بوۋاقلارنى بېقىش

بوۋاق

ئۇيغۇرلاردا بوۋاقلارنى ئاساسەن ئانا سۈتى بىلەن باقىدۇ. قوشۇمچە قوي مېيى بىلەن بۇغداي ئۇنىدا ئېتىلگەن بۇلماق، يۇمشاق پىشۇرۇلغان خام شويلا، قورۇلمىغا شورپىلىق يېمەكلىكلەرنى يېگۈزىدۇ. قوينىڭ قۇيرۇ مېيىنى پىشۇرۇپ سوسكا ئورنىدا شورىتىدۇ. ئومۇمەن بالىنىڭ يىلىكى توشىدۇ، دەپ ئانا سۈتى ھەم قۇۋۋەتلىك تاماق بىلەن باقىدۇ.

ئۇيغۇرچە ئىسمى بوۋاقلارنى بېقىش
خەنزۇچە ئىسمى 育婴

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

بوۋاقئۇيغۇرلار ياتلىق قىلىنغان قىزلىرى ھامىلىدار بولۇپ توققۇز ئاي، توققۇز كۈن، توققۇز سائەت، توققۇز سېكۇنت توققۇز دەقىقە قورساق كۆتۈرۈپ تەۋەللۇت قىلغان يېڭى جاننى بوۋاق دەپ ئاتايدۇ. بوۋاق مەيلى ئوغۇل ياكى قىز بولسۇن، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەقىدىسىدە ئۇلار «خۇدانىڭ بەندىسى» دېيىلىپ، ئوخشاش ئۇلۇغلىنىدۇ ۋە قەدىرلىنىدۇ.

بوۋاق تۇغۇلۇشى بىلەن ئۇنىڭ كىندىكى كېسىلىپ بولغاندىن كېيىن، ئۇنى ساغلام بەدەن، چىداملىق قىلىپ يېتىشتۈرۈ ئۈچۈن تۈزلانغان يىلمان سۇدا پاكىز يۇيۇپ(بوۋاقنى تۇنجى قېتىم يۇغان سۇغا ھەر خىل ئېرەملىك دورا-دەرمانلار، يەنى ئالما قېقى، ئادراسمان، ئارتىش ياپرىقى قاتارلىقلارنى ئارىلاشتۇرۇشتىن تاشقىرى، ئالتۇن ئۈزۈك ياكى ئالتۇن ۋارىقىنى داستىكى تەييارلانغان سۇغا تاشلاپ قويىدۇ) ، سېغىزلىغان(ئۇپىلىغان) دىن كېيىن ئوبدان زاكىلايدۇ. 

بوۋاق تۇغۇلۇپ يەتتە-توققۇز كۈن ئىچىدە بۆشۈككە بۆلىنىدۇ. بوۋاقنى بۆشۈككە سېلىش ئۇيغۇرلاردا قەدىمدىن بويان كەڭ ئومۇملاشقان ئادەت ھېسابلىنىدۇ. 

بوۋاقئۇيغۇرلاردا بوۋاقلارنى ئاساسەن ئانا سۈتى بىلەن باقىدۇ. قوشۇمچە قوي مېيى بىلەن بۇغداي ئۇنىدا ئېتىلگەن بۇلماق، يۇمشاق پىشۇرۇلغان خام شويلا، قورۇلمىغا شورپىلىق يېمەكلىكلەرنى يېگۈزىدۇ. قوينىڭ قۇيرۇ مېيىنى پىشۇرۇپ سوسكا ئورنىدا شورىتىدۇ. ئومۇمەن بالىنىڭ يىلىكى توشىدۇ، دەپ ئانا سۈتى ھەم قۇۋۋەتلىك تاماق بىلەن باقىدۇ. بالىنىڭ يىلىكى توشمايدۇ ھەم سوغۇقچان (سوغۇق مىجەز) بولۇپ قالىدۇ، دەپ بىر ياشتىن بىر يېرىم ياشقىچە ئاساسەن كالا سۈتى ئىچۈرمەيدۇ. خەلق ئارىسىدا تۇغۇلۇپلا كالا سۈتى بىلەن بېقىلغان بالا كالا مىجەز، گومۇش بولۇپ قالىدۇ، دېگەن قاراشمۇ بار. شۇ سەۋەبتىن بالىسىنى بىر ياشتىن بىر يېرىم ياشقىچە ئارىلىقتا ئېمىتمىگەن ئانىلار باشقىلار تەرىپىدىن ئەيىبلىنىدۇ.

ئۇيغۇرلار ئارىسىدا، ئەگەر ئانا كېسەللىك ياكى باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بوۋاقنى ئېمىتىشكە ئىمكانىيىتى بولمىسا، شۇ پەيىتتە بالا ئېمىتىۋاتقان ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ياكى قولۇم-قوشنىلىرى ۋەكالىتەن ئېمىتىپ بېرىدىغان ئادەتمۇ بار. بۇنداق بالىلار «ئېمىلداش» دېيىلىدۇ. ئېمىلداشلار ئارا نىكاھلىنىش مەنئى قىلىنىدۇ. 

ئەگەر بالىنىڭ ئانا سۈتىگە بولغان تايىنىشى ناھايىتى كۈچلۈك بولسا، تېزسۈرئەتتە ئەمچەكتىن ئايرىش بالىغا ياخشى بولمايدۇ. ئەگەر ئانىمۇ ئېمىتىشكە دىققەت قىلىپ، تۇيۇقسىز ئەمچەكتىن ئايرىسا، ئانىنىڭمۇ كەيپىياتى تۆۋەنلەپ، ئانا-بالا ئوتتۇرىسىدىكى رىشتە بۇرۇنقىدەك بولماسلىقى مۇمكىن. پەقەت ئانا ۋاقىت ۋە پسىخىكا جەھەتتە داۋاملىق ئېمىتىش شارائىتى بولسا، كۈن بويى بالا بىلەن بىللە تۇرسا، تەدرىجىي ئەمچەكتىن ئايرىش ئۇسۇلىنى قوللانسا بولىدۇ. ھەر كۈنى ئالتە قېتىم ئېمىتىپ، ئاۋۋال بەش قېتىمغا چۈشۈرۈش، ئاۋۋال كېچىدىكى ئېمىتىش سانىنى ئازلىتىش، ئاندىن كۈندۈزى، ئەڭ ئاخىرىدا ئەتىگىنى ئېمىتىش كېرەك. ھەر قېتىمدا ئېمىتىش سانىنى بىر قېتىمدىن ئازلاتسا، تولۇق ئەمچەكتىن ئايرىغىلى بولىدۇ.

بىر ئايلىق بوۋاقلارنى بېقىش

بىر ئايلىق بوۋاقبىر ئايلىق بوۋاقلار يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلىق مەزگىلىدىن ئايرىلىپ بولىدۇ ھەم سۈتكە بولغان ئېھتىياجى كۆرۈنەرلىك كۆپىيىدۇ. ئادەتتىكى ئەھۋالدا بوۋاقنىڭ پۈتۈن كۈنلۈك سۈت مىقدارى 500 ~ 750 مىللىلىتىر بولۇپ، ھەر كۈنى ئالتە-يەتتە قېتىم، ھەر قېتىمدا 80 ~ 125 مىللىلىتىر ئېمىتىشكە موھتاج. پۈتۈنلەي كالا سۈتى بىلەنلا بېقىلىدىغان بوۋاقلار يېڭى تۇغۇلغان بوۋاق مەزگىلىدە سۇيۇقلاندۇرۇلغان سۈت بىلەن بېقىلاتتى، ھازىر بولسا ساپ سۈت بىلەن بېقىلسا بولىدۇ. ئەلۋەتتە، بوۋاقنىڭ بەدىنى، ھەزىم قىلىش ھەم ھەرىكەت مىقدارىنىڭ ئوخشىماسلىقىدىن سۈت مىقدارىغا بولغان ئېھتىياجىمۇ پەرقلىق بولىدۇ. بىر ئايلىق بوۋاقلارغا نىسبەتەن ھەر قېتىم تەخمىنەن ئون مىنۇت ئەتراپىدا ئېمىتىش. ئەگەر بوۋاق سۈت ئەمگەندىن كېيىن دائىم ئەمچەك توپچىسىنى شوراپ قويۇۋەتمىسە، شۇنىڭ بىلەن بىللە بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ ئارتىشىمۇ ئاستا بولسا، بۇ ئانىنىڭ سۈت مىقدارى بوۋاقنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرالمىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئارىلاشما بېقىش ئۇسۇلىنى قوللىنىش، ئارىلاشما باققاندا «ئانا سۈتى ئاساس، باشقا سۈت مەھسۇلاتلىرى قوشۇمچە» دېگەن پرىنسىپتا چىڭ تۇرۇش كېرەك.

