چۇقۇ يېزىسى

چۇقۇ يېزىسى قاراشەھەر ناھىيەسى بازىرىغا 22 كىلومېتىر كېلىدۇ، غەربتە ئۇششاقتال يېزىسى، شەرقتە تاغارچى يېزىسى، شىمالىي تەرىپى تەڭرىتاغنىڭ تارمىقى بىلەن چېگىرلىنىدۇ.

ئۇيغۇرچە نامى چۇقۇ يېزىسى
دۆلىتى جۇڭگو
يەر مەيدانى 145 كۋادىرات كىلومېتىر
خەنزۇچە ئاتىلىشى 曲惠乡
مەمۇرىي رايون شەكلى يېزا
رايۇن نۇمۇرى 0996

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

چۇقۇ يېزىسىچۇقۇ يېزىسى ناھىيە بازىرىغا 22 كىلومېتىر كېلىدۇ، غەربتە ئۇششاقتال يېزىسى، شەرقتە تاغارچى يېزىسى، شىمالىي  تەرىپى تەڭرىتاغنىڭ تارمىقى بىلەن چېگىرلىنىدۇ. چېگىرىسىدىكى تاغنىڭ جەنۇبىي قىسمى بىلەن بىڭتۇەن يېزا ئىگىلىك 2-دىۋىزىيە 26 تۈەن مەيدانى تۇتىشىدۇ، يېزا 314 دۆلەت يولىنى كېسىپ ئۆتىدۇ. چۇقۇ يېزىسىدا ۋېيشۈ بەگلىكىنىڭ قەدىمكى شەھەر خارابىسى بار، جەنۇبتىن شىمالغا كەڭلىكى 5.57 مېتىر بولۇپ، شەرقتىن غەربكە ئۇزۇنلۇقى 98 مېتىر، ئېگىزلىكى 3.3 مېتىر، كەڭلىكى 5 مېتىر، شەرق، غەرب تەرىپىدە بىر قوۋۇق بار بولۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى قوغداش ئورنى قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن، ئەمما «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» دا بۇزۇپ تاشلانغان. 

چۇقۇ يېزىسى 1984-يىلى قۇرۇلغان، بۇنىڭ ئىچىدە تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 35 مىڭ مو، ئورمان بار يەر كۆلىمى 7158 مو. يېزا بويىچە جەمئىي ئۈچ مەمۇرىي كەنت، سەككىز كەنت ئاھالىلەر گۇرۇپپىسى، 17 پونكىت، ئۈچ مەكتەپ بار، يېزا بويىچە جەمئىي 2786 ئادەم بار، ئومۇمىي ئائىلە سانى 654 ئائىلە، بۇنىڭ ئىچىدە يېزا نوپۇسى 2613 ئادەم، خەنزۇ 667 ئادەم، ئۇيغۇر 1219ئادەم، خۇيزۇ 506 ئادەم، موڭغۇل 208 ئادەم. 2001-يىلى يېزا ئىگىلىكى ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتى 3030 مىليۇن يۈەن بولغان، دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمى 3195 يۈەنگە يەتكەن. 

چۇقۇ يېزىسىچۇقۇ يېزىسىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 145 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، يېزا-ئىگلىك، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىقنى ئاساس قىلىدۇ. خەنزۇ، ئۇيغۇر، خۇيزۇ، موڭغۇل قاتارلىق مىللەتلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان. ئومۇمىي نوپۇسى سانى 4918 ئادەم، يېزا قارىمىقىدا ئۈچ مەمۇرىي كەنت، سەككىز كەنت گۇرۇپىسى بار. يېزا بويىچە جەمئىي 6 پارتىيە ياچېيكىسى، 108 پارتىيە ئەزاسى، «ئۈچ پېشقەدەم» لەردىن سەككىز كىشى بار. يېزىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپتىن 2، ئوقۇغۇچىسى 376 نەپەرگە يەتكەن.

چۇقۇ يېزىسىچۇقۇ يېزىسىنىڭ جۇغراپىيەلىك ئورنى ئەۋزەل، يورۇقلۇق مول، ئىسسىقلىق بايلىقى بار، بايلىق ئەۋزەللىكى جارى قىلدۇرۇلغان، ئۆزگىچە تېرىقچىلىق ئاساس قىلغان، ئالاھىدە چارۋىچىلىق، ئۆزگىچە باغ-ئورمانچىلىق قوشۇمچە كەسىپ قۇرۇلمىسى زەنجىرلەشكەن، يېزا بويىچە تېرىقچىلىق كۆلىمى 4.8464 مو، 2381 تۇياق چارۋا بار، 2007-يىلى يېزا بويىچە يېزا ئىقتىسادىي ئومۇمىي كىرىمى 7999.77 مىليۇن يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ٪66.4 ئاشقان، چارۋىچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى 5169.7 يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %9 ئاشقان. [0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#