ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئەمالار مەكتىپى
ئەسلى ئاساسى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئەمالار، گاس-گاچىلار مەكتىپى بولۇپ، 1959-يىلى كۈزدە قۇرۇلغان. كېيىنكى يىلى 2-ئايدا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى باشلىغان. شىنجاڭنىڭ تۇنجى ئالاھىدە مائارىپ مەكتىپىدۇر. ئەينى ۋاقىتتا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلار نازارىتىگە تەۋە بولۇپ، مەكتەپ ئورنى يۆجىن كوچىسىدىكى ئەسلىدىكى نېرۋا كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسىنىڭ ئىچىدە ئىدى. 1960-يىلى ئەمالار مەكتىپىدە ئۇۋۇلاش مەخسۇس كۇرس سىنىپى تەسىس قىلىنغان. 1964-يىلى ھازىرقى ئادرېسقا كۆچۈپ كەلگەن.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ئەسلى ئاساسى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئەمالار، گاس-گاچىلار مەكتىپى بولۇپ، 1959-يىلى كۈزدە قۇرۇلغان. كېيىنكى يىلى 2-ئايدا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى باشلىغان. شىنجاڭنىڭ تۇنجى ئالاھىدە مائارىپ مەكتىپىدۇر. ئەينى ۋاقىتتا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلار نازارىتىگە تەۋە بولۇپ، مەكتەپ ئورنى يۆجىن كوچىسىدىكى ئەسلىدىكى نېرۋا كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسىنىڭ ئىچىدە ئىدى. 1960-يىلى ئەمالار مەكتىپىدە ئۇۋۇلاش مەخسۇس كۇرس سىنىپى تەسىس قىلىنغان. 1964-يىلى ھازىرقى ئادرېسقا كۆچۈپ كەلگەن. 1966-يىلى ئازادلىق يولىدا ئۇۋۇلاش-داۋالاش ئامبۇرلاتورىيىسى قۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ پراكتىكا بازىسى بەرپا قىلىنغاندىن كېيىن، 1971-يىلى ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق ئىشلار ئىدارىسىنىڭ باشقۇرۇشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن. 1982-يىلى شىنجاڭ جۇڭيى ئىنستىتۇتى بىلەن بىرلىشىپ سىنىپ ئاچقان. 1986-يىلى پۈتۈن شىنجاڭغا يۈزلىنىپ ساغلام ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلىشقا باشلىغان. ئۈرۈمچى شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ رەھبەرلىك قىلىشىغا تەۋە بولغان. 1991-يىلى جۇڭيى ئىنستىتۇتى ئالاھىدە مائارىپ بۆلۈمى دەپ ۋىۋىسكا ئاسقان. 1993-يىلى تۇنجى قارارلىق ئۇۋۇلاش سىرتتىن ئوقۇتۇش مەخسۇس كۇرس سىنىپى قوبۇل قىلغان. ئالاھىدە مائارىپ ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا ماسلىشىش ئۈچۈن،1996-يىلى ئەمالار، گاس-گاچىلار مەكتىپى ئايرىلىپ ئەسلىدىكى ئورنىدا ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئەمالار مەكتىپى قۇرۇلۇپ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئۇۋۇلاش كەسپىي مەكتىپى دەپ ۋىۋىسكا ئاسقان. 1998-يىلى ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك مەدەنىيەتلىك ئورۇن دەپ نام بېرىلگەن. ئۈرۈمچى شەھەرلىك مائارىپ كومىتېتىغا تەۋە. خەنزۇ تىلىدا ئوقۇتۇش ئېلىپ بارىدۇ. مەكتەپنىڭ شتاتى 107 نەپەر. 1999-يىلى كەسپىي ئوقۇتقۇچىلار 27 نەپەرگە، مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلار 189 نەپەرگە يەتكەن. مەكتەپ قۇرۇلغاندىن بۇيان جەمئىيەتكە 1000 دىن ئارتۇق قىسقا مۇددەتلىك كۇرسانتلارنى، ئوتتۇرا تېخنىكوم ئوقۇغۇچىلىرىنى ۋە مەخسۇس كۇرس ئوقۇغۇچىلىرىنى تەربىيىلەپ بەرگەن. مەكتەپنىڭ يەر كۆلىمى 10735 كۋادرات مېتىر. ئوقۇتۇش بىناسىنىڭ كۆلىمى 2807 كۋادرات مېتىر.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.