تەسىراتچىلىق ئېقىمى
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
تەسىراتچىلىق ئېقىمى ئىمپرېسسىئونىزم دەپمۇ ئاتىلىدۇ، « سىرتقى نۇر ئېقىمى » دەپمۇ ئاتىلىدۇ ، غەرب رەسساملىق تارىخىدىكى مۇھىم سەنئەت ئېقىمى، 19-ئەسىرنىڭ 60-يىللىرىدا فرانسىيەدە بارلىققا كەلگەن.1874-يىلى پارىژدا ئۆتكۈزۈلگەن رەسىم كۆرگەزمىسىدە، مونىتنىڭ «تەسىرات ، كۈن چىققاندا » نامىلىق بىر پارچە ماي بوياق رەسىمى ئەنئەنۋى رەسساملىقتىكى ئىنچىكە تەسۋىرلەش پىرىنسىپىغا خىلاپ ھالدا تۇمانلىق سەھەرنى خىرە ئوبراز، ئەكىن قەلەم، ئوچۇق رەڭ بىلەن ئىپادىلەنگەن، رەسىمدە ئۇپۇقتىن كۆتۈرۈلگەن قىزىل قۇياشنىڭ سۇ يۈزىدىكى شولىسى، ئاسمان ۋە سۇ رەڭگى بىر گەۋدىلەشتۈرۈلۈپ، كىشىنى مەسىت قىلدىغان كۆرۈنۈش ھاسىل قىلىنغان. ھالبۇكى كونسېرۋاتىپ ئوبزورچىلار بۇ خىل ئەسەرلەرنى «پۈتمىگەن ئورگىنال» دەپ ئاتاشقان،ھەم بۇ قېتىمقى كۆرگەزمىنى «تەسىراتچى رەسساملار كۆرگەزمىسى» دېگەن،تەسىراتچلىق ئېقىمى دېگەن نام شۇنىڭدىن كەلگەن.
تەسىراتچلىق دېگەن سۆز ئىككى قاتلاملىق مەنىگە ئىگە: بىرىنچى، فىرانسىيەدە پەيدا بولغان تەسىراتچىلىق رەسساملىقنى كۆرستىدۇ؛ ئىككىنچى، ماھارەت ۋە ئۇسۇلنى ئىسلاھ قىلىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تەسىراتچلىق گۈزەل سەنئەت پىكىر ئېقىمى، شۇنىڭدەك ئۇنىڭ تەسىرىنى كۆرسىتىدۇ. كېيىنكىسى دۇنياۋى ئەھمىيەتكە ئىگە. تەسىراتچلىق رەسساملىرى باربىزونچە رەسساملىق ۋە كوربىت رەسساملىقتىكى رېئال تەسۋىر ئۇسلۇبىنىڭ تەسىرى ھەم تۈرتكىسىدە، 19-ئەسىردىكى ئپتېكا نەزەرىيەسى ۋە ئەمەليىتىدىن ئىلھام ئېلىپ، رەسساملىقتىكى نۇر تەتقىقاتى ۋە ئىپادىلەشكە ئەھمىيەت بەرگەن. ئۇلار رەسىمخانىدىن چىقىپ، بىۋاستە كۆزىتىشكە ئاساسەن شەيئىلەرنىڭ قۇياش نۇرى ئاستىدىكى رەڭگىنى تەسۋىرلىگەن ۋە ئىپادىلىگەن.تەسىراتچلىق رەسساملىرىنىڭ رەسىملىرىدە جىسىم كۆرۈنۈشى ئالچىپار رەڭلەردە خۈنۈكلەشتۈرۈلپ، ئەسەرلەردە قۇياش نۇرىدا چاقنىغاندەك كەيپىيات يارىتىلغان. تەسىراتچلىقنىڭ ۋەكىللىك رەسساملىرىدىن يەنە، دېگا،پىكاسسو، سىزاننى قاتارلىقلار بار. تەسىراتچلىق بىر خىل ئەدەبىيات-سەنئەت پىكىر ئېقىمى بولۇش سۈپتى بىلەن سەنئەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىگە چېتلىغان، ياۋروپادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنى قاپلاپ، چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن.
ياپونىيەنىڭ ئۇكىيوچە سىزىش ئۇسۇلى، جۇڭگو رەسساملىقى قاتارلىقلارمۇ تەسىراتچلىق رەسساملىرىنىڭ ئىزدىنىشى ۋە يېڭلىق يارىتىشىدا تۈرتكىلىك رول ئوينىغان.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.