ئېغىرلىق كۆتۈرۈش

ئېغىرلىق كۆتۈرۈش

ئېغىرلىق كۆتۈرۈش ھەرىكىتى ئىنسانلارنىڭ ئەمگەك، ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدا تەدرىجىي ھاسىل بولغان. نۇرغۇنلىغان دۆلەتلەرنىڭ ئۆزلىرىنىڭ كۈچتۈڭگۈرلىرى ھەققىدە رىۋايەتلىرى ۋە خاتىرىلىرى بار. 

ئۇيغۇرچە نامى ئېغىرلىق كۆتۈرۈش
خەنزۇچە نامى 举重

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئېغىرلىق كۆتۈرۈشجۇڭگودا مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 2-ئەسىردە شاڭ يۈنىڭ تۆمۈر داڭقاننى كۆتۈرگەنلىكى ھەققىدىكى رىۋايەت بار. 1880-يىلى ئېغىرلىق كۆتۈرۈش تەنتەربىيە مۇسابىقە تۈرىگە ئايلانغان. 1896-يىلى ئەنگلىيىنىڭ لوندون شەھىرىدىكى بىر قەھۋەخانىدا تۇنجى نۆۋەتلىك دۇنيا ئېغىرلىق كۆتۈرۈش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلگەن. شۇ يىلى ئېغىرلىق كۆتۈرۈش تۇنجى نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ رەسمىي مۇسابىقە تۈرىگە كىرگۈزۈلگەن. ئەينى چاغدىكى ئېغىرلىق كۆتۈرۈش مۇسابىقىسىدە تەنھەرىكەتچىلەر دەرىجىگە ئايرىلمىغان، كۆتۈرۈش ئۇسۇلى بىر قولدا كۆتۈرۈش ۋە ئىككى قولدا كۆتۈرۈشتىن ئىبارەت ئىككى تۈرلۈك بولغان، نەتىجىسى ئايرىم-ئايرىم ھېسابلانغان. 1976-يىلىدىكى 21-نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىدا ئېغىرلىق كۆتۈرۈش مۇسابىقىسى ئون دەرىجىگە ئايرىلغان. ھازىر ئەرلەرنىڭ ئون دەرىجىسى: 54 ، 59، 64، 70، 76، 83، 91، 99، 108 كىلوگراملىقلار ۋە  108 كىلوگرامدىن يۇقىرى دەرىجىلىكلەردىن ئىبارەت بولماقتا. 

ئېغىرلىق كۆتۈرۈشئېغىرلىق كۆتۈرۈش مۇسابىقىسىنىڭ ھەرقايسى دەرىجىلىرىدە كۆتۈرىدىغان ئېغىرلىقنى تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ ئۆزى تاللاپ بېكىتىدۇ، ئەمما چوقۇم  5.2 كىلوگرامدىن ئېشىپ مېڭىشى كېرەك. ھەرقايسى ئېغىرلىق باسقۇچىدا ئۈچ قېتىم سىناپ كۆتۈرۈش پۇرسىتى بولىدۇ. سىناپ كۆتۈرۈشنىڭ ئوڭۇشلۇق بولغان-بولمىغانلىقىغا مەيداندىكى ئۈچ رېپىر ھۆكۈم قىلىدۇ، ئىككى ياكى ئۈچ ئاق چىراغ مۇۋەپپەقىيەت قازانغانلىقنى، ئىككى ياكى ئۈچ قىزىل چىراغ مەغلۇپ بولغانلىقنى بىلدۈرىدۇ. مۇسابىقىدىكى ئىسىم تەرتىپىدە دەس كۆتۈرۈش، تىك كۆتۈرۈش ۋە ئومۇمىي نەتىجىسى بولۇپ ئۈچ تۈر بويىچە ئايرىم-ئايرىم ھېسابلىنىدۇ(ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىدا پەقەتلا ئومۇمىي نەتىجىسى بويىچە ئىسىم تەرتىپى تۇرغۇزۇلىدۇ) . مۇسابىقىدە ئەگەر ئىككى ياكى ئىككىدىن ئارتۇق تەنھەرىكەتچىنىڭ نەتىجىسى ئوخشاش چىقىپ قالسا، مۇسابىقىدىن ئاۋۋالقى بەدەن ئېغىرلىقى نىسبەتەن يەڭگىل بولغىنىنىڭ ئىسىم تەرتىپى ئالدىغا قويۇلىدۇ. ئەگەر مۇسابىقىدىن ئاۋۋالقى بەدەن ئېغىرلىقىمۇ ئوخشاش بولۇپ قالسا، مۇسابىقىدىن كېيىنكى بەدەن ئېغىرلىقى يەنە بىر قېتىم ئۆلچىنىپ، يەڭگىل چىققىنىنىڭ ئىسىم تەرتىپى ئالدىغا قويۇلىدۇ. ناۋادا يەنىلا ئوخشاش بولۇپ قالسا، ئىسىم تەرتىپى بىر قاتارغا قويۇلىدۇ.