تۆت ئايلىق بوۋاقلارنى بېقىش 

تۆت ئايلىق بوۋاقتۆت ئايلىق بوۋاق ئەمچەكتىن ئايرىلىش مەزگىلىگە كىرىشكە باشلايدىغان بولۇپ، قوشۇمچە يېمەكلىكلەرنى ئارىلاشتۇرۇپ بېرىشكە ئېھتىياجلىق. بۇ بوۋاقنىڭ يېتىلىشىنىڭ يېڭى بىر باسقۇچقا كىرگەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. بۇ مەزگىلدىمۇ ئىمكانقەدەر ئانا سۈتىدە بېقىش ئاساس قىلىنىدۇ. لېكىن ئېمىتىش قېتىم سانىنى بەش قېتىمغا قىسقارتىش، چۈشتىن بۇرۇن ۋە كېيىن ئىككى قېتىمدىن، كەچتە ئۇخلاشتىن ئىلگىرى بىر قېتىم، كېچىدە ئېمىتمىسىمۇ بولىدۇ. ئەمما بۇ مەزگىلدە بوۋاققا سۈت ئېمىتىشتىن باشقا يەنە سۇيۇق-سەلەڭ تاماقلارنى قوشۇمچە قىلىپ بېرىپ، بوۋاقنىڭ كېيىنكى كۈنلەردە قاتتىقراق نەرسىلەرنى يېيىشى ئۈچۈن شارائىت ھازىرلاش؛ بوۋاققا داۋاملىق مېۋە شەربىتى ۋە كۆكتات شىرنىسى بەرگەندىن سىرت، يەنە قوشۇمچە يېمەكلىكلەردىن ئېزىلگەن مېۋە، كۆكتات ۋە جىگەر قاتارلىقلارنى بېرىش ئارقىلىق بوۋاقنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدە ئېھتىياجلىق بولغان ئوزۇقلۇق تەركىبلەرنى تولۇقلاش؛ ئۇنىڭدىن سىرت بېلىق جىگىرى مېيىنى بېرىشنى داۋاملاشتۇرۇش، ھەر قېتىمدا ئىككى تامچىدىن كۈندە ئىككى قېتىم بېرىش كېرەك.

بەش ئايلىق بوۋاقلارنى بېقىش 

بەش ئايلىق بولغان بوۋاقلار، بېشىنى خالىغانچە ھەرىكەتلەندۈرۈلەيدۇ. يەنە قولى بىلەن ئالماقچى بولغان نەرسىلەرنى ئالالايدۇ. بىراق تۇتۇۋالغان نەرسىنى ۋاقتىدا تاشلىۋېتەلمەيدۇ، قولىغا ئېلىۋالغان نەرسىنى بىر قولدىن يەنە بىر قولىغا يۆتكىيەلەيدۇ. ئۇ ئۆمىلەۋاتقان ۋاقىتتا، بىلەكلىرى بىلەن بەدىنىنى تىرىيەلەيدۇ. بېشىنى كۆتۈرۈپ ئالدىدىكى نەرسىگە دىققەت بىلەن قارىيالالايدۇ، چوڭلارنىڭ پۇتىغا يۆلىنىپ تۇرۇپ، بىر قەدەم-بىر قەدەمدىن ماڭالايدۇ. كۆتۈرۈلگەندە پۇتى بىلەن تىرەپ تۇرۇۋالىدۇ. بەدىنىنى تىك تۇرغۇزالايدۇ. بىراق مۇستەقىل ئولتۇرالمايدۇ. دۈم ياتقۇزۇپ قويسا ئوڭدىسىغا بولالايدۇ، بۇ مەزگىلدىكى بوۋاقلار ئېنىق ھالدا ئاتا-ئانىسىنى پەرقلەندۈرەلەيدۇ ھەم شۇنداقلا ئىپادىسى ناھايىتى مول بولۇپ، خۇشاللىق، خاپىلىق، ياخشى كۆرۈش، يامان كۆرۈش قاتارلىق ئىپادىلەرنى ئېنىق ئىپادىلەيدۇ. خاپا بولغان ۋاقىتتا قاتتىق يىغلايدۇ. خۇشال بولغان ۋاقىتتا يۇقىرى ئاۋازدا كۈلەلەيدۇ ھەم ئەينەكتىكى ئۆزىگە قاراپ كۈلەلەيدۇ.

بەش ئايلىق بوۋاقلارنى بېقىشبەش ئايلىق بوۋاقلارنىڭ يېمەكلىكى يەنىلا ئانا سۈتى ۋە باشقا سۈت ئورنىدىكى بۇيۇملارنى ئاساس قىلىدۇ. بېقىش ئۇسۇلى ۋە ۋاقىتنى ئۆتكەن ئايدىكى بويىچە ئېلىپ بارسا بولىدۇ. قوشۇمچە يېمەكلىك قوشۇش جەھەتتە، ئەگەر بوۋاقنىڭ ھەزىم قىلىش ئەھۋالى ياخشى، چوڭ تەرىتى نورمال بولسا، يەنە مېۋە بوتقىسى، كۆكتات بوتقىسىدىن ئىشتىھاسىغا قاراپ بېرىش، شۇنىڭ بىلەن بىللە بوۋاقنىڭ ئېغىرلىقى ۋە ھەرىكىتى كۆپىيىپ بارىدىغانلىقتىن، يۇقىرىقى يېمەكلىكلەردىن سىرت يەنە كراخمال تۈرىدىكى يېمەكلىكلەر(مەسىلەن: گۈرۈچ ئۇنى ئۇمىچى، شوۋىگۈرۈچ، يۇمشاق ئۈگرە قاتارلىقلار) ۋە ئۆسۈملۈك مېيى تولۇقلاشقا موھتاج، چۈنكى بۇ ۋاقىتتا بوۋاقنىڭ ھەزىم قىلىش يولىدىكى ئامىلازانىڭ ئاجرىتىلىشى كۆرۈنەرلىك ئاشىدۇ. ۋاقتىدا كراخمال تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنى تولۇقلاپ بەرگەندە، سۈت مەھسۇلاتلىرىدىكى ئېنېرگىيىنىڭ يېتىشمەسلىكىنى تولۇقلاپلا قالماي، يەنە بوۋاقلاردا قوشۇق ئىشلىتىش ۋە چايناش ئادىتىنى يېتىلدۈرگىلى بولىدۇ. ئۇنىڭدىن سىرت يەنە بىر قىسىم ياپىلاق بېلىق، سېرىق بېلىق قاتارلىق بېلىق تۈرلىرىدىن بېلىق بوتقىسى تەييارلاپ بەرسە بولىدۇ. چۈنكى، بېلىق گۆشى تەركىبىدە بىر ئاز مول بولغان فوسفات، ئاقسىل بار شۇنداقلا گۆشى يۇمشاق بولغانلىقتىن ئاسان ھەزىم بولىدۇ. بوۋاقلارنىڭ ئىستېمال قىلىشىغا ئىنتايىن مۇۋاپىق. شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنىلا داۋاملىق بېلىق جىگىرى مېيىنى ھەر قېتىمدا ئىككى تامچىدىن كۈندە ئىككى قېتىم بېرىش كېرەك.

بالىلار فىزىئولوگىيىلىك ئالاھىدىلىكى، مەسىلەن، بويى كىچىك، بەدىنى يېنىك بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن چوڭلاردىن پەرقلىنىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە يېشى، تەن ئېغىرلىقى ئوخشاش بولمىغان بالىلارغا بېرىلىدىغان دورىلارنىڭ مىقدارىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. دورا يېگەندە، قەتئىي دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە، بوۋاققا بېرىدىغان دورىنىڭ مىقدارى، قېتىم سانى ۋە ۋاقتىنى توغرا ئىگىلەپ، دورا بىلەن زەھەرلىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

بوۋاقلارنى بېقىشسەي شىرنىسىنى يېمەكلىك ئورنىدا ئىشلىتىش ئەمچەكتىن ئەمدىلا ئايرىلغان بالىلارنىڭ ۋىتامىن تولۇقلاشتىكى مۇھىم جەريانى، بۇنىڭ ئىچىدە كۆپ مىقداردىكى ۋىتامىن C ۋە باشقا سۇيۇق ۋىتامىنلار ئېرىيدۇ. بىراق نۇرغۇن كىشىلەر كۆكتات شىرنىسىنى قانداق ياساشنى بىلمەيدۇ، بىز شىرنىسىنى ئېلىش ئۈچۈن كۆكتات تاللىغاندا تۆۋەندىكىلەرگە دىققەت قىلىشىمىز كېرەك.

