- قىزىلمۇچ (خام دورا )
- قىزىلمۇچ (ئۆسۈملۈك)
قىزىلمۇچ
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
قىزىل مۇچ قىزىل مۇچ بولسا بېدىگەن ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك قىزىلمۇچ (Capsisum frutescens) بولۇپ، بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ مېۋىسى «قىزىلمۇچ» نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ. مېۋىسىنىڭ سىرتقى كۆرۈنۈشى قىزىل پارقىراق، ئىچى كاۋاك، ئوتتۇرىسى ئىككى ئۈچ بۆلۈمچە بولۇپ بۆلۈنىدۇ. ھەربىر بۆلۈمچىدە نۇرغۇنلىغان سېرىق رەڭلىك ئۇرۇقى بولىدۇ. تەمى ئاچچىق، ئالاھىدە پۇرىقى بار.شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەممە جايلىرىدا تېرىپ ئۆستۈرۈلىدۇ.
يەل تارقىتىش، چىراينى قىزارتىش، ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەش، مۇسكۇللارنى قوزغىتىش خۇسۇسىيىتى بار.
قىزىل مۇچ1. ھەزىم قىلىش سىستېمىسىغا بولغان تەسىرى: لازا ئىشقارى ئىستېمال قىلىنسا، ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەيدۇ. ھەزىمنى ياخشىلايدۇ. ئىشتىھانى ئاچىدۇ، ئەمما كۆپ مىقداردا ئىستېمال قىلىنسا، ئاشقازان ياللۇغى، ئۈچەي ياللۇغى، ئىچ سۈرۈش، قۇسۇش قاتارلىقلارنى پەيدا قىلىدۇ. 2.باكتېرىيىگە قارشى ۋە قۇرت ئۆلتۈرۈش تەسىرى: لازا ئىشقارى مومىسىمان سپورىلىق تاياقچە باكتېرىيە ۋە سۇبىتلىس تاياقچە باكتېرىيىلىرىنى ئۈنۈملۈك ھالدا تورمۇزلايدۇ، لېكىن ئالتۇن رەڭلىك، ئۈزۈمسىمان شارچە باكتېرىيىسى ۋە چوڭ ئۈچەي تاياقچە باكتېرىيىسىگە ئۈنۈمى يوق. 3. قان ئايلىنىش سىستېمىسىغا بولغان تەسىرى: لازا ئىشقارى ياكى لازا ياسالمىسى ناركوز قىلىنغان مۈشۈك ۋە ئىتنىڭ كۆك قان تومۇرىغا ئوكۇل قىلىنسا، ۋاقتىنچە قان بېسىمىنى چۈشۈرىدۇ. يۈرەك سېلىشنى ئاستىلىتىپ، نەپەس ئېلىشنى قىيىنلاشتۇرىدۇ. 4. باشقا تەسىرى: چەت ئەلدە خەۋەر قىلىشىچە، ئىستېمال قىلىنىدىغان قىزىل لازا تەم تەڭشەش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ. بۇ قان شىرىسىدىكى ئەركىن يۈرۈيدىغان ھىدروكورتىزون روشەن ھالدا ئاشۇرىدۇ. سۈيدۈكنىڭ چىقىرىلىشىنىمۇ ئاشۇرىدۇ. يەنە تالالىق ئاقسىللارنىڭ ئېرىش ئاكتىپچانلىقىنى
تۆۋەنلىتىدۇ.
مېۋىسىدە كاپسەئىسىن (Capsaicin) ناملىق لازا ئىشقارى، دى ھىدروكاپسەئىتسىن (Dihydro Capsaicin)، نوردى ھىدروكاپسەئتىسىن (Nordihydro Capsaicin)، كاپسەنئىتسىن (Homo Capsaicin)، رەڭلىك پىگمېنت كىرىپتوكسانتىن (Cryptoxantihin)، كاپسەنئىتسىن (Capsanthin)، كاروتىن (Carotene) ۋە ئاز مىقداردا ۋىتامىن C ، لىمون كىسلاتاسى، ئالما كىسلاتاسى قاتارلىقلار بار.
ئاشقازان ئاجىزلىقى، ھەزىم ناچارلىقى، قورساق ئېسىلىش، يۇقۇملۇق ئىچ سۈرۈش، بەلغەمدىن بولغان چوڭ بوغۇملر ئاغرىقى (موپاسىل)، بەل ئاغرىقى، بېقىن ۋە يانپاش ئاغرىقى قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.
قىزىل مۇچ1. قىزىلمۇچنى يۇمشاق سوقۇپ، ھەسەلگە قوشۇپ خىمىر قىلىپ، 0.2 گرام چوڭلۇقىدا كۇمىلاچ تەييارلاپ ئۇنىڭدىن ھەر سائەتتە ئىككى دانىدىن ئىچىپ بەرسە، يۇقۇملۇق ئىچ سۈرۈشكە مەنپەئەت قىلىدۇ.
2. قىزىلمۇچنى سۇغا چىلاپ زەھەرلىك ھاشارەتلەر چېقىۋالغان ياكى غالجىر ئىت چىشلىۋالغان جايغا چاپسا زەھەر قايتۇرىدۇ، ئاغرىق پەسەيتىدۇ، ھەسسىلەپ ئېچىشىش پەيدا قىلىپ ھۆللۈكلەرنى سىرتقا چىقىرىدۇ ۋە شۇنىڭ بىلەن ئاغرىقنى توختىتىدۇ. زەخىملەرنىڭ ھۆللۈكلىرى ۋە يىرىڭلىرىنى قۇرۇتۇش ئارقىلىق ساقىيىشنى تېزلىتىدۇ.
قىزىلمۇچ قىيامى. [0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.