كوپېرنىك

كوپېرنىك

كوپېرنىك ئۇلۇغ پولەك ئاسترونومى. ئۇ 1473-يىلى پولشانىڭ شەرقىي قىسمىدىكى تولۇن شەھىرىدە ھاللىق ئائىلىدە دۇنياغا كەلدى. ئۇ ياش ۋاقتىدا كراكوۋ ئۇنىۋېرسىتېتىدە ئوقۇۋاتقان مەزگىللىرىدە ئاسترونومىيەگە قىزىقىپ قالغانىدى. ئۇ 25 يېشىدا ئىتالىيەگە بېرىپ بولونىيە ئۇنىۋېرسىتېتى، پادويە ئۇنىۋېرسىتېتىدە تېببىي پەن ۋە قانۇن ئۆگەندى. كېيىن فولارا ئۇنىۋېرسىتېتىدە چېركاۋنىڭ قانۇن دوكتۇلۇقى ئۇنۋانىغا ئېرىشتى. 

ئۇيغۇرچە ئىسمى كوپېرنىك
باشقا نامى Nikolaj Kopernik
ۋاپات بولغان ۋاقتى 1543-يىلى
خەنزۇچە ئىسمى 尼古拉·哥白尼
تۇغۇلغان ۋاقتى 1473-يىلى
كەسپى ئاسترونومىيە ئالىمى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

كوپېرنىككوپېرنىك ئۇلۇغ پولەك ئاسترونومى. ئۇ 1473-يىلى پولشانىڭ شەرقىي قىسمىدىكى تولۇن شەھىرىدە ھاللىق ئائىلىدە دۇنياغا كەلدى. ئۇ ياش ۋاقتىدا كراكوۋ ئۇنىۋېرسىتېتىدە  ئوقۇۋاتقان مەزگىللىرىدە ئاسترونومىيىگە قىزىقىپ قالغانىدى. ئۇ 25 يېشىدا ئىتالىيە گە بېرىپ بولونىيە ئۇنىۋېرسىتېتى، پادويە ئۇنىۋېرسىتېتىدە تېببىي پەن ۋە قانۇن ئۆگەندى. كېيىن فولارا ئۇنىۋېرسىتېتىدە چېركاۋنىڭ قانۇن دوكتۇلۇقى ئۇنۋانىغا ئېرىشتى. 1215-يىلى فېلنسبورگقا قايتىپ كېلىپ مىسسىئونېر بولدى. شۇنىڭ بىلەن بىرۋاقىتتا ئۇ چېركاۋنىڭ ئۈستىدىكى بالاخانا ئۆيدە كىچىك بىر رەسەتخانا قۇرۇپ، ئۇدا 30 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت سەرپ قىلىپ، ئاسمان جىسىملىرىنى كۆزەتتى. كوپېرنىك كەسپىي ئاسترونومىيە خادىمى ئەمەس ئىدى. ئۇ ئۆزىگە غايەت زور ئابرۇي كەلتۈرگەن ئاسترونومىيە خىزمىتى بىلەن ئىشتىن سىرتقى ۋاقىتلىرىدا شۇغۇللاندى. 

كوپېرنىك ئىتالىيە دە تۇرغان مەزگىلدە، يونان ئاسترونومى ئارستاك (مىلادىدىن بۇرۇن تەخمىنەن 310-230) نىڭ «قۇياش مەركەز تەلىماتى»، يەنى يەر شارى ۋە باشقا ئاسمان جىسىملىرى قۇياشنى دەۋر قىلىپ ئايلىنىدۇ دېگەن ئىدىيەسىنى ئىگىلىگەنىدى؛ كوپېرنىك بۇ تەلىماتقا ئىشىنەتتى. ئۇ 40 ياشقا كىرگەندە بىر پارچە ماقالە يېزىپ چىققان. بۇ ماقالىنى دوستلىرى ئۆزئارا كۆرۈپ چىققان. ماقالىدە قۇياش ئالەمنىڭ مەركىزى، يەر شارى ئۆز ئوقىدا ئايلىنىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە، بەش چوڭ پلانېتا بىلەن بىرگە قۇياشنى مەركەز قىلىپ ئايلىنىدۇ؛ پەقەت ئاي شارى لا يەر شارى نى مەركەز قىلىپ ئايلىنىدۇ، دېگەن قۇياش مەركەز تەلىماتى تولۇق ئىپادىلەنگەنىدى. ئۇزۇن يىللار ئىنچىكە ھېسابلاش ئارقىلىق، ئۇنىڭ تەلىمات سىستېمىسى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتى. ئاخىرى ئۇنىڭ ئۆلمەس ئەسىرى «پلانېتىلار ھەرىكىتى» پۈتۈن چىقتى. بۇ ئەسەردە ئۇنىڭ نەزەرىيىسى تەپسىلىي بايان قىلىنغان ھەمدە نۇرغۇن ئىسپاتلار مىسال كەلتۈرۈلگەن. 

