جۇڭگو-ياپونىيە جياۋۇ ئۇرۇشى

جۇڭگو - ياپونىيە جياۋۇ ئۇرۇشى 19 - ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا ياپونىيە جۇڭگو ۋە چاۋشيەنگە تاجاۋۇز قىلىشتىكى ئۇرۇش.

نامى جۇڭگو-ياپونىيە جياۋۇ ئۇرۇشى
ئورنى چاۋشيەن يېرىم ئارىلى، لياۋدۇڭ يېرىم ئارىلى، شەندۇڭنىڭ ۋېيخەي، خۇاڭخەي دېڭىزىنىڭ شىمالى قىسمى
ۋاقتى 1894-يىلى 7-ئاينىڭ 25-كۈنىدىن 1895-يىلى 4-ئاينىڭ 17-كۈنىگىچە
نەتىجىسى ياپونىيە غەلىبە قىلىپ، «سمونوسېكى شەرتنامىسى » ئىمزالاندى
ئۇرۇشقان قاتناشقۇچىلار جوڭگو، ياپۇنىيە
ھەربىي كۈچ چىڭ سۇلالىسى قۇشۇنى 630 مىڭ ئادەم ياپونىيە ئارمىيەسى 240 مىڭ 616 ئادەم
ئۆلۈم-يېتىم ئەھۋالى چىڭ سۇلالىسى قۇشۇنى31 مىڭ 500 ئادەم قۇربان بولدى .ياپونىيە ئارمىيەسى13 مىڭ 306 ئادەم قازا قىلدى ۋە يارىلاندى
خەنزۇچە نامى 中日甲午战争

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

جۇڭگوياپونىيە جياۋۇ ئۇرۇشى1894-يىلى (گۇاڭشۈينىڭ20-يىلى) باھاردا، چاۋشيەندە دوڭشۆ پىرقىسى قوزغىلىڭى كۆتۈرۈلدى. چاۋشيەن پادىشاھى چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتىدىن ئەسكەر چىقىرىپ قوزغىلاڭنى باستۇرۇشقا ياردەم بېرىشنى تەلەپ قىلدى. ياپونىيە چاۋشيەننى بېسىۋېلىپ جۇڭگوغا تاجاۋۇز قىلىش مەقسىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، چاۋشيەندىكى ياپونىيە مۇھاجىرلىرىنى قوغداشنى باھانە قىلىپ، پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ چاۋشيەنگە ئەسكەر چىقاردى. دوڭشۆ پىرقىسى قوزغىلىڭى تىنچىتىلغاندىن كېيىن، چاۋشيەننىڭ ۋەزىيىتى مۇقىملىشىشقا يۈزلەندى، چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى ياپونىيىگە ھەر ئىككى تەرەپ ئەسكەرلىرىنى چېكىندۈرۈپ چىقىپ كېتىش تەكلىپىنى بەردى، بىراق، ياپونىيە بۇنى رەت قىلدى. 7-ئاينىڭ 25-كۈنى ياپونىيە دېڭىز ئارمىيىسى چاۋشيەننىڭ ئاسان ئېغىزى سىرتىدىكى فېڭداۋ ئارىلىنىڭ دېڭىز يۈزىدە جۇڭگونىڭ ترانسپورت پاراخوتىغا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلدى. شۇنىڭ بىلەن چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى 8-ئاينىڭ 1-كۈنى نائىلاج ياپونىيىگە ئۇرۇش ئېلان قىلدى، شۇ يىلى جۇڭگونىڭ دېھقانلار كالېندارى بويىچە جياۋۇ يىلى بولغاچقا، بۇ ئۇرۇش «جياۋۇ ئۇرۇشى» دەپ ئاتالدى. 

