ئاقمۇچ
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ئاقمۇچ ئۆسۈملۈك قارىمۇچ مېۋىسىنىڭ پىشقاندىن كېيىن قىزارغان ۋاقتىدا پوستى ئېلىۋېتلگەن، رەڭگى ئاقىرىپ قالغان مېۋىسى بولۇپ، «ئاقمۇچ» نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ. قارىمۇچ ئائىلىسىدىكى ياغاچ غوللۇق پىلەكلىك ئۆسۈملۈك بۇلۇپ، كۈز پەسلىنىڭ ئاخىرى ياكى 2 – يىلى ئەتىياز پەسلىگىچە مېۋىسى پىشقان ۋاقتىدا ئۈزۈپ كېلىپ يېغۋىلىنىدۇ. ھىندىستاندىن ھەم ئېلىمىزنىڭ خەينەنداۋ ۋە يۈننەن ئۆلكىلىرىدىن چىقىدۇ.
1. ئاقمۇچ، پىلپىل، زەنجىۋىلنى مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ سوقۇپ، سۇپۇپ قىلىپ ئىچسە، تاماق سىڭدۈرىدۇ. يەل تارقىتىدۇ، سېسىق كېكىرىشنى يوقىتىدۇ.
2. ئاقمۇچنى تۇخۇم سېرىقى بىلەن سۇپۇپ تەييارلاپ ئىچسە، بەدەننى قىزىتىدۇ، باھنى قۇۋۋەتلەيدۇ.
3. ئۈستىقۇددۇس 10 گرام، سازەج 15 گرام، سۇمبۇل 10 گرام، ئاقمۇچ 10 گرام، سۇپۇپ تەييارلاپ، كۈندە ئىككى ۋاق 10 ~ 5 گرامغىچە ئىچسە، مېڭە ۋە يۈرەكنى قۇۋۋەتلەيدۇ
ھەزىم ئاجىزلىقى، ئىشتىھاسىزلىق، ئاشقازان سوۋۇپ كېتىش، ئاشقازان تۆۋەنلەش، نېرۋا ئاجىزلىقى، چىش ئاغرىقى، سېسىق كېكىرىش، سوغۇقتىن بولغان دەم سىقىش، كۆكرەك ئاغرىقى، سۈيدۈك تۇتالماسلىق، باھ ئاجىزلىقى، بۆرەك ۋە بەدەن سوۋۇپ كېتىش قاتارلىق كېسەللىكلەرگە ئىشلىتىلىدۇ.
مېۋىنـىـڭ تـەركـىـبـىـدە قـارىـمـۇ ئىشـقـارى پېپـرىن (Piperin)كاۋىتسىن (Chavicine) ، پىپرانىن (Piprolene)، پىپرىلىسىن، (Pipryline)، پىپرولېئىن (Piprolene)،ئۇچۇچان ماي قاتارلىقلار بار.
كېلىش مەنبەسى(ئەسەر)
ئۇيغۇر تېبابىتى خام دورىلار ئىلمى بىرىنچى توم(سىناق نۇسخا) شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى [0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.