سونىي شىركىتى

سونىي شىركىتى

سونىي شىركىتىنىڭ ئەسلى «توكيو ئالاقە سانائىتى جەمئىيىتى» بولۇپ، 1946-يىلى قۇرۇلغان. باش شىتابى ياپونىيە توكيو شەھىرىدە.

ئۇيغۇرچە نامى سونىي شىركىتى
كەسپ تەۋەلىكى ئېلېكتىرون، كۆڭۈل ئېچىش، ئويۇن، پۇل مۇئامىلە
قۇرۇلغان ۋاقتى 1946-يىلى 5-ئاينىڭ 7-كۈنى
ئېنگلىزچە نامى Sony Corporation
ساپ پايدىسى 458 مىليون (2013-يىلى)
خەنزۇچە ئاتىلىشى 索尼公司
باش شىتابى ياپونىيە توكيو
خىزمەتچى سانى 146300 ئادەم (2013-يىلى)
تىجارەت رايونى پۈتۈن يەر شارى
ئومۇمىي كاپىتالى 151 مىليارد 131 مىليون

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

سونىي شىركىتىسونىي شىركىتىنىڭ ئەسلى «توكيو ئالاقە سانائىتى جەمئىيىتى» بولۇپ، 1946-يىلى قۇرۇلغان.باش شىتابى ياپونىيە توكيو شەھىرىدە. تەيۋەن، شىياڭگاڭ، ئاۋمېن قاتارلىق جايلاردا ئومۇميۈزلۈك بۇ شىركەتنىڭ نامىنى «يېڭى كۈچ» دەپ تەرجىمە قىلىغان. 2009-يىلى 4-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، «سونىي دۇنياۋى ماركا تۈزىمى» گە ئاساسەن، سونىينىڭ خەنزۇچە نامىنى «索尼» غا ئۆزگەرتكەن.

ئىستېمال خاراكتېردىكى ئېلېكتىرون مەھسۇلاتلىرى، يېرىم ئۆتكۈزگۈچ زاپچاسلىرى، كۆچمە خەۋەرلىشىش، ئويۇن ماشىنىسى، پۇل مۇئامىلە مەھسۇلاتلىرى قاتارلىقلار.

سونىي شىركىتى2009 (2009-يىلى 4ئايدىن 2010-يىلى 3-ئايغىچە) ئىقتىسادىي نەتىجىلىرى:

سونىينىڭ 2009-يىللىق مۆلچەرلەنگەن سېتىلىش سوممىسى 7 تىرىليون 30 مىليون ياپونىيە يېنى؛ سونىي گۇرۇھىنىڭ 2010 يىللىق پىلانى پايدىنى 4 ھەسسىلەپ، 160 مىليارد ياپونىيە يېنىغا يەتكۈزۈش.

2010-يىلى سونىي گۇرۇھى يەنە بىر قەدەم ئىلگىرلىگەن ھالدا ئىسلاھات  ئېلىپ بېرىپ، تىجارەت تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىپ، سىجىل پايدىدىكى تىجارەت تۈزۈلمىسىنى كۈچەيتكەن.

ئىستېمال مەھسۇلاتلىرى بۆلۈمى

تىجارەت سوممىسى 3 تىرىليون 227 مىليارد 700 مىليون ياپونىيە يېنى؛ تىجارەتتىكى زىيىنى 46 مىليارد 600 مىليون ياپونىيە يېنى

B2B ۋە ئوپتىكىلىق دىسكا ئىشلەپچىقىرىش بۆلۈمى

تىجارەت سوممىسى 504 مىليارد 200 مىليون ياپونىيە يېنى، تىجارەتتىكى زىيىنى 7 مىليارد 200 مىليون ياپونىيە يېنى

كىنو بۆلۈمى

كىنو بۆلۈمىنىڭ تىجارەت سوممىسى 7 مىليارد 52 مىليون ياپونىيە يېنى؛ تىجارەتتىكى پايدا 42 مىليارد 28 مىليون ياپونىيە يېنى

