۇرغۇچىسى گۇرۇ ناناك ئىلگىرى ئوچۇق ھالدا : « مېنىڭ دىنىم ھىندى دىنى ياكى ئىسلام دىنىمۇ ئەمەس .» دېگەن، شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە شىكلار باشقا دىنلارنى ناھايىتى ھۆرمەت قىلىدۇ، ۋە كىشىلەرنى دىنغا كىرىشكە زورلاشنى گۇناھ دەپ قارايدۇ .[1][0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

1.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#