مەكتەپ تورى مۇداپىئە تېمى قۇرۇلمىسى

مەكتەپ تورى مۇداپىئە تېمى قۇرۇلمىسى

ھازىر كۆپ قىسىم مەكتەپلەردە مەكتەپ كومپيۇتېر تورى بەرپا قىلىندى. مەكتەپنىڭ ئوقۇ-ئوقۇتۇش ئىشلىرى بىخەتەرلىكى، سىرت بىلەن ئالاقىلىشىش مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، تور مۇداپىئە تېمى ئىشلىتىش زۆرۈر.

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

مەكتەپ تورى مۇداپىئە تېمى قۇرۇلمىسىھازىر كۆپ قىسىم مەكتەپلەردە مەكتەپ كومپيۇتېر تورى بەرپا قىلىندى. مەكتەپنىڭ ئوقۇ-ئوقۇتۇش ئىشلىرى بىخەتەرلىكى، سىرت بىلەن ئالاقىلىشىش مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، تور مۇداپىئە تېمى ئىشلىتىش زۆرۈر.

مۇداپىئە تېمى بولسا تور بىخەتەرلىكىنىڭ كاپالىتى. بىر مۇداپىئەتېمى (چەكلەش، كونترول قىلىش نۇقتىسى) بىر ئىچكى تورنىڭ بىخەتەرلىكىنى غايەت زور دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈرۈپلا قالماستىن، يەنە تاسقاش ئارقىلىق بىخەتەر بولمىغان مۇلازىمەتنىڭ خەتىرىنى تۆۋەنلىتىدۇ. يەنە كۆڭۈل قويۇپ تاللانغان كېلىشىمنى ئىشلىتىش ئارقىلىق، قۇرۇلغان مۇداپىئە تېمى بولغاندىلا ئاندىن تور مۇھىتىنى ئەڭ بىخەتەر ھالەتكە كەلتۈرگىلى بولىدۇ. 

مۇداپىئە تېمى لايىھەلەشتە تۆۋەندىكى پىرىنسىپلار بويىچە سەپلىسە تورنىڭ بىخەتەرلىكىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ.

بىرىنچى. مەكتەپ تور بىخەتەرلىكى ئىستراتېگىيەسى ۋە بىخەتەرلىك نىشانىغا ئاساسەن توغرا بولغان بىخەتەرلىك تاسقاش پىرىنسىپىنى لايىھەلەش، IP ساندان بولىقىنىڭ (كېلىشىم، ئېغىز، مەنبە ئادرېسى، نىشان ئادرېسى، ئېقىش يۆنىلىشى) پىرىنسىپىنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش، ئاممىۋى خاراكتېرلىك تورلارنىڭ مەكتەپ تورىغا بولغان قانۇنسىز زىيارىتىنى قاتتىق چەكلەش، ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا «رۇخسەت قىلىنمىغان مۇلازىمەتلەرنى قاتتىق چەكلەش» پىرىنسىپىغا بويسۇنۇش لازىم.

ئىككىنچى. بىخەتەرلىك تېمىنى ئورناتقاندا ئىچكى قىسىم تور ئادرېسى ئارقىلىق روتېرغا بۆسۈپ كىرىدىغان IP بولىقىنى سۈزۈپ قالغىلى ھەمدە ساختا ئادرېس ۋە مەنبە تىپىدىكى ھۇجۇمدىن ساقلانغىلى بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە قانۇنسىز IP ئارقىلىق ئىچكى توردىن ئايرىلىپ چىققان IP بولىقىنى سۈزۈۋېلىپ ئىچكى تورنىڭ سىرتقا بولغان ھۇجۇمىدىن مۇداپىئەلەنگىلى بولىدۇ.

ئۈچىنچى. بىخەتەرلىك تېمى ئاساسىدا قۇرۇلغان ئىچكى توردىكى كومپيۇتېرلارنىڭ IP  ئادرېسى ۋە MAC ئادرېسىنىڭ ماسلىشىشچانلىقى ئارقىلىق IP ئادرېسى ئوغرىلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا بولىدۇ.

تۆتىنچى. تار دائىرىلىك تورنىڭ كىرىش ئېغىزىغا بىخەتەرلىك تېمى ئورنىتىلسا، ھەمدە VPN ئىقتىدارى ئەمەلگە ئاشۇرۇلسا، مەكتەپ تورىنىڭ كىرىش ئېغىزىغا بىرىنچى قەۋەت بىخەتەرلىك توسۇقىنى شەكللەندۈرىدۇ، VPN بولسا باشقۇرغۇچىنىڭ ئۆيدە ياكى سىرتقا چىققاندا بىخەتەر ھالدا ساندانغا كىرەلىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ.

بەشىنچى. قەرەللىك ھالدا بىخەتەرلىك تېمىنىڭ زىيارەت قىلىش خاتىرىسىنى تەكشۈرۈپ، ھۇجۇم خاراكتېرلىك پائالىيەتلەرنى ۋە نامۇۋاپىق تورغا چىقىش خاتىرسىنى بايقاش كېرەك.

