ئىلچى يېزىسى
ئىلچى يېزىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دىكى خوتەن شەھىرى نىڭ شەرقىگە 4 مىڭ مېتىر كېلىدىغان جايغا جايلاشقان.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ئىلچى يېزىسى خوتەن شەھىرى نىڭ شەرقىگە 4 مىڭ مېتىر كېلىدىغان جايغا جايلاشقان، كۆلىمى 26.64 كۋادرات كىلومېتىر، ئومۇمىي نوپۇسى 2.4 مىڭ ئادەم، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلار نوپۇسى ئومۇمىي نوپۇسنىڭ %99 تىن يۇقىرى. شەھەرنىڭ شەرىقىگە جايلاشقان، شەھەر رايونى بىلەن بولغان ئارىلىقى 2 كىلومېتىر. 1997-يىلى، كۆلىمى 34.9 كۋادرات كىلومېتىرغا، ئومۇمىي نوپۇسى 2.2 مىڭ ئادەمگە يەتكەن.
ئىلچى يېزىسى تەۋەلىكىدە قىزىق دەرۋازا كەنتى، يېڭى بازار كەنتى، ناۋاغ كەنتى، ئاتابازا كەنتى، شياۋ خۇلا كەنتى، تۆۋەن ئارال كەنتى، شامالباغ كەنتى، ئارال كەنتى، توپچا كەنتى، سەيچى ئاقتاش كەنتى، ئارا شياۋ خۇلا كەنتى، ئاراكات كەنتى، سۆكەدۆڭ كەنتى، ئىگەرچى كەنتى، ئاقتېرەك كەنتى، ياپىلاق كەنتى، شورباغ كەنتى، (يېڭىبازار كەنتى ھازىر گۈلباغ كوچا باشقارمىسى ئايرىپ بېرىلگەن)، (ئاتابازا كەنتى، شامالباغ كەنتى، توپچا كەنتى، شورباغ كەنتى قاتارلىقلار ھازىر ئاللىبۇرۇن ئايرىپ نارباغ كوچىسى قىلىنغان)،قاتارلىق 17 مەمۇرىي كەنىت ئاھالىلەر كومىتېتى بار.
653201201: 200 ~ قىزىق دەرۋازا كەنتى، 201 ~ ناۋاغ كەنتى، 202 ~ شياۋ خۇلا كەنتى، 203 ~ تۆۋەن ئارال كەنتى، 204 ~ ئارال كەنتى، 205 ~ سەيچى ئاقتاش كەنتى، 206 ~ ئارا شياۋ خۇلا كەنتى، 207 ~ ئاراكات كەنتى، 208 ~ سۆكەدۆڭ كەنتى، 209 ~ ئىگەرچى كەنتى، 210 ~ ئاقتېرەك كەنتى، 211 ~ ياپىلاق كەنتى.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.