دېڭ يەندا

دېڭ يەندا (1895-1931-يىللار) گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ خۇياڭ دېگەن يېرىدىن،  گومىنداڭنىڭ داڭلىق سولچىل رەھبىرى.

ئۇيغۇرچە ئىسمى دېڭ يەندا
باشقا نامى 邓择生
مىللىتى خەنزۇ
تۇغۇلغان ۋاقتى 1895-يىل
كەسپى مىللىي ئىنقىلابىي ئارمىيىنىڭ باش سىياسىي بۆلۈم مۇدىرى ، مەركەز دېھقانلارنىڭ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى .
خەنزۇچە ئىسمى 邓演达
دۆلەت تەۋەلىكى جۇڭگو
يۇرتى گۇاڭدۇڭ
ۋاپات بولغان ۋاقتى 1931-يىل
پۈتتۈرگەن مەكتىپى باۋدىڭ ھەربىي ئوفىتسېرلار مەكتىپى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

دېڭ يەندا (1895-1931-يىللار) گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ خۇياڭ دېگەن يېرىدىن. ئۇ دەسلەپ باۋدىڭ ھەربىي مەكتىپىگە كىرىپ ئوقۇپ، كېيىن فۇجۇغا بېرىپ، سۇن جۇڭشەن ئەپەندى تەشكىللىگەن فۇجيەن، گۇاڭدۇڭغا ياردەم بېرىش ئارمىيىسىگە قاتناشقان ھەمدە شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئىنقىلاب يولىغا قەدەم قويۇپ، سۇن جۇڭشەن ئەپەندىنىڭ سادىق مۇرىتى ۋە ئاكتىپ ئەگەشكۈچىسى بولۇپ قالغان.

1930-يىلى باھاردا، دېڭ يەندا ۋەتەنگە مەخپىي قايتىپ، جۇڭگو گومىنداڭىنىڭ ۋاقىتلىق ھەرىكەت كومىتېتىنى رەسمىي تەشكىللەپ قۇرۇپ، باش ئىش بېجىرگۈچىلىكنى ئۈستىگە ئالغان. ژۇرنال نەشر قىلىپ، خۇاڭپۇ ھەربىي مەكتىپىدىكى ساۋاقداشلىرى بىلەن ئالاقە ئورنىتىپ، جياڭ جيېشى گۇرۇھىغا قارشى ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللانغان.

 1922-يىلى چېن جياۋمىڭ گۇاڭجۇدا خائىنلىق قىلغاندا، دېڭ يەندا گۇاڭدۇڭ ئارمىيەسى 1-دىۋىزىيىسىدە پولك كوماندىرى ئىدى. ئۇ سۇن جۇڭشەننى ھىمايە قىلىدىغانلىقىنى ئۈچۇق بىلدۈرۈپ ھەمدە 1-دىۋىزىيىدىكى ئىنقىلابىي يولداشلارغا ۋاكالىتەن شاڭخەيگە بېرىپ، سۇن جۇڭشەن ئەپەندىدىن قانداق ھەرىكەت قىلىش توغرىسىدا يوليورۇق سورىغان. ئۇ بۇيرۇققا بىنائەن گۇاڭجۇغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، قىسىمنى باشلاپ قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، چېن جياۋمىڭنىڭ ئاسىي قوشۇنىنى تارمار قىلىپ، گۇاڭدۇڭ-گۇاڭشى ئىنقىلابىي بازىسىنى قۇرۇشقا تۆھپە قوشقان. 1924-يىلى گومىنداڭ بىلەن كومپارتىيە ھەمكارلاشقاندىن كېيىن، ئۇ خۇاڭپۇ ھەربىي مەكتىپىنى قۇرۇشقا قاتنىشىپ، ھەربىي مەكتەپ مەشىقلەندۈرۈش بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىقى ۋە تەلىم-تەربىيە بۆلۈمىنىڭ باشلىقلىقىنى ئۈستىگە ئېلىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياخشى كۆرۈشىگە ئېرىشكەن ياخشى تەربىيىچى بولۇپ قالغان.