ئالتىنچى. كومپيۇتېرغا سەپلەنگەن تور كارتىسىنىڭ سەپلىمىسى رۇخسەت قىلغان ئەھۋال ئاستىدا بىخەتەرلىك تېمىنى شۇنىڭغا ماسلاشتۇرۇپ ئارقىلىق بىخەتەرلىك تېمىنىڭ بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇشىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ.

بىخەتەرلىك تېمى ئۇقۇمى ئوتتۇرىغا قويۇلغاندىن كىيىن ئۇ تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلدى، كىشىلەر مەشغۇلات سىستېمىسى تېخنىكىسى، روتېر تېخنىكىسى، مەخپىيلەشتۈرۈش تېخنىكىسى، زىيارەتنى كونترول قىلىش تېخنىكىسى قاتارلىق ئىلغار ۋاسىتىلەرنى مۇداپىئە تېمى مەھسۇلاتلىرىنى ئېچىش جەريانىغا ئىشلەتتى.

ئادەتتە مۇداپىئە تېمىنىڭ تەرەققىياتى تۆۋەندىكىدەك تۆت باسقۇچقا بۆلۈنىدۇ:

روتېرنى ئاساس قىلغان مۇداپىئە تېمى 

كۆپ ساندىكى روتېرلارنىڭ ئۆزى گۇرۇپپىلارغا بۆلۈپ فىلتىرلاش ئىقتىدارى بولغانلىقتىن، تور زىيارەت قىلغاندىكى كونتروللاش ئىقتىدارى روتېر ئارقىلىق كونتروللاشنى ئەمەلگە ئاشۇرالايدۇ، مۇشۇنىڭغا ئوخشاش گۇرۇپپىلارغا بۆلۈپ فىلتىرلاش ئىقتىدارىغا ئىگە روتېر بىرىنچى ئەۋلاد مۇداپىئە تېمى مەھسۇلاتى دەپ ئاتىلىدۇ.

بىرىنچى ئەۋلاد مۇداپىئە تېمى مەھسۇلاتىنىڭ تۆۋەندىكىدەك:

روتېرنىڭ ئۆزىدىن پايدىلىنىپ گۇرۇپپىلارغا بۆلۈپ ئانالىز قىلىدۇ ھەمدە زىيارەت كونترول جەدۋىلى ئارقىلىق گۇرۇپپىلارغا بۆلۈپ فىلتىرلاشنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ؛

فىلتىرلاشقا ھۆكۈم قىلىشتىكى ئاساس بولسا ئادرېسى، ئېغىز نومۇرى،ICMP  تۈرى قاتارلىقلار؛

بىخەتەرلىك تېمى بىلەن روتېر بىر گەۋدە بولۇپ، بىخەتەرلىك تەلىپى تۆۋەنرەك بولغان تورغا نىسبەتەن بىخەتەرلىك تېمى ئىقتىدارى سەپلەنگەن روتېر ئىشلىتىلىدۇ، بىخەتەرلىك تەلىپى يۇقىرى بولغان تورغا مۇستەقىل بىر روتېر ئىشلىتىلىدۇ.

ئىشلەتكۈچىلەرگە يۈزلەنگەن بىخەتەرلىك تېمى قورالى

روتېر مۇداپىئە تېمىنىڭ كەمچىلىكىنى تولۇقلاش ئۈچۈن ناھايىتى تېز ھالدا ئىككىنى ئەۋلاد مۇداپىئە تېمى مەھسۇلاتى بارلىققا كەلدى؛ ئىشلەتكۈچىلەرگە يۈزلەنگەن بىخەتەرلىك تېمى قورالى ئىككىنچى ئەۋلاد مۇداپىئە تېمى مەھسۇلاتى بولۇش سۈپىتى بىلەن تۆۋەندىكىدەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە:

فىلتىرلاش ئىقتىدارى روتېردىن ئايرىپ چىقىرىۋېلىنىپ ئاگاھلاندۇرۇش ئىقتىدارى قوشۇلغان؛

ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسلىنىپ بۆلەكلەشكەن يۇمشاق دېتال بولىقى تەمىنلەنگەن؛

يۇمشاق دېتالنى تور ئارقىلىق يوللىغىلى ۋە ئىشلەتكۈچىلەر ئۆز ئالدىغا مۇداپىئە تېمى ھاسىل قىلىشقا بولىدۇ؛

بىرىنچى ئەۋلاد مۇداپىئە تېمى بىلەن سېلىشتۇرغاندا بىخەتەرلىكى تېخىمۇ يۇقىرى، باھاسى تېخىمۇ ئەرزان. ئىككىنچى مۇداپىئە تېمى ساپ يۇمشاق دېتال بولغاچقا، ئىشلىتىش ۋە ئاسراش جەھەتتىن سىستېما باشقۇرغۇچىغا قويغان تەلىپى تېخىمۇ يۇقىرى ھەمدە بىر قاتار مەسىلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.