مۇزىكا بۆلۈمى

مۇزىكا بۆلۈمىنىڭ تىجارەت سوممىسى 522 مىليارد 600 مىليون ياپونىيە يېنى ؛ تىجارەتتىكى پايدا 36 مىليارد 500 مىليون ياپونىيە يېنى

پۇل مۇئامىلە بۆلۈمى

پۇل مۇئامىلە بۆلۈمىنڭ تىجارەت سوممىسى 851 مىليارد 400 مىليون ياپونىيە يېنى ؛ تىجارەتتىكى پايدا 162 مىليارد 500 مىليون ياپونىيە يېنى سونىي ئېرىكسون(Sony Ericsson)، تىجارەت سوممىسى 645 مىليارد 700 مىليون ياپونىيە يېنى؛ تىجارەتتىكى زىيان 64 مىليارد 500 مىليون ياپونىيە يېنى؛ ساپ زىيان 5 مىليارد 22 مىليون ياپونىيە يېنى.

2008 (2008-يىلى 4-ئايدىن 2009-يىلى 3-ئايغىچە) ئىقتىسادىي نەتىجىلىرى : 

2009-يىلى 5-ئاينىڭ 14-كۈنى، 2008-يىللىق يىللىق مالىيە دوكلاتى ئېلان قىلىندى. ئېلېكتىرون كەسپى بۆلۈمى، 2008-يىلىدىكى يەرشارى خاراكتېرلىك ئىقتىسادىي كرىزىس سەۋەبىدىن، سونىينىڭ پايدىسىدا ئېغىر چېكىنىش بولدى، ئۆتكەن يىلىغا سېلىشتۇرغاندا تىجارەت كىرىمى %17 تۆۋەنلىدى. ئويۇن كەسپى جەھەتتە، ئاساسلىق ياپونىيە يېنىنىڭ قىممىتىنىڭ ئۆرلىشى ۋە «PS2» نىڭ سېتىلىش مىقدارىنىڭ تۆۋەنلىشىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، سېتىلىش مىقدارى %18 تۆۋەنلىگەن. كىنو كەسپى جەھەتتە بولسا ياپونىيە يېنىنىڭ قىممىتىنىڭ ئۆرلىشى ۋە DVD كىنو پلاستىنكىسىنىڭ سېتىلىش مىقدارىنىڭ تۆۋەنلىىشنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، سېتىلىش مىقدارى %16.4 تۆۋەنلىدى. پۇل مۇئامىلە جەھەتتە، سونىينىڭ ئۆمۈر سۇغۇرتىسىنىڭ سۇغۇرتا كىرىمى ئاشقان، بىراق پاي بازىرىنىڭ كەڭ كۆلەمدە چۈشىشى سەۋەبىدىن، تىجارەت سوممىسى %7.4 چۈشكەن.

تىجارەتنىڭ پايدىسى ئۆتكەن بىر يىلنىڭكىگە سېلىشتۇرغاندا 703 مىليارد 100 مىليون ياپونىيە يېنى ئازايغان، 227 مىليارد 800 مىليون ياپونىيە يېنى زىيان بولغان. زىيان كېلىپ چىقىشىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى بولسا: ياپونىيە يېنىنىڭ ئامېرىكا دوللىرى ۋە ياۋرونىڭ قىممىتىنىڭ ئېشىشىغا نىسبەتەن كەلتۈرۈپ چىقارغان پايدىسىنىڭ قىممىتى تەخمىنەن 279 مىليارد ياپونىيە يېنى چۈشكەن. سونىي ئېرىكسون قاتارلىق مۇناسىۋەت شىركەتلىرىنىڭ تىجارىتىنىڭ يامانلىشىشى كەلتۈرۈپ چىقارغان پايدىنىڭ تۆۋەنلىشى 125 مىليارد 900 مىليون ياپونىيە يېنى بولغان؛ ياپونىيە پاي بازىرىنىڭ كەڭ كۆلەمدە تۆۋەنلىشى 53 پايدىنىڭ مىليارد 800 مىليون ياپونىيە يېنى تۆۋەنلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. بۇ 1995-يىلىدىن بۇيانقى پۈتۈن گۇرۇھ خاراكتېرلىق زىيان تارتىش بولسىمۇ، بىراق ساپ زىيان 98 مىليارد 900 مىليون ياپونىيە يېنى بولۇپ، مۆلچەرلەنگەن زىيان 150 مىليارد ياپونىيە يېنىدىن ئاز بولغان.

