كايمان تاقىم ئاراللىرى

كايمان تاقىم ئاراللىرى

كارايىب دېڭىزىنىڭ غەربىي شىمالى بىلەن يامايكىنىڭ 290 كىلومېتىر غەربىي شىمالىغا جايلاشقان ئاراللارنى كۆرسىتىدۇ، بۇ ئاراللار چوڭ كايمان، كايمان بىراك، كىچىك كايمان قاتارلىق ئاراللارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 

نامى كايمان تاقىم ئاراللىرى
يەر مەيدانى 259 كۋادرات كىلومېتىر
چەتئەلچە نامى Cayman Islands
خەنزۇچە نامى 开曼群岛
نوپۇسى 18 مىڭ 750 كىشى(1983)
مەركىزى گېئورگى تاۋون شەھىرى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

كايمان تاقىم ئاراللىرىكارايىب دېڭىزىنىڭ غەربىي شىمالى بىلەن يامايكىنىڭ 290 كىلومېتىر غەربىي شىمالىغا جايلاشقان ئاراللارنى كۆرسىتىدۇ، بۇ ئاراللار چوڭ كايمان، كايمان بىراك، كىچىك كايمان قاتارلىق ئاراللارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مەيدانى 259 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. ئاھالىسى 18 مىڭ 750 كىشى(1983) . بۇنىڭ ئىچىدە نېگىرلار % 25 نى، ئاق تەنلىكلەر %20 نى، ئارىلاش قان سىستېمىسىدىكىلەر %55 نى، قالغىنىنى باشقىلار تەشكىل قىلىدۇ. ئىنگلىز تىلىنى ئورتاق قوللىنىدۇ، خرىستىئان دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. مەركىزى گېئورگى تاۋون شەھىرى.

كايمان ئاراللىرى تروپىك دائىرىسىگە جايلاشقانلىقى ئۈچۈن، يىللىق ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى ℃25 ئەتراپىدا بولىدۇ، يىللىق ھۆل-يېغىن مىقدارى 1400 مىللىمېتىردىن ئاشىدۇ.

كايمان تاقىم ئاراللىرى كايمان ئاراللىرىغا 1503-يىلى كولۇمبو كەلگەن، كېيىنكى خېلى ئۇزۇن مەزگىلگىچە بۇ ئاراللارغا كىشىلەر ئولتۇراقلاشمىغان. 1670-يىلى ئەنگلىيىنىڭ مۇستەملىكىسى بولغان، ئەمما يامايكا باش ۋالىيىسىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولغان. 1962-يىلى 8-ئايدا يامايكا مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن كايمان ئاراللىرى يەنىلا ئەنگلىيىنىڭ مۇستەملىكىسى بولۇپ قېلىۋەرگەن. ھازىر ئەنگلىيىنىڭ ئايال پادىشاھى تەيىنلىگەن باش ۋالى بۇ ئاراللارنى باشقۇرىدۇ. ئىقتىسادىي جەھەتتە بېلىقچىلىق ئاساسىي ئورۇننى ئىگىلەيدۇ، ئۇنىڭدىن قالسا پۇل-مۇئامىلە ئىشلىرى بىلەن ساياھەتچىلىكمۇ خېلى مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. ئاز قىسىم جايلىرىدا تروپىك مېۋىلىرى ئۆستۈرۈلىدۇ. 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#