شىمالغا يۈرۈش قىلىش ئۇرۇشى مەزگىلىدە، دېڭ يەندا گومىنداڭ ئىنقىلابىي ئارمىيىسى باش سىياسىي بۆلۈمىنىڭ مۇدىرلىقىنى ئۈستىگە ئالغان. ئۇ ئۇرۇشنىڭ ئالدىنقى سېپىگە بېرىپ، يامغۇردەك يېغىۋاتقان ئوقلارغا قارىماي، ئۇرۇشقا قوماندانلىق قىلغان. گۇاڭدۇڭدىكى گومىنداڭ ھۆكۈمىتى ۋۇخەنگە يۆتكىلىپ كەلگەندىن كېيىن، ئۇ سۇڭ چىڭلىڭ قاتارلىق كىشىلەر بىلەن ئورتاق تىرىشىپ، گومىنداڭنىڭ 2-نۆۋەتلىك 3-ئومۇمىي يىغىنىدا جياڭ جيېشىنىڭ ھوقۇقىنى ئاجىزلاشتۇرۇش قارارىنىڭ ماقۇللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرگەن. يىغىندىن كېيىن، ئۇ مەركىزىي دېھقانلار مىنىستىرلىكىنىڭ مىنىستىرلىك ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىپ، ۋۇچاڭدا مەركىزىي دېھقانلار كۇرسى ئېچىپ، كۇرسنىڭ مەسئۇللۇقىنى قوشۇمچە ئۈستىگە ئالغان. ئۇ سۇن جۇڭشەننىڭ ئۈچ بۈيۈك سىياسىتىنى ئاكتىپ ئىزچىللاشتۇرۇپ، جياڭ جيېشى، ۋاڭ جىڭۋېيلارنىڭ ئەكسىلئىنقىلابىي ھەرىكەتلىرىگە قارشى تۇرغان. 

1927-يىلى جياڭ جيېشى، ۋاڭ جىڭۋېيلار كەينى-كەينىدىن ئىنقىلابقا ئاسىيلىق قىلىپ، بۈيۈك ئىنقىلابنى مەغلۇبىيەتكە يۈزلەندۈرگەندە، دېڭ يەندا ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا سوراپ، ۋۇخەندىن ئايرىلىپ ئىستولبا تەكشۈرگۈچى ئىشچى قىياپىتىدە، بېيجىڭ-خەنكۇ تۆمۈريولىنى بويلاپ جىڭجۇغا بېرىپ، ئۇ يەردىن شىئەن ئارقىلىق رۇسىيە فېدېراتسىيەسىگە تەكشۈرۈشكە بارغان. ئۇ سۇڭ چىڭلىڭ قاتارلىق كىشىلەر بىلەن جۇڭگو گومىنداڭ ۋاقىتلىق ھەرىكەت كومىتېتى (جۇڭگو دېھقان-ئىشچىلار دېموكراتىك پارتىيىسىنىڭ تەكتى) نىڭ نامى بىلەن، موسكۋادا «جۇڭگو ۋە دۇنيادىكى ئىنقىلابىي ئاممىنىڭ خىتابنامىسى» نى ئېلان قىلىپ، سۈن جۇڭشەن نىڭ ئىرادىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ، جاھانگىرلىككە، فېئودالىزمغا قارشى كۈرەشنى قەتئىي داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

 1931-يىلى  8-ئايدا، ئۇ شاڭخەينىڭ يۈيۈەنفاڭ دېگەن يېرىدە تەربىيىلىنىۋاتقان كادىرلارنىڭ ئوقۇش پۈتكۈزۈش مۇراسىمىغا قاتنىشىۋاتقاندا، خائىننىڭ ساتقۇنلۇق قىلىشى بىلەن قولغا ئېلىنغان. 11-ئايدا ئۇ نەنجىڭدىكى چىلىڭمىن قوۋۇقى سىرتىدا جياڭ جيېشى تەرىپىدىن مەخپىي ئۆلتۈرۈۋېتىلگەن.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

بەيدۇ قامۇسى

http://baike.baidu.com/view/200100.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#