سوئىلەپ مىسرى
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
سوئىلەپ مىسرىسوئىلەپ مىسرى بولسا بىر خىل ئۇسۇملۇك يىلتىزىدۇر. بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ يىلتىزى «خۇسيەتول سۆئىلەپ»، «سۆئىلەپ مىسرى»، «تۈلكە مايىقى» نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ. رەڭگى ئاق، سۇزۇك، سۇرۇنجاندىن كىچىكرەك، چاپلاشقاق، ئازراق ئۇتكۇر پۇراقلىق، تەمى تاتلىق، كۈزدە يىغىۋېلىندۇ . مىسىر ۋە رومۇنىيەدىن چىقىدۇ.
بۆرەكنى پەيلەرنى، باھنى ئومۇمىي بەدەننى، مېڭىنى قۇۋەتلەش، سۈت، مەنى پەيدا قىلىش، بەدەننى سەمىرتىش، ئاغرىق قالدۇرۇش، ياخشى قان پەيدا قىلىش خۇسۇسىيەتلىرى بار .
ئاشقازان، ئۈچەي، كاناي ۋە باشقا ئەزالارنىڭ شىللىق پەردە ياللۇغىنى يىنىكلىتىدۇ، سىرتتىن كەلگەن ھەر خىل غىدىقلىنىشلارغا قارىتا فىزىكىلىق ئاسراش رولىغا ئىگە ۋە باشقا دورىلارنىڭ سۈمۈرلۈشىنى پەسەيتىدۇ. تەركىبىدىكى يىلىمسىمان ماددا قانىغان يەرلىك ئورۇنغا سۇركەلسە چىقىۋاتقان قان دەرھال توختايدۇ، سۇيۇقلىقىنى ئوكۇل قىلسا قان تومۇر ئۇچىلىرىدىكى قان ھۈجەيرىلىرى ئۇيۇپ قالىدۇ، بۇنى تەكشۈرۈپ كۆرگەندە قان تومۇرلاردا توسۇلۇش شەكىللەنـدۈرگەنلىگـى بايقىـلىـدۇ، بۇ، 4-5 كۇن ئۆتـكەنـدىـن كېيىـن قان تومۇر تەرەپـدىن سۈمۈرلۈپ كېتىدۇ.
% 27كىراخمال، تەخمىنەن %50 يېپىشقاق ماددا بار يېپىشقاق ماددا ئاساسلىقى يېرىم تالالىق مادداHemicellulose دىن تۈزۈلگەن.
سوئىلەپ مىسرى1. سۆئىلەپ مىسىرىدىن 30 گرام ئېلىپ 60 گرام سۈت بىلەن قوشۇپ ئىچسە قان تولۇقلايدۇ.
2. خۇسۇسىيەتۇل سۆئىلەپ 10 گرام، شاقاقۇل 10 گرام، تۇخۇم سېرىقى 3 دانە دورىلارنى قائىدە بويىنچە سۇپۇپ قىلىپ بەرسە بۆرەكنى سەمرىتىدۇ. باھنى قۇۋۋەتلەيدۇ.
3.چىلغۇزا مېغىزى 10 گرام، پىندۇق مېغىزى 10 گرام، خۇسۇسىيەتۇل سۆئىلەپ 15گرام ، پىل پىل 7 گرام، ناۋات 20 گرام ئېلىپ قائىدە بويىنچە سىپۇپ تەييارلاپ بەرسە سۈت، مەنينى كۆپەيتىپ، بۆرەك يىگىلەشكە مەنپەئەت قىلىدۇ.
4.گۇل يېغى بىلەن قوشۇپ باشقا چاپسا چاچ چىقىرىدۇ، چاچ چۇشۇشنى، توختىتىدۇ.
مەجۇنى سۇئىلەپ، ھالۋىئاى بيزە،داۋائى تىرەنجىبىن.
سۇئىلەپ كۆپىنچە باھ ئاجىزلىغى، قان ئازلىق، ئېھتىلام بولۇش، مەنى تېز يۇرۇپ كېتىش،چاچ چۇشۇپ كېتىش سۈت، مەنىي كەملىك قاتارلىق كىسەللەرگە ئىشلىتىلىدۇ.
كېلىش مەنبەسى(ئەسەر)
ئۇيغۇر تېبابىتى خام دورىلار ئىلمى بىرىنچى توم(سىناق نۇسخا) شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.