كوپېرنىك1533-يىلى، كوپېرنىك 60 يېشىدا رىمدا نۇتۇق سۆزلەپ ئۆزىنىڭ نەزەرىيەسىنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرىنى بايان قىلغان، بىراق ئويلىمىغان يەردىن پاپانى رەنجىتىپ قويغان، ئۇ ئۆزىنىڭ قۇياش مەركەز تەلىماتىنىڭ خرىستىئان دىنىي قائىدىلىرى بىلەن پۈتۈنلەي زىت ئىكەنلىكىنى بىلەتتى. شۇڭلاشقا ئەسەر يېزىلىپ بولغاندىن كېيىن خېلى ۋاقىتقىچە نەشىرگە سۇنۇشقا جۈرئەت قىلالمىدى. كېيىن دوستلىرىنىڭ نەسىھىتى ئارقىسىدا، ئاخىرى ئۇ سەكراتقا چۈشۈپ قالغاندا «پلانېتىلار ھەرىكىتى» نى ئاندىن نەشىرگە بەردى.

«پلانېتىلار ھەرىكىتى» دە، كوپېرنىك قىلچە ئىككىلەنمەستىن، يەر شارى ئۆز ئوقىدا ئايلىنىدۇ، ئاي يەر شارى نى دەۋر قىلىپ ئايلىنىدۇ. يەر شارى بىلەن باشقا پلانېتىلار قۇياشنى دەۋر قىلىپ ئايلىنىدۇ، دېدى. بىراق خۇددىي بۇرۇنقى ئالىملارغا ئوخشاش، ئۇمۇ چېرتيوژ سىزىش جەريانىدا چېرتيوژدىكى ئۇزۇنلۇق بىلەن ئەمەلىي ئارىلىق ئوتتۇرىسىدىكى نىسبەتنى خاتا ھېسابلاپ قويۇپ، پلانېتىلارنىڭ ھەرىكەت قىلىش ئوربىتىسىنى خاتا ھالدا يۇمىلاق دەپ چىقاردى. شۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئۇنىڭ نەزەرىيىسى ماتېماتىكىدا مۇرەككەپلا بولۇپ قالماستىن، بەلكى ناھايىتى توغرىلىقىنى تەلەپ قىلىدۇ. شۇنداقتىمۇ، كوپېرنىكنىڭ ئەسىرى كىشىلەرنىڭ ناھايىتى زور دىققەت-ئېتىبارىنى قوزغىدى. كېيىنكى نۇرغۇنلىغان ئاسترونومىيە ئالىملىرىنىڭ ئىلھامىنى قوزغاپ ئۇلارنىڭ ئاسمان جىسىملىرىنىڭ ھەرىكىتىنى ئىنچىكىلىك بىلەن ھېسابلاپ، ئاخىرى ئۇلارنىڭ توغرا ئوربىتىسىنى بېكىتىشكە تۈرتكە بولدى. 

كوپېرنىكنىڭ نەزەرىيەسى بىزنىڭ ئالەم قارىشىمىزدە بىر قېتىملىق ئىنقىلابنى پەيدا قىلدى، شۇنىڭ بىلەن بىرۋاقىتتا، بىزنىڭ پۈتكۈل پەلسەپە نەزەرىيىمىزدىمۇ ئۆزگىرىش پەيدا قىلدى، بىراق، شۇنى ئېسىمىزدە ساقلىشىمىز كېرەككى، ئەمەلىيەتتە، ئاسترونومىيە، فىزىكا، خىمىيە ۋە تۇرمۇش بىلىملىرىدەك مەلۇم دائىرىگە ئىگە ئەمەس. كىشىلەر تېلېۋىزور ۋە ئاپتوموبىل ياساشتا ياكى خىمىيە زاۋۇتى قۇرۇشتا كوپېرنىك نەزەرىيە ىنى ئىگىلەش ۋە ئىشلىتىش ھاجەتسىز، بىراق بۇ جەھەتتە فازا دېيى، ماكسىۋېل ياكى لافۋازنىڭ نەزەرىيەسىدىن ئايرىلالمايدۇ. ۋەھالەنكى، كوپېرنىكنىڭ «پلانېتىلار ھەرىكىتى» نىڭ بارلىققا كېلىشى يېڭى ئاسترونومىيەنىڭ باشلىنىشى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى بارلىق يېڭى پەننىڭ باشلىنىش نۇقتىسى دەپ قارالماقتا. 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#