ئۇنتۇغاقلىق

ئۇنتۇغاقلىق

ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا، ئۇنتۇغاقلىق چوڭ مېڭىنىڭ تەپەككۇر قىلىش ئىقتىدارى ۋاقىتلىق توسالغۇغا ئۇچراش. شۇڭا كېسەللىك ئالامەتلىرى ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ تەبىئىي يوقاپ كېتىدۇ. بۇ خىل ئالامەت بەزىدە قارىماققا دېۋەڭلىك كېسىلىگە ناھايىتى ئوخشاپ كېتىدىغان بولۇپ ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى ئېغىر تەسىرگە ئۇچرايدۇ. ئۇلار بىر-بىرىگە ئوخشاشمايدىغان ئىككى خىل كېسەللىك. تېبابەتتە ۋاقىتلىق ئەستە تۇتۇش توسالغۇسى دەپ ئاتايدۇ. 

غەرب تېبابىتى نامى ئۇنتۇغاقلىق
كېسەللىك سەۋەبى مېڭە قىزىل قان تومۇرى قېتىشىشىدىن
كۆپ كۆرۈلىدىغانلار 40 ياشتىن يۇقىرى كىشىلەر
يۇقۇملىنىشى يۇقمايدۇ
ئىنگلىزچە نامى amnesia
ئاساسلىق ئالامىتى سۆز ۋە ئىش-ھەرىكەتنى ئۇنتۇپ قېلىش
خەنزۇچە نامى 健忘症
تەۋە بۆلۈم نېرۋا ئىچكى بۆلۈمى
باشقىچە نامى ئۇنتۇغاقلىق كېسىلى , ئۇنۇتقاقلىق كېسىلى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئۇنتۇغاقلىقئۇنتۇغاقلىق كېسىلى دىگىنمىز  مەسىلەن سىز ئاچقۇچنى ئىزدىمەكچى بولسىڭىز پۈتۈن ئۆينى ئاستىن ئۈستۈن قىلىپ ئىزدەيسىز ، ئەمەلىيەتتە ئاچقۇچ  بولسا قولىڭىزدىمۇ؟  سىز سىرتقا چىققاندا  گازنى ئەتمىدىڭىزمۇ؟ بانكىغا بېرىپ پۇل ئالماقچى بولغاندا تۇيۇقسىز مەخپىي نومۇرنى ئۇنتۇپ قالدىڭىزمۇ؟ بۇ خىل ئەھۋاللار كۆرۈلسە سىزدە ئۇنتۇغاقلىق  كېسىلى بولغان بولىدۇ. ئۇنتۇغاقلىق كېسىلى قانداق كېسەل؟ تېببىي ساھەدە ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى ۋاقىتلىق توسقۇنلۇققا ئۇچراش بولسا ئۇنتۇغاقلىق كېسىلى دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ خىل كېسەل ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ ساقىيىدۇ.ئۇنتۇغاقلىق كېسىلىنىڭ سەۋەبلىرى كۆپ خىل بولۇپ ئاساسلىقى ياشقا مۇناسىۋەتلىك يېقىنقى  يىللاردا  يېشى كىچىكلەردىمۇ بۇخىل كېسەللىك پەيدا بولماقتا.لېكىن ياشلارغا نىسبەتەن ئوتتۇرىچە يېشى 40 ياشتىن يۇقىرى كىشىلەردە كۆپ كۆرىلىدۇ.ئادەمنىڭ ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى 20 ياشنىڭ ئالدى كەينىدە ياخشى بولىدۇ.ئۇندىن كېيىن تەدرىجىي ئاجىزلايدۇ.[0]

سەۋەبى: بۇ كېسەللىك، ياشلاردا مېڭىنىڭ ئاجىزلىقى ياكى مىجەزنىڭ ھۆل سوغۇقلۇقى ئېشىپ كېتىش، ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغانلاردا مېڭە قىزىل قان تومۇرى قېتىشىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

ئالامىتى: سۆز ۋە ئىش-ھەرىكەتنى ئۇنتۇپ قېلىش ھەم ئەسكە ئالالماسلىق قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.

1-رېتسېپ

تەركىبى: جەدۋارچىنى، تۆشۈكسىز مەرۋايىت، ئۇزۇن پىلپىل، ساپ كەھرىۋا تۆت گىرامدىن، قارىمۇچ، زەنجىۋىل، خولىنجان، نېپىز دارچىن، ئاق بەھمەن، قىزىل بەھمەن، ئۇد قىمارى، ئۇدخام، قەلەمپۇر، كاۋاۋىچىن سەككىز گىرامدىن، سۆئلەپ، شاقاقۇل، بادرەنجى بۇيا ئۇرۇقى 15 گىرامدىن، زەپەر ئىككى گىرام، شېكەر، سۇ مۇۋاپىق مىقداردا.

تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، شېكەرنى قاينىتىپ قىيام قىلىپ، دورىلارنى قىيام بىلەن بىلەن خېمىر قىلىپ، پۇرچاقتەك چوڭلۇقتا كۇمىلاچ تەييارلىنىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا تۆت تالدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.

2-رېتسېپ

تەركىبى: قىرقىلغان پىلە 120 گىرام، ئالتۇن، كۈمۈش تاۋلىغان سۇ ئالتە مىللىلىتىردىن، گاۋزىبان، پەرەنجىمىشكى، قىزىلگۈل، سۇمبۇل، ئاق شېكەر، مەرۋايىت، كەھرىۋا، ياقۇت ئالتە گىرامدىن، ئاق سەندەل سەككىز گىرام، تاباشىر توققۇز گىرام، ئەنبەر ئۈچ گىرام، ئىپار ئىككى گىرام.

تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، ئالتۇن، كۈمۈش تاۋلانغان سۇدا قەنتنى قىيام قىلىپ، باشقا دورىلارنى قىيامغا ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە بىر قېتىم، ھەر قېتىمدا يەتتە گىرامدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.

3-رېتسېپ

تەركىبى: كۈندۈز، ئېگىر، سەئدى كوپى 30 گىرامدىن، قارىمۇچ، زەنجىۋىل 15 گىرامدىن، ھەسەل ئىككى ياكى ئۈچ ھەسسە، دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ مەجۈن.

تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا ئۈچ گىرامدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ. 

 بۇ كېسەللىكتە كېسەل كىشىنىڭ ئەستە تۇتۇش، پىكىر قىلىش قابىلىيىتى تۆۋەنلەيدۇ، بۇ ئۈچ خىل بولىدۇ:

بىرىنچى خىلى

ئۇنتۇغاقلىقئەسلەپ يادىغا كەلتۈرۈش ياكى ئاڭلىغاننى، كۆرگەننى يادىدا تۇتۇشنىڭ تۆۋەنلىشىشى، بۇنىڭدا كېسەلنىڭ ھەممە ھېسلىرى ساق بولىدۇ، ھەر نەرسىنى كۆرسە توغرا كۆرىدۇ، توغرا ئاڭلايدۇ، لېكىن كۆرگەن ۋە ئاڭلىغان نەرسىلەرنى تىزدىن ئۇنتۇپ قالىدۇ.

سەۋەبى: مىڭىنىڭ يادىدا تۇتۇش قىسمىغا سوغۇقلۇق ۋە ھۆللۈك غەلىبە قىلغان بولىدۇ، شۇڭا ئۇنىڭغا ئورۇنلاشقان سېزىم ساقلانمايدۇ، چۈنكى ئەستە ساقلاش نورمال قۇرۇقلۇق بولۇشى بىلەن ئىشقا ئاشىدۇ.

ئالامىتى : كۆپ ئۇخلايدۇ، باش ئېغىر بولىدۇ، بولۇپمۇ باشنىڭ تۆۋەن تەرىپىدە، داۋاملىق ھۆللۈك ئۈستۈنلۈكتە تۇرىدۇ.

داۋالاش: ئالدى بىلەن مىڭىنى تازىلاش ئۈچۈن ئىنچىكە قەنتەرىيۇن، فۇپەل، شەھمەنزەل، جاۋاشىر، توغرىغۇ سىلكىپ تىز ھەمەل قىلىش، ئەگەر ھەمەل كۇپايە قىلمىسا ئايارەج پەيقىرا ۋە مىڭىنى تازىلىغۇچى كاشكاپلارنى بېرىش؛ قىچا، سىيادان، ئاقىرقەرھالارنى قاينىتىپ، ھەسەل قوشۇپ غار-غار قىلىش لازىم، تۇربۇت، قۇندۇز، قەھرىلەرنى يۇمشاق ئېزىپ، بۇرۇنغا پۈركۈش مىڭىنى تازىلاشتا بەك مەنپەئەتلىك، لېكىن بۇنى ھەمەلدىن ياكى سۈرگە دورىلارنى ئىچكەندىن كىيىن ئىستېمال قىلىش كېرەك. پۈتۈنلەي تازىلىغاندىن كىيىن مىزاجنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن توغرىغۇ، قىچا، قۇندۇزقەھرى، ياۋا سۇزاپ قاتارلىقلارنى ئېزىپ، ياۋا پىياز سىركىسى، سەۋسەن يىىغىغا قوشۇپ، باشنىڭ ئارقا تەرىپىگە چېپىش لازىم، بالادۇر، ئىگىر سېلىنىدىغان ئىسسىق مەجۈنلەرنى بېرىش كېرەك، بۇ خىلدىكى مەجۈن بۇ كېسەللىكتە بەك مەنپەئەت قىلىدۇ.