2009-يىلى 3-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە، سونىي :

ئېلېكتىرون بۆلۈمى: تىجارەت سوممىسى 5 تىرىليون 488 مىليارد ياپونىيە يېنى؛ زىيان  168 مىليارد  يۈز مىليون ياپونىيە يېنى

ئويۇن بۆلۈمى: تىجارەت سوممىسى بىر تىرىليون 53 مىليارد 100 مىليون ياپونىيە يېنى؛ زىيان 58 مىليارد 500 مىليون ياپونىيە يېنى

كىنو بۆلۈمىتىجارەت سوممىسى 717 مىليارد 500 مىليون ياپونىيە يېنى؛ زىيان 29 مىليارد 900 مىليون ياپونىيە يېنى

مالىيە بۆلۈمىتىجارەت مىقدارى 538 مىليارد 200 مىليون ياپونىيە يېنى؛ زىيان 31 مىليارد 200 مىليون ياپونىيە يېنى

باشقا بۆلۈملەرتىجارەت مىقدارى 539 مىليارد 600 مىليون؛ پايدا 30 مىليارد 400 مىليون

سونىينىڭ 2009-يىللىق سېتىپ چىقىرىش پىلانى 7 تىرىليون 300 مىليارد ياپونىيە يېنى؛ زىيان 110 مىليارد ياپونىيە يېنى، ساپ پايدا 120 مىليارد ياپونىيە يېنى بولۇپ، ياپونىيە چوڭ تىپتىكى گۇرۇھلارنىڭ يىللىق زىيىنىنى بىۋاسىتە پەزەر قىلغان.

2007 (2007-يىلى 4-ئايدىن 2008-يىلى 3-ئايغىچە) ئىقتىسادىي نەتىجىسى

2008-يىلى 5-ئاينىڭ 14-كۈنى، 2007-يىللىق يىللىق مالىيە دوكلاتى ئېلان قىلىندى. BRAVIAسۇيۇق كىرىستال ئېكرانلىق تېلېۋىزور، VAIO كومپيۇتېر، Cyber-Shot رەقەملىك فوتوكامېرا قاتارلىقلارنىڭ بازىرىنىڭ ئىتتىك بولىشى سەۋەبىدىن ئېلېكتىرون كەسپىدە زور پايدىغا ئېرىشتى.سونىينىڭ يىللىق پايدىسى %421.9 لىك 374 مىليارد 500 مىليون ياپونىيە يېنى بولۇپ، تارىختىكى 2-قېتىملىق ئەڭ يۇقىرى پەللىنى ياراتتى؛ سېتىلىش مىقدارى %6.9  يەنى 8.87 تىرىليون ئېشىپ، ساپ پايدىنى 369 مىليارد 400 مىليونغا يەتكۈزۈپ، تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى رېكوردنى ياراتتى.