ئادەتتە كۆكتاتلارنىڭ ئارىسىدا يېشىل رەڭلىكلىرىنىڭ ئوزۇقلۇق مىقدارى يۇقىرى، سېرىق رەڭلىكلىرىنىڭ ئىككىنچى ئورۇندا، ئاق رەڭلىكلىرىنىڭ ئەڭ تۆۋەندە تۇرىدۇ. مەسىلەن: پالەك، يېسىۋىلەك قاتارلىقلاردا ئوزۇقلۇق نىسبەتەن كۆپ. ئاق تۇرۇپ، كاۋا قاتارلىقلاردا بىر ئاز تۆۋەن. بامبۇك نوتىسى، قاپاق، تەكىيە كاۋىلارنىڭ تېخىمۇ تۆۋەن بولىدۇ. سەي شىرنىسى قىلىدىغان ۋاقىتتا، يۇمران يېشىل كۆكتاتلارنى تاللاش كېرەك، بىر تۈپ كۆكتاتنىڭ سىرتىدىكى يېشى يوپۇرماقلىرىغا قارىغاندا، ئىچىدىكى يوپۇرماقلىرىنىڭ ئوزۇقلۇق مىقدارى تۆۋەن. بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ يېتىلىشى جەريانىدا قۇياش نۇرى بىلەن ئۇچرىشىشىغا مۇناسىۋەتلىك، سىرتىدىكى يوپۇرماقلىرى كۆپرەك قۇياش نۇرىنى قوبۇل قىلغاچقا، ئوزۇقلۇق مىقدارى مول. ئىچىدىكى يوپۇرماق قۇياش نۇرىنى كۆپ كۆرمىگەچكە، ئوزۇقلۇق مىقدارى تۆۋەن. سەي شىرنىسى قىلىدىغان ۋاقىتتا زىيادە قايناق سۇدا بەك قاينىتىۋەتمەسلىك كېرەك، چۈنكى سەي تەركىبىدىكى نۇرغۇنلىغان ئوزۇقلۇق ماددىلار زىيادە قايناپ كەتسە بۇزۇلۇپ كېتىدۇ. ئادەتتە 30 مىنۇت ئەتراپىدا قايناتسا، ئوزۇقلۇق ماددىلارمۇ پارچىلىنىشقا باشلايدۇ. شۇڭا سۇ قايناتقاندىن كېيىن تۇۋاقنى يېپىپ 10 ~ 15 مىنۇتقىچە دۈملەش كېرەك. يەنە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، سەي شىرنىسى چوقۇم پاكىز بولۇشى، ھەر قېتىم تەييارلىغاننى بىر قېتىمدىلا ئىشلىتىپ بولۇش كېرەك. ئىشلىتىپ بولالمىغاننى كېيىنكى قېتىم ئىشلەتسە بولمايدۇ، چۈنكى ساقلىنىش جەريانىدا سەي شىرنىسىنىڭ يېڭىلىقى ئۆزگىرىدۇ ۋە ئوزۇقلۇق ماددىلار پارچىلىنىپ تۈگەپ كېتىدۇ.

بوۋاقلارنى ئۇزۇقلاندۇرۇشئايلىق بوۋاقلارنىڭ دۈمبە قىسمى ۋە بويۇن قىسىمىدىكى مۇسكۇللار كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە يېتىلىپ بولغان بولۇپ، بوۋاقلار ئېگىز يۆلەنچۈكلۈك ئورۇندۇقتا مەزمۇت ئولتۇرالايدۇ. قول ۋە ئېغىزنىڭ ماسلىشىشچانلىقى بارا-بارا ياخشىلىنىپ ئۆزى تاماق يەيدىغان ئىقتىدارىنى ھازىرلاپ بولغان بولۇپ، ئاتا-ئانا ئاددىي قاچا-قۇچىلار بىلەن ئۆزى تاماق يېيىشنى ئۆگىتىشكە باشلىسا بولىدۇ. تاماق يېيىشنى ئۆگىنىش قەدەممۇقەدەم پىششىقلىنىدىغان جەريان، ئاتا-ئانا چوقۇم سەۋرچان بولۇشى ھەم بوۋاققا بىر يۈرۈش مەخسۇس ئىشلىتىدىغان، گىرۋەكلىرى سىلىق، ئاسان چېقىلمايدىغان قاچا-قۇچىلارنى تەييارلاپ بېرىش ھەمدە دېزىنفېكسىيىلەشكە دىققەت قىلىش كېرەك. ئەگەر بوۋاق مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا تاماق يېيىش جەريانىنى تاماملىسا، ئۇلارنىڭ ئىشەنچىسىنى ئاشۇرۇپلا قالماي يەنە تاماق يېگەندە باشقا ئائىلە ئەزالىرى ئارىسىغا قېتىلىپ، تېخىمۇ ئىلگىرىلگەن ھالدا بوۋاقلارنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە ئىقتىدارىنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ.

نۆۋەتتە بازارغا سېلىنىۋاتقان ئىچىملىكنىڭ تۈرى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، بۇ ئاتا-ئانىلارنىڭ كۆزىنى ئالىچەكمەن قىلىپ، قايمۇقتۇرۇپ قويىدۇ. ئۇنداقتا بوۋاقلار قانداق ئىچملىك ئىچسە ئەڭ مۇۋاپىق، بوۋاقلارنىڭ ئەڭ ياخشى ئىچىملىكى يەنىلا قايناق سۇ، قايناق سۇ بولسا ئادەم بەدىنىدىكى ئالتە چوڭ ئوزۇقلۇق ماددىسىنىڭ بىرى. ئادەم بەدىنىدىكى ئاساسلىق تەركىبلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئادەم بەدىنىنىڭ نورماللىقىنى، مۇقىملىقىنى ساقلاپ قالغان ئاساستا، بەدەن تېمپېراتۇرىسى ۋە يېڭى مېتابولىزىم ھەرىكىتى قاتارلىق جەھەتتە ناھايىتى مۇھىم رولغا ئىگە. مۇناسىۋەتلىك تەتقىقاتلاردا ئىسپاتلىنىشىچە، تۈرلۈك ئىچىملىكلەرگە سېلىشتۇرغاندا، ئىلمان قايناق سۇ ئەزالاردىكى سۈت كىسلاتاسىنى چىقىرىپ تاشلاپ، ھىدروگىن ئېنزىمىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ. بۇ مۇسكۇللاردىكى «چارچاتقۇچى ماددا» —سۈت كىسلاتاسىنىڭ مىقدارىنى تۆۋەنلىتىشكە پايدىلىق. بۇ ئارقىلىق ھېرىپ-چارچاشنى تۈگىتىشكە بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە قايناق سۇدا بوياق ماددىسى ۋە باشقا ئېلېمېنتلار يوق بولۇپ، ھەم تېجەشلىك، ھەم بىخەتەر تەبىئىي ئىچىملىك. 

بىر-ئىككى ئايلىق بولغان بالىلار سۇيۇلدۇرۇلغان سەي سۈيى، مېۋە شىرنىسى ئىچسە بولىدۇ، ئۈچ ئايلىق بولغان بالىلار سەي شورپىسى، مېۋە شىرنىسىنى ئىستېمال قىلىپ، سۇ ئىستېمال قىلمىسىمۇ بولىدۇ. ئانا سۈتىنىڭ بالا بېقىشتىكى ئەڭ ياخشى ئوزۇقلۇق بولۇشىدىكى سەۋەب، سۈتنىڭ تەركىبىدە بالىنىڭ يېتىلىش جەريانىدا ئېھتىياجلىق بولغان بارلىق ئوزۇقلۇق ماددىلار ھەتتا سۇمۇ بار. قۇرغاق، ئىسسىق پەسىلدىمۇ ئانا سۈتى بالىلارنى يېتەرلىك سۇ بىلەن تەمىنلەيدۇ. تېخىمۇ مۇھىم بولغىنى، ئانا سۈتى تەركىبلىرى ناھايىتى مۇۋاپىق بولۇپ، ئارتۇق سۇ، مىنېرال ماددىلار يوق. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئېمىزگۈ ئانا بىلەن بالا ئوتتۇرىسىدىكى يوشۇرۇن مۇناسىۋەتنى قالايمىقان قىلىۋېتىپ، سۈت بوتۇلكىسى بالىنىڭ ئەمچەك توپچىسىغا بولغان سەزگۈسىنى ئارىلاشتۇرۇۋېتىدۇ. شۇڭا، بالىلارغا سۇ بېرىش ئارتۇقچىدەك كۆرۈنىدۇ. بالا ئىسسىق ياكى ئۇسسىغانلىقىنى ھېس قىلغاندا، ئانا خاتىرجەملىك بىلەن بالىنى ئېمىتىش كېرەك. بالىنى سۇ مىقدارى تولۇق بولغان ئالدىنقى سۈت(سۈت چاچراش ئىنكاسى پەيدا قىلغان سۈت) بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇشى كېرەك. ماي مىقدارى كۆپ سۈت بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق(سۈت چاچراش ئىنكاسىدىن كېيىن غىدىقلىنىپ، سۈت بەزلىرى ئاجرىتىپ چىققان سۈت) . ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ قورسىقىنىڭ ئاچقانلىقىنى ھېس قىلمايدۇ، ئانا سۈتى بىلەن بېقىلغان بالىلار ئۆزىنى تەڭشەشنى بىلىدۇ.