ئۇنتۇغاقلىق كېسىلى بىرىنچى خىلىنىڭ ئىككىنچى بىر تۈرى 

مىڭىنىڭ ئەستە تۇتۇش قىسمىدا سوغۇقلۇق ۋە قۇرۇقلۇق ئۈستۈنلۈكتە تۇرغانلىقتىن، مىڭىنىڭ بىر نەرسىنى ئۆزىگە قوبۇل قىلىشى ئاجىزلايدۇ، بۇ خىلدىكىسى بىرىنچى خىلغا نىسبەتەن كەم ئۇچرايدىغان ئەھۋالدۇر.

ئالامىتى: داۋاملىق ئۇيقۇسىز بولىدۇ، مېڭە داۋاملىق قۇرغاقلىشىپ تۇرغاندەك سىزىلىدۇ، كېسەل كىشى تىز ۋە ئۈزمەي ئارقا-ئارقىدىن سۆزلەيدىغان بولۇپ قالىدۇ، بەزىدە خۇددى بىر ئادەم گېلىنى بوغقاندەك بېشىنى ئارقا تەرەپكە تارتىدۇ.

داۋالاش: ئالدى بىلەن مىڭىنى ھۆللەشتۈرۈش ۋە قىزىتىش ئۈچۈن مېكىيان، قۇش باچكىلىرى ياكى پاقلان گۆشى بىلەن تەييارلانغان شورپا بېرىش، تاتلىق بادام، بابۇنە يېغى بىلەن ماڭلاي ۋە چېكىنى ياغلاش لازىم، قوي كاللىسىنى قايناتقان سۇنى ياكى بابۇنە، زىغىر ئۇرۇقى، بىنەپشىلەرنى قايناتقان سۇلارنى بەدەن كۆيمىگۈدەك ھالدا مىڭىنىڭ شۇ جايىغا قۇيۇش لازىم.

ئىككىنچى خىلى:

تونۇش:   بۇ كېسەللىك بىلەن ئاغرىغان كىشىلەر بۇزۇق ۋە ناتوغرا نەرسىلەرنى ئويلايدۇ، ياكى شەيئىلەرنى ئويلاشقا توغرا پىكىر قىلىشقا قۇدرىتى يەتمەيدۇ.

سەۋەبى:  بۇنىڭغا مىڭىنىڭ پىكىر قىلىش قىسىمىدا سوغۇقلۇق ۋە ھۆللۈك غەلىبە قىلىپ شۇ جايىنى سوۋۇتۇشى؛ مىڭىنىڭ پىكىر قىلىش قىسىمىنى سوغۇقلۇق بىلەن قۇرۇقلۇق بىردەك ئىگىلىشى ؛نوقۇل سوغۇقلۇق ئۈستۈنلۈككە ئىگە بولۇشى؛ئادەتتىن تاشقىرى ئىسسىقلىقنىڭ ئۈستۈنلۈككە ئىگە بولۇشىغا ئوخشاش تۆت خىل ئامىل سەۋەبچى بولىدۇ.

ئالامىتى:كېسەللىكنىڭ سەۋەبى سوغۇقلۇق ۋە ھۆللۈك بولسا، باشنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئېغىرلىق ھېس قىلىنىدۇ؛ قۇرۇقلۇق ۋە ئىسسىقلىق بولسا، باشنىڭ ئوتتۇرا قىسىمى قۇرغاقلىشىپ تۇرغاندەك سىزىدۇ.

داۋالاش: سەۋەبى ۋە ئالامىتىگە ئاساسەن چاپىدىغان ۋە ياغلايدىغان، ھۆللەشتۇرىدىغان دورىلارنى ئىشلىتىش لازىم.