2008-يىلى 3-ئاينىڭ 31-كۈنىگە قەدەر، سونىي:

سونىي شىركىتىئېلېكتىرون بۆلۈمىتىجارەت سوممىسى 6 تىرىليون 613 مىليارد 800 مىليون ياپونىيە يېنى؛ پايدا 356 مىليارد ياپونىيە يېنى

ئويۇن بۆلۈمى1 تىرىليون 284 مىليارد 200 مىليون ياپونىيە يېنى؛ زىيان 124 مىليارد 500 مىليون ياپونىيە يېنى

كىنو بۆلۈمىسېتىلىش مىقدارى 857 مىليارد 900 مىليون ياپونىيە يېنى؛ پايدىسى 54 مىليارد ياپونىيە يېنى

پۇل مۇئامىلە بۆلۈمىتىجارەت سوممىسى 581 مىليارد يۈز مىليون ياپونىيە يېنى؛ پايدا 22 مىليارد 600 مىليون ياپونىيە يېنى

باشقا بۆلۈملەرتىجارەت سوممىسى 382 مىليارد 200 مىليون؛ پايدا 50 مىليارد 200 مىليون

2008-يىللىق پىلان 9 تىرىليون ياپونىيە يېنى؛ پايدا 450 مىليارد ياپونىيە يېنى

2006 (2006-يىلى 4-ئايدىن 2007-يىلى 3-ئايغىچە) ئىقتىسادىي نەتىجىلىرى

2007-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى، سونىي 2006 يىللىق دوكلاتنى كېچىكتۈرۈپ ئېلان قىلىشنى قارار قىلدى، ئىلگىرى داۋاملىق 4-ئاينىڭ ئاخىرىدا ئېلان قىلىۋاتقان دوكلاتنى 5-ئاينىڭ 16-كۈنىگە كېچىكتۈردى. سونىينىڭ تۆتىنچى پەسىلدىكى زىيىنى مۆلچەردىكىدىن تۆۋەن بولدى.

2007-يىلى 3-ئاينىڭ 31-كۈنىگە قەدەر، سونىي:

ئېلېكتىرون بۆلۈمى: تىجارەت سوممىسى 6 تىرىليون 505 مىليارد ياپونىيە يېنى؛ پايدا 156 مىليارد 7 يۈز مىليون ياپونىيە يېنى

ئويۇن بۆلۈمى: تىجارەت سوممىسى بىر تىرىليون 16 مىليارد 800 مىليون ياپونىيە يېنى؛ زىيان 232 مىليارد 300 مىليون ياپونىيە يېنى

كىنو بۆلۈمى: تىجارەت سوممىسى 966 مىليارد 300 مىليون ياپونىيە يېنى؛ پايدا 42 مىليارد 700 مىليون ياپونىيە يېنى

پۇل مۇئامىلە بۆلۈمى: تىجارەت مىقدارى 649 مىليارد 300 مىليون ياپونىيە يېنى؛ پايدا 84 مىليارد يۈز مىليون ياپونىيە يېنى

باشقا بۆلۈملەر: تىجارەت سوممىسى 377 مىليارد 600 مىليون؛ پايدا 32 مىليارد 400 مىليون

سونىينىڭ 2007-يىللىق سېتىش پىلانى 8 تىرىليون 780 مىليارد ياپونىيە يېنى.

2005 (2005-يىلى 4-ئايدىن 2006-يىلى 3-ئايغىچە) ئىقتىسادىي نەتىجىسى

2006-يىلى 4-ئاينىڭ 27-كۈنى، 2005-يىللىق مالىيە دوكىلاتىنى ئېلان قىلدى. سونىنىڭ تۆتىنچى پەسىلدىكى زىيىنى مۆلچەردىكىدىن تۆۋەن بولغان.

2006-يىلى 3-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە، سونى:

تىجارەت سوممىسى 7 تىرىليون 50 مىليارد 500 مىليون ياپونىيە يېنى؛

تىجارەت پايدىسى 191 مىليارد 300 مىليون ياپونىيە يېنى؛

ساپ پايدا 282  مىليارد 300 مىليون ياپونىيە يېنى؛

ئېلېكتىرون بۆلۈمى: تىجارەت سوممىسى 5 تىرىليون 505 مىليارد ياپونىيە يېنى؛ زىيان 30 مىليارد 9 يۈز مىليون ياپونىيە يېنى