بوۋاق تۇغۇلۇشى بىلەنلا توغرا ئېمىش شەكلىنى ئىگىلەپ كېتەلمەيدۇ، بۇنىڭ سەۋەبى تۇنجى قېتىم ئەمگەندە ئانىنىڭ توغرا يېتەكلىگەن-يېتەكلىمىگەنلىكىدە. بوۋاقنىڭ ئېمىش شەكلىنىڭ توغرا بولماسلىقى ئەمچەك توپچىسىنىڭ ئاغرىشىدىكى ئاساسىي سەۋەبلەرنىڭ بىرى. بوۋاقنىڭ ئېمىش قىياپىتى توغرىمۇ-ئەمەسمۇ؟ بوۋاق قانداق ئېمىۋاتىدۇ؟ دېگەنلەرنى تۈزىتىش ئىنتايىن مۇھىم. بوۋاقنىڭ ئەمچەك توپچىسىنى شوراش بېسىمىنى سەزگۈرلۈك بىلەن ئەمچەك دېغىغا يۆتكەشكە دىققەت قىلىش كېرەك، ئەگەر بەختكە قارشى ئەمچەك توپچىسىنىڭ ئۇچىدا گورىزونتال ھالەتتىكى قىزىل رەڭلىك يول-يول سىزىقلار ياكى ئىز بولسا، بۇ بوۋاقنىڭ ئەمچەك توپچىسىنى چىشلىۋالغانلىقنىڭ ئىپادىسى بولۇپ، بالىنى قۇچىقىڭىزدىن ئايرىپ، قايتىدىن ئەمچەك توپچىسى ئاغرىمىغانغا قەدەر ئېمىتسە ئاندىن توغرا بولىدۇ. 

بوۋاقلارنى كىيىندۈرۈشيېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ كىيىمى ئۇلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىدە مۇھىم ئەھمىيىتى بار. شۇڭا ئائىلە باشلىقلىرى كىيىم تاللاشتا چوقۇم ئالاھىدە ئېھتىيات قىلىشى كېرەك. يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ يۇمشاق تېرىسىنىڭ سۈرۈلۈپ يارىلىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن كىيىمىدە مېتال تۈگمە، ئىلغۇچ بولماسلىقى، ئەڭ ياخشىسى رەخت تۈگمە ياكى بوغقۇچ بولۇشى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە گۈللۈك جىيەكلىك كىيىم ئېلىشمۇ مۇۋاپىق ئەمەس. قول-پۇتىنى تۆشۈكلىرىگە تىقىۋېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك؛ ئاندىن يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ پۇت-قولى ئاساسەن ئېگىلىكلىك ھالەتتە ھەم ئۆسۈپ يېتىلىشى تېز بولغانلىقتىن ئۇلارنىڭ يېتىلىشىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىماسلىقى ئۈچۈن كىيىمىنىڭ سەل چوڭراق، تېگى يۇمشاق، ئازادە، تىكىلگەن ئورنى ھەمدە يەڭ، ياقا ئېغىزلىرى يۇمشاقلىرىنى تاللاش مۇۋاپىق بولۇپ، يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار تېرىسىنىڭ سۈرۈلۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك؛ تەر سۈمۈرۈش ۋە ھاۋا ئۆتۈشۈش، يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ كىيىمىنىڭ رەختى يۇمشاق، سۇ سۈمۈرۈشچان پاختا توقۇلمىلار ئەڭ كۆڭۈلدىكىدەك بولىدۇ. ئەكسىچە، بىرىكمە تالالىق ياكى نىلون توقۇلمىلار سۇ سۈمۈرۈشچانلىقى، ھاۋا ئۆتكۈزۈشچانلىقى ناچار بولغانلىقتىن يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ كىيىشىگە ماس كەلمەيدۇ.

 ئاتا-ئانىلار كىيىم سېتىۋالغاندا قۇلايلىق ئامىللىرىنى، ئاساسلىقى كىيىشكە، زاكا ئالماشتۇرۇشقا، يۇيۇشقا قۇلايلىق بولۇشنى ئويلىشىشى ۋە زاكا ئالماشتۇرۇشقا ئاسان بولۇشى ئۈچۈن ياز كۈنلىرى بوۋاقلارغا روباشكا شەكلىدىكى ئۇزۇن يالاڭ كىيىملەرنى، قىش كۈنلىرى ئازادە كۆڭلىكى تۇتاش ئىشتان تاللاش كېرەك.

بوۋاقنىڭ پۇت-قولىنى ئۇۋۇلاپ بېرىش

بوۋاقنىڭ پۇت-قولىنى ئۇۋۇلاشنىڭ ئۇسۇللىرى تۆۋەندىكىچە:

1. بوۋاقنىڭ قولىنى ئۇۋۇلاشتا ئانا ئىككى قولى بىلەن ئايرىم-ئايرىم بوۋاقنىڭ ئوڭ، سول بىلىكىنى تۈۋىدىن تۇتۇپ يۇقىرىدىن تۆۋەنگە بېغىشىغىچە ئاستا بېسىپ سىيلاپ بېرىش، مۇشۇ ئۇسۇلدا بىر نەچچە قېتىم تەكرار داۋاملاشتۇرۇش.

2. بوۋاقنىڭ بارماقلىرىنى ئۇۋۇلاشتا، ئانا بىر قولى بىلەن بوۋاق قولىنىڭ دۈمبىسىنى يەڭگىل تىرەپ، ئالىقىنىنى يۇقىرىغا قارىتىپ، ئاندىن يەنە بىر قولىنىڭ باش بارمىقى ۋە بېگىز بارمىقى بىلەن بوۋاقنىڭ بارمىقىنىڭ تۈۋىدىن ئۇچىغىچە بوش بېسىپ ھەربىر بارمىقىنى مۇشۇ تەرىقىدە ئۇۋۇلاپ بېرىش.

3. قولىنىڭ دۈمبىسى ۋە ئالىقىنىنى ئۇۋۇلاشتا، ئانا باش بارمىقىنى بوۋاقنىڭ ئالقىنىغا قويۇپ، قالغان تۆت بارمىقىنى جۈپلەپ بوۋاق قولىنىڭ دۈمبىسىگە قويۇپ، قولىنىڭ بېغىشىدىن بارماقنىڭ تۈۋىگىچە قولىنىڭ دۈمبىسى ۋە ئالىقىنىنى ئۇۋۇلاپ بېرىش.

4. بوۋاقنىڭ پاچاق ۋە پۇتلىرىنى ئۇۋۇلاشتا يۇقىرىقى ئۇسۇلغا ئاساسەن مەشغۇلات ئېلىپ بارسا بولىدۇ.

بوۋاقلارنىڭ دۈمبە، كاسىسىنى ئۇۋۇلاپ بېرىش

بوۋاقنىڭ دۈمبە، كاسىسىنى ئۇۋۇلاش ئۇسۇلى تۆۋەندىكىچە:

1. بوۋاقنى كارىۋاتتا دۈم ياتقۇزۇپ، ئانا ئىككى قولىنىڭ بېگىز بارمىقى بىلەن ئوتتۇرا بارمىقىنى جۈپلەپ، بارمىقىنىڭ ئىچكى قىسمى بىلەن ئومۇرتقىنىڭ ئىككى تەرىپىنى بويلاپ بويۇندىن باشلاپ تۆۋەنگە قاراپ توققۇز كۆزگىچە يەڭگىل ئۇۋۇلاش، ئاندىن يەنە يۇقىرىدىن تۆۋەنگە توختىماي داۋاملاشتۇرۇش.

2. ئانا ئىككى قولىنىڭ بارماقلىرىنى سىرتقا ئېگىپ، ئالىقان بىلەن ئومۇرتقىنىڭ ئىككى تەرىپىدىن سىرتقا قاراپ ئىككى تەرەپ قوۋرغا سۆڭىكىگىچە تەكشى، ئاستا بېسىپ سىيلاپ بېرىش، ھەر ئۈچ-تۆت قېتىمدا تۆۋەنگە بىر ئالىقان كەڭلىكىدە سۈرۈپ مېڭىش، پۈتۈن دۈمبە قىسمى سىيلىنىپ بولغىچە شۇنداق داۋاملاشتۇرۇش.

3. ئانا ئالىقان بىلەن ئايرىم-ئايرىم ھالدا بوۋاقنىڭ ئوڭ، سول كاسىسىنى ئىچىدىن سىرتىغا قاراپ ئايلاندۇرۇپ سىيلاپ بېرىش لازىم.

