كشمىش ئۈزۈم
كىشمىش ئۈزۈم سورتى ئاپتونۇم رايۇنىمىزنىڭ قەدىمكى سورتلىرىدىن بولۇپ، شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا، بولۇپمۇ تۇرپان رايۇنىدا ئاساسلىق ئۆستۈرۈلىدۇ. بۇ ئۈزۈم 8-ئاينىڭ ئوتتۇرلىرىدىن باشلاپ پىشىشقا باشلايدۇ.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
كىشمىش ئۈزۈممېۋىسى ئۇزۇن يۇمىلاق دانىسى ئوتتۇراھال چوڭ ، بىر ساپاق ئۈزۈمنىڭ ئوتتۇرىچە ئېغىرلىقى 210 - 250 گرام ، ئەڭ يۇقىرى بولغاندا بىر كىلوگرام كېلىدۇ . ئۈزۈم دانىسى تۇخۇم شەكىللىك ، يەككە ئېغىرلىقى 12 گرام كېلىدۇ . مېۋە پوستى رەڭگى سارغۇچ يېشىل ، قېلىن ، چۈرۈك ، تاتلىق ، پۇراقسىز ، قەنت مىقدارى % 25 - 21 ئەتراپىدا ئۇرۇقسىز ، سۈپىتى ئەلا . تۈپىنىڭ ئۆسۈشى كۈچلۈك ، بۇ ئۈزۈم 8 - ئاينىڭ ئوتتۇرلىرىدىن باشلاپ پىشىشقا باشلايدۇ .
چوڭ دانىلىق كىشمىش ئۈزۈم
چوڭ دانىلىق كىشمىش ئۈزۈمچوڭ دانىلىق كىشمىش ئۈزۈم كىشمىش ئۈزۈمىنىڭ بىخ ئۆزگىرىشىدىن كېلىپ چىققان تۈر بولۇپ ، پىچاننىڭ خاندۇ دېگەن يىرىدە بايقالغان. دانىسى چوڭ ، مېۋىسى شالاڭ ،يۇمىلاق كىشمىش ئۈزۈمدىن بىر ھەسسە چوڭ . پوستى نېپىز ، شىرنىلىك تاتلىق بالدۇر پىشىدۇ ،مەھسۇلاتى تۆۋەن ، يوپۇرمىقى چوڭ ھەم قېلىن ، رەڭگى قېنىق يېشىل . تۈپىنىڭ شاخلىنىش ئىقتىدارى ئاجىزراق ، بوغۇم ئارلىقى قىسقا ، شاخلىرى چۈرۈك ، ئاسان سۇنىدۇ ، سوغۇققا ۋە قۇرغاقچىلىققا قارىشى تۇرۇش ئىقتىدارى ئاجىز .
ئۇزۇن دانىلىك كىشمىش ئۈزۈم
ئۇزۇن دانىلىك كىشمىش ئۈزۈم ئۇزۇن دانىلىك كىشمىش ئۈزۈم كىشمىش ئۈزۈمىنىڭ ئۆزگەرگەن تۈرى بولۇپ ، تۇرپان، پىچان رايۇنلىرىدا ئۆستۈرۈلىدۇ . مېۋە دانىسى ئۇزۇن ، چوڭلۇقى ئاقسايۋا ئۈزۈمىچىلىك كىلىدۇ ، مېۋىسى شالاڭ ، ئېتى چۈرۈك تاتلىق ، شاخلىنىش ئىقتىدارى ئاجىز ، مەھسۇلاتى تۆۋەن ، كېسەللىككە قارشى تۇرۇشچانلىقى ئاجىزراق ، تېخى كەڭ كۆلەمدە كېڭەيتىلمىدى .
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.