چۇما كېسىلى

چۇما

چۇما كېسىلى ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئەڭ ئېغىر بولغان يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ بىرى .بۇ كېسەل ئەڭ بۇرۇن ئاسىيانىڭ غەربى جەنۇپ تەرىپىدە پەيدا بولغان بولۇپ ،تەخمىنەن 1340-يىلى پۈتۈن ياۋروپاغا تارقالغان .ئاشۇ ۋاقىتتا <چۇما كېسىلى >دېگەن نام ياۋروپانى چاقىرىدىغان يەنە بىر ئىسىم بولۇپ قالغان .ئۇ ئۆتكۈر يۇقۇملۇق كېسەل پۈتۈن دۇنيادا تەخمىنەن 75مىليون ئادەمنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان .ئەينى ۋاقىتتىكى ياۋروپا نوپۇسىنىڭ 30%ى چۇما كېسىلى بىلەن ئۆلۈپ كەتكەن .

نامى چۇما كىسىلى
ئئىنگلىزچە نامى plague
تەۋە بۆلۈم يۇقۇملۇق كىسەل
كېسەللىك ئورنى پۈتۈن بەدەن
ئاساسلىق ئالامىتى قىزىش،ئەسۋە چىقىش
خەنزۇچە نامى 黑死病،鼠疫
يۇقۇملىنىشى يۇقۇملۇق

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

چۇما كېسىلى ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئەڭ ئېغىر بولغان يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ بىرى .بۇ كېسەل ئەڭ بۇرۇن ئاسىيانىڭ غەربى جەنۇپ تەرىپىدە پەيدا بولغان بولۇپ ،تەخمىنەن 1340-يىلى پۈتۈن ياۋروپاغا تارقالغان .ئاشۇ ۋاقىتتا <چۇما كېسىلى >دېگەن نام ياۋروپانى چاقىرىدىغان يەنە بىر ئىسىم بولۇپ قالغان .ئۇ ئۆتكۈر يۇقۇملۇق كېسەل پۈتۈن دۇنيادا تەخمىنەن 75مىليون ئادەمنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان .ئەينى ۋاقىتتىكى ياۋروپا نوپۇسىنىڭ 30%ى چۇما كېسىلى بىلەن ئۆلۈپ كەتكەن .

ھەرخىل كېسەل تاكى 1700-يىلىغىچە ياۋروپاغا نۇرغۇن قېتىم ھۇجۇم قىلغان بولۇپ ،ھەر قېتىملىقىنىڭ تارقىلىش دائىرىسى ۋە كەلتۈرگەن زىيىنى ئوخشاش بولمىغان .كىيىنكى ۋاقىتلاردا بىر قەدەر چوڭ تارقالغانلىرىدىن ،1629-يىلىدىن 1631-يىلىغىچە ئىتالىيىدىكى يۇقۇملۇق كېسەل ،1665-يىلىدىن 1666-يىلىغىچە لوندوندىكى چوڭ يۇقۇم.1679-يىلى ۋيېنادىكى چوڭ يۇقۇملۇق كېسەل .1771-يىلىدىكى موسكۋادىكى يۇقۇملۇق كېسەل قاتارلىقلار .بۇ يۇقۇملۇق كېسەللەرنىڭ چۇما كېسىلى ياكى ئەمەسلىكى ئۈستىدە تالاش-تارتىش مەۋجۇت بولسىمۇ بۇنىڭغا ئوخشاش جاننى ئالغۇچى كېسەللەر 18-ئەسىردە پۈتۈنلەي يوقالغان .

چۇما كېسىلى ياۋروپانىڭ نوپۇسى ۋە جەمئىيەت تۈزىلىشىگە ئېغىر تەسىر كۆرسەتكەن بولۇپ، رىم كاتولىك دىنىي جەمئىيىتىنىڭ ئورنىنى تەۋرىتىپ قويغان .ئەسلىدىلا ياۋروپادا نوپۇسى ئاز بولغان كىشىلەرنىڭ نوپۇسىنى تېخىمۇ ئازايتىۋەتكەن ،مەسىلەن :مۇسۇلمانلار ،يەھۇدىيلار،چەتئەللىكلەر ۋە تىلەمچىلەر .بۇ خىل كېسەلگە گىرىپتار بولىدىغان كىشىنىڭ تېرە ئاستىدىن قان چىقىدىغانلىقى ئۈچۈن تېرىسى قارا رەڭدە بولۇپ قالىدۇ . چۇما كېسىلىگە مۇناسىۋەتلىك يازما ماتېرىياللارغا قارىغاندا ،ئالىملار بۇ كېسەلنىڭ تەخمىنەن 12-ئەسىردە پەيدا بولغانلىقىنى پەرەز قىلىپ چىقتى .بۇ كېسەللىك چۇما تاياقچە باكتېرىيىسى دەپ ئاتىلدىىغان بىر خىل باكتېرىيە كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بولۇپ ،بۇ باكتېرىيە بۈرگىنىڭ تېنىدا پارازىت ياشايدۇ .ھەمدە قارا چاشقان قاتارلىق ھايۋانلاردىن پايدىلىنىپ تارقىلىدۇ. ھازىر چۇما كېسىلىنىڭ كېسەل قوزغاتقۇچىسى يەرشارىدىن يوقالغان بولىشى ئېھتىمالغا يېقىن .

چۇما كېسىلىنىڭ تارقىلىشى توغرىسىدا مۇنداق بىر كۆز قاراش بار : بەدىنىدە بۈرگە بولغان ھەمدە بۇ كېسەل بىلەن يۇقۇملانغان غاجىلىغۇچىلار بۇ كېسەلنى باشقا ھايۋانلارغا تارقىتىدۇ .ئەينى ۋاقىتتا ھەرخىل مۇناسىۋەت بىلەن قارا چاشقان ياۋروپاغا كەلگەن ،ھەمدە قوڭۇر ئۆي چاشقىنى بىلەن تېخىمۇ كېڭەيگەن .چاشقانلارنىڭ ئۆز تېنىدىكى بۈرگىنى ئادەملەرگە يۇقتىرالايدىغان ئىقتىدارى يوق.ئەمما چاشقان ئۆلگەندىن كىيىن ھاسىل بولغان ھەر خىل خىيىۋى ماددىلار ئادەمگە تەسىر كۆرسىتىپ نەچچە ئەسىرگە سوزۇلغان قاباھەتنى كەلتۈرۈپ چىقارغان[1][0] .

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (2 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#