بوۋاقلار قەۋزىيەت بولغاندا قانداق كۈتۈش كېرەك؟

قەۋزىيەت بوۋاقلاردا تەرەت قىلىشتىن قورقۇش پسىخىكىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا يامان سۈپەتكە قاراپ ئۆزگىرىپ، ۋاقىت ئۇزىراشتىن قورساق كۆپۈش، ئىشتىھاسى ئازلاش ۋە ئوزۇقلىنىشى ياخشى بولماسلىق قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، بوۋاقنىڭ نورمال ئۆسۈپ يېتىلىشىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ. شۇ سەۋەبتىن ۋاقتىدا ھالىدىن خەۋەر ئېلىش كېرەك. كۆپ كۆرۈلىدىغان كۈتۈش ئۇسۇللىرى:

1. يېمەك-ئىچمىكىنى تەڭشەش. ئانا سۈتى بىلەن بېقىش مەزگىلىدە ئادەتتە قەۋزىيەت بولمايدۇ. ئەگەر قەۋزىيەت بولۇپ قالسا قايناق سۇ ياكى ئاز مىقداردا مېۋە شەربىتى ۋە كۆكتات شەربىتى بولۇپمۇ يېسىۋىلەك شەربىتى، ئاق تۇرۇپ شەربىتى قاتارلىقلارنى ئىچكۈزسە بولىدۇ. قوشۇمچە يېمەكلىك قوشۇپ بەرگەندىن كېيىن مۇۋاپىق مىقداردا كۆكتات تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنى قوشۇپ بېرىشكە بولىدۇ. بۇنىڭ بىلەن تاماقتىكى تالالارنى كۆپەيتىپ، قەۋزىيەت ئالامىتىنى يېنىكلەتكىلى بولىدۇ.

2. بوۋاقنى قەرەللىك تەرەت قىلدۇرۇپ تۇرۇش. تەرەت قىلىش شەرتلىك رېفلېكسى تۇرغۇزۇش، بوۋاقنىڭ ياخشى بولغان تەرەت قىلىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشىگە پايدىلىق.

3. بوۋاقنى كۆپرەك ھەرىكەت قىلدۇرۇش ياكى بوۋاقنىڭ قورسىقىنى يەڭگىل تۇتۇپ بېرىپ، ئۈچەينىڭ ھەرىكىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش چوڭ تەرەتنىڭ چىقىرىلىشىغا پايدىلىق.

4. ئەگەر تەرەت قىلىشتا قىينىلىش يۈز بەرسە بالىلارنىڭ توسالغۇلارنى ئېچىش شەربىتى ئىشلىتىش ياكى قاتتىق سوپۇننى يۇمىلاق تۈرۈكسىمان شەكىلدە كېسىپ مەقئەتكە كىرگۈزۈپ بەش مىنۇت تۇرغۇزسا ئالامەتنى ۋاقىتلىق يېنىكلەتكىلى بولىدۇ. كېسەللىكتىن كېلىپ چىققان قەۋزىيەتكە نىسبەتەن ياكى قەۋزىيەتنىڭ ئالامىتى ئېغىرراق بولغاندا ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ تەكشۈرۈپ داۋالىتىش كېرەك.

بوۋاقنىڭ شۆلگىيى كۆپرەك بولغاندا قانداق كۈتۈش كېرەك؟

گەرچە بوۋاقنىڭ شۆلگىيى ئېقىش بىر خىل فىزىئولوگىيىلىك ئەھۋال بولسىمۇ، لېكىن شۆلگەي كىسلاتالىق ماددا ھەمدە تەركىبىدە ھەزىم ئېنزىمى بولغاچقا، شۆلگەي تېرىگەئېقىپ كەتكەندە ئاسانلا تېرىنىڭ ئەڭ سىرتقى يۈزىدىكى مۈڭگۈزلۈك قەۋەتنى چىرىتىپ تېرە ياللۇغى كېلىپ چىقىشقا سەۋەب بولۇپ، ھۆل تەمرەتكە قاتارلىق تېرە كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا دائىم شۆلگىيى ئاقىدىغان بوۋاقلارغا نىسبەتەن ھەر ۋاقىت ئېغىزىنىڭ ئەتراپىدىكى شۆلگىيىنى تازىلاپ تۇرۇش؛ شۆلگىيىنى تازىلىغاندا پاكىز، يۇمشاق بولغان پاختا لۆڭگە ياكى سالفېتكا(ئېغىز سۈرتىدىغان قەغەز) بىلەن سۈرتۈش؛ لېكىن بەك كۈچىمەسلىك، پەقەت بوشقىنا بېسىپ شۆلگەينى پاكىز سۈرتۈۋەتسىلا كۇپايە. شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە دائىم ئىلمان سۇ بىلەن ئېڭەك ۋە بويۇن قىسمىنىڭ تېرىسىنى يۇيۇپ بېرىش كېرەك. تېرە ۋە كىيىمىنىڭ پاكىز ۋە قۇرۇقلۇقىنى ساقلاش ئۈچۈن، شۆلگىيى بەك كۆپ ئاقىدىغان بوۋاقلارغا شالدۇرۇق تارتىپ قويسا بولىدۇ. دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى، شالدۇرۇقنىڭ رولى ئاساسلىقى شۆلگەي كىيىمىنى مەينەت قىلىۋېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، شۇڭا ياش، پوتلا قاتارلىقلارنى سۈرتۈشكە بولمايدۇ. ئۇنىڭدىن سىرت، شالدۇرۇق ۋە لۆڭگىنى دائىم يۇيۇپ دەزماللاش ۋە قۇرۇقلۇقىنى ساقلاش، كېسەللىك باكتېرىيىسىنى ئېلىپ يۈرۈپ يۇقۇملىنىش ۋە كېسەل بولۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. 

ئېمىزگۈدە سۈت ئىچىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش 

بوۋاقلارنىڭ ئېمىزگۈدە سۈت ئىچىش ئادىتىنى قانداق يېتىلدۈرگىلى بولىدۇ؟

خىزمەتتىكى ئانىلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، تۇغۇت دەم ئېلىشى تۈگەشتىن ئىلگىرى چوقۇم بوۋاققا ئېمىزگۈدە سۈت ئېمىشنى ئۆگىتىپ بولۇش كېرەك. شۇ سەۋەبتىن، ئانا خىزمىتىگە چىقىشتىن ئىلگىرىكى يېرىم ئاي ئەتراپىدا بوۋاققا ئېمىزگۈدە سۈت ئىچىشنى مەشىق قىلدۇرۇشنى باشلىسا بولىدۇ. ئەمما ساپ ئانا سۈتى بىلەن بېقىلىۋاتقان بوۋاقلارنىڭ ئىمىزگۈدە سۈت ئېمىشنى ئۆگىنىشى ئۇنچە ئاسان ئىش ئەمەس. شۇڭا تۆۋەندىكى ئۇسۇلدىن پايدىلانغان ئاساستا ئېلىپ بېرىش لازىم:

1. ئاۋۋال ئانا سۈتىنى ئېمىزگۈگە سېغىپ، بوۋاق سۈت ئېمىدىغان ۋاقىتتا بىۋاسىتە ئېمىزگۈ بىلەن بېرىش، بوۋاق ئەلۋەتتە ئېمىزگۈ بىلەن ئانا ئەمچىكىنىڭ ئوخشىماسلىقىنى ھېس قىلىپ، ئېمىشنى رەت قىلىشى مۇمكىن لېكىن قەتئىي داۋاملاشتۇرۇش.

2. سۈت ئېمىتكەندە ئانا ۋاقىتلىق ئايرىلىپ تۇرۇشى، باشقىلار ئانا ئورنىدا خىزمەت قىلىشى كېرەك. ئانا يېنىدا بولمىغاندا نۇرغۇن ئاۋارىچىلىقلارنى ئازلاتقىلى بولىدۇ. 

3. سۈت ئېمىش ھالىتىنى ئۆزگەرتىش مەسىلەن: بوۋاقنى يۆلەپ يۈزىنى سىرتقا قىلىپ ئولتۇرغۇزۇش ھالىتىنى قوللىنىش، بۇنىڭدا ئانا ئەمچىكىنىڭ بوۋاققا بولغان غىدىقلىنىشىنى ئازايتقىلى بولىدۇ.

4. بوۋاقنىڭ قورسىقى ئاچقان ۋاقىتنى تاللاپ مەشىق قىلدۇرۇش، بۇ ۋاقىتتا بوۋاق بەلكىم ئۇنچە كۆپ ئىشلارغا كۆڭۈل بۆلۈپ بولالماسلىقى مۇمكىن.