جۇڭگوياپونىيە جياۋۇ ئۇرۇشى9 -ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ياپونىيە ئارمىيىسى پيوڭياڭغا قورشاپ ھۇجۇم قىلدى. چىڭ سۇلالىسى ئارمىيىسىنىڭ باش بۇغى زو باۋگۇي ئەسكەر باشلاپ پىداكارلىق بىلەن جەڭ قىلىۋېتىپ، بەختكە قارشى زەمبىرەك ئوقى تېگىپ قۇربان بولدى. چىڭ سۇلالىسى ئارمىيىسىنىڭ باش قوماندانى يې جىچاۋ ئۆلۈمدىن قورقۇپ، شەھەرنى تاشلاپ جۇڭگو چېگرىسى ئىچىگە قېچىپ كىرىۋالدى، شۇنىڭ بىلەن پيوڭياڭ قولدىن كەتتى. 9-ئاينىڭ 17-كۈنى ياپونىيە فلوتى بىلەن شىمالىي دېڭىز فلوتى خۇاڭخەي دېڭىزىدا كەسكىن جەڭ قىلدى، ھەر ئىككى تەرەپ ئېغىر تالاپەتكە ئۇچرىدى. لى خۇڭجاڭ ئەمەلىي كۈچىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن شىمالىي دېڭىز فلوتىنى ۋېيخەيۋېي ھەربىي پورتىغا كىرىپ پاناھلىنىشقا بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، دېڭىزنى كونترول قىلىش ھوقۇقىنى ياپونىيىگە قوش قوللاپ ئۆتۈنۈپ بەردى. 10-ئايدا ياپونىيە ئارمىيىسى جۇڭگوغا ئىككى يولغا بۆلۈنۈپ تاجاۋۇز قىلىپ كىردى. بىر يول قوشۇن يالۇجياڭ دەرياسىدىن ئۆتۈپ، جيۇليەنچېڭنى ئىشغال قىلدى، يەنە بىر يول قوشۇن لياۋدۇڭ يېرىم ئارىلىدىكى خۇايەنكۇ ئېغىزىدىن قۇرۇقلۇققا چىقىپ، لۈيشۇن بىلەن داليەننى بېسىۋالدى. 1895-يىلى 1-ئايدا ياپونىيە قۇرۇقلۇق ئارمىيىسى شەندۇڭ يېرىم ئارىلىدىكى رۇڭچېڭۋەن قولتۇقىدىن قۇرۇقلۇققا چىقىپ، ياپونىيە دېڭىز ئارمىيىسى بىلەن بىرلىكتە ۋېيخەيۋېي ھەربىي پورتىغا قىستاپ ھۇجۇم قىلدى. شىمالىي دېڭىز فلوتى پۈتكۈل قوشۇن بويىچە دېڭىزغا غەرق بولدى.

چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتىنىڭ ئاساسىي ھوقۇقىنى ئىگىلەپ تۇرغان سىشى تەيخۇ ياپونىيە تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ ھۇجۇمىدىن قورقۇپ كېتىپ لى خۇڭجاڭنى تولۇق ھوقۇقلۇق سۈلھى تۈزگۈچى ۋەزىرلىككە تەيىنلەپ، ياپونىيىگە مۇرەسسە قىلىشقا ئەۋەتتى. 4-ئاينىڭ 17-كۈنى لى خۇڭجاڭ چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن ئىگىلىك ھوقۇقنى يوقىتىپ ۋەتەنگە ھاقارەت كەلتۈرگەن جۇڭگو-ياپونىيە «سمونوسېكى شەرتنامىسى» غا ئىمزا قويدى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن جۇڭگونىڭ يېرىم مۇستەملىكىلىشىشى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتى.

بىرىنچى باسقۇچ 

جۇڭگوياپونىيە جياۋۇ ئۇرۇشى1894-يىلى 7-ئاينىڭ 25-كۈنىدىن 9-ئاينىڭ 17-كۈنىگىچە. بۇ باسقۇچتا، ئۇرۇش جۇڭگو چېگراسى سىرتىدىكى چاۋشيەن يېرىم ئارىلى ۋە سېرىق دېڭىزنىڭ شىمالىي قىسمىدا، قۇرۇقلۇقتا ئۇرۇش ئاساسلىقى پيۇڭياڭ جېڭى، دېڭىز ئۇرۇشى ئاساسلىقى خۇاڭخەي دېڭىزى ئۇرۇشى. 

پيۇڭياڭ جېڭى ئىككى تەرەپنىڭ قۇرۇقلۇق ئارمىيەسىنىڭ تۇنجى قېتىم كەڭ كۆلەملىك ئۇرۇش. 

خۇاڭخەي دېڭىزى ئۇرۇشىنىڭ ۋاقتى. 1894-يىلى 9-ئاينىڭ 17-كۈنى  12 دىن 50 مىنۇت ئۆتكەندە دېڭىز ئۇرۇشى باشلاندى، چۈشتىن كېيىن سائەت 5 بىلەن ئاخىرلاشتى. جۇڭگونىڭ 30 يىل ئەجنەبىيچىلىك ھەرىكىتىنىڭ ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نەتىجىسى، بۇ يەردە تۆت سائەت ئىچىدە كۆيۈپ كۈلگە ئايلاندى. 

ئىككىنچى باسقۇچ 

1984-يىلى 9-ئاينىڭ 17-كۈنىدىن 11-ئاينىڭ 22-كۈنىگىچە. بۇ باسقۇچتا، ئۇرۇش لىياۋدۇڭ يېرىم ئارىلىدا ئېلىپ بېرىلىپ، يالۇجياڭ دەرياسى مۇداپىئە جېڭى ۋە  جىنلۈي ئۇرۇشى. 