ھەممىباب مەشغۇلات سىستېمىسىدا مۇداپىئە تېمى قۇرۇش

ئىككىنچى ئەۋلاد مۇداپىئە تېمىنىڭ بىر قاتار يېتەرسىزلىكى بولغانلىقى ئۈچۈن ئېچىش سودىگەرلىرى ناھايىتى تېزلىكتە 3-ئەۋلاد مۇداپىئە تېمىنى بازارغا سالدى.يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بىرقەدەر ئومۇميۈزلۈك ئىشلىتىلىۋاتقىنى بولسا ھەممىباب مەشغۇلات سىستېمىسىدىكى تاۋار مۇداپىئە تېمى بولۇپ،ئۇنىڭ تۆۋەندىكىدەك ئالاھىدىلىكلىرى بار:

ئۇ بولسا تۈركۈملەپ بازارغا سېلىنغان مەخسۇس ئىشلىتىلىدىغان مۇداپىئە تېمى؛

گۇرۇپپىلارغا بۆلۈپ فىلتىرلاش ياكى روتېردىن پايدىلىنىپ گۇرۇپپىغا ئايرىپ فىلتىرلاش ئىقتىدارىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان؛

مەخسۇس ئىشلىتىلىدىغان ۋاكالەت سىستېمىسى قاچىلانغان بولۇپ، بارلىق كېلىشىملەردىكى سانلىق مەلۇمات ۋە بۇيرۇقلارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرالايدۇ؛

ئىشلەتكۈچى پىروگرامما بوشلۇقى ۋە ئابونت ئورۇنلاشتۇرغان يادرو پارامېتىرنىڭ قۇرۇلۇشىنى ئاسرايدۇ؛

بىخەتەرلىكى ۋە سۈرئىتى يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن؛

بىخەتەر مەشغۇلات سىستېمىسىغا ئىگە بولغان مۇداپىئە تېمى

1997-يىلىنىڭ بېشىدا، بىخەتەر مەشغۇلات سىستېمىسىغا ئىگە بولغان مۇداپىئە تېمى بازارغا سېلىنىپ، مۇداپىئە تېمى 4-ئەۋلاد تەرەققىيات باسقۇچىغا قەدەم قويدى. بىخەتەر مەشغۇلات سىستېمىسىغا ئىگە مۇداپىئە تېمىنىڭ ئۆزى بىر مەشغۇلات سىستېمىسى بولغاچقا بىخەتەرلىك سۈپىتى جەھەتتە تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈلدى.

ئۇ تور دىياگنوزى، سانلىق مەلۇمات زاپاسلاش ۋە بىخەتەرلىكنى قوغداش جەھەتتە ئۆزگىچىلىككە ئىگە بولغاندىن سىرت يەنە تۆۋەندىكىدەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە:

مۇداپىئە تېمى سودىگەرلىرى مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ ئەسلى كودىغا ئىگە بولۇپ، بىخەتەرلىك يادروسىنى ئەمەلگە ئاشۇرالايدۇ؛

بىخەتەرلىك يادروسىغا قارىتا مۇستەھكەملەش ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان. مەسىلەن: بىرقىسىم ئورۇنسىز بولغان سىستېما خاسلىقى چىقىرىپ تاشلىنىپ ئىچكى يادرونىڭ خاسلىقى ئاشۇرۇلغان ۋە بىخەتەرلىك قوغدىشى كۈچەيتىلگەن.

مەكتەپ تورى مۇداپىئە تېمى قۇرۇلمىسىھەربىر مۇلازىمىتېرغا نىسبەتەن، تارماق سىستېمىغا قارىتا بىخەتەرلىك بىر تەرەپ قىلىش ئېلىپ بېرىلغان،ئەگەر ھۇجۇم قىلغۇچى مەلۇم بىر كومپيۇتېرغا ھۇجۇم قىلىپ كىرسە، ئۇ دەرھال بۇ مۇلازىمىتېردىن ئايرىلىپ كېتىدۇ-دە، ھۇجۇمنىڭ تەسىرى توردا داۋاملىق كېڭىيەلمەيدۇ.

ئۇ ئىقتىدار جەھەتتە گۇرۇپپىغا ئايرىپ فىلتىرلاش، تور ئۆتكىلى، توك يولى دەرىجىلىك تور ئۆتكىلى، مەخپىيلەشتۈرۈش ۋە پەرق ئېتىش قاتارلىق ئىقتىدارلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، سىڭىشچانلىقى ياخشى، ئىشلىتىشكە قولايلىق بولۇشتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە.



ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

كومپيۇتېرۋە تۇرمۇش ژۇرنىلىنىڭ 2012-يىللىق 3-سانىدىن ئېلىندى.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#