بوۋاقلارنى تاۋۇش چىقىرىشقا جەلپ قىلىش

يېرىم ياشقا كىرگەن بوۋاقلارغا تىلىنى مەشىق قىلدۇرۇشتا ئاساسلىقى تاۋۇش چىقىرىشقا دىققەت قىلىش كېرەك. ئىككى ئايلىق بولغان بوۋاقلاردا چوڭلارنىڭ سۆزىگە قارىتا ئىنكاس پەيدا بولۇشقا باشلايدۇ. چوڭلار بوۋاقلارغا بىر قىسىم ئاددىي سۆزلەرنى قىلغاندا، قايتا-قايتا بىر قانچە قېتىم ئېيتىپ ھەم قىزىقتۇرۇپ، ئۇنىڭ بىلەن «سۆزلىشىش» كېرەك. بوۋاقلار سۆزلەشكە باشلىغاندا، بىر قىسىم سوزۇق تاۋۇشلارنى تەلەپپۇز قىلىشقا باشلايدۇ. ناھايىتى ئاددىي، قىسقا ھالەتتە، ئۈزۈپ تۇرۇپ سۆزلەيدۇ. ئاستا-ئاستا ئاۋازىنى سوزۇشقا، كۆتۈرۈشكە، ئاندىن كېيىن بىر قىسىم ئۈزۈك تاۋۇشلارنى تەلەپپۇز قىلىشقا باشلايدۇ. بەش ئايلىق بولغاندا، سوزۇق تاۋۇش، ئۈزۈك تاۋۇشلاردىن قوشۇپ سۆزلىيەلەيدۇ. ئاندا-ساندا «ئاپا» دەپمۇ قويىدۇ. بوۋاقلار ئۆزى چىقارغان ئاۋازغا ناھايىتى قىزىقىدۇ. بىر ئادەمنىڭ دائىم يېنىدا تۇرۇپ گەپ قىلىپ بېرىشىنى ياخشى كۆرىدۇ. بەش ئايلىق بولغاندىن كېيىن لەۋ ۋە تىلى بىلەن ئاۋاز چىقىرىشقا باشلايدۇ، بەزى بوۋاقلار ئۆزلىرىنىڭ ئالاھىدە «تىلىنى يارىتىدۇ، ئۇخلاشتىن ئاۋۋال بىر خىل ئالاھىدە ئاھاڭ بىلەن ئۆزىنى بەزلەيدۇ. كۆزلىرىنى ئاللىقاچان يۇمۇۋالغان بولسىمۇ يەنە بىر نېمىلەرنى دەپ توختىمايدۇ. يېرىم ياشقا كىرگەن بوۋاقلارنىڭ تاۋۇش چىقىرىشقا بولغان قىزىقىشىنى قوزغاش ئۈچۈن، ئائىلە باشلىقلىرى مەقسەتلىك ھالدا:

1. كۆپ سۆزلەش، بوۋاق ئاۋۋال ئاڭلاشتىن باشلاش، قانچە كۆپ ئاڭلىغانسېرى، شۇنچە بالدۇر تىلى چىقىدۇ.

2. سۆزلىگەندە، بوۋاققا يۈزلىنىپ تۇرۇپ، مۇلايىملىق بىلەن سۆزلەش.

3. سۆزلىگەندە ئىخچام ھالدا قايتا-قايتا سۆزلەپ، بالىنىڭ قىزىقىشىنى قوزغاش.

4. بوۋاقلارنىڭ سۆزلىشىنىڭ توغرىلىقىنى بايقىغاندا مۇشۇ سۆزنى بالغا قايتا-قايتا دېگۈزۈپ، چوڭلارنىڭ تەلەپپۇزىنى دورىتىش كېرەك. 

بوۋاقلارنىڭ ئىپادىلەشنى ئۆگنىشى 

بوۋاقلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۇلارنىڭ چىقارغان دەسلەپكى ئاۋازى يىغىدىن ئىبارەت. ئۇلار ئازراق چوڭ بولغاندىن كېيىن ئۆزىنىڭ ئۇسۇلى ئارقىلىق كەيپىياتىنى ئىپادىلەشكە باشلايدۇ. ئۈچ ئايلىقتىن ئالتە ئايلىققىچە بولغان بوۋاقلار ئېغىزى ئارقىلىق ئەتراپتىكى شەيئىلەرنى ھېس قىلغاندا ئۆز-ئۆزىگە بىر نېمىلەرنى دەپ گۇڭرايدۇ. ئەگەر چوڭلار ئۇلارنىڭ تەلەپپۇزىنى دورىغاندا، ئۇلار خۇشال بولغان كەيپىياتىنى ئىپادىلەيدۇ ھەم شۇنداقلا بۇ مەزگىلدىكى بوۋاقلار چوڭلارنىڭ سۆزىنى تەپسىلىي، ئىنچىكىلىك بىلەن ئاڭلايدۇ ھەم چوڭلارنىڭ سۆزلىگەن سۆزى بىلەن بۇ سۆز كۆرسەتكەن شەيئىلەرنىڭ بىر-بىرىگە بولغان قارىمۇقارشىلىقىغا دىققەت قىلىدۇ. بوۋاقلار باشقىلارنىڭ ئۆزلىرى بىلەن ئالاقە قىلىشىغا ئېھتىياجلىق بولۇپ، توختىماستىن ئۇنىڭغا ئىلھام بېرىپ تۇرۇش كېرەك. ئەگەر بالىنى تېلېۋىزور ئالدىدا ئولتۇرغۇزۇپ قويغاندا، گەرچە تېلېۋىزوردىكى ئاۋازلار ئۇنىڭغا بەلگىلىك تەسىر قوزغىسىمۇ، بىراق بالىغا نىسبەتەن بۇ بىر پاسسىپ تىل ئۆگىنىش جەريانى. بالىلاردىكى ئۆگىنىشتە چوقۇم ئادەملەر بىلەن ئاكتىپ ھالدا ئالاقىلىشىشى كېرەك. ئۆزئارا ئالاقە جەريانىدا تەجرىبىگە ئىگە بولۇپ قالىدۇ.

بوۋاقنىڭ چاپىقىنى تازىلاپ قۇيۇش 

كۆز بوۋاقنىڭ دۇنيانى ھېس قىلىشىدىكى ئەينىكى بولۇپلا قالماستىن ھەمدە يەنە تۈزۈلۈشى مۇرەككەپ، زىل ھەم نازۇك بولغان مۇھىم ئەزاسى. شۇڭا كۆزنى ئاسراشتا چوقۇم ئېھتىيات قىلىش كېرەك. بوۋاقنىڭ چاپىقى كۆپرەك بولغاندا، ئانا ئاۋۋال قولىنى پاكىز يۇيۇۋېتىپ، ئاندىن پاكىز پاختا پىلتىكۈچكە بىر تامچە پاكىز سۇ تېمىتىپ، كۆز قۇيرۇقىنىڭ ئىچىدىن سىرتىغا قاراپ ئاستا سۈرتۈۋەتسە بولىدۇ. دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى، بىر كۆزىنى سۈرتۈپ بولغاندىن كېيىن، يەنە بىر كۆزىنى سۈرتۈشتە ئاۋۋال پاختا پىلتىكۈچنى ئالماشتۇرۇپ، ئىككى كۆزنىڭ ئۆزئارا يۇقۇملىنىشىدىن ساقلىنىش؛ بوۋاق ئېغىر بىرىكتۈرگۈچى پەردە ياللۇغى بولۇپ قالغاندا، چاپاقنى يىلتىزىدىن ئۆزگەرتمەكچى بولسا چوقۇم فىزىئولوگىيىلىك تۇز سۈيى ۋە پاختا پىلتىكۈچتە سۈرتۈش؛ ئۇنىڭدىن سىرت چاپاق بەك كۆپ ھەم پاكىز تازىلاشقا ئامالسىز قالغاندا ياكى كۆزدە غەيرىيىلىك كۆرۈلسە، ۋاقتىدا دوختۇرنى تەكشۈرۈپ داۋالاشقا تەكلىپ قىلىش كېرەك.

بوۋاقلارنى بېقىشبەش ئايلىقتىن كېيىنكى بوۋاقلارغا قۇرۇق لۆڭگە بىلەن ئۇۋۇلاش ئېلىپ بارسا بولىدۇ. قۇرۇق لۆڭگە بىلەن ئۇۋۇلاش دېگىنىمىز، بوۋاقنى كۈن نۇرى مۇنچىسى، ھاۋا مۇنچىسىغا چۈشۈرگەندىن كېيىن ياكى يۇغاندىن كېيىن پاكىز، يۇمشاق، سىپتا قۇرۇق لۆڭگە بىلەن تېرىسىنى ئۇۋۇلاش ئارقىلىق بوۋاقنىڭ تېرىسىنى چېنىقتۇرۇپ، قارشىلىق كۈچىنى ئاشۇرۇش ئۈنۈمىگە ئېرىشىشنى كۆرسىتىدۇ. قۇرۇق لۆڭگە بىلەن ئۇۋۇلاش بوۋاقنىڭ تېرىسىدىكى قىلدام قان تومۇرلارنى كېڭەيتىپ قان ئايلىنىشنى تېزلىتىدۇ. مېتابولىزمنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بەدەندىكى كېرەكسىز ماددىلارنىڭ چىقىرىۋېتىلىشىنى تېزلىتىدۇ، بوۋاقنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە قۇرۇق لۆڭگە بىلەن ئۇۋۇلىغاندا بوۋاقنىڭ يالىڭاچ بەدىنى ھاۋا بىلەن بىۋاسىتە ئۇچرىشىدۇ. بۇنىڭ بوۋاقنىڭ مۇھىتنىڭ ئۆزگىرىشىگە بولغان ماسلىشىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرگىلى، ئۇلارنىڭ زۇكامغا بولغان قارشىلىق كۈچىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ.

