ساياھەتچىلەرنىڭ ھوقۇقى

ساياھەتچىلەرنىڭ ساياھەت مەھسۇلاتى ۋە مۇلازىمەتنى ئىختىيارىي تاللاش ھوقۇقى ۋە ساياھەت سودىگەرلىرىنىڭ زورلاپ سېتىشنى رەت قىلىش ھوقۇقى بار.

ئۇيغۇرچە نامى ساياھەتچىلەرنىڭ ھوقۇقى
خەنزۇچە نامى 旅游者权利

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ساياھەتچىلەرنىڭ تۈرلۈك ھوقۇق-مەنپەئەتلىرى بار بۇلۇپ، بۇلار ھەقىقىي ئەھۋالنى بىلىش ھوقۇقى، زورلاپ سېتىشنى رەت قىلىش ھوقۇقى، توختامنى ئۆتۈنۈپ بېرىش ھوقۇقى، توختامنى بىكار قىلىش ھوقۇقى، زىيان - زەخمەتنى تۆلىتىش ھوقۇقى، ھۆرمەتلىنىش ھوقۇقى، بىخەتەرلىك كاپالەت ھوقۇقى، ياردەم تەلەپ قىلىش ھوقۇقى، قايتىشقا ياردەم تەلەپ قىلىش ھوقۇقى، ئەرز - شىكايەت ھوقۇقى قاتارلىقلار.


ساياھەتچىلەر سېتىۋالغان ساياھەت مەھسۇلاتى ۋە مۇلازىمەتتىن خەۋەردار بولۇشقا ھوقۇقلۇق. ساياھەت توختامنامىسىدىكى سەپەر ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى، گۇرۇپپىسىدىكى ئادەم سانى، مۇلازىمەتنىڭ كونكرېت مەزمۇنى ۋە ئۆلچەملىرى، ئىختىيارىي پائالىيەت ۋاقتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى، ساياھەت كوپىراتىپىنىڭ مەسئۇلىيەتنى ئازايتىش ئۇچۇرى، شۇنداقلا ساياھەتچىلەر دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك قائىدە - تۈزۈم، ئۆرپ - ئادەتلەر، دىنىي پەرھىز ۋە قانۇندا قاتنىشىش چەكلەنگەن پائالىيەت قاتارلىقلار توغرىسىدا ساياھەت كوپىراتىپىدىن تەپسىلىي چۈشەنچە بېرىشنى تەلەپ قىلىش ھوقۇقى بار.

ساياھەتچىلەرنىڭ ساياھەت مەھسۇلاتى ۋە مۇلازىمەتنى ئىختىيارىي تاللاش ھوقۇقى ۋە ساياھەت سودىگەرلىرىنىڭ زورلاپ سېتىشنى رەت قىلىش ھوقۇقى بار.

  ساياھەت كوپىراتىپلىرىنىڭ رەت قىلىشقا ئورۇنلۇق سەۋەبى بولغاندىن سىرت، ساياھەتچىلەرنىڭمۇ ساياھەتنى باشلاشتىن بۇرۇن، ئۆزىنىڭ توختامدا بېكىتىلگەن ھوقۇق - مەنپەئىتىنى ئۈچىنچى تەرەپكە ئۆتۈنۈپ بېرىش ھوقۇقى بار. بۇنىڭدا كۆپەيگەن راسخوتنى ساياھەتچى ۋە ئۈچىنچى تەرەپ ئۈستىگە ئالىدۇ.

ساياھەت توختامى بېكىتىلىپ بولغاندىن كېيىن، توختامدىكى ئادەم سانى توشماي ساياھەتكە چىقالمىغان ئەھۋالدا، ساياھەت كوپىراتىپى توختامنى باشقا بىر ساياھەت كوپىراتىپىنىڭ ئىجرا قىلىشىغا ھاۋالە قىلسا، ساياھەتچى بۇنىڭغا قوشۇلمىسا، توختامنى بىكار قىلسا بولىدۇ ھەمدە تاپشۇرغان ھەقنى تولۇق قايتۇرۇشنى تەلەپ قىلالايدۇ. ساياھەت ئاخىرلىشىشتىن بۇرۇن، ساياھەتچىلەر توختامنى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلغان بولسا، ساياھەت كوپىراتىپى مۇۋاپىق ھەق تۇتۇۋېلىپ، ئېشىپ قالغان قىسمىنى ساياھەتچىگە قايتۇرۇپ بېرىشى كېرەك. ساياھەت كوپىراتىپى ۋە ياردەم بەرگۈچى خادىملار مەسئۇلىيەت - مەجبۇرىيەتلىرىنى ئادا قىلىپ تۇرۇپمۇ بەزى ھادىسىلەردىن ساقلىنالماي، ساياھەت توختامىنىڭ داۋاملىشالماي قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارسا، ساياھەتچى بىلەن ساياھەت كوپىراتىپى توختامنى بىكار قىلالايدۇ. توختام تولۇق ئىجرا قىلىنماي تۇرۇپ، ساياھەتچى ساياھەت كوپىراتىپىنىڭ توختامنى ئۆزگەرتىشىگە قوشۇلمىسا، توختامنى بىكار قىلىش ھوقۇقى بار.