يالۇجياڭ دەرياسى مۇداپىئە ئۇرۇشى 10- ئاينىڭ 24 - كۈنى باشلانغان، چىڭ سۇلالىسى قوشۇنى ياپون ئارمىيىسى ھۇجۇم تۇنجى قېتىملىق

 مۇداپىئە ئۇرۇشى. جىن لۈي ئۇرۇشى 10 - ئاينىڭ 24 - كۈنى باشلانغان، 11-ئاينىڭ 22-كۈنى لۈيشۇن پورتى قولدىن كېتىپ، بۇ جياۋۇ ئۇرۇشى مەزگىلدە، جۇڭگو - ياپونىيە ئىككى تەرەپ ھەل قىلغۇچ جەڭ باشلاندى.  

ئۈچىنچى باسقۇچ 

ۋېيخەيۋېي شىمالىي دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ تايانچ بازىسى بولغان مۇداپىئەنى قوغداش جېڭى، شۇنداقلا شىمالىي دېڭىز فىلوتىنىڭ ئاخىرقى جېڭى. لياۋدۇڭ جېڭى داۋاملىشىش ۋاقتى ناھايىتى ئۇزۇن.  

 شەرتنامە تۈزۈش 

  • جۇڭگو چاۋشيەن « پۈتۈنلەي كەم - كۇتىسىز ئۆزىگە ئۆزى خوجا بولۇش » دەپ ئېتىراپ قىلغان. ئەمەلىيەتتە ياپونىيىنىڭ چاۋشيەنگە بولغان كونتروللۇقىنى ئېتىراپ قىلىش؛ 
  • جۇڭگو لياۋدۇڭ يېرىم ئارىلى، تەيۋەن ئارىلى ۋە ئۇنىڭغا قاراشلىق ئاراللار دىياۋيۈ ئارىلى، پېڭخۇ تاقىم ئاراللىرى ياپونىيەگە بۆلۈپ بېرىش؛ 
  • جۇڭگو « تۆلەم » ياپونىيە ھەربىي خىراجەتنى 22 مىليارد كۆمۈش؛ كېيىن 30 مىليون 2 مىڭ كۆمۈش « ھەققى » كۆپەيتىش؛ 
  • شاشى ، چوڭچىڭ , سۇجوۋ , خاڭجۇ ئۈچ ۋىلايەت سودا پورتى قىلىپ ئېچىۋېتىش، ياپونىيە ھۆكۈمىتى يۇقىرىدىكى ھەرقايسى پورتلاردا كونسۇل ئەمەلدار ئەۋەتىش، ياپونىيە پاراخوت يۇقىرىقى سودا ئېغىزلىرىغا خالىغانچە كىرىپ شوپۇردىن باشقىسىنىڭ مال قاچىلاش؛ 
  • ياپونىيە پۇقرالىرىنىڭ جۇڭگونىڭ سودا پورتلىرىدا، شەھەرلەردە ئۆز مەيلى بىلەن تۈرلۈك ھۈنەر، تۈرلۈك ماشىنىغا مال قاچىلاش ئىمپورت قىلىش بىلەن شۇغۇللىنىش، بۇ مەھسۇلاتنىڭ بارلىق ئالۋان - ياساقلار كەچۈرۈم قىلىش ، ئىچكى جايلاردا تەسىس قىلىنغان زاپاس مال ئىسكىلاتى قولايلىق يارىتىپ بېرىش؛ 
  • ياپونىيە ئارمىيىسى ۋېيخەيۋېينى  ۋاقىتلىق ئىگىلەپ، جۇڭگو ھۆكۈمىتى ھەر يىلى ئىشغال ھەققىگە 500 مىڭ 200   كۈمۈش تاپشۇرۇش، چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى قېتىملىق تۆلەم پۇلى تاپشۇرۇش، ياپونىيە ئىشغالىيەتچى قوشۇن چېكىنىش؛ 

شەرتنامە زىيىنى 

« سىمونوسېكى شەرتنامىسى » بولسا « نەنجىڭ شەرتنامىسى » نى ئىمزالاشتىن بۇيانقى ئەڭ ئېغىر بولغان تەڭ ھوقۇقسىز شەرتنامە، ئۇ يېقىنقى زامان جۇڭگو جەمئىيىتىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزدى، جاھانگىرلىك جۇڭگونى يېرىم مۇستەملىكە، يېرىم فېئوداللىق جەمئىيەتنىڭ مۇھىم بىر قەدەمىگە ئايلاندۇرۇپ قويدى. 

« سىمونوسېكى شەرتنامىسى » جۇڭگوغا مۇھىم تەسىر كۆرسەتتى. ئالدى بىلەن تەيۋەن قاتارلىق كەڭ دائىرىلىك زېمىنغا، مۇكەممەل بولغان جۇڭگونىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلدى، كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ جۇڭگونى بۆلۈشۈۋېلىش قارا نىيىتىگە تەسىر قىلدى، مىللىي كرىزىس تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتى. [0]

 


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#