بوۋاقلارنى بېقىشبوۋاقلارنى قۇرۇق لۆڭگىدە ئۇۋۇلىغاندا تۆۋەندىكى مەسىلىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك .

ئادەتتە بوۋاق بەش-ئالتە ئايلىق بولغاندا ئاندىن قۇرۇق لۆڭگىدە ئۇۋۇلاپ بەرسە بولىدۇ. چۈنكى يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار ۋە كىچىك بوۋاقلارنىڭ تېرىسى يۇمران بولۇپ، قۇرۇق لۆڭگە بىلەن سۈرتۈشنىڭ كۈچلۈكرەك دەرىجىسىگە بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ 

 ئۇۋۇلىغاندا ئۆي تېمپېراتۇرىسى بەك يۇقىرى بولۇپ كەتسىمۇ، بەك تۆۋەن بولۇپ كەتسىمۇ بولمايدۇ. چۈنكى بەك يۇقىرى بولغاندا بوۋاق ئاسان تەرلەيدۇ، بەك تۆۋەن بولۇپ كەتسە ئاسان زۇكامدايدۇ. تېمپېراتۇرىنى ℃20 ئەتراپىدا كونترول قىلىش كېرەك.

ئىشلىتىدىغان لۆڭگە پاكىز، يۇمشاق بولۇش، بولمىسا بوۋاقنىڭ تېرىسىنى زەخىملەندۈرۈش يەنە يۇقۇملىنىش كەلتۈرۈپ چىقىرىشىمۇ مۇمكىن. 

قۇرۇق لۆڭگىدە ئۇۋۇلىغاندا ھەرىكەت تېز، كۈچلۈكلۈك دەرىجىسى مۇۋاپىق بولۇش، بوۋاقنىڭ تېرىسىنى زەخىملەندۈرۈپ قويۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. قۇرۇق لۆڭگىدە ئۇۋۇلاشنى ئەمدىلا باشلىغاندا، ۋاقتى ئەڭ ياخشىسى ئىككى مىنۇتتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى، بوۋاق ئاستا-ئاستا كۆنگەندىن كېيىن بەش مىنۇت ئەتراپىدا ئۇزارتىشقا بولىدۇ.   

بوۋاقلارنى قۇرۇق لۆڭگە بىلەن ئۇۋۇلاش ئادەتتىكى ئۇۋۇلاش ھەرىكىتى بىلەن ئوخشىمايدۇ، ئۇ پۈتۈن بەدەننىڭ تېرىسىنى نەزەردە تۇتۇپلا قالماي يەنە پەللە ئىزدەش قاتارلىق كەسپىي بىلىملەرنىڭ ھاجىتى يوق. ئىنتايىن ئەپچىل، قۇرۇق لۆڭگىدە ئۇۋۇلاش ئېلىپ بارغاندا بوۋاقنى كارىۋاتتا ياتقۇزۇپ، كىيىمىنى سالدۇرۇۋېتىپ، ئىشلىتىشكە تەييارلانغان پاكىز، يۇمشاق، قۇرۇق لۆڭگە بىلەن بوۋاقنىڭ پۈتۈن بەدىنىگە سۈركەپ چىقىلىدۇ. پۇت-قولىغا كەلگەندە پۇتنىڭ ئۇچى ۋە قولنىڭ بارماقلىرىدىن بەدەنگە قارىتىپ يەڭگىل سۈركىلىدۇ، دۈمبىنى ئۇۋۇلاشتا، تۆۋەندىن يۇقىرىغا قاراپ سۈرتسە بولىدۇ، قورساق قىسمىنى ئۇۋۇلاشتا، سائەت ئىستېرىلكىسىنىڭ ئوڭ يۆنىلىشى بويىچە ئېلىپ بارسا بولىدۇ لېكىن كۈچەشكە بولمايدۇ، بولمىسا بوۋاق ئۇنىمايدۇ. ئومۇمەن، قۇرۇق لۆڭگىدە بەدەننىڭ ئاخىرقى ئۇچلىرىدىن مەركەزگە قاراپ، تېرە قىزارغىچە ئۇۋۇلسا بولىدۇ.

بوۋاقلارنىڭ چېچىنىڭ شالاڭ ھەم سېرىق بۇلشى 

بەزى ئاتا-ئانىلار بوۋاقنىڭ چېچىنىڭ ھەم شالاڭ ھەم سېرىق ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ، بىر تەرەپتىن بوۋاقنىڭ ھامىلە ۋاقتىدا ياخشى يېتىلمىگەنلىكىدىن ئەنسىرىسە يەنە بىر تەرەپتىن بوۋاقنىڭ چوڭ بولغاندا چېچى ياخشى بولماسلىقتىن ئەنسىرەيدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئائىلە باشلىقلىرى بۇنىڭ ئۈچۈن ئەنسىرىمىسىمۇ بولىدۇ. بۇ خىل ئەھۋال ئىنتايىن ئومۇميۈزلۈك بولۇپ، بەزى كىشىلەر ئۇنى «بالىلار تاقىرلىقى» دەيدۇ. ئۇنىڭ ئانىنىڭ ھامىلىدار مەزگىلىدىكى ئوزۇقلۇقنىڭ ياخشى-يامانلىقى، كېسەللىك ئەھۋالى، ھامىلىدارلىقتىكى ئىنكاسى ۋە روھىي ھالىتى قاتارلىقلار بىلەن مۇناسىۋىتى يوق. ھامىلە بالىياتقۇدا بەش-ئالتە ئايلىق بولۇپ يېتىلگەندە پۈتۈن بەدىنى قويۇق ھامىلە تۈكى بىلەن قاپلىنىدۇ. كېيىن ئاستا-ئاستا چۈشۈپ كېتىدۇ. ئەگەر ھامىلە تۈكى بەك كۆپ چۈشۈپ كەتسە، تۇغۇلغاندىن كېيىن چېچى ئىنتايىن شالاڭ بولۇپ قالىدۇ. شۇڭا، «بالىلار تاقىرلىق» ھادىسىسى كۆرۈلىدۇ. بوۋاق چېچىنىڭ شالاڭلىقى ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىدىكى بىر خىل نورمال ۋاقىتلىق ئەھۋال. بوۋاق بىر ياش ئەتراپىدا نورمال چېچى بارا-بارا ئۆسۈپ چىقىپ، بەش-ئالتە ياشقا كىرگەندە ھەم قارا ھەم پارقىراق بولۇپ كېتىدۇ.

بوۋاقلارنىڭ سۈتتىن بىزار بۇلۇش سەۋەبى  

بوۋاقلارنىڭ سۈتتىن بىزار بولۇشنىڭ سەۋەبلىرى قايسىلار؟

بوۋاقلىق مەزگىلىدە سۈت بوۋاقلارنىڭ ئەڭ ئاساسلىق ئوزۇقلۇق مەنبەسى. سۈت ئىچكىلى ئۇنىمايدىغان ياكى بىر نەچچە يۇتۇم ئىچسىلا بىزارلىق ھېس قىلىپ يىغلايدىغان ئەھۋال كۆرۈلگەن ھامان ئاتا-ئانا ياكى ئائىلە باشلىقلىرىنىڭ ھەممىسى بەك جىددىيلىشىپ كېتىدۇ. ھالبۇكى بۇ ۋاقىتتا بوۋاقنىڭ سۈتتىن بىزارلىق ھېس قىلىشنىڭ سەۋەبىنى تېپىپ چىقىش كېرەك. بوۋاقلاردا سۈتتىن بىزار بولۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان كۆپ كۆرۈلىدىغان سەۋەبلەر تۆۋەندىكىدەك

1. ئانا نامۇۋاپىق يېمەكلىك ئىستېمال قىلىپ، ئانا سۈتىنىڭ تەمىدە ئۆزگىرىش بولۇپ قېلىپ، شۇنىڭدىن بوۋاق سۈتتىن بىزار بولغان. ئادەتتىكى ئەھۋالدا ئانا يېگەن يېمەكلىكنىڭ تەمى تەخمىنەن ئىككى سائەتتە سۈتكە كىرىدۇ بوۋاق سۈتنىڭ تەمىگە نىسبەتەن ئىنتايىن سەزگۈر، ئەگەر ئۇ ياخشى كۆرمەيدىغان تەم بولسا ياكى بىئاراملىق ھېس قىلدۇرسا مەسىلەن: قورساق ئاغرىش، قورساق كۆپۈش قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقارسا سۈتتىن بىزار بولۇش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ. كۆپ كۆرۈلىدىغان نامۇۋاپىق يېمەكلىكلەردىن ئاچچىق يېمەكلىكلەر مەسىلەن: قىزىلمۇچ، سامساق، كۈدە قاتارلىقلار، تەركىبىدە كوففېئىن بولغان يېمەكلىكلەردىن مەسىلەن: قەھۋە، قېنىق چاي، ئىچىملىك قاتارلىقلار بار. نامۇۋاپىق يېمەكلىكلەر كەلتۈرۈپ چىقارغان سۈتتىن بىزارلىق ئانا يېمەكلىك يەپ 24 سائەتكىچە ساقلىنىدۇ. ئەگەر ئانا بۇ خىل يېمەكلىكلەرنى يېيىشتىن توختىسا، بوۋاقنىڭ سۈتتىن بىزار بولۇش ئالامىتى ئاستا-ئاستا يېنىكلەيدۇ ياكى يوقايدۇ.

