ئاۋات بازىرى دىگەن سۆزلۈك كۆپ خىل مەنە تۈرىنى ئىپادىلىگەن، تۆۋەندىكى مەنە تۈرلىرى بويىچە كۆرۈڭ:
  1. ئاۋات بازىرى (مارالبېشى ناھىيەسى)
  2. ئاۋات بازىرى (يەكەن ناھىيەسى )
  3. ئاۋات بازىرى (ئاۋات ناھىيەسى)
مارالبېشى ناھىيەسى

ئاۋات بازىرى

ئاۋات بازىرى

ئاۋات بازىرى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قەشقەر ۋىلايىتى مارالبېشى ناھىيەسىگە قاراشلىق مەمۇرىي بازار بۇلۇپ، ناھىيەنىڭ جەنۇبىي قىسمىغا جايلاشقان.

ئۇيغۇرچە نامى ئاۋات بازىرى
دۆلىتى جۇڭگو
مەمۇرىي رايون شەكلى بازار
نوپۇسى 21980 ئادەم
ماشىنا كودى يېڭى Q
خەنزۇچە ئاتىلىشى 阿瓦提镇
ئۆلكىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
تەۋە رايون قەشقەر ۋىلايىتى مارالبېشى ناھىيەسى
تېلېفون رايون نۇمۇرى 0998

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئاۋات بازىرىئاۋات بازىرى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قەشقەر ۋىلايىتى مارالبېشى ناھىيەسىگە قاراشلىق مەمۇرىي بازار بۇلۇپ، ناھىيەنىڭ جەنۇبىي قىسمىغا جايلاشقان. ناھىيە بويىچە ئەڭ چەت بازار، ناھىيە بازىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 136 كىلومېتىر. بازار بويىچە جەمئىي 20 مەمۇرىي كەنت، ئىككى مەھەللە. 15 پونكىت-سولار؛ ئومۇمىي ئائىلە سانىنىڭ 6131 ئائىلە، نوپۇسى 21979 ئادەم، بۇنىڭ ئىچىدە يېزا نوپۇسى 17370 ئادەم. 

ئومۇمىي كۆلىمى 427.5 كۋادرات كىلومېتىر، يەر ئۈستى تۈزۈلۈشى تەكشى، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 1167-1170 مېتىر. يەكەن-مارالبېشى تاشيول پۈتۈن شىمالدىن جەنۇبقا كېسىپ ئۆتىدۇ، قاتناش ئىنتايىن قولايلىق. بۇ يەردە «دولانلىقلار» توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان جاي، دولان مەدەنىيىتى ۋە ئۆرپ-ئادىتى بىر قەدەر قويۇق، ئاھالىلەرنىڭ چېلىشىش، ئوغلاق تارتىشىش، دولان مەشرەپ قاتارلىق مەدەنىيەت-تەنتەربىيە پائالىيىتىنى ياخشى كۆرىدۇ شۇڭا «خەلق سەنئىتى ماكانى» دېگەن نامى بار.

ئاۋات بازىرى ئەسلى نامى ئەيساۋات، چىڭ سۇلالىسىنىڭ چيەنلۇڭ 24-يىلى (1759-يىلى) گۇاڭشۈ يىللىرىدىكى مارالبېشىدىكى سەككىز كەنتنىڭ بىرى. مىنگونىڭ 26-يىلى (1937-يىلى) ئىلگىرى مەكىت ناھىيەسىگە قاراشلىق ئۇزاق ئۆتمەي يەنە مارالبېشى ناھىيەسىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن. مىنگونىڭ 30-يىلى (1940-يىلى) تىنىچلىق رايونىغا قاراشلىق بولغان. مىنگونىڭ 32-يىلى (1943-يىلى)  تىنىچلىق يېزىسىدا ئۆزگەرتلگەن. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن 1950-يىلى ناھىيە بويىچە ئالتە رايون قىلىپ ئايرىپ بۇ 6-رايون قىلىپ ئايرىلغان. 1958-يىلى ئاۋا سۇپىسى بىلەن ئاقدۆڭ رايونى قۇرۇلغان. كېيىن ئاۋات رايونى دەپ ئاتالغان. قارىمىقىدا ئۈچ گۇڭشې، ئۇنىڭ بىرى ئاۋا گۇڭشې بولغان، 1970-يىلى《قىزىل گىۋاردىيە》گۇڭشېسى دەپ ئاتالغان. 1977-يىلى بۇرۇنقى نامى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن. 1984-يىلى ئاۋات بازىرى بولۇپ قۇرۇلغان.