ساياھەتچىلەرنىڭ جىسمانىي، مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكى زىيانغا ئۇچرىسا، قانۇن بويىچە تۆلەمگە ئېرىشىش ھوقۇقى بار. مەنزىرە رايونى ۋە مېھمانساراي خوجايىنلىرى ساياھەت ئورۇنلىرىدا ئۆزلىرىنىڭ قىسمەن ساياھەت تۈرلىرىنى تەمىنلەپ تىجارەت قىلىپ، ساياھەتچىلەرگە زىيان سالسا، ساياھەتچىلەرنىڭ سودىگەرلەردىن مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشنى تەلەپ قىلىش ھوقۇقى بار. ساياھەت كوپىراتىپى توختامنى ئىجرا قىلىش ئۈچۈن شارائىت ھازىرلىشى كېرەك، ساياھەتچىلەرنىڭ تەلىپىدىن كېيىن، يەنىلا توختامنى ئىجرا قىلماي، ساياھەتچىلەر جىسمانىي زەخىمگە ئۇچرىسا، ساياھەتچىلەر ساياھەت كوپىراتىپىدىن ساياھەت راسخوتىنىڭ بىر ھەسسىسىدىن يۇقىرى ئۈچ ھەسسىسىدىن تۆۋەن تۆلەم بېرىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ. 

ساياھەتچىلەرنىڭ شەخسىيىتى، ئۆرپ - ئادىتى ۋە دىنىي ئېتىقادى ھۆرمەتلىنىشى كېرەك. ساياھەتچىلەرنىڭ ساياھەت سودىگەرلىرىدىن ساياھەت جەريانىدىكى شەخسىي ئۇچۇر مەخپىيىتىنى ساقلاشنى تەلەپ قىلىش ھوقۇقى بار.

ساياھەتچىلەرنىڭ ساياھەت سودىگەرلىرىدىن مەھسۇلات ۋە مۇلازىمەتنىڭ جىسمانىي ۋە مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلىش ھوقۇقى بار. ساياھەتچىلەرنىڭ ساياھەت مۇلازىمىتى ۋە ئەسلىھە - ئۈسكۈنىلەرنى توغرا ئىشلىتىش، زۆرۈر بولغان بىخەتەرلىك قوغدىنىش ۋە جىددىي تەدبىر قوللىنىشنى تەلەپ قىلىش، تېخى ئېچىۋېتىلمىگەن تىجارەت مۇلازىمىتى سورۇنلىرى ۋە ئەسلىھەلەر، قاتناش قولايسىز جايلار توغرىسىدا چۈشەنچە بېرىش ۋە ئاگاھلاندۇرۇشنى تەلەپ قىلىش ھوقۇقى بار.

ساياھەتچىلەر جىسمانىي ۋە مال - مۈلكى خەتەرگە ئۇچرىغاندا، ساياھەت سودىگەرلىرى، يەرلىك ھۆكۈمەت ۋە مۇناسىۋەتلىك ئورگانلاردىن قۇتقۇزۇش ياردىمى تەلەپ قىلىش ھوقۇقى بار، چېگرا سىرتىدا قىيىنچىلىققا ئۇچرىغان ساياھەتچىلەر ئېلىمىزنىڭ شۇ جايدا تۇرۇشلۇق ئاپپاراتلىرىدىن ياردەم تەلەپ قىلىش ۋە ھىمايە قىلىشنى تەلەپ قىلىش ھوقۇقى بار.

ساياھەتچىلەر توختامغا قول قويۇپ بولغاندىن كېيىن، ساياھەت ئوتتۇرىسىدا توختام ئەمەلدىن قالدۇرۇلسا، ساياھەتچىلەرنىڭ ساياھەت كوپىراتىپىدىن ئۆزىنى يولغا چىققان جايغا ياكى ساياھەتچى بەلگىلىگەن ئورۇنغا ئاپىرىپ قويۇشنى، ساياھەت كوپىراتىپى ياكى ياردەمچىنىڭ سەۋەبىدىن توختام بىكار قىلىنغان ئەھۋالدا، ساياھەتچىلەرنىڭ ساياھەت كوپىراتىپىدىن قايتىش يول ھەققىنى ئۈستىگە ئېلىشنى تەلەپ قىلىش ھوقۇقى بار.

ساياھەتچىلەر ساياھەت تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلارنىڭ قانۇنغا خىلاپ قىلمىشىنى بايقىسا، ساياھەت، سودا - سانائەت، باھا، قاتناش، سۈپەت نازارەتچىلىك ، سەھىيە قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا ئەرز قىلسا،مۇرەسسە قىلىشنى تەلەپ قىلسا ياكى سوت مەھكىمىسىگە ئەرز قىلسا بولىدۇ.


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#