خەلقئارا ئېغىرلىق كۆتۈرۈش بىرلەشمىسى، 1920-يىلى قۇرۇلغان، باش ئورگىنى ۋېنگرىيىنىڭ بوداپېشت شەھىرىدە. ئۇ ئۆتكۈزىدىغان رەسمىي مۇسابىقىلەر: ھەر يىلى بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان دۇنيا ئېغىرلىق كۆتۈرۈش لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى، دۇنيا ياشلار ئېغىرلىق كۆتۈرۈش لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى ۋە تۆت يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى ئېغىرلىق كۆتۈرۈش مۇسابىقىسى(شۇ يىلدىكى دۇنيا ئېغىرلىق كۆتۈرۈش لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى قىلىنىدۇ) . 1989-يىلى يېڭىدىن دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش ئېغىرلىق كۆتۈرۈش مۇسابىقىسى قوشۇلدى، بۇ تۈردىكى مۇسابىقە باشقا ئېغىرلىق كۆتۈرۈش مۇسابىقىلىرىگە ئوخشىمايدۇ. ئۇنىڭدا ھەرقايسى دەرىجىدىكى ماھىرلار ئارىلىشىپ مۇسابىقىلىشىدۇ، ھەربىر دەرىجىدىكى ماھىرلارنىڭ ئۆلچىمى بار، ئۆلچەمدىن ئاشۇرغانلارغا نومۇر قوشۇلۇپ، ئالغان نومۇرى بويىچە ئومۇمىي ئىسىم تەرتىپى تىزىپ چىقىلىدۇ. تۇنجى نۆۋەتلىك چېمپىيونلۇقنى جۇڭگولۇق ليۇ شۇبىڭ ئالغان.

سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى تەنھەرىكەتچىسى ئالېكسېيېف ئىلگىرى-كېيىن 80 قېتىم دۇنيا ئېغىرلىق كۆتۈرۈش رېكورتىنى بۇزغان، ئۇ بۈگۈنگىچە دۇنيا رېكورتىنى بۇزغان قېتىم سانى ئەڭ كۆپ تەنھەرىكەتچى، شۇنداقلا دۇنيادىكى تۇنجى ئىتتىرىپ كۆتۈرۈش، دەس كۆتۈرۈش ۋە تىك كۆتۈرۈشتىن ئىبارەت ئۈچ تۈردىكى ئومۇمىي نەتىجىنى 600 كىلوگرامدىن ئاشۇرغان كۈچتۈڭگۈر.

جۇڭگودا، جىن سۇلالىسىدىن چىڭ سۇلالىسىگىچە ئېغىرلىق كۆتۈرۈش چامباشلىق ئىمتىھان تۈرى قىلىنغان، 1948-يىلىغا كەلگەندىلا تەنتەربىيە مۇسابىقە تۈرى سۈپىتىدە مەملىكەتلىك مۇسابىقە تۈرىگە رەسمىي كىرگۈزۈلگەن. 1956-يىل 6 -ئاينىڭ 7-كۈنى گۇاڭدۇڭ تەنھەرىكەتچىسى چېن جىڭكەي شاڭخەيدە ئۆتكۈزۈلگەن جۇڭگو-سابىق سوۋېت دوستلۇق مۇسابىقىسىدە 133  كىلوگراملىق ئەلا نەتىجە بىلەن 56 كىلوگراملىقلارنىڭ تىك كۆتۈرۈش دۇنيا رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلاپ، ئېلىمىز ئېغىرلىق كۆتۈرۈش ھەرىكىتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئاچقان. شۇنىڭدىن كېيىن، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئون نەچچە ئادەم-قېتىم ئېغىرلىق كۆتۈرۈش دۇنيا رېكورتى بۇزۇپ تاشلىغان. 1979-يىلى 11-ئايدا گرېتسىيىنىڭ سارونىكا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن 23  -نۆۋەتلىك دۇنيا ئېغىرلىق كۆتۈرۈش لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە، ئېلىمىز تەنھەرىكەتچىسى ۋۇ شۇدې 52 كىلوگراملىقلارنىڭ دەس كۆتۈرۈش چېمپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈرگەن. بۇ، ئېلىمىز تەنھەرىكەتچىلىرى قولغا كەلتۈرگەن تۇنجى ئېغىرلىق كۆتۈرۈش دۇنيا چېمپىيونلۇقىدۇر. شۇنىڭدىن كېيىن زېڭ گوچاڭ، جۇ پېيشۈن، چىن ۋېيچياڭ، ياۋ جىڭيۈەن، خې جۇچاڭ، خې يىڭچياڭ، ليۇ شۈبىڭ قاتارلىقلار ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ دۇنيا چېمپىيونى نامىغا ئېرىشكەن.

ئاياللار ئېغىرلىق كۆتۈرۈشيېقىنقى يىللاردىن بېرى ئاياللارنىڭ ئېغىرلىق كۆتۈرۈش ھەرىكىتى بىر قىسىم دۆلەتلەردە روناق تېپىپ تەرەققىي قىلىشقا باشلىدى. 1988-يىلى ئامېرىكىدا ئۆتكۈزۈلگەن تۇنجى نۆۋەتلىك دۇنيا ئاياللار ئېغىرلىق كۆتۈرۈش لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە ئېلىمىزنىڭ ئايال پالۋانلىرى بىراقلا 27 تۈرنىڭ 26 ىسىدە تچېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈردى. 1988-يىلى يىل ئاخىرىغا كەلگۈچە، ئاياللارنىڭ ئېغىرلىق كۆتۈرۈشىدىكى توققۇز دەرىجىنىڭ 27 تۈرىدىكى دۇنيا رېكورتىنىڭ 22 ىسىنى جۇڭگو ماھىرلىرى ساقلاپ قېلىپ، ئېلىمىزنىڭ بۇ تۈردىكى كۈچلۈك ئەمەلىي كۈچىنى ئىپادىلىدى.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#