ئاۋات بازىرىپۈتۈن بازار يېزا ئىگىلىكىنى ئاساس، چارۋىچىلىقنى قۇشۇمچە قىلغان. ئالاھىدە مەھسۇلاتلىرىدىن چۈچۈكبۇيا بار. تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 95 مىڭ 700 مو، باغۋەنچىلىك كۆلىمى 72 مىڭ مو، بۇغداي كۆلىمى 23 مىڭ مو، كۆپ ساندىكىلىرى زەرەپشان دەرياسى بويىدا، يورۇقلۇق بايلىقى ۋە سۇ بايلىقى ئىنتايىن ياخشى، ھەر خىل مېۋە-چېۋە ۋە كۆكتات قاتارلىق ئىقتىسادىي زىرائەتلەرنى تېرىش بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.

بازاردا جەمئىي 41 ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتى، بۇنىڭ ئىچىدە 40 پارتىيە ياچېيكىسى ۋە بىر مائارىپ ئىشخانىسى پارتىيە باش ياچېيكىسى؛ پارتىيە ئەزاسى 1095 نەپەر، بازارنىڭ ئورگانلىرى شتاتلىق كادىر 42 نەپەر، رەھبىرىي كادىرلىرىدىن 15 نەپەر. يېزا ھەمكارلىشىپ داۋالىنىشقا قاتنىشىش نىسبىتى %95 كە يەتكەن. رادىئو بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى %100 كە يەتكەن. يان تېلېفون مىقدارى 5543 يەتكەن، سىملىق تېلېفون 858، تېلېۋىزىيەنىڭ قاپلاش نىسبىتى %98 كە يەتكەن. بۇ بازاردا 12 مەكتەپ، بۇنىڭ ئىچىدە بىر بازارلىق ئوتتۇرا مەكتەپ، 9 يىللىق تۈزۈمدىكى مەكتەپتىن بىرى، كەنت دەرىجىلىك باشلانغۇچ مەكتەپتىن 10 ى، ئوقۇتقۇچى، ئىشچى-خىزمەتچى 275 نەپەر، مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچى 2747 نەپەر؛ 8 بالىلار باغچىسى، بۇنىڭ ئىچىدە بازارلىق بالىلار باغچىسى بىر، كەنت دەرىجىلىك بالىلار باغچىسىدىن 7 سى، 14 نەپەر ئوقۇتقۇچى، ئىشچى-خىزمەتچى، ئوقۇغۇچىسى 338 نەپەر.

ئاۋات بازىرىئاۋات بازىرى ۋاكالەت نومۇرى: 653130102. قارمىقىدا ئىككى ئاھالىلەر كومىتېتى، 20 كەنت ئاھالە كومىتېتى بار بۇلۇپ، ئۇلار: 1-ئاھالە كومىتېتى، 2-ئاھالە كومىتېتى، باغچى كەنتى، قاقشال كەنتى، قىرىقيولقۇم كەنتى، تاللىق كەنتى، ئونئېرىق كەنتى، يۆجىن ئۆستەڭبويى كەنتى، گۈلمەھەللە كەنتى، ئەللىك كەتمەن كەنتى، داچىبويى كەنتى، دۆڭباغ كەنتى، شاپىلىق كەنتى، كەڭساغان كەنتى، ياقا ئېرىق كەنتى، بوز كەنتى، كۆلبويى كەنتى، مۇنبەت كەنتى، يېڭىئۆستەڭ كەنتى، قوچقار مەھەللە كەنتى، داۋزاقۇم كەنتى، قوشئۆستەڭ كەنتى قاتارلىقلار.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#