ئويۇن بۆلۈمى: تىجارەت سوممىسى 958 مىليارد 600 مىليون ياپونىيە يېنى؛ پايدا 8 مىليارد 700 مىليون ياپونىيە يېنى

كىنو بۆلۈمى: تىجارەت سوممىسى 745 مىليارد 900 مىليون ياپونىيە يېنى؛ پايدا 27 مىليارد 400 مىليون ياپونىيە يېنى

پۇل مۇئامىلە بۆلۈمى: تىجارەت مىقدارى 743 مىليارد 200 مىليون ياپونىيە يېنى؛ پايدا 188 مىليارد 300 مىليون ياپونىيە يېنى

باشقا بۆلۈملەر: تىجارەت مىقدارى 408 مىليارد 900 مىليون ياپونىيە يېنى؛ پايدا 16 مىليارد 200 مىليون ياپونىيە يېنى

سونىي 2006-يىللىق پايدىنى 100 مىليارد ياپونىيە يېنى دەپ مۆلچەرلىگەن.

2004 (2004-يىلى 4-ئايدىن 2005-يىلى 3-ئايغىچە) ئىقتىسادىي نەتىجە

2005-يىلى 4-ئاينىڭ 29-كۈنى 2004-يىللىق مالىيە دوكلاتى ئېلان قىلىندى، سونىينىڭ ئومۇمىي پايدىسى ئاشقان بولسىمۇ، لېكىن ئەپسۇسلىنارلىقى، سونىينىڭ ئاساسلىق كەسپى بولغان ئېلېكتىرون كەسپىنىڭ پايدىسى ئازىيىپ كەتكەن.

2005-يىلى 3-ئاينىڭ 31-كۈنىگە قەدەر، سونىي:

تىجارەت سوممىسى 7 تىرىليون 159 مىليارد 600 مىليون ياپونىيە يېنى؛

تىجارەت پايدىسى 113 مىليارد 900 مىليون ياپونىيە يېنى؛

ساپ پايدا 157 مىليارد 200 مىليون ياپونىيە يېنى ؛

ئېلېكتىرون بۆلۈمى: تىجارەت سوممىسى 5 تىرىليون 216 مىليارد ياپونىيە يېنى؛ زىيان 34 مىليارد 300 مىليون ياپونىيە يېنى

ئويۇن بۆلۈمى: تىجارەت سوممىسى 729 مىليارد 800 مىليون ياپونىيە يېنى؛ پايدا 43 مىليارد 200 مىليون ياپونىيە يېنى

كىنو بۆلۈمى: تىجارەت سوممىسى 733 مىليارد 700 مىليون ياپونىيە يېنى؛ پايدا 63 مىليارد 900 مىليون ياپونىيە يېنى

مۇزىكا بۆلۈمى: تىجارەت سوممىسى 560 مىليارد 600 مىليون ياپونىيە يېنى؛ پايدا 55 مىليارد 500 مىليون ياپونىيە

پۇل مۇئامىلە بۆلۈمى: تىجارەت سوممىسى 560 مىليارد 600 مىليون ياپونىيە يېنى؛ پايدا 55 مىليارد 500 مىليون ياپونىيە يېنى

باشقا بۆلۈملەر: تىجارەت مىقدارى 294 مىليارد 400 مىليون ياپونىيە يېنى؛ زىيان 4 مىليارد 100 مىليون ياپونىيە يېنى

سونىينىڭ 2005-يىللىق ئالدىن قىلىغان مۆلچەرى تىجارەت پايدىسىنى %40 ئاشۇرۇپ، 160 مىليارد ياپونىيە يېنىغا يەتكۈزۈش.

سونىي شىركىتى1950-يىلى 7-ئايدا ياپونىيە بىرىنچى تۈركۈمدىكى G تىپلىق رادىئوسى ئېلان قىلىنغان.

1955-يىل 8-ئايدا دۇنيا بويىچە بىرىنچى تۈركۈمدىكى يېرىم ئۆتكۈزگۈچلۈك رادىئو-TR55ئېلان قىلىنغان.