2. سۈنئىي بېقىلىدىغان بوۋاقلارغا نىسبەتەن سۈتنىڭ تېمپېراتۇرىسى مۇۋاپىق بولمىدىمۇ ياكى سۈت بېرىش قىياپىتى ياكى پوزىتسىيىسى ياخشى بولمىدىمۇ دېگەننى ئويلىشىش كېرەك. 

3. بوۋاق قوشۇمچە يېمەكلىكنى يەپ قورسىقى ئاللىقاچان تويۇپ قالدىمۇ-قانداق؟

4. بوۋاق ئاغرىپ قالدىمۇ مەسىلەن: نەپەسلىنىش يولى يۇقۇملىنىش، قۇلاق ياللۇغى، ئېغىز ياللۇغى قاتارلىقلار بىلەن كېسەللەندىمۇ؟ ئەگەر سەۋەبى ئېنىق بولمىسا ياكى بوۋاق ئاغرىپ قالسا دوختۇرغا كۆرسىتىپ تەكشۈرۈپ داۋالىتىش كېرەك.

بوۋاقلارغا سۇنى كۆپ بېرىۋېتىشنىڭ خەتىرى

بوۋاققا مۇۋاپىق مىقداردا سۇ تولۇقلاپ بېرىش ئۇلارنىڭ سالامەتلىكىگە ئىنتايىن پايدىلىق، لېكىن دەل كىشىلەرنىڭ دائىم «شەيئىلەر راۋاجلىنىپ چېكىگە يەتكەندە چوقۇم ئەكسىگە ئۆزگىرىدۇ» دېگىنىدەك، بوۋاققا زىيادە كۆپ سۇ بېرىش بوۋاقنىڭ سالامەتلىكىگە پايدىسىز بولۇپلا قالماي يەنە بوۋاقنىڭ سالامەتلىكىگە زىيان سالىدۇ. ئاساسلىق ئىپادىسى تۆۋەندىكى بىر قانچە تەرەپتە ئىپادىلىنىدۇ:

1. بۆرەكنىڭ ۋەزىپىسىنى ئېغىرلىتىۋېتىدۇ. بوۋاق تېنىدىكى ئارتۇقچە سۇ كۆپىنچىسى بۆرەك ئارقىلىق سۈيدۈك شەكلىدە بەدەن سىرتىغا چىقىرىلىشقا موھتاج، ئەگەر تولۇقلانغان سۇ مىقدارى بەك كۆپ بولۇپ كەتسە، مۇقەررەر ھالدا بۆرەكنىڭ ۋەزىپىسىنى ئارتتۇرۇۋېتىدۇ.

2. ئاشقازان ئىقتىدارىنى قالايمىقانلاشتۇرۇۋېتىدۇ. سۇنى كۆپ بېرىۋەتكەنلىكتىن بوۋاقنىڭ ئاشقازىنىدىكى ھەزىم قىلىش سۇيۇقلۇقىنىڭ قويۇقلۇقى تۆۋەنلەپ، ئاشقازاننىڭ ۋەزىپىسىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ، ۋاقىت ئۇزارغاندىن كېيىن ئاشقازان شىلىمشىق پەردىسىگە زىيان يەتكۈزىدۇ ھەتتا ئاشقازان ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

3. پات-پات سىيىش ياكى سىيىپ يېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بوۋاق بالىلارنىڭ نېرۋا سىستېمىسى مۇكەممەل يېتىلمىگەنلىكتىن سۈيدۈك ئاجرىتىش ئىقتىدارىمۇ مۇكەممەل بولمايدۇ. بەك كۆپ مىقداردا سۇ بەرگەندە پات-پات سىيىش ياكى سىيىپ يېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

4. سۇدىن زەھەرلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئەگەر بىر قېتىم ياكى ئارقا-ئارقىدىن كۆپ قېتىم بەك كۆپ مىقداردا سۇ تولۇقلىسا، بۆرەك ئۇلارنى ۋاقتىدا بەدەن سىرتىغا چىقىرىۋېتىشكە ئامالسىز قېلىپ، كۆپ مىقداردىكى سۇ بەدەندە ساقلىنىشتىن سۇدىن زەھەرلىنىش كېلىپ چىقىشى مۇمكىن. يېنىكلىرىنىڭ ئىپادىسى چارچاپ ھالسىز بولىدۇ. ئېغىر بولغاندا ئەس-ھوشى خىرەلىشىش، تەپەككۇرى توسقۇنلۇققا ئۇچراش قاتارلىقلار كۆرۈلىدۇ. ئەمما بۇنداق ئەھۋال نىسبەتەن ئاز. شۇ سەۋەبتىن بوۋاقلارغا سۇنى قانچە كۆپ تولۇقلىسا شۇنچە ياخشى بولماستىن، مۇۋاپىق مىقداردا تولۇقلاش بىلەن چەكلىنىش كېرەك.

 ئانىلار كۆپ مىقداردىكى ئاتروپىننى ئىشلەتكەندە ئوخشاشلا ئېمىۋاتقان بالىمۇ ئاتروپىندىن زەھەرلىنىدۇ ۋە يۈرەك سوقۇشى نورمالسىزلىشىپ، يۈزلىرى قىزىرىپ، نەپەس ئېلىشى تېزلىشىپ كېتىدۇ. قالقانسىمان بەز ئىقتىدارى كۈچىيىپ كېتىش كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ئانىلار مېتىل تىئوئۇراتسىل تۈرىدىكى دورىلارنى ئىشلىتىشكە ئېھتىياجلىق بولغاندا، ئۇنىڭ سۈتىدىمۇ دورىلارنىڭ قويۇقلۇق دەرىجىسى ئىنتايىن يۇقىرى بولىدۇ. ئەگەر بالىلار بۇ خىل دورا مىقدارى يۇقىرى بولغان سۈتنى ئەمسە، پۈتۈن بەدىنىگە ئەسۋە چىقىپ كېتىدۇ ياكى قاندىكى ئاق قان ھۈجەيرىلىرى ئازلاپ كېتىدۇ. بالىنىڭ ئەگەر پېنىتسىللىن قاتارلىق دورىلارغا زىيادە سېزىمچانلىقى بولسا، بۇ خىل دورىنى ئىستېمال قىلغان ئانىنىڭ سۈتىنى ئەمگەن بالىلاردىمۇ پېنىتسىللىنغا قارىتا زىيادە سېزىمچانلىق بولىدۇ، خلورومىتسېتىن قاتارلىق دورىلارمۇ بوۋاق كىلىكىنىڭ قان ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىغا تەسىر كۆرسىتىپ، كۈرەڭ بوۋاق سىندۇرمى كېلىپ چىقىرىش خەتىرى بار.

بوۋاقلار قىزىغاندا 

بوۋاق قىزىغاندا، ئاتا-ئانا ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ تەكشۈرۈپ، كېسەل سەۋەبىنى ئېنىقلاپ، مۇناسىپ ھالدا داۋالاش ئېلىپ بېرىشى كېرەك. ھالبۇكى دائىم بەزى ئاتا-ئانىلار بوۋاقنىڭ يۇقۇملىنىپ قېلىشىدىن قورقۇش قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن دوختۇرخانىغا بېرىشقا ئۇنىمايدۇ. ئائىلىدە پەقەت بىر قىسىم ئاددىي تېمپېراتۇرا چۈشۈرۈش ئۇسۇللىرىنى قوللىنىش ياكى قىزىتما ياندۇرۇش دورىلىرىنى ئىشلىتىش ئارقىلىق بوۋاقنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ۋاقىتلىق چۈشۈرىدۇ. بۇنداق قىلغاندا كېسەلنى ۋاقتىدا بايقىيالماي، شۇنىڭدىن كېسەللىك ئەھۋالىنى كېچىكتۈرۈۋېتىدۇ. شۇڭا ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ داۋالىتىش ئىنتايىن مۇھىم.

 بوۋاقلارنى ئۇۋۇلىغاندا

بوۋاقلارنى ئۇۋۇلاشتا تۆۋەندىكى تەرەپلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك:

1. بوۋاقلارنى ئۇۋۇلاشنى ئېمىتىپ 1 ~ 5.1 سائەتتىن كېيىن ياكى يۇيۇپ بولغاندىن كېيىن ئېلىپ بېرىش، ئەمدىلا ئېمىپ بول

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#