ئەنۋەرجان ئەركىن

ئەنۋەرجان ئەركىن

ئەنۋەرجان ئەركىن 1985-يىلى 1-ئاينىڭ 27-كۈنى تۇغۇلغان. شىنجاڭ مائارىپ ئىنستىتۇتى سەنئەت فاكۇلتېتىنىڭ مۇزىكا مائارىپى كەسپىنى پۈتتۈرگەن.

ئۇيغۇرچە ئىسمى ئەنۋەرجان ئەركىن
باشقا نامى 小艾、艾尼、毛子
مىللىتى ئۇيغۇر
تۇغۇلغان ۋاقتى 1985-يىلى 1-ئاينىڭ 27-كۈنى
بەدەن ئېغىرلىقى 59 كىلوگىرام
خەنزۇچە ئاتىلىشى 艾尼瓦尔江·艾黎根
دۆلەت تەۋەلىكى جۇڭگو
يۇرتى ئۈرۈمچى
بوي ئېگىزلىكى 174 سانتىمېتىر
كەسپى مۇزىكا ئىشلىگۈچى، ناخشىچى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئەنۋەرجان ئەركىنئەنۋەرجان ئەركىن 1985-يىلى 1-ئاينىڭ 27-كۈنى تۇغۇلغان.2002- يىلى سىگنال يوق مۇزىكا ئەترىتىنى قۇرغان. ئىلگىرى مۇزىكا ئەترىتىنىڭ ئۇسلۇبىنى جىددىي مېتال دەپ بېكىتكەن، كېيىن مۇزىكا ئەترىتىنىڭ ئۇسلۇبىنى ساپ مودا ئۇسلۇبقا ئۆزگەرتكەن، شىنجاڭ تېلېگرافى ئۆز-ئارا يۇلتۇزلۇق ئاسمان سەييارە ئويۇن قويۇش پائالىيىتىگە قاتناشقان،‹‹گۈزەل ئەرەنچە ئاۋاز›› ئۇ تۇنجى قېتىم قاتناشقان دۆلەت دەرىجىلىك مۇسابىقە. 

ئەنۋەرجان ئەركىن ئەنۋەرجان ئەركىن شىنجاڭ مائارىپ ئىنستىتۇتى سەنئەت فاكۇلتېتىنىڭ مۇزىكا مائارىپى كەسپىنى پۈتتۈرگەن. گىتتار، پىئانىنو،باس چېلىشقا ماھىر. مۇزدەك قىزىل چاي مۇزىكا ئەترىتى تاللاش مۇسابىقىسى شىنجاڭ مۇسابىقە رايونىدىكى ئەڭ ياخشى باش ناخشا ئورۇنلىغۇچى، بىر پارچە ئىجادىي پىلاستىنكىسى بار. 

2004-2005-يىلى شىنجاڭدا جۇڭگو تېلېگرافى بىلەن ھەمكارلىشىپ جۇڭگو تېلېگرافى ئۆزئارا يۇلتۇزلۇق ئاسمان سەييارە ئويۇن قويۇش پائالىيىتىگە قاتنىشىپ، شىنجاڭنىڭ 17 رايوندا جەمئىي 30 نەچچە مەيدان سەييارە ئويۇن قويغان، 12 مىڭدىن ئارتۇق تاماشىبىن قاتناشقان.

2006 - يىلى شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئۇيۇشتۇرغان بىر يۈرۈش سەنئەت كېچىلىكىدە ئىجادىي ناخشىلىرىنى ئورۇنلىغان، شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى كۆڭۈل ئېچىش نومۇرلىرىنى سىنغا ئېلىشقا قاتناشقان.

2007 - يىلى خۇنەن سۈنئىي ھەمراھ تېلېۋىزىيەسى « گۈزەل ئەرەنچە ئاۋاز »  شىئەن مۇسابىقە رايونىدىكى 20 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم قاتناشقان تاللاش مۇسابىقىسىدە شىئەن مۇسابىقە رايونى بويىچە 10 كۈچلۈك ماھىر قاتارىغا كىرگەن. 

2008 - يىلى بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مەشئىلىنى يەتكۈزۈش پائالىيىتىدە شىنجاڭ ئۈرۈمچى بېكىتى 124-نۇمۇرلۇق مەشئەلچى بولغان.

خۇنەن سۈنئىي ھەمراھ تېلېۋىزىيەسى « ئۆكتەبىر قىزىل ناخشا كېچىلىكى » نەق مەيدان بىۋاستە ئاڭلىتىش تېلېۋىزىيە كېچىلىكىدە شىنجاڭنىڭ مىللىي ناخشىسى « گۈل نېمىشقا شۇنچە قىزىل » نى ئېيىتقان.

« بۇ يەر شىنجاڭ » ناملىق ناخشىسىنىڭ MTV سىنى سۈرەتكە ئالغان ھەمدە شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى، ئۈرۈمچى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى،شىنجاڭ مائارىپ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدا قويۇلغان. گېزىت، ژۇرنال، رادىئو ئىستانسىسى قاتارلىق ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ بىر  نەچچە قېتىملىق زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان. 

جۇڭگو ۋاسكېتبول CBA شىنجاڭ گۇاڭخۇي ئۇچار يولۋاس ۋاسكېتبول كوماندىسى ئۈچۈن 2009 - يىللىق مۇسابىقە ئەترەت ناخشىسى « ئېتىقاد قىلىش » نى ئىجاد قىلغان ھەم ئورۇنلىغان.

شىنجاڭ SOHO رەقەملىك شادلىق شەھەرچىسىنىڭ شادلىق ئەلچىسى بولغان ھەمدە « بىزنىڭ تۇرمۇشىمىز قۇياش نۇرىغا تولغان »ناملىق ناخشىنىڭ MTV سىنى سۆرەتكە ئالغان.

ئىجادىي ناخشىسى « ئىناق شىنجاڭ » جاڭ چۈنشيەن شۇجىنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن.

جۇڭگو ۋاسكېتبول CBA شىنجاڭ ئۇچار يولۋاس ۋاسكىتبول كوماندىسى ئۈچۈن 2012 - يىللىق مۇسابىقە ئەترەت ناخشىسى « كۈچ »نى ئىجاد قىلغان ھەم ئورۇنلىغان.

« بۇ يەر شىنجاڭ »

« ئەسلىدە مەن ئىزچىل بەك يالغۇزلۇق ھېس قىلىمەن » 

« كىچىك ھاڭۋاقتى» 

« ئىناق شىنجاڭ» 

« قاچان سېنى ياخشى كۆرىمەن دەيسەن» [0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#