1960-يىلى 5-ئايدا دۇنيا بويىچە بىرىنچى تۈركۈمدىكى يېرىم ئۆتكۈزگۈچلۈك تېلېۋىزور-TV8-301 ئېلان قىلىنغان.

1965-يىلى 8-ئايدا دۇنيا بويىچە بىرىنچى تۈركۈمدىكى ئائىلىدە ئىشلىتىلىدىغان سىنئالغۇ ئېلان قىلىنغان.

1968-يىلى 4-ئايدا ئىسلاھات خاراكتېرىدىكى Trinitron تېلېۋىزور سۈرەت تېخنىكىسى ئېلان قىلىنغان.

1968-يىلى 10-ئايدا دۇنيا بويىچە بىرىنچى تۈركۈمدىكى پەۋقۇلئاددە Trinitron تېلېۋىزور سۈرەت تېخنىكىسى رەڭلىك تېلېۋىزور KV-1310 ئېلان قىلىنغان.

1975-يىلى 5-ئايدا دۇنيا بويىچە بىرىنچى تۈركۈمدىكى BETAMAX سىنئالغۇ ئېلان قىلىنغان.

1978-يىلى ئىسلاھات خاراكتېرىدىكى CCD يورۇقلۇققا سەزگۈر دېتال تېخنىكىسى ئېلان تەرەققىي قىلدۇرۇلغان.

1979-يىلى 7-ئايدا ئىسلاھات خاراكتېرىدىكى Walkman دۇنيا بويىچە يېنىدا بىللە ئېلىپ يۈرۈش مەھسۇلاتى - TPS-L2 نى ئېلان قىلغان.

1983-يىلى 3.5 ئىنگلىزچىسىلىق يۇمشاق دىسكىنى ئېلان قىلغان.

1986-يىلى 6-ئايدا 32 بىتلىق كومپيۇتېر- MSXنى ئېلان قىلغان.

1988-يىلى Hi-8كىنو كامېراسى zh-hans؛ zh-hant نى  ئېلان قىلغان.

1992-يىلى 11-ئايدا MD مۇزىكا تېخنىكىسىنى ئېلان قىلغان.

1996-يىلى 12-ئايدا رەقەملىك فوتوكامېرا -CyberShot DSC-F1 نىڭ دەسلەپكى نۇسخىسى ئېلان قىلىنغان.

1997-يىلى 7-ئايدا WEGA تەكشى ئېكرانلىق تېلېۋىزور ئېلان قىلىنغان.

1999-يىلى AIBO ماشىنا ئىت تېخنىكىسى ئېلان قىلىنغان.

2003-يىلى 12-ئايدا QRIO ماشىنا ئادەم تېخنىكىسى ئېلان قىلنىغان.

2005-يىلى 9-ئاينىڭ 13-كۈنى__9-ئايدىن باشلاپ كەينى-كەينىدىن BRAVIA يېڭى بىر ئەۋلاد سۇيۇق كىرىستاللىق تېلېۋىزورنى ئېلان قىلغا.

2006-يىلى 4-ئاينىڭ 10-كۈنى كورىيە سامسۇڭ ئېلېكتىرونى بىلەن ھەمكارلىشىپ مەبلەغ سېلىپ سەككىزىنچى ئەۋلاد S-LCD سۇيۇق كىرىستاللىق يۈزلۈك تاختا زاۋۇتىنى قۇرغان.

2007-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنى CEATEC JAPAN دا دۇنيا بويىچە بىرىنچى تۈركۈمدىكى OLEDتېخنىكىسىدىكى تېلېۋىزور XEL-1نى ئېلان قىلغان.

2010-يىلى 6-ئاينىڭ 20-كۈنى دۇنيا بويىچە تۇنجى قېتىم، سونىي جەنۇبىي ئافرىقىدا 3D تارقىتىش تېخنىكىسىنى قوللىنىپ پۈتۈن دۇنياغا 2010-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنى تارقاتقان.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#