ترانسكرىپسىيە

ترانسكرىپسيە

فونىتىكا تەتقىقاتىدا تاۋۇش ئىلىمنتلىرىنى خاتىرلەيدىغان بىر يۈرۈش بەلگىلەرنى قوللىنىشقا توغرا كىلىدۇ. بۇنداق تاۋۇش ئىلىمنتلىرىنى خاتىرلەيدىغان بەلگىلەر ئادەتتە «ترانسكوىپسىيە» دەپمۇ ئاتلىدۇ. «ترانسكوىپسىيە»دىگەن بۇ ئاتالغۇ تىلىمىزدا مۇنداق ئىككى خىل مەنىدە قوللىنىلىۋاتىدۇ: بىرى «تاۋۇش ئىلىمىنتلىرىنى خاتىرىلەيدىغان بەلگىلەر سىستىمىسى» دىگەن مەنىدە؛ يەنە بىرى «ئۆرۈپ يىزىش» دىگەن مەنىدە قوللىنىلىۋاتىدۇ. 

ئۇيغۇرچە نامى ترانسكوىپسىيە
تۈرى تىل-يىزىق
خەنزۇچە نامى 音标

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

«ترانسكوىپسىيە»دىگەن بۇ ئاتالغۇ تىلىمىزدا مۇنداق ئىككى خىل مەنىدە قوللىنىلىۋاتىدۇ:بىرى، «تاۋۇش ئىلىمىنتلىرىنى خاتىرىلەيدىغان بەلگىلەر سىستىمىسى»دىگەن مەنىدە؛يەنە بىرى،«ئۆرۈپ يىزىش»دىگەن مەنىدە قوللىنىلىۋاتىدۇ. بىزنىڭ بۇ يەردە توختالماقچى بولغىنىمىز ئالدىنقى مەنىسنى كۆستىدۇ.

فونىتىكا تەتقىقاتىدا تاۋۇش ئىلىمنتلىرىنى خاتىرلەيدىغان بىر يۈرۈش بەلگىلەرنى قوللىنىشقا توغرا كىلىدۇ. بۇنداق تاۋۇش ئىلىمنتلىرىنى خاتىرلەيدىغان بەلگىلەر ئادەتتە «ترانسكوىپسىيە» دەپمۇ ئاتلىدۇ. ترانسكوىپسىيە بەلگىلىرى مۇۋاپىق قوللىنىلسا، مەلۇم بىر تىلنىڭ ياكى دىئالىكتنىڭ تاۋۇش ئىلىمىنتلىرىنى، جۈملىدىن فونىما ۋە ئۇنىڭ ۋارىيانتلىرىنى ئىنچىكە پەرقلەندۇرۇپ خاتىرىلەپ چىققىلى بولىدۇ. شۇڭا فونىتكىلىق ترانسكرىپسىيە بەلگىلىرىنىڭ سانى ئەمەلىيەتتە قوللىنىىلىدىغان ئىلىپبەدىكى ھەرپلەرنىڭ سانىدىن كۆپ بولىدۇ.

دىمەك، تىل تاۋۇشلىرىنى تاۋۇش ئىلىمنتى نۇقتىسىدىن ئىنچىكە، تەپسلىي خاتىرىلەشتە قوللىنىش ئۈچۈن بىكىتكەن بىر يۈرۈش بەلگىلەر سىستىمىسى ترانكسرىپسىيە دىيىلىدۇ.[0]

ترانسكرىپسىيە قوللىنلىش دائىرىسىگە قاراپ، خەلىقئارالىق تىرانسىكىتتسىيە ۋە كونكىرت تىللار تىرانسىكىرىپسىيسى دەپ ئىككى تۈرگەبۆلىنىدۇ.

خەلقئارالىق ترانسىكىرىپىسىيە

خەلقئارادا ئورتاق قوللنىدىغان ، دۇنيادىكى ھەر قايسى تىللەرنىڭ تاۋۇش ئىلىمنتلىرىنى خاتىرلەشكە باب كىلىدىغان بەلگىلەر سىستىمىسسى خەلقئارالىق ترانسكرىپسىيە دىيلىدۇ.

