جامكا
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ پۈتۈن قىسمى ئىشلىتىلىدۇ.
بۇ ئۆسۈملۈكنى ياز ۋە كۈز مەزگىللىرىدە سۈزۈۋېلىپ تازىلاپ، يۇيۇپ ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى نىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى كۆل، شاللىق ۋە سازلىقلاردا ئۆسىدۇ.
ھۆل سوغۇق.
ماددىلارنى تارقىتىش، سۈيدۈك ھەيدەش، ئىششىق ياندۇرۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئەھۋالغا قاراپ 4 ~ 8 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ.
جامكا، يالپۇز، بۇدۇشقاق ئۇرۇقىنىڭ ھەر بىرىدىن سەككىز گرامدىن ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، ئىسسىقتىن بولغان زۇكام، يەلتاشما ۋە قىزىلنىڭ سىرتقا تەپمەسلىكىگە مەنپەئەت قىلىدۇ. جامكىدىن سەككىز گرام، تەكىيە كاۋا شۆپۈكىدىن 35 گرام، تاۋۇز شۆپۈكىدىن 70 گرام ئېلىپ سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرىدۇ. 35 گرام جامكىنى 70 گرام قىزىل قىچا، 12 گرام شاپتۇل مېغىزى، 10 گرام زاراڭزا چېچىكى بىلەن بىللە يۇمشاق ئېزىپ، چېكىلەنگەن ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ، ئۆرۈك ئۈچكىسىدەك چوڭلۇقتا كۇمىلاچ ياساپ، ھەيزدىن كېيىن ئۈچ كۈنگىچە، كۈنىگە ئىككى قېتىمدىن، ھەر قېتىمدا ئىككى تال كۇمىلاچنى قايناق سۇ بىلەن ئىچىپ بەرسە، ھامىلىدار بولۇشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. جامكىدىن 35 گرام، قىزىل قىچىدىن سەككىز گرام ئېلىپ، يۇمشاق ئېزىپ، ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ، تۆت گراملىقتىن كۇمىلاچ ياساپ، ھەيزدىن كېيىن، ئۈچ كۈنگىچە، كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا ئىككى تال كۇمىلاچنى قايناق سۇ بىلەن ئىچىپ بەرسە، ھامىلىدار بولۇشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.