ئۈچىنچى خىلى

ئۇنتۇغاقلىقبۇ كۆرگەن ۋە ئاڭلىغان نەرسىلەرنىڭ سۈرەتلىرىنى ئەستە قالدۇرۇشنىڭ بۇزۇلۇشىدىن ئىبارەت بولۇپ ئىككى خىلغا بۆلۈنىدۇ: بىرىدە شەيئىلەرنى خىيالىغا كەلتۈرۈش پائالىيىتىدە كەمچىللىك ۋە ئاجىزلىق يۈز بىرىدۇ؛ يەنە بىرىدە يۇقىرىقى پائالىيەت پۈتۈنلەي بۇزۇلۇپ يوقىلىدۇ.

خىيال دەپ سىرتقى سىزىملەردىن كېلىپ، مىڭىنىڭ ماڭلاي قىسمىغا (ھىسسي مۇشتەرەك تۇيغۇلار توپلىشىش ئورنىغا) ئورۇنلاشقان سۈرەت (تەسۋىر) يەرنى ساقلاش ئورنىغا ئېيتىلىدۇ، ئۇنىڭ خىزمىتى خىيالىنىڭ پائالىيىتى دەپ ئاتىلىدۇ.

خىيال پائالىيىتى زىيانغا بۇزۇلغانلىقنىڭ ئالامىتى شۇكى، بۇنداق ئادەم زادىلا چۈش كۆرمەيدۇ، چۈش كۆرسىمۇ ھەرگىز يادىدا تۇرمايدۇ، كۆرگەن نەرسىلەر كۆزدىن يىراقلاشقان ھامانلا ئۇلارنىڭ شەكلىنى ئۇنتۇپ قالىدۇ، ھەتتا سۆزى ئېغىزىدىن چىقىپ بولغاندىن كېيىنلا نېمە دېگەنلىكى، كۆرگەن نەرسىلەر كۆزدىن غايىب بولۇشى بىلەنلا نېمىنى كۆرگەنلىكىنى ئۇنتۇپ قالىدۇ.

داۋالاش: يۇقىرىدا ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى بۇزۇلۇشىنى داۋالاشتا ئېيتىلغان ئۇسۇل-چارىلەرنى قوللىنىش لازىم.

يەنە بىر خىل خىيال پائالىيىتى بۇزۇلۇش كېسەللىكى بولۇپ، ئاغرىق ئادەم ئەمەلىيەتتە مەۋجۇت ئەمەس نەرسىلەرنى خىيالىغا كەلتۈرىدۇ ياكى ئەمەلىيەتتە يوق نەرسىنى كۆرىدۇ. مەسىلەن: بىر سۈرەتنى تەسەۋۋۇر قىلغاندا، ئۇنىڭ يېرىمىنى ئادەم، يېرىمىنى ئاتقا ئوخشاش ئويلايدۇ ياكى باشسىز ياكى ئىككى بېشى بار دەپ پەرەز قىلىدۇ.

سەۋەبى: نوقۇل ئىسسىق مىزاج ئۆزگىرىشى ياكى سەپرا خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش مىڭىنىڭ ئالدى تەرىپىدىن ئۈستۈنلۈككە ئىگە بولىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن باشنىڭ ئالدى تەرىپى ئىسسىق بىلىنىدۇ، بۇرۇننىڭ ئىككى تۆشۈكى قۇرۇق بولىدۇ، رەڭ ۋە ئوتلار خىيالىغا كېلىدۇ.

داۋالاش : مىزاجنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن شەربىتى بىنەپشە، شەربىتى نىلۇپەرلەرگە قىزىلگۈل ئەرقى ياكى بىدىمىشىكى ئەرقى ياكى سوغۇق سۇ قوشۇپ ئىچىش لازىم ۋە سەپراۋى سەرسامدا كۆرسىتىلگەن چاپىدىغان، ياغلايدىغان، قاينىتىپ باشقا قۇيىدىغان دورىلارنى باشنىڭ ئالدى تەرىپىگە ئىشلىتىش، ماددا خاراكتېرلىك بولغاندا، ئالدى بىلەن ئىچىنى يۇمشاتقۇچى ھەمەل ھېلىلە كاشكاپى ۋە شۇنىڭغا ئوخشاشلار ئارقىلىق ماددىنى تازىلاش، ماددىنى تازىلىغاندىن كىيىن مىزاجنى ئۆزگەرتىشكە تىرىشىش كېرەك. 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

تېببىي جەۋھەر تورىدىن ئېلىندى 

http://www.tibbiyjawhar.com/html/2014/kesellik_0313/233.html

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

تېببىي جەۋھەر تورىدىن ئېلىندى

http://www.tibbiyjawhar.com/html/2014/kesellik_0313/233.html

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#