خەلقئارالىق ترانسكرىپسىيە بەلگىلەرنىڭ سانى يوق، ئۇنى ئىھتىياجغا قاراپ پرىنسىپ بويىچە كۆپەيتشكە ياكى تولۇقلاشقا بولىدۇ. ئۇنىڭدا بەلگە قانچە كۆپ بولسا، تاۋۇش ئىلمىنتلىرىنى شۈنچە تەپسىلىي ۋە توغرا خاتىرىلىگىلى بولىدۇ. شۇڭا خەلقئارالىق ترانسكرىپسىيدە ئاساسىي بەلگىلەردىن باشقا بىر مۇنىچە قوشۇمچە بەلگىلەرمۇ بىكىتلىگەن. نۆۋەتتە قوللىنىۋاتقان خەلقئارالىق ترانسكرىپسىيە خەلقئارلىق فونىتكا ئىلمىي جەمئىيتى تەرىپىدىن 1888-يىلى لوندوندا ئىلان قىلىنغان ترانسكرىپسىيە بولۇپ،كۆپ قىتىم تۈزىتىش، تولۇقلاش ئارقىلىق. ھازىر ھەر قايسى ئەللەردە، جۈملىدىن مەملىكتىمىزدىمۇ فونىتىكا ۋە دىئالىكت تەتقىىقاتىدا، لۇغەت تۈزۈشتە تاۋۇش ئلىىمنتلىرىنى تەپسلىي، توغرا خاتىرلەش ئۈچۈن مۇشۇ ترانسكرىپسىيە كەڭ قولللىنىلماقتا.

خەلقئارالىق ترانسكرىپسىيە دۇنيادا بىر قەدەر كەڭ ئومۇملاشقان لاتىن ئىلىپبەسى ئاساسىدا تۈزۈلگەن بولۇپ، بەلگىلەرىنىڭ شەكلى مۇھىم، ئەستە قالدۇرۇشقا ۋە يىزىشقا ئەپلىك، شۇنىڭدەك بۇ ترانسكرىپسىپىدە بىر تۇتاش ئىلىمنتى بىر بەلگە بىلەن ئىپادىلنىدۇ؛ بىر بەلگە بىر تاۋۇش ئىلىمنتلىرىنى خاتىرىلەشكە مۇۋاپىق كىلىدۇ. بەزى بەلگىلەرنى ئوڭ- تەتۇر ئىشلىتىش ياكى قوشۇمچە بەلگىلەرنى ئىشلىتىش ئارقىلىق تۈرلۈك تاۋۇش ئىلىمىنتلىرىنى ئىپادىلىگىلى بولىدۇ. بۇ ترانسكرىپسىيە بەلگىلەرىنى باشقا تاۋۇش بەلگىلەردىن پەرقلەندۇرۇش ئۈچۈن پرىنسىپ بويىچە بۈرجەكلىك تىرناق([ ])ئىچىگە ئىلىپ يىزىلىدۇ.

كونكرىت تىللار ترانسكرىپسيسى

دىمەك، مەلۇم بىر تىلنىڭ تاۋۇشلىرىنى تەپسىلي خاتىرلەش مەقسىتىدە تۈزۈلگەن تاۋۇش بەلگىلىرى كونكرىت تىللار ترانسكرىپسيسى دىيلىدۇ.

ترانسكرىپسىيە يەنە فونىما ۋە ئۇنىڭ ۋارىيانتلىرىنى تولۇق ئىپادىلەپ بىرىش- بىرەلمەسلىكنى ئۆلچەم قىلىپ، فونىملىق ترانسكرىپسىيە ۋە فونىتىكلىق ترانسكرىپسىيە دەپ ئىككى تۈرگە بۆلۈنىدۇ.

فونىما ۋە ئۇنىڭ ۋارىيانتلىرىنى ئىنچىىكە پەرقلەندۇرۇپ خاتىرىلەش ئۈچۈن تۈزۈلگەن تاۋۇش بەلگىلىرى سىستىمىسى فونىتىكلىق ترانسكرىپسىيە دىيلىدۇ. بۇ خىل ترانسكرىسپىيە بەلگىلەرىنىڭ سانى كۆپ بولىدۇ. شۇڭا ئۇنىڭ بىلەن مەلۇم بىر تىلدىكى فونىما ۋە ئۇنىڭ ۋارىيانتلىرىنى ياكى دۇنيادىكى ھەر قانداق بىر تىلنىڭ تاۋۇش ئىلىمىنىلىرىنى تەپسىلىي خاتىرلەپ چىققىلى بولىدۇ. خەلقئارالىق ترانسكرىپسىيە ۋە بىر قىسىم تىللارنىڭ ترانسكرىپسىيسى فونىتىكلىق ترانسكرىپسىيە كىرىدۇ.[1]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.
1.

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#